يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: parhat kazim

ئەدىبلىرىمىزنىڭ شاڭخەي ساھىلىدىكى ئىجادىيەت كۇرسى باشلاندى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-5-11 01:12:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاڭخەي ۋە شائىر
«تەڭرىتاغدىن سالام،شىنجاڭ شېئىرىيىتى مەمكىكەت سەپىرى»مۇشائىرە پائالىيىتىنىڭ بېيجىڭدىن  شاڭخەيگە غەلبىلىك يېتىپ بارغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن.

شاڭخەي
بىر گۈزەل ساھىپجامال
چۈشلىرىمنى قىلىدۇ قامال

شاڭخەي
بىر ئاققۇ ئۇ پەرۋاز ئەيلىگەن
بىر دەستە گۈل يۈرەكتىكى
نازۇك،لېۋەن

شاڭخەيدە ئۇيغۇر تاۋۇشى
دۇلقۇنلىغان دېڭىزدەك
مەۋج ئۇرماقتا سېغىنىش كۈيى
ئېھ
رەڭلەرنىڭ سىتىرولۇق كېسىشمىسى
دېڭىز  بويىدىكى ھەسەن-ھۈسەن

شاڭخەي
بىر گۈزەل چۈش
بىر ئاسمان
يۇلتۇزلارغا لىق تولغان

تەكلىماكاندىن دېڭىزغىچە سوزۇلغان
بىزنىڭ تاۋۇش

ئېھ  شاڭخەي
كۈلىمسىرىمەكتە  چاچلىق قىزدەك


تارىم ئۆركەشلىمەكتە
دېڭىز سۆزلەشمەكتە
چۈشۈمدە  شاڭخەي كېچىسى
ناۋايى بىلەن لى بەي


ۋىناس
كېچە چۈشۈمگە كىرىپتۇ
ئاستانىدىن شاڭخەيگە كېتىپتۇ!

شولىلاردا سۆيگۈنىڭ ھۇۋلىشى
شاڭخەيدە كۈڭۈلنىڭ تاۋۇشى
شاڭخەي
بىر گۈزەل چۈش
يالتىراپ تۇرغان مەرۋايىتتەك
سۈزۈك كېلەچەك

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Ali تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-11 08:43  


ۋاقتى: 2015-5-11 01:51:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Ali يوللىغان ۋاقتى  2015-5-11 01:12
شاڭخەي ۋە شائىر

شاڭخەي

  سالام ئېلىكا، ئاستانىدە كۈۋەجىگەن سېغىنىش ھېسياتلىرىڭىز شاڭخەي تامان پەر قاققان شۇ دەقىقىلەردە پۇرسەتنى قولدىن بەرمەپسىز جۇمۇ، تېخى سىزنىڭ ئىككى كۈننىڭ ئالدىدىلا شاڭخەي توغرىسىدا بىر شېئىر يازىمەن دېگىنىڭىزنى ئاڭلىغان ئىدىم. بۈگۈن مانا مۇنبەرگە يوللاپمۇ بوپسىز، ئالامەت تىزكەنسىز جۇمۇ!

ۋاقتى: 2015-5-11 08:42:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لۇشۇنگە كېلىپ،زاۋېندەك  چاققان ،تېز ئاتىدىغان بوپ كەتتۇق،ئۇكا،ھى،ھى.....

ۋاقتى: 2015-5-11 11:12:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارلىق قەلەمكەش دوستلارنىڭ كۈنلىرىگە قۇت،تېنىگە سالامەتلىك،ئىجادىيەتلىرىگە ئۇتۇغ تىلەيمەن.شاڭخەي ساھىلىدا خۇشھال بولغايسىلەر.

ۋاقتى: 2015-5-11 14:02:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاڭخەيدىن ئايرىلىش


بىر تالاي قۇرۇق گەپ
قۇلاقتىن مېڭىگە ئ‍ىنكاس توشۇۋاتقان
مىڭ قېتىم تەكرارلانسىمۇ يەنىلا ئ‍ىككى دۇنيالىق بەخىتكە باغلانغان ھەقىقى  مەنىدىن ئ‍ېيتقاندا
ھىچكىمنىڭ ھىچنىمىسىگە كېپىللىك قىلالمايدىغان
نېمىنىڭ نېمىلىكى ھەققىدىكى تۈگىمەس نەزەرىيە ....

ئىلاھى ۋەھىينىڭ سىرتىدىكى
ئ‍اسمان بىلەن زېمىننىڭ ئ‍ارىسىدىكى
تىرىكلەر بىلەن ئ‍ۆلۈكلەر ئ‍ارىسىدىكى
جەننەت بىلەن دوزاخ ئ‍ارىسىدىكى
مەشھۇر بىلەن نامسىز
ئ‍ۇنتۇلغان ۋە ئ‍ۇنتۇلمايدىغان ....
سۇ ، ئ‍وت ، ھاۋا ، تۇپراق
دانىشمەن ۋە قەھرىمان
ماختاش ،مەدىھىيلەش ،سۆكۈش ، تىللاش
ئ‍ۇرۇش -تىنىچلق، تىنىچلىق -ئۇرۇش
يىراق بىر جايدىكى ئادەملەر توپىدا
چۈشەنمەيدىغان ،چۈشىنىلمەيدىغان سۆز ئىبارىلەرنى ئ‍اڭلاپ تۇرۇش
  سۈكۈت
ئ‍اھ چەكسىز زارىقىش ،چەكسىز سېغىنىش
بىرتالاي ھەرخىل قىياپەتتىكى ئ‍ۆزىنى ئ‍ۇنتۇغان
ئازاپ ئ‍ېڭىدىن يا بىردەملىك، يا مەڭگۈ ئ‍ايرىلغان مەشھۇر ئ‍ادەملەر
ئ‍ىللىق ھاۋا
يىراق يول...
تۈنۈگۈن
دوستۇمنى ئ‍ىزلەپ ئ‍ارالغا كەلدىم
ئ‍ىجادىيەت كەنتى
كۆپكۆك ئ‍اسمان،
سۈپسۈزۈك سۇ
غوجمۇھەممەت
ئ‍ەسقەر ياسىن
پولات ئاكام ، مۇختار ئاكام ، چىمەنگۈل
سەمەتئاكام ، گۈلباھار ئ‍ەزىز ....
مەن تۇنۇيدىغان ، مېنى تۇنۇمايدىغان
ئ‍ۇيغۇردا  بىرتالاي مەشھۇرنى كۆردۈم
قوندۇم بىركېچە
قورۇندۇم ،
ھاياجان ئىلكىدە ئېغىر بېسىقلىق
نىمە بولدى تۇيغۇلىرىمغا
بەكمۇ ئ‍ەركىن ، ئەركە ئ‍وغولدۇم ...

بۇ شەھەرگە كەلمەس چاغدا
مەن ئ‍ۇلارغا تەلمۈرەتتىم ،
بۇ شەھەرگە كەلگەن چاغدا
مەن ئۇلارغا تەلپۈنەتتىم
بۇ شەھەردىن قايتقان چاغدا
مەن ئ‍ۇلارغا قىيالمايتتىم ...
قىيالمىدىم
تۇيغۇمدىكى ھەممە نەرسىگە
نۇرغۇن پۇرسەت
شان شەرەپ ۋە چەكسىز ھۆرمەت
شائىر
شېئىرىيەت
تاشلاپ كىتىمەن  ئ‍ۇلارنى
ياق ، بەلكىم مەن تاشلىنىپ كىتىمەن
كۆڭلۈمدىكى يارىم ئ‍ۈچۈن
ئ‍الەم بىلەن كارىم نىچۈن
يا ئ‍ېرىشەي يا يوقىتاي
بۇ بىر ئ‍ازاب بۇ بىر  ھەسرەت
بۇ بىر سۆيگۈ ،بۇ بىر نەپرەت !

يار
بەلكىم ماڭا مەڭگۈ ئ‍ازار
بوغۇلىمەن مىڭبىر كېچىگە
تەقدىرىمدە
قىيامەتنىڭ كۆلەڭگىسى  !

2015-05-08
ئ‍ەھەت مامۇت چوغدان بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ahatmamut تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-17 18:05  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-11 19:26:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ئەستايىدىللىق بىلەن «سېنارىيە» يېزىقچىلىقى، پروزا يېزىقچىلىقى، نەسر يېزىقچىلىقى ھەققىدە ئەتراپلىق دەرس سۆزلىدى. دۇنيا ئەدەبىياتى، ئىلىمىز ئەدەبىياتى ھەققىدە زور بىلىم بەردى. كۇرسانتلار ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ، سېلىشتۇرۇپ مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.
   ئوقۇتقۇچىلىرىمىز دەرس ئۆتمەكتە:
01.jpg
IMGP4002.JPG

دەرسخانىدىن بىر كۆرۈنۈش:
003.jpg




5-ئاينىڭ 8-كۈنى بۇ قېتىمقى كۇرستىكى ساۋاقدىشىمىز قەيسەر قېيۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەن. كەچتە قەيسەر قەييۇمنى تەبرىكلىدۇق.
004.jpg

كوللىكتىپ ئەستىلىك:
005.jpg

«تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرىپولات ھېۋىزۇللا سۆز قىلماقتا:
009.jpg

ئىلى ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەش تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدىغان «ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى» نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى، «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىنىڭ تەھرىر ھەيئىتى: دولقۇن روزى ناخشا ئېيتماقتا
008.jpg



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-11 19:35  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-11 19:34:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
5-ئاينىڭ 10-كۈنى ئانىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تۆت نەپەر ئانا ئەدىبەنىڭ ئانىلار بايرىمىنى تەبىرىكلىدۇق. شۇنداقلا شائىر موساجان يۇنۇسنىڭ توغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدۇق.
تۆت نەپەر ئانا ئەدبىيە:
gulbahar.jpg


QQ图片20150515221536.jpg
pathGvl.jpg hajirem.jpg



مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر:
qehriman.jpg
مۇساجان يۇنۇس ئاكا:
IMGP4244.JPG
تۇغۇلغان كۈن خاتىرىسى:
IMGP4162.JPG
IMGP4274.JPG
IMGP4239.JPG
IMGP4149.JPG
IMGP4142.JPG
IMGP4146.JPG
IMGP4238.JPG



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-16 15:12  


IMGP4182.JPG
ۋاقتى: 2015-5-11 20:14:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[img]F:\IMG20150511_201024.jpg[/img]

ۋاقتى: 2015-5-11 20:37:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ئەدەبىي تەرجىمان قەيسەر قېيۇم ئەپەندى، تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن! قۇچاغىڭ ئىجادىيەت مېۋىلىرى بىلەن تولسۇن!

ۋاقتى: 2015-5-11 23:16:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاڭخەيدىكى پائالىيەتلەردىن ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىپ تۇرغان قەدىرلىك بۇرادىرىم پەرھات كازىمىغا رەھمەت!

ۋاقتى: 2015-5-11 23:52:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازىم پەرھات كازىمى مۇئەللىمنى كۆرۈپ بەك سۈيۈندۈم، ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ كۆپ ئۇتۇق تىللەيمەن

ۋاقتى: 2015-5-12 15:52:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدىپلىرىمىزگە چاخچاق

پولات ھېۋزۇللاغا

بىزگە ئۇستاز يار يۆلەك شائىرىمىز پولاتكام ،
كۆڭلى ئۇنىڭ ئۆركەشلەپ تۇرغان چەكسىز  بىر دېڭىز .
تۇيغۇلىرى ئويناقتۇر ، ئۆزى ھەردەم ئويغاقتۇر
تەڭىرتاغنىڭ تۈۋرۈكى ھەمدە بىزنىڭ پەخرىمىز  .

قەيسەر قېيۇمغا

كىچىك پىئىل ، خۇش چاخچاق ، تەرجىمىگە ئېپى بار .
ئۆزى ئۇيغۇر ۋەلىكىن ھەممە تىىلدا گېپى بار .
بولدۇق بىر كۈن ياتاقداش ، بولدۇق مەڭگۈ تەقدىرداش
ئىنىڭىزنىڭ شۇ سەۋەپ سىزگە نۇرغۇن گېپى بار .

ئەسقەر ياسىنغا

ياخشى رەھبەر، يولباشچى ئەسقەر ئاكام ھەممىگە،
كىمگە دېسە بىر ئېغىز گېپى شۇ ئان ئۆتىدۇ .
سۆيۈنىمىز ئۇنىڭدىن سۆيمىسە گەر قىزچاقلار
ئاچچىقىدا يامانلاپ شاڭخەيدىنمۇ كېتىدۇ .

دولقۇن رۇزىغا

بىرگە ماھىر كۆپكە قادىر خۇشپېئىل ،
شۇ تۈپەيلى بىز سەپەردە ھارمىغان .
قەدىرلەيلى تالانتىنى ئۇستازنىڭ
ھەممىدە بار ھىچبىر ئىشتىن يانمىغان .



ۋاقتى: 2015-5-12 16:13:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەمەت ئابدۇراخمانغا

سەمەت ئاكام ئىسىللەرنىڭ ئىسىلى ،
قومۇللۇقنىڭ پەخىرى ھەم سەرخىلى .
ئاۋازىدىن پاشا ئىشان ھەيرەتتە
ئادىمىيلىك كوچىسىنىڭ دۇلدۇلى .

مۇختەر سۈپۈرگىگە

ئۇستازىمنىڭ ئاغىينىسى مۇختەركام ،
كۆڭلى بەك تۈز ، ئۆزى مەغرۇر مەردانە .
قەلىبلەرنى پاكىزلاشتۇر خىزمىتى
ئۆيىمىزنى تازلىغاندەك سۈپۈرگە .

چىمەنگۈل ئاۋۇتقا

شېئىريەتتە پەخرىمىزدۇر چىمەنگۈل ،
زەپ ياراشقان ئاياللارنىڭ شەنىگە .
ئاۋازىغا رەشكى باردۇر بۇلبۇلنىڭ
ئارتىس خىجىل چىقسا ئۇ گەر سەھنىگە.

غوجمۇھەممەت مۇھەممەتكە

مەن سۆيۈنگەن ، ئەل سۆيۈنگەن ئاغىينەم .
مۇھەببەتنىڭ، شېئىريەتنىڭ دۇلدۇلى .
ئەھلى ئاشىق ، ئۆزى بىر ئوت ئەل ئارا
دەشتى خوتەن سەھراسىنىڭ ئۇيغۇرى .

ۋاقتى: 2015-5-12 16:25:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرھات كازىمغا

پەرھات كازىم كارىزدىكى سۈزۈك سۇ
قەلىپلەردىن قەلىپلەرگە ئاقىدۇ .
مېھرى ئىسسىق تەبەسسۇمى بەك ئىللىق
ئوت يۇرتىنىڭ قىزلىرىغا ياقىدۇ .

پاتىگۈل نىيازغا

كۇچالىقنىڭ ئەڭ پەخرلىك قىزىسىز
شەرمى ھايا پەزىلەتنىڭ ئۆزىسىز .
سۆيۈنىمىز ئۆتمۈش ئۈچۈن ئۆكۈنمەڭ
سىزمۇ بىركۈن مۇھەببەتتە كۈلىسىز  .

ھاجىرەم قاسىمغا

ناخشا ئۇسسۇل ، چاخچاققا كۆپ پەيزى بار،
نەدە بولسا بولار شۇ يەر شاد خورام .
گەرچە شاڭخەي بىر ئاز سوغۇق بولسىمۇ
توقسۇ ئىسسىق ، ھەرگىز يوتقان ئوغلىماڭ

گۈلباھار ئەزىزگە

سىز ئوقۇغان نەسىر مېنى يىغلاتتى
يۈرمەڭ ئەمدى سۆيگۈ ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇپ .
سۈرمەيلىمۇ مۇھەببەتنىڭ پەيزىنى
يۈرگىچىلىك ئۆتكەن ئىشقا قايغۇرۇپ .

ئەھەت مامۇت چوغدان بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ahatmamut تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-17 18:07  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-14 08:22:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2015-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بىز چىڭپۇ شەھىرىنىڭ قەدىمىي مەھەللىلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇق.
IMGP4308.JPG IMGP4280.JPG IMGP4286.JPG

IMGP4285.JPG
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش