شاڭخەي سەپىرىگە ئاتلانغان ئۇيغۇر ئەدىپ-ئەدىبەلىرىگە چاقچاق
2015-يىلى 8-ماي
ھاجىرە قاسىم
چىمەنگۈل ئاۋۇتقا:
يەلكىڭىزدە يايلىغىنى چىمەنگۈل،
دەپ بېرىڭە، چاچمۇ ياكى لەيلىمۇ؟
قاراپ باقساق بۇلماقتەكلا تۇلۇپسىز
تالىشىپ تۇرۇپ خام يېۋەتسەك مەيلىمۇ؟
گۈلباھار ئەزىزغا:
گۈلى باھار ئىجادىيەت، ئەجرىدىن،
نام قازاندى ھەممە خەقنىڭ ئالدىدا.
‹‹ئاق ئۆردەكتەك ئاقلاپ قۇياي›› سىزنى دەپ،
پارا ئالارمىش ئاخشاملىرى دالدىدا.
پاتىگۈل نىيازغا:
پاتىگۈل ئۇ كۈسەننىڭ ئۇز گۈزىلى،
ئەدەبىيات ئاسىمىنىنىڭ بىر گۈلى.
ئەقلى ئۇزۇن بولغان بىلەن ئۇنىڭكى،
ئەجەپ بەكمۇ ‹‹ كالتە›› ئىكەن قۇيرۇقى.
مۇختار سۇپۇرگى ئاكىغا:
مۇختار ئاكام ئۇقۇش بار دەپ شاڭخەيدە،
يېتىپ كەپتۇ شۇ خوتەندىن يۈگۈرۈپ.
يەتمەك بوپتۇ ‹‹گۈزەل›› مەقسەت ئويىغا،
پۇتلىكاشاڭ بولغانلارنى «سۇپۇرۇپ.»
دولقۇن رۇزىغا:
دولقۇن ئاكام ئېسىل ئوغلى غۇلجىنىڭ،
ئۇ بار يەردە بەزمە –مەشىرەپ قاينايدۇ.
مىكرافۇننى سولىۋېلىپ قورساققا
،بېلەت سېتىپ ، ناخشا ئېيتىپ ئوينايدۇ.
پولات ھېزىۋۇللاغا:
پولات ئاكام تۆتنىڭ بىرى شىنجاڭدا،
‹‹تەڭرىتاغ››دا قاتتىق دەۋران سۈرگەچكە.
مۈشۇكلەرگە يەم بولمىدى چاشقانلار
رېنتىگىندە تەكشۈرىمەن دېگەچكە.
قەيسەر قېيۇمغا:
قەيسەر ئاكام تەرجىمىدە تۇنۇلدى،
سۆزدىن ھالقىپ ‹‹كۆز›› تەرجىمە قىلغاچقا.
شاڭخەيگە كەپ روھلانماقتا كۈنسېرى،
خىلۋەتلەردە دۇمبە قاشلاپ تۇرغاچقا.
سەمەت ئابدۇراخمانغا:
سەمەت ئاكام توغرىسىدا سۆز تولا،
نۇرغۇن ئادەم ئاق چېچىغا كۇيۇپتۇ.
شاڭخەيگە كەپ ئۈچ كۈن بولا-بولمايلا،
‹‹قىز بارمۇ›› دەپ ناخشا ئېيتىپ يۈرۈپتۇ.
موساجان يۇنۇس ئاكىغا:
موسا ئاكام ئەڭ ۋىجدانلىق بىر شائىر،
ساتىرانى بەكمۇ قالتىس يازىدۇ.
سوراق قىلسا ئارتىپ قۇيۇپ شەيتانغا،
ئۆيدىن چىقسا يولدا نەچچە ئازىدۇ.
غۇجامۇھەممەت مۇھەممەتكە:
غۇجامۇھەممەتنى گەپ قىلمايدۇ دېمەڭلار،
ئۇ توغرىدا ئارتۇقچە غەم يېمەڭلار.
"ھەممە تەلكەن، قىزلار كەمكەن" دېگەننى،
ئۇنى دېدى دېسەم ھەرگىز كۈلمەڭلار.
پەرھات كازىمغا:
بىلدىڭلارمۇ پەرھاتجاننىڭ يۈرىكى،
كېچە-كۈندۈز بالىلار دەپ سۇقىدۇ.
‹‹مەممە ›› دېسە ھەرگىز ھەيران قالماڭلار
سۇنۇقتىن باشقا ھەممە نەرسە يۇقىدۇ.
ئۆمەر ئوسمانغا:
ئۆمەر ئاكام بىلىمى مول بىر ئەدىپ،
تارىخلارنى سۆزلەپ قۇيار قاتۇرۇپ.
يۈرەر ئىمىش چۈشلىرىدە ئاڭلىسام،
مىسرالاردىن ئۆز-ئۆزىنى ئاختۇرۇپ.
تۇرسۇن موساغا:
شىمالدىكى ئېسىل شەھەر قاراماي،
بېرىپ قالساق كېتىپ قالماڭ قارىماي.
قالسىڭىز گەر ھەمرالققا يارىماي،
قويمايمىزغۇ بۇرتىڭىزنى تارىماي.
دولقۇن ھېكىم ئاكىغا:
دولقۇن ئاكام تۆت نوچىنىڭ بىرى ئۇ،
ئارىمىزدا تەرجىماننىڭ پىرى ئۇ.
كېپقالىدۇ تەرجىمىسى ئەسلىگە،
پۇل ئاز بولسا، ئۇنىڭ مەخپى سىرى بۇ.
خالمۇرات ھاجى ئاكىغا:
تامىقىڭىز بەك ئوخشاپتۇ خال ئاكا،
كەتتى بىزنىڭ ئىشتىھالار ئېچىلىپ.
دەز كەتمەكتە سېمۇنىتىنى دەسسىسەك،
ئېغىرلىققا نەچچە كىلو قېتىلىپ.
بۇلۇپ قالساق ناۋادا بىر قوي-كالا،
كېتەققۇ بىر قاسساپقا سېتىلىپ.
__________________________________
-
بۇ چاقچاق نەق مەيداندا ئوقۇلدى ۋە شۇ بويىچە رەتلەندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-5-17 18:26