قار كېچەلمىگەن مەھەللىگە سەپەر
17- نويابىر
«بۇ دۇنيادا ياشاش ئۈچۈن باھانە بەك كۆپ، ئەمما ئاشۇ باھانىلەرگە ئۆزۈڭ يۈز كېلىپ ياشىيالىساڭ، بۇ سېنىڭ بەختىڭ دېسە» مەن بۇرۇن ھىس قىلىپ باقمىغان ئىكەنمەن. ئوتتۇز ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بولساممۇ، ئۆزۈم ئېچىشقا ۋە ئۆزۈم يېپىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنىمۇ ھىس قىلىشتىن ۋاز كېچىپ ياشاۋاتقىنىمغا ئۇزۇن بولدى. مۇشۇنداق كۈنلەردە يەنە شۇنداق ئۆز ھاياتىمدىكى يەنە بىر بۇرۇلۇشنىڭ بولىدىغانلىقىغا چىن پۈكۈپ ئۈرۈمچى ئاسمىنىڭ قارنى ئۈچ قېتىم تاشلىشىغا ئۈلگىرىپ بۇ يىلقى سەپىرىمنىڭ ئۆز تەلىيىمگە ئارتىپ توختىتىلىدىغانلىقىنىمۇ ھىس قىلغىنىمچە ئاستا ئۆيدىن چىقتىم. ئايىغىم ئاستىدىكى ھەربىر قار دانچىلىرىنىڭ ئاستا توزىماي ئايىغىمغا يېپىپ مېڭىشى بىلەن دەرۋازىغا ئالدىغا چىقىپ ئارقىمدا قالغان ئۆزۈمنىڭ ئاياغ ئىزىغا قارىغىنىچە بۇ ھاياتىمدىكى بارچە خوشاللىقلارنىڭ قارنىڭ ئاقلىقى بىلەن ماڭا يېيىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ مىيىقىدا كۈلدۈم. شۇنداق ئۇزۇن زامانلارمۇ ۋەياكى قسىقا ۋاقىتلارمۇ قىشنىڭ بىر قېتىم تاشلىغان قارى بىلەن قەلبىمدە بىر ئۈمىد دائىم باش كۆتۈرۈپ قالاتتى. قار ياغسىلا ماڭا بىر خوشاللىق، بىر بەخت يېپىشىدىغاندەك قار بوۋاي دەستىرخىنىنى يىغىپ كەتكىچە ھاياجانلىق ھەربىر دەقىقىنى ئارزۇ ئارمانلىرىمنىڭ دەپتەرلىرىگە يېزىپ باھارنىڭ ئىللىق باغرىدا ئۆز قەلبىمنىڭ ئېرىشى بىلەن خاتىرەمنىڭ قۇرۇق قالغان بەتلىرىگە باھاردىكى گۈزەل كۈنلەرنىڭ سېزىلىپ چىقىشىنى كۈتۈپ قالاتتىم.
ئۇزۇن يوللۇق بىكەتكە قانچە ئارمانلارنى، قانچە خوشاللىقلارنى يۈرىكىمگە يايغىنىمچە ھۇدۇقۇش، تەلمۈرۈش، كۈتۈشلەرگە جاۋاب ئىزدەپ كەۋالدىم. كېلىپلا بىكەتتىكى دۆۋە - دۆۋە ئادەملەرنىڭ ئالدىراشچىلىقىدا سۈركىلىپ، قىستىلىشىپ بىكەتتىكى ئۆز ھاياجانلىرىغا، ئايرىلىشلارغا، تاقەتلەرگە بوي سۇنۇپ تۇرغان تۆمۈر رەڭلىل بىناغا قۇرۇنۇش ئىلكىدە ئاستا كىرىپ كەلدىم. ئۇزۇن يوللۇق بۇ بىكەت ھەر قېتىم كەلسە مۇشۇنداق ئادەمنىڭ دەستىدىن پۇتىنى ئالغۇدەك يەر يوق بولىدۇ. ھەر قېتىم كەلسەم بىردە بىر ئالمىشىپ تۇرغان ئىشىك يېنىدىكى سومكىلارنى تەكشۈرۋاتقان ئادەملەرنىڭ سۇغۇقتا مۇزلاپ تۆمۈردەك قاتقان چىرايلىرىدا نە بىر كۈتۈش نە بىر تاقەت، نە بىر ئۈمىد قالمىغاندەك تۇيۇلۇپ قالىدۇ. شۇنداق بۇ شەھەرنىڭ ھەربىر ئادەملىرى ياشاش ئۈچۈن ئىشلەيدۇ، نان تېپىش ئۈچۈن مانا مۇشۇنداق چىرايلىرىنى تۆمۈر رەڭدەك قىلىپ ھاياتقا نە بىر ئارمانى يوقتەك پەقەت تۇرمۇش، تۇرمۇش دەپ يۈگرەيدۇ. ئۇلار ھەپتىدە بىر كېلىدىغان دەم ئېلىشلىرىدە ئۆيلىرىدىن چىقماي ئىسسىق ئولتۇرۇشنى شۇنداق ئارزۇ قىلسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن پىلانلىرىنىڭ ماشىنىلارنىڭ قاردا تىيىلىپ، بىر – بىرىگە سۈركۈلۈپ، بىر سائەتلىك يوللارنىڭ ئىككى ئۈچ سائەتلەرگە ئۇزارتىشى بىلەن ئۆزلىرىدىن زىرىكىپ بۇ شەھەردە ياشاپ قالغىنىدىن پۇشايمان ئىلكىدە قىش كەلسىلا ئىس – تۈتۈندەك تۇرىدىغان ئاسمانغا قاراپ قويىدۇ.
داۋامى بار...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇنىرە ئالىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-26 11:54