شاڭخەي شەرق تېلۋىزىيە ئىستانسىنىڭ رىياسەتچىسى، كېنو-تېلۋىزىيە ئارتىسى يىن خوڭ خانىم، چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ «سۈتلۈك ئوت» ناملىق شىئېرىنى دىكلاماتسىيە قىلماقتا.
چىمەنگۈل ئاۋۇت «سۈتلۈك ئوت» ناملىق شىئېرىنى ئۇيغۇرچە دىكلاماتسىيە قىلماقتا
سۈتلۈك ئوت
چىمەنگۈل ئاۋۇت
شۇ چاغلاردا
ئاپتاپپەرەس يوپۇرمىقىنى،
چوڭ دادامغا ئۇۋلاپ بىرەتتىم.
چەكسە ئۇنى تاماكۇ قىلىپ،
خوشلىقىمدىن راسا كۈلەتتىم .
قۇش پۇتىدەك بارماقلىرىمنى،
كۆل سۈيىدە قويغاندا يۇيۇپ.
جىمجىت ئۇچۇپ كەتكۈم كېلەتتى،
قاياققىدۇر كىچىك قۇش بولۇپ.
ئېڭىكىمدە كۆكۋاش ساقىلى،
ئايلىناتتىم يوللارنى قويماي.
ئېلىپ قاچسام ئاسلانلىرىنى
خوشنىلارمۇ قالاتتى تۇيماي.
ئۇزۇن بولدى يېغىپ باقمىدى،
بۇ شەھەردە بىر تېمىم يامغۇر.
ھورى ئۆرلەپ تۇرغان سۇيقاشقا،
ئانا نېچۈن سالمىدىڭ چامغۇر؟
يالاڭئاياق يۇرگۈم بولسىمۇ،
دېيەلمەيمەن ھىچكىمگە بۇنى.
تونۇپ قالدىم بۈگۈن تۇيۇقسىز،
مەپە ھەيدەپ يۈرگەن يىگىتنى.
سېغىز لايدىن كەمپۇت ياسىسام،
سېپ قوياتتىم ئۇنىڭ ئاغزىغا.
بۇرۇتلىرى خەت تارتىپ قاپتۇ
قاچالمىدىم لېكىن دالدىغا .
كۈن نۇرىمۇ چۈشمەكتە ئۇدۇل،
يەرگە، تامغا، سۇمبۇل چېچىمغا.
تۇرۇپ قالدى ئۇمۇ بىر مەھەل،
ماس كەلمىگەچ خۇيۇم يېشىمغا.
قىستىلىشلار شەكىلسىز بۇدەم،
ئۇنتۇغۇم يوق قىلىقلىرىمنى.
يارىشىملىق كىيىمىم بىلەن،
توسىۋالدىم غېرىپلىقىمنى....