شەھسۇۋار
گۈل باھار گۈل گۈل باھار گۈلدەك باھار
شاخلىرى لەيلى تۇرۇر كۈندەك باھار
لەۋلىرى ئېيتىلمىغان بىر پارچە سۆز
كۆزلىرى ئاي ئوينىغان تۈندەك باھار
قوللىرى ئورمان تۇرۇر يايساڭ ئەگەر
قۇش كېلىپ جان قاينىغان ئۈندەك باھار
ياشلىرى مارجان تۇرۇر ،دۇررى گۆھەر
باغرىدا ئەشئارلىرى قاندەك باھار
كەلسە گەر قەلبى ئىلە ئات چاپتۇرۇپ
چاقنىغاي ھەر بىر ھەرپ جاندەك باھار
ئول ئايال يىگانىدۇر نەسرى بىلە
تىل ـ قەلب جەڭگاھىدا خاندەك باھار
گۈلبەدەن شەيداسىدۇر بوستانىنىڭ
ئۆزلۈكنىڭ جاھانىدا شاندەك باھار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gulbeden تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-5-7 11:00