2015-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى بىلەن شاڭخەي يازغۇچىلار جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان 4-نۆۋەتلىك شىنجاڭ يازغۇچىلىرى ئىجادىيەت يېزىقچىلىق كۇرسى گۈزەل شاڭخەي ساھىلىنىڭ چىڭپۇ رايونىدىكى شاڭخەي يازغۇچىلار ئىجادىيەت بازىسىدا ئوقۇش باشلىدى.
بۇ قېتىمقى كۇرسقا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئالاھىدە تاللاپ ئەۋەتكەن 17 نەپەر ئۇيغۇر ياش ئەدىبلىرى قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار شاڭخەي ئايدۇرۇمىغا ئۆزلىرىنى كۈتۈۋېلىشقا چىققان شاڭخەي يازغۇچىلار جەمئىيىتى خادىملىرىنىڭ يول باشلىشىدا مەخسۇس ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ ئىجادىيەت بازىسىغا كېلىپ ئورۇنلاشتى. ئەلۋەك دەريا ئېقىنلار بىلەن قورشالغان بۇ بازنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى تولىمۇ مەپتۇنكار بولۇپ، كىشىگە ئىتالىيىنىڭ داڭلىق سۇ ئۈستى شەھىرى ۋېنتسىيەگە كېلىپ قالغاندەك تەسىرات بېرەتتى.
كۇرسانتلار ئازادە سەرەمجانلاشتۇرۇلغان پاكىز، يورۇق ياتاقلارغا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن كۇرسنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلدى. مۇراسىمغا شاڭخەي يازغۇچىلار جەمئىيىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى، مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ لەن، شاڭخەي يازغۇچىلار جەمئىيىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، باش كاتىپى ما ۋېنيۈن، پروفېسسور گې خوڭبىڭ قاتارلىقلار قاتناشتى، مۇھىم سۆز قىلدى ۋە كۇرسانتلار ئۈچۈن تەييارلانغان كەچلىك زىياپەتتە بىللە بولدى.
1. پولات ھېۋىزۇللا ( «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى)
2. قەيسەر قەييۇم («ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى)
3. ئەسقەر ياسىن («شىنجاڭ ياشلىرى» ئىجرائىيە باش مۇھەررىرى)
4. دولقۇن روزى (ئىلى ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەش تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدىغان «ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى» نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى، «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىنىڭ تەھرىر ھەيئىتى)
5. سەمەت ئابدۇراخمان ( «قۇمۇل ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى)
6. مۇختەر سۈپۈرگى (خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ مۇپەتتىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى)
7. چىمەنگۈل ئاۋۇت ( قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى )
8. غۇجىمۇھەممەت مۇھەممەت (خوتەن قاتناش بېكىتىنىڭ كادىرى)
9. مۇساجان يونۇش (مەكىت ناھىيەلىك مەدەنيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسىدىن)
10. پەرھات كازىم ( پىچان ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ كادىرى)
11. گۈلباھار ئەزىز ( شىنجاڭ تىيەن توڭ ئادۋوكاتلىق ئورنىدىن)
12. تۇرسۇن مۇسا (قاراماي شەھەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ مۇھەررىرى)
13. پاتىگۈل نىياز («كۈسەن مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى)
14. ھاجىرەم قاسىم (ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى)
15. ئۆمەر ئوسمان (يەكەن ناھىيىلىك رادىيۇ-تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ مۇھەررىرى)
16. دولقۇن ھېكىم («مىللەتلەر ئەدەبىياتى مەجمۈئەسى» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى)
17. خالمۇرات ئۇستام (ئالاھىدە تەكلىپلىك تائام ئۇستىسى)
بۇ قېتىمقى كۇرس 5-ئاينىڭ 31-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. كۇرس مەزگىلىدە كۇرسانتلار ژانىرلار بويىچە ئەمەلىي يېزىقچىلىق بىلىملىرىدىن دەرس ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ كۇرس مەزگىلىدە يازغان ئىجادىي ئەسەرلىرى مۇھاكىمە قىلىنىپ، تاللانغان نادىر ئەسەرلەر مۇناسىۋەتلىك نەشر ئەپكارلىرىغا يوللىنىدۇ.
كۇرسانتلارنىڭ پائالىيەتلىرى مۇشۇ تېما ئاستىغا ئۇدۇللۇق يوللىنىلىدۇ.
سۈرەتتە كۇرسانتلار خاتىرىسى: