«تەڭرىتاغدىن سالام!-شىنجاڭ شېئىرىيىتى مەملىكەت سەپىرى» مۇشائىرە پائالىيىتىنى باشلاندى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى بىلەن جۇڭگۇ مۇزىكا ئىنىستىتۇتى، مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتى، شاڭخەي يازغۇچىلار جەمئىيىتى، شەرقى جۇڭگو پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتى، شاڭخەي پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە تەشكىللىگەن چوڭ تىپتىكى ئەدەبىيات پائالىيىتى «تەڭرىتاغدىن سالام!-شىنجاڭ شېئىرىيىتى مەملىكەت سەپىرى» دىكلاماتسىيە پائالىيىتى 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 8-9-كۈنلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا بېيجىڭ __ جۇڭگۇ مۇزىكا ئىنىستىتۇتى ۋە مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتىدا ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ قېتىم بېيجىڭ، شەڭخەي قاتارلىق جايلاردا ئېلىپ بېرىلىدىغان «تەڭرىتاغدىن سالام!-شىنجاڭ شېئىرىيىتى مەملىكەت سەپىرى» مۇشائىرە پائالىيىتى ــ شىنجاڭنى تونۇشتۇرۇش، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيانقى غەيەت زور نەتىنجىلەرنى تېخىمۇ ياخشى ناماييەن قىلىش، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى ئۆزگۈرۈشلەرنى تەشۋىق قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە، شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكى ۋە جەلبكارلىقىنى شىئېردىن ئىبارەت يۇقۇرى سەنئەت شەكلى بىلەن ئىپادىلەش، شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كەسپداش ئەدىبلەر ئوتتۇرسىدىكى ئۈگۈنىش ۋە ئۆزئارا ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارنى مەقسەت قىلىپ ئۇيۇشتۇرۇلدى.
«تەڭرىتاغدىن سالام!-شىنجاڭ شېئىرىيىتى مەملىكەت سەپىرى» مۇشائىرە پائالىيىتىنىڭ بېيجىڭ جۇڭگو مۇزىكا ئىنىستىتۇتى ۋە مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىدىكى نەق مەيدان دېكلاماتسىيە پائالىيىتىگە ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان ۋە جۇڭگو تەرجىمە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئالىمجان سابىت، جۇڭگو مۇزىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ باشلىقى جاۋ تارىم، مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى زەپەر ئابلىز، مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتى تىل - ئەدەبىيات پاكۇلتىتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئارىز قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر، جۇڭگو مۇزىكا ئىنىستىتۇتى ۋە مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرى، بېيجىڭدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ھەم <<خەلق گېزىتى>>، <<نۇر گېزىتى>>، <<ئەدەبىيات – سەنئەت گېزىتى>>، مەركىزى خەلق رادىيۇ ئىستانسى، <<جۇڭگۇ يازغۇچىلار تورى>> قاتارلىق ئاخپارات ئورۇنلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ 600 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
پائالىيەتنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان بىلەن مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى زەپەر ئابلىز، سۆز قىلدى.پائالىيەتتە شائىرلىرىمىزدىن جوۇ تاۋ، مۇھەممەتجان راشىدىن،ئىمىن ئەھمىدى، شېن ۋېي، ياسىن زىلال، پەرھات ئىلياس، ئېرلان نۇردىرقان (قازاق)، ئاينۇر مەۋلۇت (قازاق)، ئادىل تۇنىياز، ئىلغارجان سادىق، ئەركىن مۇھەممەت كامالى، ئەمەت يولداش، شاۋكەت رۇستەم، ئابدۇللا موللا قاردۇ قاتارلىقلارنىڭ شىئېرلىرى ئۇيغۇر ، خەنزۇ ۋە قازاق تىللىرىدا دېكلاماتسىيە قىلدى. مەرھۇم شائىرلىرىمىزدىن لۇتپۇللا مۇتەللىپ،سەيپىدىن ئەزىزى قاتارلىقلارنىڭ شىئېرلىرى دېكلاماتسىيەگە ئۇيۇشتۇرۇلدى. دېكلاماتسىيە پائالىيىتىگە مەركىزى مىللەتلەر ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكىنىڭ ئاتاقلىق چالغۇچىسى ئالدىل ئابلىز تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ سەنئەت نومۇرى ئورۇنداپ بەردى.
پائالىيەتنىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتىدىكى باشلىنىش مۇراسىمىغا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئىجادىيەت – ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئەيبۇ ياقۇپ رىياسەتچىلىك قىلدى.
دىكلاماتسىيە پائالىيىتىگە مەركىزى خەلق رادىيۇ ئىستانسىنىڭ دىكتور رىياسەتچىسى، مۇخبىرى، بېيجىڭ شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم رىياسەتچىلىك قىلدى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەت 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 15- كۈنىگىچە شاڭخەي پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتى، شەرقى جۇڭگو پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتى قاتارلىق ئورۇنلاردا داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.
قوشۇمچە: (1)
«تەڭرىتاغدىن سالام!-شىنجاڭ شېئىرىيىتى مەملىكەت سەپىرى» جۇڭگو مۇزىكا ئىنىستىتۇتى مۇشائىرە پائالىيىتى
باش پىلانلىغۇچى: ئازات سۇلتان (ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى)
باش نازارەتچى: جاۋ تارىم (جۇڭگو مۇزىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ باشلىقى)
ماسلاشتۇرغۇچى: ئەيبۇ ياقۇپ (شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئىجادىيەت-ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى)
سەنئەت يېتەكچىسى: گۇ شاۋدەن (جۇڭگو مۇزىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى)
ئورۇنلاشتۇرغۇچى: چېن گاڭ (جۇڭگو مۇزىكا ئىنىستىتۇتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى)
قوشۇمچە (2)
«تەڭرىتاغدىن سالام!-شىنجاڭ شېئىرىيىتى مەملىكەت سەپىرى» مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتى مۇشائىرە پائالىيىتى
باش پىلانلىغۇچى: ئازات سۇلتان (ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى)
باش نازارەتچى: زەپەر ئابلىز (مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى)
ماسلاشتۇرغۇچى: ئەيبۇ ياقۇپ (شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئىجادىيەت-ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى)
ئورۇنلاشتۇرغۇچى: ئەركىن ئارىز (مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتى تىل - ئەدەبىيات پاكۇلتىتىنىڭ مۇدىرى)
قوشۇمچە(3)
«تەڭرىتاغدىن سالام!-شىنجاڭ شېئىرىيىتى مەملىكەت سەپىرى» شەرقى جۇڭگۇ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتى مۇشائىرە پائالىيىتى
باش پىلانلىغۇچى: ئازات سۇلتان (ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى)
باش نازارەتچى: ۋاڭ لەن (شاڭخەي يازغۇچىلار جەمئىيىتى پارتگۇرۇپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىسى)
گو ۋېيلۇ (شەرقى جۇڭگۇ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى)
ماسلاشتۇرغۇچى: ئەيبۇ ياقۇپ (شىنجاڭ يازغۇچىلارجەمئىيىتى ئىجادىيەت-ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى)
ئورۇنلاشتۇرغۇچى: چيەن جاڭيەن (شاڭخەي يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى)
ياڭ شيۇلى (شاڭخەي يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىئېرىيەت كومىتىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى)
قوشۇمچە(4)
«تەڭرىتاغدىن سالام!-شىنجاڭ شېئىرىيىتى مەملىكەت سەپىرى» شاڭخەي پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتى مۇشائىرە پائالىيىتى
باش پىلانلىغۇچى: ئازات سۇلتان (ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى)
باش نازارەتچى: ۋاڭ لەن (شاڭخەي يازغۇچىلارجەمئىيىتى پاتگۇرۇپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىسى)
گې ۋېيخۇا (شاڭخەي پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى)
ماسلاشتۇرغۇچى: ئەيبۇ ياقۇپ (شىنجاڭ يازغۇچىلار ئىجادىيەت-ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى)
ئورۇنلاشتۇرغۇچى: چيەن جاڭيەن (شاڭخەي يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى)
ياڭ شيۇلى (شاڭخەي يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىئېرىيەت كومىتىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى)