يازمىڭىز ۋە ئىنكاسىڭىزدىكى مۇنداق ئۈچ نوقتا بويىچە سىز بىلەن قېرىداشلارچە ھەمسوھبەتتە بولغۇم بار:
بىرىنچى، «تىلشۇناسلىق نوقتىسىدىن ‹كۈن› بىلەن ‹خۇن›نىڭ ‹ھون›غا ئۆزگىرىش جەريانىنى ئىسپاتلىغىى بولمايدۇ... »
ئىككىنچى، « ‹ھۇن› سۆزى ... بىرىنچىسى قەدىمكى خەنزۇچە ۋەسىقىلەردە قوللىنىلغان، ئىككىنچىسى 18- ئەسىرنىڭ بېشىدا فىرانسىيەدە، ئۈچىنچىسى 19- ئەسىرنىڭ 30 ـــ 40- يىللىرىدا رۇسىيەدە، تۆتىنچىسى 20- ئەسىرنىڭ 10 ـــ 40- يىللىرىدا تۈركىيەدە، ئاندىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇيغۇر تىلىدا مەيدانغا كەلگەن ۋە قوللىنىلغان. »
ئۈچنچى، « ‹ھۇن› ئېتىمولوگىيىسىنىڭ ئارخېئولوگىيىىك ئاساسىنى كۆرسىتىش مۇمكىن ئەمەس...» (16-قەۋەتتىكى ئىنكاسىڭىزدا، باشقا ئاساسلىرىنىمۇ كۆرسىتىش قىيىن دېگەن مەزمۇن ئەكس ئەتكەندەك قىلىدۇ)
بىز ئاۋال، بىرىنچى مەسىلىڭىز ئارقىلىق مەسلەكداشلىقنىڭ تەپەككۇر كوچىسىغا تۇنجى قەدىمىمىزنى بىرلىكتە ئېلىپ باقايلى!
«تىلشۇناسلىق نوقتىسىدىن ‹كۈن› بىلەن ‹خۇن›نىڭ ‹ھۇن›غا ئۆزگىرىش جەريانىنى ئىسپاتلىغىلى بولمايدۇ... » دېگەن ھۆكۈمىڭىزنى شەخسەن مەن قوللايمەن. ئۇنداقتا، «ھۇن» ئېتىمولوگىيىسىنىڭ ئېنىق تىل تاۋۇشلىرى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن تۇراقلىق ئىبارىسى (ئاتالغۇ) زادى نېمە؟ بۇ سۇئالغا ھەر ئىككىلىمىز تىل چاينايمىز... ئاۋال ئىككىمىز ئۆزئارا كۈچ ئۇلاپ، بارلىق تارىخى ماتىرياللاردىن «ھۇن» نامىنىڭ يىلتىز ئاساسىينىڭ ئەڭ ئاخىرقى تۇراقلىق ئىبارە مۇمكىنچىلىك ئىھتىمالىنى مۇقەررەرلىك مۇرادىغا يەتكۈزۈپ باقايلى!:
« ‹ھۇن› سۆزىنىڭ ئېتىمولوگىيەسى ھەققىدە» ئىزدىنىۋاتقان ھەر ئىككىلىمىزنىڭ تارىخى ماتىريال ھەققىدىكى ئىستىمال ئىھتىياجىمىز پەقەت ۋە پەقەت « 匈奴 (شيۇڭنۇ)»لا ئەمەس، بەلكى، «ھۇن» نامىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان بارلىق ناملار بولۇپ، بۇ ناملار ئاساسەن سىماچەننىڭ « تارىخىي خاتىرىلەر، 24 تارىختىكى ئوتتۇرا ئاسىياغا دائىر ماتېرياللار توپلىمى» (1987-يىلى 9-ئاي، بىرىنچى نەشرى ‹ئۇيغۇرچە نەشرى› 24- بېتى)دە مۇنداق ئۇچرايدۇ: تاڭ، يۈ زامانلىرىدىن بۇرۇن (1) «山戎» (شىيەن روڭ)، (2) «薰粥» (شۈن يۈ)لەر؛ شىيا خانلىقى دەۋرىدە (3) «錞维» (چۈن ۋېي)لەر؛ يىن دەۋرىدە (4) «鬼方» (گۇي فاڭ)؛ جۇۋ دەۋرىدە (5) «猃狁» (6) ، «玁狁» (شىيەن يۇن)لەر؛ چىن، خەن دەۋرىدە (7) «匈奴» (شيۇڭنۇ)لار دەپ ئاتالغان.
خەنزۇلارنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك تارىخىدا «ھۇن» لارنىڭ نامى يۇقىردىكى يەتتە خىلدىن ئارتۇق ناملار بىلەن ئاتالغان بولۇپ، «ھۇن»لارنىڭ شۇ سولالە ۋە خانلىقتىكى تۇتقان ئورنىنىڭ يۇقۇرى- تۆۋەنلىكى، موھىملىقى ۋە ئورناتقان قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىگە قاراپ ئوخشاش بولمىغان سۈپەتلەش ناملىرى بىلەن ئاتالغان. ھونلارنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى تارىخىي رولى خەن دەۋرىدىن باشلاپ تۆۋەنلەشكە قاراپ يۈزلەنگەن بولۇپ، شۇ دەۋرىدىن باشلاپ ئۇلار نامىنىڭ سۈپەتلەش دەرىجىسىمۇ بارغانسېرى ئانچە نەزەرگە ئېلىنمىغان. شۇڭا، «ھۇن»لارنىڭ ھەقىقى سالاھىيەتلىك نامى خەن سولالىسىدىن ئىلگىرى دەپ قارىغىنىمىزدا جۇۋ دەۋرىدىكى (5)猃狁» (6) ، «玁狁 (شىيەن يۇن) ۋە قەدىمكى تاڭ، يۈ دەۋرىدىن ئىلگىرىكى (1) «山戎» (شىيەن روڭ)، (2) «薰粥» (شۈن يۈ) قاتارلىق ناملار ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەر.
تېخىمۇ ئالاھىدە دىققىتىمىزنى قوزغايدىغىنى شۇكى، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1100 يىللار ئىلگىرى جۇۋ سۇلالىسى دەۋرىدىكى «猃狁» (شىيەن يۇن) بىلەن يۈ دەۋرىدىن ئىلگىرىكى « 山戎» (شىيەن روڭ) بولۇپ، بۇنىڭدىكى «شيەن يۇن» بىلەن «شىيەن روڭ» دا ئوخشاش ئىككى «شيەن» بولۇپ، ئۇ ئاساسەن ھونلارنىڭ ئېتنىك كېلىپ چىقىش تەرەپ مۇناسىۋىتىنى قىسمەن ئەكىس ئەتتۈرىدىغان بولۇپ؛ مەسىلەن، « 山戎» - تاغ رۇڭلىرى، «北戎» - شىمالى رۇڭلار ۋە «西戎» - غەربى رۇڭلار ۋە يايلاق رۇڭلىرى دېگەندەك... « 山戎» بىلەن «猃狁» دىكى «شيەن» (猃، 山)دىن ئىبارەت ئوخشاش ئىككى بوغۇمنى چىقىرىۋەتكەندە، قېلىپ قالىدىغىنى «يۈن»(狁) بىلەن «رۇڭ» (戎) . «رۇڭ» (戎) «ئوغۇزنامە»دىكى «ئۇرۇم» («ئوغۇزنامە» 1980-يىلى 11- ئاي، بىرىنچى نەشرى ‹ئۇيغۇرچە نەشرى› 47-بەت) ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى «ئۇرۇم» («تۈركىي تىللار دىۋانى»، 1-قىسىم، 186- بەتتىكى «ئۇرۇم زۇن»دىكى «ئۇرۇم»)نىڭ خەنزۇچە تىرانسپكسىيە قىلنىشى بولۇپ، ھېلىھەم خەنزۇ تىلىدا سۆزلىشىدىغان خۇيزۇ ۋە خەنزۇ قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسى ئىككى بوغۇملۇق «ئۇرۇم» دېگەن سۆزنى بىربوغۇم «روڭ» بىلەن تىرانسپكسىيە قىلىدۇ. «ئوغۇزنامە» ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى «ئۇرۇم»نىڭ ھەقىقى مەنىسى «يىپەك» دېگەنلىك. سىماچەننىڭ «تارىخى خاتىرىلەر»دىكى «ھۇن»لارنى «رۇڭ» (戎) دېگەنلىك، ماھىيەتتە ئۇلارنى «يىپەكچىلەر» سودا ئالاھىدىلىكى بىلەن ئاتاش بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. دېمەك بىز تارىخىي «رۇڭ» (戎) ئاتالغۇسى بىلەنمۇ «ھۇن» نامىنىڭ ھەقىقى ئېتىمولوگىيىسىگە ئېرىشەلمەيمىز. «ھۈن» سۆزىنىڭ ئېتىمولوگىيىسىگە مۇناسىپ ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىد «يۈن»(狁) دىن ئىبارەت.
بۇ مەنزىل (
http://baike.baidu.com/view/322827.htm )دە «猃狁» (شيەن يۇن)دىكى «猃» (شيەن) قوشۇلماي كەلگەن ئەھۋال ئاستىدىمۇ «يۈن»(狁) «ھۈن» نامىغا مۇستەقىل تارىخىي ئېنىقلىما بولۇپ كەلگەن بولۇپ: « yǔn 中国古代北方与西北民族。 » (yǔn ‹ يۈن › ــ جۇڭگۇنىڭ قەدىمكى زامان تارىخىدىكى شىمال تەرەپتىكى ۋە غەربى شىمال تەرەپتىكى مىللەتنى كۆرسىتىدۇ.)
ئوتتۇرا ئەسىر ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «ھۇن»دىكى «ھ» تاۋۇشىنىڭ تىل ۋە يېزىق ئىستىمالىمىزدا قىسمەن جەھەتتىن ئىشلىتىلمەسلىك ئەھۋالى، جۈملىدىن «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا «ھ» تىل تاۋۇشىنىڭ ئۇچرىماسلىق ئەھۋالى، قەدىمكى «ھۇن» نامىنىڭ «ھۇن» بوغۇمىدىكى «ھ» تاۋۇشىنىڭ ئورنىدا قايسى تاۋۇشنىڭ قوللۇنۇش ئىھتىماللىقى بىزنى ئاجايىپ قىزىقتۇرىدۇ. ئەگەر بىز، ئەسلىدىكى ھۆكىمىڭىز بويىچە «كۈن» ۋە «خۇن» دىكى «ك» بىلەن «خ»نىڭ «ھ» تىل تاۋۇشىنىڭ ئورنىنى ھەرگىز باسالمايدىغانلىقىنى تىلشۇناسلىق نوقتىسىدىن ھۆكۈم قىلغىنىمىزدا، ئاخىرقى ئۈمىدلىك نەزىرىمىز يەڭگىل ئورۇن ئالمىشىش مۇناسىۋىتىدىكى ئىككى تىل تاۋۇشى «ھ» بىلەن «ي»گە چۈشىدۇ.
«ھ» ۋە «ي» تىل تاۋۇشلىرىدىكى ئازغىنە پەرق ئارقىلىق «ھۇن» بىلەن «يۈن»نىڭ بۇنداق ماس كېلىش ئەھۋالى ئاددى ۋە تاسادىبىي ھالدىكى ماس كېلىپ قېلىش بولماستىن، بەجايىكى ئۇ، پاراللېىل ئىككى فېگوردىكى ئىككى نۇر سىزىقىنىڭ بىر نوقتىدا ئۇچرىشىپ بىر تارىخى ھەقىقىقەتنىڭ قوياشتەك نۇر جۇلاسىنى جاھانغا نامايىش قىلىشىدەك تارىخىي رىياللىقنىڭ كاتتا بەدىئىي قىياپىتىدۇر...
مانا! ئالدىمىزدا «ھۇن» نامىنىڭ ئېتىمولوگىيىلىك ئاساسى «يۈن» تۇرۇپتۇ...
بىز ئالدى بىلەن «ھۇن» نامىنىڭ ئېتىمولوگىيىلىك ئاساسي بولغان «狁» (يۈن- يۇن)نى تارىختىكى يازما ماتىريال مەنبەسى ۋە تارىخى ھۆججەتلەر ئاساسىغا ئېگە قىلىپ باقايلى:
ئىنكاسنىڭ داۋامى بار