قاينىغان جانسەن چىمەن *
سەن تېمىپ كۆكتىن زېمىنغا تەگمىگەن قارسەن چىمەن
سەن ئىگىپ ئاينى، بويىنى ئەگمىگەن يارسەن چىمەن
قان قىلىپ گۈلزاردىكى گۈللەر،چېچەكلەر باغرىنى
ئوتنى ئوت ئىچرە سالامەت قىلمىغان نارسەن چىمەن
نۇش ئېتىپ مەنسۇر شەرابى ئەنتەھۇر ئۆلگەن زامان
كى ئۇنىڭ جانىن ئالىپ، تىلغىغان دارسەن چىمەن
كى چالىپ تاشۋاي راۋابىن جان ئۈزۈپ ياتقان شۇئان
سەن ئۈزۈپ بارىنى ئۆزىن ئۈزمىگەن تارسەن چىمەن
نە زەلىل نە ھەم نەۋايى ئۇشبۇ كۈن ھەم گۈلبەدەن
ئۆمرىنى بېرىپ تۈگەتمەي تاشلىغان كارسەن چىمەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gulbeden تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-5-6 10:51