يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: admin

«تەڭرىتاغدىن سالام!-شىنجاڭ شېئىرىيىتى مەملىكەت سەپىرى» مۇشائىرە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-5-19 01:03:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقۇرۇغۇچىلار بەك كۈچەۋاتىدۇ. رەھمەت سىلەرگە.

ۋاقتى: 2015-5-21 14:53:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈرەت ھەم شېئىرلار بىلەن تەمىنلىگەن ئادمىن ئەپەندىگە  كۆپ تەشەككۇر!

ۋاقتى: 2015-5-25 16:29:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«تەڭرىتاغدىن سالام!-شىنجاڭ شېئىرىيىتى مەملىكەت سەپىرى»  مۇشائىرە پائالىيىتىنىڭ  بۇ يىللىق تەنتەنىسىگە شان- زەپەرلەر يار بولغاي!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-31 12:16:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاڭخەيدىكى دىكلاماتسىيە پائالىيىتى جەريانىدا بىر قىسىم شائىرلار چاڭجاڭ دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىدىكى ئېلىمىزنىڭ ئۈچۈنچى چوڭ ئارىلى __ چوڭمىڭ ئارىلىغا بېرىپ زىيارەت پائالىيەتلىرىدە بولدى. شاڭخەيدىكى دۆلەتلىك يېزا-ئىگىلىك قۇرۇلۇشى تېخنىكا تەتقىقات مەركىزىگە بېرىپ ئېكىسكۇرسىيە پائالىيەتلىرىدە بولدى. تۇپراقسىز ھالدا مارجاندەك قاتار تىزىلىپ ئۆسۈۋاتقان پەمىدۇرلار، ئىگىزگە ئۆرلەپ ئۆسۈۋاتقان پىلەكلەردە ساڭگىلاپ تۇرغان تاۋۇز، قوغۇنلارنى كۆرۈپ يېڭىلىق ھېس قىلىشتى. ئېلىمىزنىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى باجىننىڭ تۇرالغۇسى قاتارلىق جايلاردا ئۈگۈنىشتە بولدى.

IMG_8361.JPG

IMG_8371.JPG

IMG_8377.JPG

IMG_8408.JPG

IMG_8449.JPG

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-31 12:19:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
IMG_8452.JPG

IMG_8454.JPG

_MG_9348.JPG

IMG_9430.JPG

IMG_9423.JPG

IMG_9483.JPG

ۋاقتى: 2015-6-3 08:43:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
admin يوللىغان ۋاقتى  2015-5-31 12:16
شاڭخەيدىكى دىكلاماتسىيە پائالىيىتى جەريانىدا بىر قىس ...

شائىرىمىز مۇھەممەدجان راشىدىننىڭ «ئۇيغۇر ناخشىسى »شىئېرىنى ئوقۇپ باقماپتىكەنمەن.بۇ شىئېرىنى ئوقىغانلار تورغا يوللاپ قويغان بولساڭلار.ئادىمىن ئەپەندىنىڭ بۇ شىئېرىنى يوللاشقا  ۋاقتى يېتەمدىكىن،مۇمكىن بولسا يوللاپ قويغان بولسا ياخشى بولاتتى.

ۋاقتى: 2015-6-23 17:40:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر بولىۋېتىپتۇ. ئازات سۇلتان ئەپەندىنىڭ تىرىشچانلىقى، ئىزدىنىشلىرىگە، تەشكىلاتچانلىقىغا ئاپىرىن.

ۋاقتى: 2015-6-23 19:59:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى پائاليەت بوپتۇ!..داۋاملىق تۇردە مۇشۇنداق پائاليەتلەرنىڭ تەشكىللىنىپ تۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.بۇ مۇشائىرە پائاليىتى ئۇيغۇر شېئىريىتىنى دۆلەت ئىچىگە يۈزلەندۈرۈشنىڭ بىر باشلىنىشى،كېچىكىنە بىر يۈزى بوپتۇ خالاس!بولسا شېئىر توپلاملىرىمىزنى خەلئارالىق تىللارغا تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرۇپ نەشىر قىلدۇرۇپ،دۇنيا كىتاپ يەرمەنكىلىرىگە قويۇپ،ئۇيغۇر شېئىريىتىنى دۇنياغا يۈزلەندۇرسەك تېىخمۇ كاتتا ئىش بولغان بولاتتى...

ئۇستاز ئازات سۇلتان،ئەيبۇ ياقۇپ ئاكىلارنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر!...

ۋاقتى: 2015-9-5 20:41:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇڭگو مۇزىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ باشلىقى جاۋ تارىم   بۇنىڭدىكى  جاۋ   ئەپەندىنىڭ  ئىسمى  تارىمكەن ، قارىغاندا  ئۇنىڭ  تارىمغا  خىلى  چوڭقۇر  مۇھەببىتى  بار  ئوخشىمامدۇ ؟

ۋاقتى: 2015-9-5 20:44:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ  كارۋاننىڭ مەملىكەت  سەپىرىنىڭ تىخىمۇ  تەرەققىي  قىلىپ   ئەجدادلىرىمىز  باسقان يىپەك يولىدا  سودىگەر كارۋانچى ئەجدادلىرىمىزنىڭ  ئىزىنى  بىسىپ  ئىجادىيەتچى  كارۋان سۈپىتىدە   دۇنيا نى ئايلىنىشى ئۈمىد قىلىمەن  ، ھەم تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2015-9-10 00:30:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  
«تەڭرىتاغدىن سالام!-شىنجاڭ شېئىرىيىتى مەملىكەت سەپىرى»  مۇشائىرە پائالىيىتىنىڭ پايتەختىمىزدە ئېلىپ بېرىغانلىقىغا مۇبارەك  بولسۇن !..
ھۆرمەتلىك  ئازاد رەھمىتۇللا  سۇلتان ئەپەندى ۋە  ياسىن زىلال ئەپەندى قاتارلىق بارلىق سۆيۈملۈك كىشىلىرىمىزنىڭ  ئەزىز تېنى ئامان بولسۇن!...
ئەھمىيەتلىك ئىشلار غەلبىلىك بولسۇن!...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش