كۆرۈش: 2661|ئىنكاس: 102

مەن يازغان خاتىرىلەر....مۇنىرە ئالىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 649
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-12

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 13:21:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سەپەر  ۋە ئەسلىمە...





ھەربىر ئىنساننىڭ ئۆز يۇرتىغا بولغان چەكسىز مېھرى – مۇھاببىتى يۈرىكىدە يالتىراپ تۇرىدۇ ئەلۋەتتە. شۇڭا مانا مەنمۇ بۈگۈن تەلكە داۋانلىرىدىكى ئاسما كۆۋرۈكلەردىن ماشىنىنىڭ سۈرىتىگە ماسلاشمىغان تىنىقلىرىمدا ھاياجانلىنىپ كېتىپ باراتتىم. ھەربىر ئايلانمىغا، ھەربىر ئۆتۈشمە يوللارغا ماشىنا كىرگىنىدە بۇندىن بۇرۇنقى ھاياجانلىق سەپىرىمدىكى قايناق تۇيغۇلۇرىم مېنى ھەريانغا ئېلىپ تاشلايتتى. قاراڭغۇلۇق كۆزۈمگە تىقىلىپ تۇرسىمۇ، ماشىنىنىڭ چىراقلىرىنىڭ ئاستا – ئاستا نۇرلىنىپ ئۆتۈۋاتقان يۇرۇقلۇقىدا يىلان شەكىللىك بۇ يولغا تەلمۈرەتتىم. دادامنىڭ بىر چاغلاردىكى ئەسلىمىسىگە سۇنغان ئىككى كۈندە ئات بىلەن ئاران ئۆتىدىغان بۇ يولدىن، كېيىنچە  ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشۈپ بىزنىڭ دەۋرىمىزگە كەلگىنىدە، سۇنايلىنىپ خۇددى يىلاندەك ياتقان بۇ تاغ باغرىدىن چىققۇچە قانچىلىغان ئەنسىزچىلىك ئىچىدە تىلەك تىلەپ دۇرت ئوقۇپ چىقىپ كېتەتتىم. تاغ قاپتىلىنىڭ يان باغرىدا سۇنايلىنىپ ياتقان بۇرۇنقى يول. ئۈستىدىن قارىسا ئادەمگە دەھشەتلىك بىرخىل قورقۇنۇش يامىشاتتى. ئادەملەرنىڭ ئىشچان قوللىرى ئارقىلىق تېشىلگەن تاغلاردىن سىرغىپ چىقىۋاتقان بىرخىل مۇڭ ئادەمنى خىيال دەرياسىغا باشلايتتى. مانا بۇ مۆجىزە. مانا بۇ ئىلغار تېخنىكىنىڭ ئۇچقانداق تەرەققىياتى. تاغلار باغرىدا غايەت زور بىر يىللارنىڭ تەرەققىياتىنىڭ بىزگە سۇنۇلغان مېۋىسى.

مەن ئۇزۇن غولجا كوچىسىدىن چىقىپ ئالتۇشۇئار «1» كوچىلىرىنى ئۇ يەر بۇيەردىكى چىراقنىڭ  ئاجىز يورىقىدا نىشانسىز ئايلىنىپ ئۆتتۈم. ئالتە تەرەپكە كەتكەن كوچا ئېغىزىدا يېشىل چىراق بىلەن قىزىل چىراقنىڭ ئالمىشىپ تۇرغانلىقىنى، بىر تازىلىق ئىشچىسىنىڭ قولىدىكى سۈپۈرگىنى چىراقلارنىڭ يۇرىقىدا پۇلاڭلىتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئاران قاراڭغۇ كوچىلىلاردىن تەمتىلەپ يىراقلاۋاتقىنىمدا، ئادەملەرنى سائادەتكە ئۈندەۋاتقان مۇڭلۇق ئەزان ئاۋازىدىن يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى ئۆيلەرنىڭ دەرۋازىلىرىغا بۇيۇنداپ قارىدىم. بىر – ئىككىدىن يېنىۋاتقان ھويلىلارنىڭ چىراقلىرى. بىرخىل تەكشىلىك ئىچىدە ئىشىكلەرنىڭ يېپىشىلى، ئېچىلىشى، ئىتلارنىڭ قاۋاشلىرى. مەن ئاستا ئېغىر سومكامنى ئالماشتۇرۇپ كۆتۈرۋاتقىنىمدا، يىراقتىن تۈنۈگۈن كېچىدىن چۈشكەن يۇپۇرماقلارنى سۈپۈرۈپ تۇرغان تازلىق ئىشچىسىنىڭ ماڭا، سومكامغا قاراپ سۈپۈرگىنىڭ دەستىسىگە يۆلەنگەن تۇرقى. مەن ئىلدام مېڭىپ كېتىۋاتىمەن. بۇ كوچىلارغا ئەسلا كېلىش ئويۇم بولمىسىمۇ، باياتىنقى مەن چىققان كىرا ماشىنىسىنىڭ دەل ئۇزۇن يوللۇق بىكەتتىن ئۇزاپ مۇشۇ كوچىنىڭ بىر بېشىغا كەلگەندە بۇزۇلۇشى،  شوپۇرنىڭ قاراڭغۇلۇق تىقىلىپ تۇرغان كوچىلارنى كۆسىتىپ تۇرۇپ ماڭا « بۇ ئالتۇشۇئار مەھەللىسى، ئوخشاش ئالتە كوچا بار، بۇ كوچىدىن ئالدىڭىزغا مېڭىپ قىزىل،  يېىشىل چىراققا بارغاندىن كېيىن، ئاندىن سول قول تەرەپتىكى  كوچىنى بويلاپ ماڭغىنىڭىزدا چوڭ يولغا چىقىسىز...» دېگىنى  بويىچە كېتىۋاتىمەن. نە بىر ماشىنا، نە بىر ئادەمنىڭ ئايىغى كۆرۈنمەيدىغان بۇ كوچىلاردا مېڭىپ ئاران دېگەندە، ئالتە كوچىنىڭ ئوتتۇرسىدا  ئالمىشىپ يېنىپ تۇرغان قىزىل، يېىشل چىراقلارنى نىشان قىلغىنىمچە ئالتە كوچا ئېغىزىغا كېلىپ قالدىم. ئەمدىچۇ، ئايىغىم ئاستىدىكى تېرەكلەرنىڭ يۇپۇرماقلىرىنىڭ ئاۋازىغا سىڭگەن مۇڭ، قورقۇنىچ مېنى  باياتىنقى شوپۇرنىڭ يېنىدىن ئايرىلغاندىكى تەشۋىشتىن ئۈمىدكە يانداشتۇرماقتا. شىلدىرلاپ تۇرغان خازانلارغا ئۆزەمنىڭ قورۇقماس مۇشۇ يۈرىكىنى يېزىپ مېڭىۋاتىمەن. كىچىكىمدىن دادامنىڭ ياكى ئاكامنىڭ شەپكىسىنى كەيۋىلىپ «مەن دىگەن ھىچنەرسىدىن قورۇقمايمەن» دەپ قول چىراغنى ئېلىپ چىقىپ كەتسەم. بىر چاغلاردا قايتىپ كىرەتتىم. ھەي ئاشۇ چاغلار، ئۇ چاغلاردا مەھەللىنىڭ ئىتلىرىنىڭ قاۋاشلىرى، بىرلىرىنىڭ يۈگرەشلىرى ۋەياكى ماشىنىلارنىڭ سىگىناللىرىغىمۇ پىسەنىت قىلمايدىغان ۋاقىتلار ئىدى. ھازىرچۇ، مەن مەھەللەمنىڭ كوچىلىرىدا ئەركىن ماڭالمايمەن. مەن باتۇر، مەن قەيسەر دەپ  رەھمەتلىك دادامغا ماختانغاندەك ئۆزەمنىڭ باتۇرلۇقىنى بىركىملەرگە سۆزلىيەلمەيمەن ھەم كۆرسىتىپ قويالمايمەن. ئاپامنىڭ «بىر چىلەك سۇنىمۇ دەس كۆتۈرەلمەيسىز، بىر ئاي، ياق بىر يىل تۇرىڭە، سىزنى ئىككى چىنە ئەتكەنچاي، ئىككى چىلەك سۇ كۆتۈرىۋىتىدىغان قىلىۋىتىدۇ بۇ يەر..» دېگەن گەپلىرى يادىمدىن يالىد كەچتى. شۇنداق، شەھەردە ياشاۋاتقان ئادەملەر باياشاتچىلىق تۇرمۇش ئىچىدە ئۆزىگە بېسىم بولىدىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى يۈدۈپ  يۈرسە،  يېزا ئادەملەرگە بىرخىل كۈچ بىغىشلايدىغان   ساپ ھاۋا ئۈمىدنى ئەگەشتۈرۈپ يۈرۈيدىكەن. مانا مەن ئۈرۈمچىنىڭ يۇپرۇق ئاسفالىت كوچىلىرىدا كۈن چىقماي تۇرۇپ يۈرەلمەيدىغان ئادەم، مانا بۇ كوچىلاردا ئەركىن كېتىپ بارىمەن.  بۇ كوچىلارنىڭ ئۇزۇنلىقىغا سىڭگەن تەشۋىشلىرىمدە بىرخىل قىزىقىش، بىرخىل تەلپۈنۈش، بىرخىل ئازادىلىك  مېنى ھاياجانلاندۇرماقتا.


«1»ئالتۇشۇئار مەھەلىسى ھەققىدە:
ئالتۇشۇئار مەھەللىسى ئىلىدىكى ئەڭ قەدىمى مەھەللىلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ لايىھىلىنىشى 1936 -1937 يىللارغا توغرا كېلىدۇ. گېمانىيىلىك ئارخېتىكۇرلار لايىھىلىگەن.ئالتا بۇرجەك قىلىپ لاھيىھىلىنىشى بولسا ئەينى ۋاقىتتىكى شىڭ شىسەينىڭ ئالتا بۇيۇك شۇئارىغا تەقلىد قىلىنغانكەن. ھازىر بۇ مەھەللە دۇنيادىكى ئىككى ئالتە بۇرجەك قۇرۇلۇشنىڭ بىرى . يەنە بىرى گېرمانىيىدە.

داۋامى بار...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇنىرە ئالىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-25 13:26  


mukam.cn

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1029
تۆھپە : 4
توردا: 135
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-8

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 13:44:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  سەپەر تەسىراتلىرى چىن، يېقىشلىق چىقىپتۇ. غۇلجىنىڭ كىتابلاردا تەسۋىرلىنىدىغان. رەسىملەردە سۈرەتلىنىدىغان كوچىلىرىنى، بۇ يازمىڭىز ئارقىلىقمۇ كۆڭۈل ئېكرانىمغا ئەپ كەلدىم. بەرىكەتلىك بولۇڭ.
ئەسەرنىڭ تىلىغا يەنە بىر ئىشلەپ باقامسىز؟ سۆزلەردە تەكرارلىنىش بار. ئاندىن بەدىيلىكى سەل تۆۋەن بولۇپ قاپتۇ.

دۇنيانى باغرى تاش دېسىمۇ مەيلى، كۆڭلىمىزنى قۇشلارغا داندەك چېچىپ بىرەيلى.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  130
يازما سانى: 569
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 980
تۆھپە : 0
توردا: 289
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-25

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 14:32:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەپەرلەر ئاق بولسۇن، سىڭلىم.

http://bbs.xjmukam.cn/thread.php?fid=91
بۇ يەردە، شېئىرىيەتكە قەدەم ئېلىڭ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 649
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-12

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 14:37:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆكتولۇن، بۇ سەپەر خاتىرىسى ئۆز ۋاقتىدا كونا يازغۇچىلار مۇنبىرىدە ئېلان قىلىنغان، شۇنداق بولسىمۇ، يۈرىكىمنى داۋالغۇتقان خاتىرىلىرىمنى بىر يەرگە جەملەم باقاي دېگەن نىيەتتە قايتا بۇ مۇنبەرگە يوللىدىم.
پىكىرىگە رەھمەت.


ياپيېشىل تاغلارغا بېرىپ سايەھەت قىلىشنى چۈشۈمدە چۈشەيدىغان بولدۇم.  ئوڭۇمدا قاچان ئۇلىشارمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 649
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-12

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 14:38:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاستا قەدەملىرىم بىلەن ماڭا ھەيرانلىقتا باققان تازلىقچى ئادەمنىڭ ئالدىدىن ئۆتتۈم. ئۇ تېخىچىلا ماڭا ھەيرانلىقتا قارىماقتا. مەن يەرگە قارىۋالدىم. ئۇنىڭ قولىدا تۇتۇۋالغان سۈپۈرگىسى مەن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىنكى نەچچە دەقىقىدىلا ئىشقا كىرىشتى. يولدا بىردىن – ئىككىدىن كېتىۋاتقان ئادەملەر ئۇچراۋاتىدۇ، ئۇلاردىن يول سوراشتىن يالتايغان بولساممۇ، ئەمما، يىراقتىن بىرخىل يۇرۇقلۇققا ئىنتىلگەن كۆزلىرىم نۇرلاندى. ئاستا قەدەملىرىم ئىتىككە ئالماشتى. ئۇلارنىڭ ھەيرانلىقتا تېكىلگەن كۆزلىرىگە «سەپەردىن كەلگىنىم، ئازمىغىنىم ئايان بولسىدى» دەپ پىچىرلىدىم. مانا بۇ ئادەملەرنىڭ كۆزلىرىدە بىرخىل ياتسىراشنى، بىرخىل غەمنى، بىرخىل بىز دائىم كۆرۈپ تۇرغان ئاشۇ ئالدىراش ئادەملەر توپىدىكى جىددىيچىلىكنى كۆرگىلى بولمايتتى. مەن ئۇلارنىڭ قاراشلىرىغا لەۋلىرىمنى بوشقىنە يېرىم ئىچىپ سالام قىلدىم. ئۇلارمۇ ئاشۇ مېھرىبانلىقى، تۈز كۆڭۈللىكى بىلەن مېنى قارشى ئالغاندەك سالىمىمغا سالام قايتۇردى.  تۆت كوچا تەرەپكە چىقتىم.سانساناقسىز چىراقلار يوللارنى يۇرۇتۇپ تۇراتتى. «شەھەرلەردە كېچە يوق» دېگەن قايسى بىر سىڭلىمنىڭ سۆزلىرى قۇلاق تۈۋىمدە ياڭرىدى. توغرا، شەھەلەردە كېچە يوق. يىزا بولغان بولسىدى. مەن ھەرگىز مۇشۇ چوڭ يولنى تېپىپ چىقالماسلىقىم ئېنىق ئىدى.
تۆت كوچا دوخمۇشىدا تۇرۋاتىمەن. بۇ يەردىكى ھەربىر نەرسىلەرگە قىزىقىنىپ قاراۋاتىمەن. بۇرۇن مەن بۇنداق كەچ بۇ يەرلەرنى، ياق بۇ كوچىلارنى كۆرۈپ باقمىغان، بىر كۈنلەردە يېرىم كېچىدە ئابتۇبۇستىن مۇشۇ كوچىدا چۈشۈپ قالارمەن ۋەياكى ئادىشىپ كىرىپ قالارمەن دەپ ئويلاپ باقمىغان. توغرا كىچىك چېغىمدا مەن بىر كۈنلەردە غولجا شەھرىدە، ئۈرۈمچىدەك چوڭ شەھەرلەردە يۈرۈيمەن دەپ خىيالمۇ قىلمىغان، مانا ئەمدىچۇ؟ ھازىر «غولجا» دېسە يىراق بىلىنىدىغان بۇ شەھەردىنمۇ ئۆتۈپ كەتتىم. «ئادەم تۇغۇلۇشىدا پىشانىسىگە يېزىقلىق بولىدىكەن» دەيدۇ. شۇنداق مېنىڭمۇ پىشانەمگە مانا مۇشۇنداق بىر كۈنلەردە بۇ شەھەرنىڭ كېچە مەنزىرىسىگە قورۇقماس يۈرىكىنى يېزىپ قويىدۇ دەپ بار بولغۇيدىمۇ-ھە!
ئالدىمدا ماشىنىنىڭ قاتتىق سېگىنالى ئاڭلاندى. مەن يۇپرۇق ئاسفالىت يوللاردىن بويۇنداپ ئالدىمغا قارىدىم. يىراق يەردە كىرا ماشىنىسىنىڭ «بوش ماشىنا» دېگەن چىرىغىنى كۆرۈپ قوللۇرۇمنى ئېگىز كۆتۈردۈم. ماشىنا يىراقتىن مەن تەرەپكە قاراپ تورمۇزىنى ئاستاغىنا بېسىپ يېنىمدىلا توختىدى. مەن ماشىنىغا چىقتىم. ھىلىراقتا ماڭا ئىشكىدە قاراپ تۇرغان ئادەم بۇيۇنداپ ماڭا تېخىمۇ سەپسالدى. تامام يۈرۈپ كەتتىم. ئۇ ئادەمنىڭمۇ سوغۇقتىن يېلىڭلا چىققان گەۋدىسىنىڭ دەرۋازىسىغا شۇڭغۇغانلىقىنى ئىلغا قىلدىم.
كېتىۋاتىمەن. ھەممە يەردە چىراق. ھەممە يەر يۇرۇق.  بىردىن – ئىككىدىن ئادەملەر.يولنىڭ ئىككى قېتىدا ئېگىز بىنارلار، پاكار دەرەخلەرنىڭ ساپسېرىق يۇپۇرماقلىرى كوچا چىراقلىرىدا يالتىرماقتا. ئۇلار ماڭا ئاشۇ يۇمۇرماقلىرىدىن «سالام» دەيدۇ. مەن ئۇلارغا ئۆزەمنىڭ ئوتلۇق سالىمىنى، سانساناقسىز يۇرۇتقا تەلپۈنگەن ئەتراپىمدىكى بارلىق دوستلىرىمنىڭ سالىمىنى يوللاۋاتىمەن. سالام قىلىۋاتىمەن. سالام ئېلىۋاتىمەن. مۇشۇ كوچىلاردا يۈرگەن، مۇشۇ كوچىلارغا ئۆزىنىڭ قەدىر – قىممىتىنى يازغان سانساناقسىز باتۇر ئەزىمەتلىرىمىزگە، بىز پەخرىلىنىپ تىلغا ئالىدىغان ساناقلىق ئەدىبلىرىمىزگە، تېخى تۈنۈگۈنلا يۇرۇق ئالەم بىلەن خوشلاشقان بىزنى جۇدالىق ياشلىرىمىزغا مىلەشتۈرگەن مەن ئىسمىنى ئاڭلىغان، ئاڭلىمىغان بارلىق ئۇستازلارغا سالام دەۋاتىمەن. «ئاللا، بىزدىن ۋاقىتسىز خوشقانلارنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن، بىز پەخرىلىنىپ يۈرگەن، مەن ياخشى كۆرگەن ئادەملەرگە ئۇزۇن ئۆمۈر بەرسۇن. ھەربىر مۇشۇ تۇپراقتا ياشاۋاتقان بارلىق ئەزىزلەرنىڭ تېنىنى سالامەت، ئىشلىرىنى ئۇتۇق قىلسۇن». قوللۇرۇمنى دۇئاغا كۆتۈردۈم، گەرچە تالاي رەت كېلىپ - كېتىپ يۈرگەن بولساممۇ، بۇ شەھەردىكى بارلىق مەن تۇنۇمىغان، تۇنۇغان ئادەملەرگە بۈگۈن نېمىشقىكى تىلەك تىلەپ قالدىم.
سىڭلىمنىڭ ئۆيى شەھەر سىرتىدا بولۇشىغا ئەگىشىپ كېتىپ بارغان خىيالىرىمدا ئەنە تەشلەپكە، تەشلەپكە ئالدىدىكى قىزغىن سودىگەرلەر، ياڭراق ئاۋازلىرى بىلەن خېرىدار چاقىرماقتا. قىززىۋاتقان سودىلار، ئالدىراش ئادەملەر بىر – بىرىگە سۈركىلىپ ئۆتمەكتە.  ئىسسىق ھورى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان سامسىلار خېرىدار كۈتمەكتە.يىراق يېقىنغا ئسىمى تارقالغان، نۇرغۇنلىغان تىرىكچىلىك يولىدا تىرىشىۋاتقان ئادەملەرنى قوينىغا ئالغان خەنزۇ بازىرى.  بۇ يوللار ئاسفالىت. بىر كۈنلەردە كەلگىنىمدە شاپاشلىتىپ پاتقاق كېچىدىغان كوچىلار قۇرۇق. سانسىزلىغان چىراقلار يۇرۇق. ھەممە يەردە ئۆزگىرىش، تەرەققىيات.
سىڭلىمنىڭ ئۆيى بار دەرۋازىغا كەلدىم. سىڭلىمنىڭ ماڭا تاشلانغان كۆزلىرىدە ئۇنى باغرىمغا چىڭڭىدە باستىم. سىڭلىم ئورۇقلاپ قاپتۇ. ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش شەھەر ياراشمىغاندەك، كۆنەلمىگەندەك كۆنەلمىگەنمىدۇ؟! سىڭلىمنىڭ مەڭزىدە يالتىراپ قالغان بىر تامچە ياشقا كۆزۈمگە چېلىقىپ قالدى. ئۇ نېمىگە يىغلايدىغاندۇ؟ ئۇمۇ مېنىڭكى بۇرۇنقى كۈنۈمدىكىدەك سەپەر سومكىسىنى يۈدكىنىچە بالىسىنى ئېلىپلا ئاپامنى يوقلاپ بارالماي يىغلاۋاتقانمىدۇ؟ مۇشۇنداق قۇتلۇق كۈنلەردە ئاپامنىڭ يېنىدا بولۇپ، قېرىنداشلىرى بىلەن ھەمداستىخان بولالمايدىغانلىقىغا كۆز يېشى قىلىۋاتقانمىدۇ؟ سىڭىلىمغا يانداشقان خىياللاردىن ئەگەشكىنىمچە ئۇنىڭ ئۆيىگە كىردىم.
ئەتتىگەنلىك قۇياشنىڭ كۆتۈرۈلۈشى بىلەن سىڭلىمنى« ئارقىمدىن بار» دەپ تاپىلاپ قويۇپ ، ئېغىر سومكامنى سۆرىگىنىمچە قىسقا يوللۇق بىكەتكە كېلىپ يېڭىلا قوزغالماقچى بولغان توققۇزتارانىڭ ماشىنىسىغا چىقتىم. بايىلا سىڭلىمنىڭ قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈرگۈزۈپ ئىككىنچى قەۋەتنىڭ دەرىزىسىدە ماڭا قاراپ  خوش دېگەن ئوغلى ۋە ئۆزى يادىمغا كەلدى. «شەھەرلەردە تېشىغا چىقىپ ئۇزۇتۇپ قويۇش يوقىلىپ كەتكەنمىدۇ، بولدىلا سىڭلىمنىڭ بالىسى كىچىك تۇرسا..» دەپ ئۆزەمگە تەسەللى بەردىم. شۇنداق بولسىمۇ يۈرىكىم مۇجۇلماقتا. دادام مانا مۇشۇ  سىڭلىمغا چىدىمايتتى، ئاپاممۇ شۇ. بىراق، سىڭلىم ئاپامنىڭ شۇنچە تۇتۇشلىرىغا قارىماي شەھەرگە توي قىلىۋالدى. سىڭلىم بۇ يەردە، مەن ئاشۇ شەھەردە، ئاپامنىڭ سېغىنغان يۈرىكىنى بىزدەك باغرى پۈتۈن بالىلار تىتىۋاتىدۇ.
توققۇزتاراغا كېتىۋاتىمەن. ھەربىر ئۆيلەردىن چىقىۋاتقان خوشال چىرايلار، كۈلۈمسىرەشلەرنى تاماشا قىلىۋاتىمەن. تۈنۈگۈن تەشۋىش باسقان كۆزلەردىكى بىرخىل كۈتۈشلەردىن زارىقىۋاتىمەن. ماشىنىنىڭ ھەربىر سىگنال بېرىشى بىلەن يوللارنىڭ چەتلىرىگە قاچقان مەكتەپكە كېتىۋاتقان بالىلار ئىچىدىن بىرلىرىنى ئىزدەۋاتىمەن. شوپۇرغا «بايقاپ ھەيدەڭ، بايقاپ، ئاستا..» دەپ شىۋىرلاۋاتىمەن. تۈنۈگۈنلا خوش دەپ يۈزلىرىمگە يۈزلىرىنى باسالماي، رازى بول دېيەلمەي بىزگە ئۈنسىز نېمە ئۈچۈنلەرنى ھەدىيە قىلغان ساقامنى شۇلار ئىچىدىن ئىزدەۋاتىمەن. تالاي كېچىلەردە، تاڭنىڭ سۈزۈكلىكىدە ئىشىكىم ئالدىدىكى مەكتەپ بالىلىرىدىن ئۇنىڭ سىماسىنى، ئوخشاشلىقىنى ئىزدىگەن ئىدىم. ھازىرچۇ، ھازىر مەڭزى، كىينىشى، تۇرۇقى، بويى، سۆزلىرى  ئوخشاپ كېتىدىغانلار جىققىدە  بالىلار توپىدىن ئۇنى ئىزدەۋاتىمەن. «ئاللا مۇشۇ بالىلارنىڭ ئۆمرى  مېنىڭ ساقامنىڭ ئۆمرىگە ئوخشىمىسۇن. بىزدەك جۇدالىق ئازابىدا قىرچىلانغان تالاي ئادەملەرگە، بالىسىدىن، ئانىسىدىن، دادىسىدىن ئايرىلغانلارغا سەۋىر بەرسۇن» دەپ تىلەۋاتىمەن. ماشىنا ئۇچقاندەك ماڭماقتا. ئاسفالىت يوللاردىن ھەربىر قەيرىلگەندە يۈگىرىپ چىقىپ قالىدىغان توخۇ، كالا، موزاي، قويلارغا قاتتىق بېرىلگەن تورمۇزنىڭ تۇتۇلۇشىدىن ھۇدۇقماقتىمەن. ساق – سالامەتچىلىك ئىچىدە مېنى ئاپامنىڭ باغرىدا ئەللەيلىتىشنى ئويلاۋاتىمەن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇنىرە ئالىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-25 14:38  


ياپيېشىل تاغلارغا بېرىپ سايەھەت قىلىشنى چۈشۈمدە چۈشەيدىغان بولدۇم.  ئوڭۇمدا قاچان ئۇلىشارمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 649
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-12

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 14:40:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مانا توققۇزتارانىڭ ئاپپاق چوققۇلۇق تاغلىرىغا ياماشقان كۆزلىرىمدە ياماتۇ دەرياسىنىڭ كۈۋەجەپ ئىقىشلىرى بىلەن دادامنىڭ ھىدىنى پۇراۋاتىمەن. كىچىكىمدە تاڭ ئاتقاندا، موزاي تارتىپ پالاقشىپ يۈرگىنىم كۆزلىرىمدىن ژۇررىدە ئۇچۇپ ئۆتتى. ئەتتىگەندە دەريانىڭ شاۋقۇنلۇق ئاۋازىغا چۆكۈپ ئاخشام كۆرگەن چۈشلىرىمنى ئويلاپ ئولتۇرسام، ئاپامنىڭ «موزاي كالىنى ئىمىپ كەتتى، بول تېز، يۈزۈڭنى يۇ» دىيىشى بىلەن، يۈزۈمگە سوغاق سۇنىڭ ئۇرۇلۇشى بىلەن غايىپ بولغان چۈشلىرىم.

ماشىنا توققوزتارانىڭ يان باغرىنى ئىشكىرىدىن كېسىپ ماڭماقتا. يولنىڭ سول قول تەرىپىدە قويۇق كۆتۈرۈلگەن مورىدىن چىقىۋاتقان ئىسلار. ئوڭ قول تەرىپىدە تېكەس تاغلىرىنىڭ ئاقباش چوققىلىرى سۇنايلىنىپ ياتماقتا. كېتىۋاتىمەن، يول بويىدىكى ھەربىر يەرلەرگە تويماي قاراۋاتىمەن. يول بويىدىكى ئۆيلەردىن چىقىۋاتقان بىر كىملەرنى بىرلىرىگە ئوخشىتىۋاتىمەن. قاتار تېرەكلىك يولدا يېڭىلا بازارغا سېلىنغان ھېلىقى توكلۇق موتۇدا بىر بىرىنىڭ ئارقىسىغا، ئالدىغا مىنىۋالغان ئوقۇغۇچىلار. مەن ئۇلارنىڭ قاراملىقىغا سىڭگەن خوشاللىقلىرىغا جور بولغۇم كەلدى. ئەمما «ئاستا ھەيدەڭ» دەپ تەكىتلەپ كېلىۋاتقان سۆزۈمنى بۇ يولدا كېتىپ بېرىپ ھەربىر قېتىم تەكرارلىدىم.

توققۇتاراغا ئىشكىرىلەپ كىرگەنسېرى، يۈرەكلىرىم ئوينىماقتا.كۆزلىرىم ھەربىر نەرسىگە زوقى بىلەن تىكىلمەكتە. يۈرىكىمدە ياش ئىرغىماقتا. نەچچە كۈن بۇرۇن «يەر تەۋرىدى» دېگەن سۆزلەردىن پارتىلاپ چىققان ئېسەنگىرەشلەر ئەتراپتىن شۇنىڭ سىماسىنى ئىزدىمەكتە. «ئاللا شۈكرى، ئۆرىلگەن ئۆيلەر يوق ئىكەن» دەپ ئاستا پىچىرلىغان لەۋلىرىم كۈلۈمسىرمەكتە. ماشىنا ئۇچقاندەك ماڭماقتا، ئەتراپتىكى ھەربىر نەرسىگە تىكىلگەن كۆزلىرىمگە خوشاللىق ياماشماقتا. سېغىنىش مېنى قۇچاقلاپ ئاشۇ ئېگىز چوققىلاردىن ئەگىۋاتقان بىر – ئىككىدىن بۇلۇتقا ئۆزىنىڭ قەلبىنى يازماقتا. ھەربىر ئايلانمىلارغا كەلگەندە ئۈنسىز تۇرغان تېلفونىمنىڭ سائىتىگە تىكىلگەن كۆزلىرىم ئالچەكمەن بولماقتا. ھەربىر يۇرت ئىگىسىدە بۇنداق ھاياجان بولىدۇ ئەلۋەتتە. شۇنداق بولسىمۇ، مەندىكى بۇ سېغىنىش باشقا ۋاقىتتىن بەكرەك ئۆزىنى كۆرسىتىپ ماشىنىنىڭ چاقلىرىغا يۆگەشتۈرمەكتە. دادامنىڭ «مېنى كېلىدىكەن» دەپ دەرۋازىنىڭ ئالدىدىكى ھېلىقى بىر ياغاچنى يىقىتىپلا قىلغان ئورۇندۇقتا تاماكىسىنى قاتتىق - قاتتىق شوراپ ئولتۇرۇشى، ئاپامنىڭ دادامغا قاراپ ئۇھسىنىشلىرى، ئاكامنىڭ دادامنى «مۇزلاپ كەتتىڭ» دەپ نەچچە چاقىرىشلىرى، ھەدەمنىڭ بالىسىنىڭ دادامنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ مېنى كۈتۈشلىرى، ھىچقاچان بۇنچىلىك ئېچىلمىغان ئىشىكلەردىن چىققان كۈتۈشلەر. ھەي، مەن قانچىلىغان يۈرەكلەرگە مانا مۇشۇنداق كۈتۈشنى يېزىۋەتتىم -ھە! بۇ مېنىڭ ۋاپاسىزلىقىم ئەمەس، بۇ مېنىڭ پىشانەمگە يېزىۋىتىلگەن تەقدىرىم. مېنىڭ رەنجىش ھوقۇم يوق. پەقەت قاتتىق بىر پۇشايمان ئىلكىدە يۈرگىنىم ئېنىق. چۈنكى مەن ئاشۇنداق كۈتۈشلەر ئىچىدە دادامنى ئۇزاتتىم. دادام مېنى ئەڭ ئاغرىق ۋاقىتلىرىدىمۇ دەرۋازىنىڭ سىرتىدىكى ئۇرۇندۇقتا كۈتتى. مەن ھەربىر قېتىم ئۇنىڭ مېنى كۈتۈپ ئولتۇرغان شۇ ھالىتىنى ئەسلىگىنىمدە بالىلىق مەجبۇرىيىتىمنىڭ ئۇنىڭغا تۈگىمەس كۈتۈشنى ھەدىيە قىلغىنىدىن ئۆكىنىمەن، پۇشايمان يەيمەن. ئەگەردە ئۇ كۈنلەرنى قايتۇرۋالغىنى بولسا ئىدى. مەن ئۇ چاغ بۇ شەھەردىن ۋاز كىچەر بولغۇيدۇممۇ؟! ئاچچىق پۇشايمان بوغۇزۇمغا تۈرۈپ قالغاندەك قاقالدىم. كۆزلىرىمگە مۆللىدە ياش كەلدى. كۆزلىرىمنى يەنە ئەتراپقا، يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى دەرەخلەرنىڭ يۇپۇرماقلىرىغا تىكتىم. دەرەخ يۇپۇرماقلىرى خۇددى مەندەكلا سارغايغان.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇنىرە ئالىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-25 14:42  


ياپيېشىل تاغلارغا بېرىپ سايەھەت قىلىشنى چۈشۈمدە چۈشەيدىغان بولدۇم.  ئوڭۇمدا قاچان ئۇلىشارمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 649
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-12

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 14:43:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى دەرەخلەرنىڭ يۇپۇرماقلىرىنىڭ شارىلدىرلىغان ئاۋازى ماشىنىڭ ئەينىكىدىن چىقارغان يۈزلىرىمگە ئۇرۇلماقتا. ئىسسىقىدە شامال يۈزۈمگە سۆيمەكتە. ئىسسىشقا باشلىدىم. تۈنۈگۈنلا خوش دېگەن ئۈرۈمچىنىڭ بىر قار باسقان سوقۇغلىقىدا، قىشنى كۈتۈۋالغان ئىدۇق. مانا ھازىرچۇ، ھەربىر كوچىدا، چەكسىز ئېتىزلىقلاردا كۈزنىڭ ئاپتىپى. يوللارنىڭ قاسنىقىغا تىكىلگەن كۆزلىرىم مىييىقىدە كۈلدى. مەن شىئىرلىرىنى خاتىرەمگە كۆچۈرۈپ ئوقۇپ كېتىدىغان،  «قاپچىغاي» دېگەن بىر يۈرۈش شىئىرلىرى بىلەن تۇنۇپ كېلىۋاتقان بولساممۇ بىرەر قېتىم ئۇچرىشىپ باقمىغان. شىئىرلىرىدىكى لىرىك كەيپىياتتىن بەزىدە ئۆزەمنى سۈپسۈزۈك دەريا بويىدا ئىڭەك يولەپ ئولتۇرغان ھالەتتە سېزىدىغان دىلمۇھەممەت جەفەرنىڭ ئۆيى مۇشۇ كوچىدا ئىدى. مەن  بۇ كوچىنىڭ ئاۋۇ بېشىغا كىرىپ باقمىدىم، بۇ بېشىدا تۇرۇپ «ئاۋۇ مېنىڭ ئۆيۈم...» دېگەن سادانىڭ ئىچىدە بىرخىل تۇرۇپ باقتىم. ئۇنىڭ ئوماق ئىككى بالىسىنىڭ تەمتىلەپ ماڭغىنىنى دىلمۇھەممەتتىن ئاڭلىغان ئىدىم.

مانا يولنىڭ ئوڭ قول تەرىپىدىكى كوچىنىڭ دوخمۇشىدىكى ئۆزىنىڭ خاسلىقى بىلەن تالاي ئادەملەرنىڭ قەلبىنى ئۈنسىز شىۋىرلىتىپ ئۆتكەن. تالاي شىئىرلىرىدىكى بىرخىل ئازابنى خوشاللىققا  ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن كۈچەۋاتقان، قەلبىدىكى تىرەن تۇيغۇلىرىنى ئەركىن قويۇپ بېرىپ بىرخىل نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشىۋاتقان. 2000-يىللارنىڭ بېشىدىن باشلاپ قولىغا قەلەم ئېلىپ،ئەدەبىياتنىڭ تۈرلۈك ژانىرلىرىدا قەلەم تەۋرىتىپ كېلىۋاتقان ياشلىرىمىزنىڭ بىرى  ئابلەت نۇراخۇن زەپەرىنىڭ كوچىسى،  ئۇنىڭ ئۆيىگە بۇلتۇر ئابلەت ئۈرۈمچىدە ۋاقتىدا ئاپىىسىنى يوقلاپ ئۆتكەن، ئۇ چاغدا دىلمۇھەممەت، ئابدۇراخمان قادىر ( تۇنجى شىئىرى «تەكرارلىنىش»نى مەن سۇمرۇق تورىدا كۆرگەندىن كېيىن ئۇنىڭدىكى بىرخىل يۇشۇرۇن ئىپادىلەشلىرىگە قول قويغان ئىدىم. ئۇنىڭ مۇدىرنىزىم ئەدەبىياتى ھەققىدە توختالغان پىكىرلىرىدىن، ئەدەبىيات ھەققىدە چوڭقۇراق بىلىمگە تەشنا مەندەك بىر ئادەم ئۈچۈن كۆرۈشۈپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش تېپىلغۇسىز پۇرسەت ئىدى . ئۇنىڭ بىلەن تالاي رەت كۆرۈشەش ۋە پىكىرلىشىش جەريانىدا مەن ئۇنىڭ شىئىر ئىجادىيىتى بىلەن ئوبزورچىلىق قىلىشىنى نەچچە رەت تەكىتلىگەن. ھەمدە قولىغا قەلەم ئېلىپ شىمالنىڭ ئاپپاق چوققىلىرىدىن تارتىپ بۇ شەھەرنىڭ ۋاپادارلىقىغا سىڭگەن غىرىبلىقىنى ئىپادىلەپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان ياش شائىرلارنىڭ بىرسى ئىدى.) ئۇلار  مېنى باشلاپ يان دەرۋازىغا تىرەكلىك ئىچىدىن ئېتىپ قويغان ياغاچنى كۈچ بىلەن ئىتتىرىپ يوغان سالامنى قىلىپ كىرگىنىمىز. مانا ئابلەتنىڭ ھويلىسىنىڭ  سول قول تەرىپىدە يەم تارتىدىغان كىچىككىنە ماشىنا. مەن ئاشۇ يەم تارتىش ماشىنىسىغا قاراپ دادام ئاتلارغا بىدە چاناپ بېرىدىغان جادۇ يادىمغا كېلىپ كۆزلىرىمگە دادامنىڭ سىماسى كۆرەندى. خىيالىمنى ئىتتىك يىغىپ كۆزلىرىمنى ھويلىغا تىكتىم.  ھويلا ئاللىقاچان قارلارنىڭ ئېرىغىنىغا قارىماي پاكىز تازلانغان .ھويلىدىكى تۇنۇش ئاشۇ سىما، تۇنۇش ئاشۇ ھىد، ئابلەتنىڭ تىرەن قەلبى. ئابلەتنىڭ «ئابلەت ئۆيۈڭگە كەلدىم» دەپ تېلفون ئۇرسام « ھويلام ئامانمىكەن ھەدە؟!» دېگەن سوزۇق ئاۋازىدىن. ئانا يۇرۇتقا بولغان، مەھەللىسىگە بولغان، ھويلىسىدىكى ھەربىر نەرسىگە بولغان چوڭقۇر سىغىنىشىنىڭ مېنىڭ زىممەمدە ئامانەت شەكلىدە تۇرغانلىقىنى ھىس قىلدىم. شۇ زامات تېلفوننى قويۇپ ئابلەتتىن« سالام سىلەرگە؟» دېگىنىمچە قورۇ تامنىڭ ھەربىر يەرلىرىگە سىنچىلاپ قارىدىم. مېنىڭ ئاپامنىڭمۇ مەن كەلگەندىن بېرى پايپاسلاپ كالىچىنىڭ چۈشۈشلىرىگە ئۈلگىرمەي كۈتۈشلىرى ئىچىدە مەن راھەتلەنگەن، خوش بولغان. غىرىبلىق قاپلىغان قەلبىمدە ئاپامغا كۈندە «رەھمەت» دەپ ئىسىققىدە ئالقانلىرىنى تۇتۇپ يېنىمدا ئولتۇرغۇزۇشلىرىم، مېنى سېغىنىشنىڭ قىرلىرىغا ئېلىپ بېرىپ تاشلىماقتا. ھەي ، ھەربىر نەرسىنىڭ ئۆز ئالدىغا قەدىر – قىممىتى بولىدۇ. ئادەم قەدىرنى بىلىش ئۈچۈن يىراق يۇرتلاردا سەرسان بولۇش كېتەمدۇ- ھە!

ئۈزۈك ئۈزۈك ئەسلىمىلىرىم ئىچىدىكى تىتىلداش، تىزراق يۈز كۆرۈشەش مېنى قايتىلادىن ھاياجانلاندۇردى. مانا « كۆك قومۇش›» دېگەن ھېكايىلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ يېڭى ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق يىراق - يىقىنغا تۇنۇلغان ماخمۇت يولۋاسكامنىڭ كوچىسى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى مەن 2005- يىلدىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئوقۇغان بولساممۇ، ئۇنىڭ ھەربىر ئەسەرلىرىدىكى يېڭىچە ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىغا ھەيران قالغان، ھەمدە بىر پۇرسەتلەر بولسا كۆرۈشۈپ ئەسەرلىرى ھەققىدە پاراڭلىشىشنى دىلىمغا پۈككەن ئىدىم. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇلتۇر ئابلەتنىڭ سالىمىنى ئېلىپ كېلىپ ئابدۇراخمان بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىدە يۈز كۆرۈشەپ ئۆز ئاغزىدىن ئەدەبىيات ھەققىدە، بۈگۈنكى ئىجادىيەتلىرى ھەققىدە قىسقىغىنە سۆھبەتتە بولغان ئىدۇق. ئۇنىڭ ئۆيدە تۆردىكى مەخمەل يىكەندازدا ئولتۇرۇپ بىزگە قىزغىن سالام قىلغان ئاپىسى، كۆزلىرىدىن ساددىلىقى، يۇۋاشلىقى، غولجا ئاياللىرىغا خاس چىداملىقى بىلەن كۈلۈپ تۇرغان ئايالى، تاتلىقىنە ئاشۇ قىزى كۆز ئالدىمدا زاھىر بولدى.

ئەدەبىياتقا بولغان ئوتتەك ئىشتىياقلىرىمدا، مانا مۇشۇنداق تالاي يازغۇچى، شائىرىلىرىمىز بىلەن ئۇچرىشىش نىسىب بولدى. مەندىكى قىزىقىش مېنى ئۇلار بىلەن ئەسرالىشىشقا، ئۆزەم ئىسمىنى ئاڭلىغان، كۆرۈپ باقمىغان ئاشۇ  قەلبىدە بىر دۆۋە يالقۇن كۆيىدىغان ئادەملەرنى ھۆرمەت قىلىشقا ئۈندەيتتى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇنىرە ئالىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-25 14:45  


ياپيېشىل تاغلارغا بېرىپ سايەھەت قىلىشنى چۈشۈمدە چۈشەيدىغان بولدۇم.  ئوڭۇمدا قاچان ئۇلىشارمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 649
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-12

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 14:46:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توققۇزتارانىڭ ناھىيە ئىچىگە ئاز قالغان يەردىكى دۈپدۈگىلەك قىزىل، يېشىل چىراق كۆرەندى. بۇ يەردىكى بىر مورىدىن ئىس چىققان يېرىنى كۆرسىتىپ ئابدۇراخمان قادىرنىڭ «ئاۋۇ بىزنىڭ ئۆي، يۈرىڭە ئاپامغا دەپ قويغان...» دىيىشلىرىگە سىڭگەن چاقچاقلىرى ئىچىدە ئۇنىڭ تويىغا بارالمىغانلىق مەيۈسلىكىم چىرايىمدا يالىد قىلدى. ئابلەتنى، ئابدۇراخماننى ئىنىلىق سالاھەتتە قانچىلىك ھۆرمەت قىلىدىغىنىم، ئۇلارنىڭ «ھەدە» دېگەن سۆزى ئىچىدە قانچە قېتىم كۈلۈشلىرىم ئېسىمگە كەلدى. مانا يولنىڭ قاسقىنىدىكى «پىنھان خەتلەر»نى يازغان ئۇنىڭ ئۆيى، قۇمۇشلۇق، دەرۋازىغا زور ئۈمىددە قارىدىم. دەرۋازا تاقاقلىق. كۆزلىرىم قىيمىغان ھالدا خوشلاشتىم.
  شالاڭ ماشىنىلارنى تاشلاپ ئابتۇبۇس ئۇزۇن يوللۇق ماشىنا بىكەتكە كېلىپ توختىدى. مەن ماشىنىدىن ئىلدام قەدەملىرىم بىلەن چۈشتۈم. تۆت ئەتراپقا قاراپ ھاۋادىن قانغىچە سۈمۈردۈم. نەگىلا قارىسا ھىجرانلىق پۇراپ تۇرغان ھىدلاردا كۆزلىرىم نەمدەلدى. ساقام بىزنى ھەر ماڭساق، كەلسەك ئاپىسى بىلەن قارشى ئالاتتى. مەن يەنە ئۇ مېنى كۈتىۋاتقاندەك ئەتراپقا، بىكەت ئىچىگە ئېغىر سومكىلىرىنى كۆتۈرۈپ كىرىپ كېتىۋاتقان ئادەملەر توپىغا قارىدىم. ئۇلار ئىچىدە بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرنىڭ بىرسمۇ يوق. شۇ زامات ئېسىمگە مەن ماڭغاندا «ئەتە ماڭىمەن» دەپ يالغان ئېيتقىنىم يادىمغا كەلدى.
گەرچە ئايرىلغىنىمغا ئاران ئىككى  ئاي بولغان بولسىمۇ، شۇنچىلىك بىرخىل سىغىنىش، يالغۇزلۇق مېنى بېسىپ كەتكەنىدى. مانا ھىجرانلىقنىڭ ياشلىرىنى تاشلاپ بىزگە خوش ئېيتىپ قالغان يوللار. ئاپتاپقا قاقلىنىپ تۇرغان بىر – بىرىدىن ئېگىز بىنالار، يول قاسنىقىدىكى قاتار دەرەخلەرنىڭ ئۇ، بۇ يېرى سارغايغان.  مەن ماشىنا كىرا قىلىپ ئۆيگە ماڭدىم.  يول بويىدىكى ھەربىر نەرسىگە ئىشتىياق بىلەن قاراۋاتىمەن. ئۈرۈمچىنىڭ ئالدىراش كوچىلىرىدىكى ئادەملەر بۇ يەرگە كەلگەندەك ئالدىراش. چىرايلىرىدىن چارچاشنىڭ ئەنسىرەشنىڭ ئەسىرى قالمىغان ئادەملەر جىددىي نەرسە كېرەك ئالماقتا. ماڭماقتا، يۈگرىمەكتە. نېمىگىلەردۇرۇر جىددىيلەشمەكتە. ئۇلارنىڭ ئالدىراش قەدەملىرىدىن بۈگۈن ئايەم كۈنى ئىكەنلىكى يادىمغا كەلدى. بۈگۈن بىزنىڭ ئۆيگە ئايەملەپ ھەدىلىرىمنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئاپام ئېيتقان ئىدى. «مەنمۇ ئايەملەپ كېلىۋاتىمەن ئاپا» دېدىم ئىچىمدە. بۇ يەردە ئايەم كۈنى بارلىق بالىلار ئاتا – ئانىسى يوقلاپ كېلەتتى. ئۇلارغا ھىيتلىق بېرىلەتتى. دادا،  ئاپىلارنىڭ جېھرىدە كۈلكىلەر ئۈزۈلمەيتتى. ھەربىر ئۆيدە، ھەربىر ئىشىكلەردە ئۇزۇتۇشلار ئەتىدىكى خوشاللىقلارغا يىپىشاتتى. نەۋرىلەرنىڭ قوللىرى لىققىدە پۇلغا تولاتتى. ئۇلار مومىلىرىنىڭ بەرگەن ھېيتلىقلىرى، تىزغان تاتلىقلىرى، ئەتكەن ئۇلار ياخشى كۆرىدىغان تاماقلىرىدا كۈلەتتى. ئۇلار ھەر كۈنى ھېيىت بولۇشىنى تىلەپ قالاتتى. مەنمۇ كىچىك چېغىمدا ئەتە ھېيىت بولىدىكەن دېسە، ئاپام يېڭى تېكىپ بەرگەن كىيىمنى ياستۇقۇم ئاستىغا تىقىپ يېتىپ ئەتىسى دادام نامازغا قوپماي تۇرۇپ كەيۋالاتتىم. ئاشۇ چاغلاردا بىزنىڭ ئۆيدە بىرىمىزنىڭ ئارقىسىدىن بىرىمىز چوڭ بولغاچقىمۇ، ھېلىمۇ دادام ئالتە بالىنىڭ ھەر ھېيىتتا، باشقىلارنىڭ ئالدىدا بوينىنى قىسىلدۇرماي ياشاتقان ئىكەن. ھازىرچۇ،  ھازىر،پىلانلىق تۇغۇتنىڭ سىياسەتلىرىدە ئىككى بالا، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلارغىمۇ يىتىشەلمىگەن ئاتا – ئانىلار. بۇ ئالەمدە ھەربىر يىللارنىڭ ئۆزگىچە باياشاتلىقى، ھەربىر بالىنىڭ ئۆزگىچە رىسقى چېچىغلىق بولىدىكەن.
بېكەتتىن چىقىپ يۇقىرلاپ كېتىپ بارغان ماشىنىدىن يىراقلارغا تېكىلدىم، ئۇ يەر بۇ يەردە تۇرغان ئاپپاق قارلىق چوققىلار. مېنىڭ مەھەللەم. «ئەگەردە مۇشۇنداقلا ئېتىز يولى بىلەن كېسىشىپ ئۆتۈپ كېتىدىغان بولسا يىقىنلا يەر بۇ» دېدىم ئىچىمدە. ئۆتكەندە مانا ئاشۇ ئۇ يەر بۇ يېرىدە ئاپپاق قارلىرى بار چوققىلار ئاپپاق قېلىن قاردا جۇلالانغان، يىراقتىن قارىسا كۈمۈش چوققىلاردىن سارقىغان يالتىراقلاردا كۆزلەر چىمىلدايتتى، مەن شۇ كۈنى توققۇزتارادەك مۇشۇنداق بىر مۇنبەت تۇپراقتا ئۆسۈپ يېتىلىپ قالغانلىقىم ئۈچۈن پەخىرلەنسەم، كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن قەلەمكەشلەر بىلەن دىدارلىشىش مېنى ھاياجانلاندۇرغان ئىدى. مانا مەن ئەسەرلىرىنى ياخشى كۆرىدىغان، سۆيۈپ ئوقۇيدىغان شېريازدان ئەنەيتۇللا («مۇزلىغان قان» ناملىق ھېكايىنىڭ ئاپتورى)،  سەيپىدىن تۇراق(«ئانامنىڭ بايرىمى» ناملىق ھېكاينىڭ ئاپتورى)، غوجائەخمەت نۇرمۇھەممەت(«ئاتچى مەرۇپ» ناملىق ھېكايىنىڭ ئاپتورى)، دىلمۇھەممەت جەفەر («قىز ئەپقىچىش»نىڭ ئاپتورى)، ئابدۇراخمان قادىر  (‹‹ ئېتىز ۋە ئەر ›› ناملىق شىئىرنىڭ ئاپتورى ). قاتارلىقلار بولۇپ نەچچەيلەن يىغىلغان، ئۇلار بىلەن  ئاددىيغىنە سالاملار ئارقىلىق يۈز كۆرۈشەپ، بۇرۇندىن ئەسەرلىرى بىلەن تۇنۇش بولغانلىق سەۋەبىدىن ئاسانلا ئۆز پاراڭلىرىمىزنى قىلىشىپ كەتتۇق. كىملەرنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ مەتبۇئاتلاردا ياخشى باھالارغا ئېرىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە قىسقىغىنە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى. گەرچە سوغۇق كۈچلۈك بولسىمۇ، ھاياجانلىق ئاشۇ مىنۇتلاردىكى قىزغىن سۆھبەتلەردە ئۆز يېزىمغا نىسبەتەن، كۈچلۈك بىرخىل تەلپۈنۈش، پەخرىلىنىش، مۇشۇنداق خەلقنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئىچكى قۇرغاقچىلىقنى يېزىۋاتقان، تۇرمۇشقا بولغان جەڭگىۋار تۇيغۇلارنى ياڭرىتىۋاتقان بۇلارغا ھۆرمىتىم ھەسسىلەپ ئاشتى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇنىرە ئالىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-25 14:48  


ياپيېشىل تاغلارغا بېرىپ سايەھەت قىلىشنى چۈشۈمدە چۈشەيدىغان بولدۇم.  ئوڭۇمدا قاچان ئۇلىشارمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 649
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-12

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 14:48:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىر قېتىم كۆرۈشۈشكە، پىكىرلىشىشكە ۋە بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە زور ئۇتۇق تىلەيدىغان. بىر  قىسىم ئەسەرلىرى بىلەن كەڭ مەتبۇئاتلارغا تۇنۇلغان تۆۋەندىكى يازغۇچى شائىرلار بىلەنمۇ، يەنى مول  ھوسۇللۇق ياش يازغۇچى ، كۆپ ژانىردا قەلەم تەۋرىتىپ كېلىۋاتقان ئەدىب، ھېكايىلىرىدىكى ئىنچىكە تۇرمۇش تەپسىلاتلىرى ئارقىلىق كىشىنى ئويغا سالسا، پوۋېستلىرىدا توققۇزتارانىڭ سېھرىگە تولغان ھېكايەتلىرىنى ئاشكارىلاپ  بېرىۋاتقان ئەنۋەر ناسىرى، ئۇنىڭ مەن «ئەنسىز ئادەم، مېنى كىچىك كۆرمىگىن» قاتارلىق ئەسەرلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. يەنى توققۇزتارادا ئىسمىنى ئاڭلىسىمۇ ئادەمنىڭ ھۆرمىتى قوزغىلىدىغان ، ھەربىر غەزەللىرىدىكى ئاھاڭدارلىق، شىئىرلىرىدىكى تۇيغۇلارنىڭ ئۆزگىچىلىكى بىلەن كەڭ مەتبۇئاتلارغا تۇنۇلغان ئىمام باسىت.  نەسىرلىرىنىڭ  رەڭگارەڭلىكى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن سۈزۈك تۇيغۇلىرىنى ئەركىن ئىپادىلەپ،  ئاياللارنىڭ نازۇك قەلبىنى يۇرۇتۇپ بېرىۋاتقان ماقالىلىرى بىلەن توققۇزتارادا ئۈنتىنسىز خىزمەت قىلىۋاتقان مۇيەسسەر خېلىل.  تور ئەدەبىياتىغا بىر كىشىلىك تۆھپىسىىنى قوشۇپ كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشىىۋاتقان، مۇھەببەت كەشمىشلىرىگە چىلانغان قەلىبلەرنىڭ نازۇك شىۋىرلاشلىرىنى ئىنچىكە تۇرمۇش تەپسىلاتلىرى ئارقىلىق يۇرۇتۇپ بېرىۋاتقان ئەسەرلىرى، بىرخىل ئۈمىدسىزلىكتىن روياپقا چىققان كۈچلۈك قارشى تۇرۇش كۈرۈشى يارقىن ئىپادىلىنىپ تۇرغان شىئىرلىرى بىلەن توردىلا ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان يازغۇچى ۋە شائىرەرىمىز تۇرسۇنئاي سۇلتان  قاتارلىقلارغا بولغان چەكسىز ھۆرمىتىم دىدارلىشىشقا بەل باغلاتقان بولسىمۇ، مەلۇم سەۋەبلەرنىڭ جىددىيلىكى تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ ئۆز ئېغىزى ئارقىلىق توققۇزتارادىكى بۈگۈنكى كۈندىكى ئەدەبىيات قوشىنىدىكى ئىلگىرلەشلەرنى تىڭشاشقا پۇرسەت بولماي قالدى. ئاللا بۇ ئۆمرۈمنى بەرسە ئەنە ئاشۇ قەدىردانلار بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ، مۇڭدىشىپ ئەدەبىياتنىڭ سېھرىلىك بوستانلىرىدىكى كەشمىشلەرنى ئېغىزىدىن ئاڭلاشقا نىسىب قىلىدىغانلىقىغا ئىشنىمەن.
دۆڭمەھەلىنىڭ يان باغرىدا ئۇچقاندەك ئۇچۇپ كېتىۋاتقان ماشىنا، بۇ يوللاردىن تالاي ئۆتكەن، شۇنداق بولسىمۇ ھەربىر يېرىدە ئىزى قالغان مومامنىڭ سىماسى كۆز ئالدىمدىن ئۆتتى. ئۇ مەن ئاغرىپ قالسام يۈدكىنىچە مېنى مانا بۇ مەھەللىنىڭ دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كېلەتتى. كۆز ئالدىمدا مومامنىڭ ئاشۇ كۆتۈرەڭگۈ چىرايى پەيدا بولدى. مومام ناھايىتى چاققان ۋە دادىل، مۇھەببەت ۋە نەپرىتى ئېنىق ئايال ئىدى. ئۆيدىكى يەتتە بالىنىڭ ھەممىسى مومامنىڭ باشقۇرۇشىدا ئىقتىدارلىق ئادەملەردىن بولۇپ يېتىشكەن بولغاچقا. مەن بۇ  ئۆيدە مومامنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتىم. ئۇنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا، ئۇ مېنى ئوقۇشقىلا ئۈندەپ بىرەر ئىشنىمۇ قىلغۇزمايتتى. «كەلگۈسىدە باشقىلارنىڭ قولىغا قارىمايدىغان، ئۆز ئالدىڭغا تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغان ئادەم بولۇپ يېتىش» دەپ تۇراتتى. ئىمتىھانلاردا يۇقىرى نومۇر ئېلىپ قالسام مېنى رىغبەتلەندۈرۈپ دەپتەر، قەلەم ئېلىپ بېرەتتى. مانا بۇ ئۆيدىكى يەتتە بالىنىڭ ھىچقايسىسىدا مومامنىىڭ ئاشۇ ئېسىل مىجەزلىرىنىڭ ھىچقايسىسىنى تاپقىلى بولمايدۇ. مومامنى سېغىنىپ قالدىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇنىرە ئالىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-25 14:49  


ياپيېشىل تاغلارغا بېرىپ سايەھەت قىلىشنى چۈشۈمدە چۈشەيدىغان بولدۇم.  ئوڭۇمدا قاچان ئۇلىشارمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 649
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-12

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 14:50:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇدۇل كەتكەن تەرەپتىكى يولدا مېنىڭ ئۈچ يىللىق بالىلىقىمنى قۇچاقلىغان  «4- ئورتا مەكتەپ»نىڭ بايرىقى كۆرۈندى. مانا بۇ يەردە مېنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان قىزغىن ئۈچ يىللىق ھاياتىم ئۆتكەن. ئاشۇ چاغلاردا ئۆز ئېغىزى ئارقىلىق يېزىۋاتقان ھېكايىلىرى «يەر ئاستىدىكى مەخپىي تەشكىلات»، «ئۇچار ئادەم»،«تاشقى پىلانىت ئادىمى» قاتارلىقلارنى ئېيتىپ بېرىدىغان. بىر تۈ*ركۈم ھېكايىلىرى بىلەن بىزدەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ئەسلىنىپ ئۆتىدىغان ئۇستازلىرىمىزنىڭ بىرسى نۇرتاي مەمەت كۆز ئالدىمدا نامايان بولدى. ئۇنىڭ بىزگە ئېتىپ بېرىدىغان ھېكايىلىرى ئىچىدىكى ئاددىي پىرسوناژلىرى قەلبىمىزدە ئۇيۇلۇپ قالغان بولۇپ بىر يەرگە ساۋاغداشلار يىغىلىپ قالساقمۇ، «نۇرتاي مۇئەللىمنىڭ ھېلىقى ھېكايىسىنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلاشقا نىسىب بولمىدى، ھېلىقى بىزگە ئېتىپ بەرگەن رومانىنى يېزىپ بولغانمىدۇ؟» دىيىشكىنىمىزچە بىرمۇنچە سوئال قويۇپ ئەسلەپ كېتىمىز. ئۇنىڭ كېيىنچە مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنغان «تۆمۈر كالا» ناملىق ئەسىرىنىڭ زور ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن خوشال بولغان ھەمدە ساۋاغداشلار بىلەن يىغىلىپ قالساق ئۇنىڭ كېيىنكى ئىجادىيىتىگە زور ئۇتۇقلارنى تىلەپ قالاتتۇق. ئون يىلدىن كېيىن، تور ئەدەبىياتىنىڭ قىزغىن ئىشتىراكچىلىرىدىن بولغاندىن كېيىنكى بىر كۈنىدە ئۇستازىم نۇرتاي مەمەتنى ئىزدەپ ئۆزەمنىڭ قايتا قولۇمغا قەلەم ئالغانلىقىمنى ئېيتىپ كۆرەشكەن ئىدىم.
تۇيۇقسىز ئاشۇ بىر كۈنلەردىكى ئۇنتۇلغۇسىز مىنۇتلار گىرەلىشىپ قول تۇتۇشۇپ ئالدىمدىكى يولغا تاشلاندى. تولۇقسىز ئۈچىنچى يىللىقتا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىم ئىدى. جىددىي ئىمتىھان تەييارلىقى بىلەن يۈرۈۋاتقان ئاشۇ كۈنلەردە يېڭى مۇئەللىمنىڭ بىزگە سىنىب تەربىيىچى قىلىپ بەلگىلىنىشى بىلەن گەرجەستىبانۇم ئابلىز(«شېرىپ كېسەك» ھېكايىنىڭ ئاپتورى). بىلەن ئاشۇ جىدديچىلىك ئىچىدە ئۇچراشتىم. ھېلىمۇ ئېسىمدە ئەتىياز مەگىلى بولغاچقا بىزنىڭ ئەدەبىيات گورجىكىمىزنىڭ بۇ يىلقى مۇسابىقىسى يېقىندا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغانلىقتىن، جىددىي شىئىر يېزىش بىلەن ئالدىراش قەلىمىمنى چىشلەپ يۈرەتتىم. يەنە شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىزنىڭ سىنىپتا كۈچلۈك رومان ئوقۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن بولۇپ شۇ ۋاقىتلاردا « قۇرەيىش قىزى»، «يەر» ، «چالىقۇش »، «ئۆتكەن كۈنلەر» ، «جۇۋۇلىق خېنىم» قاتارلىق ئەسەردىن ئالغان تەسىراتلار سىنىپنى قاپلاپ دېگۈدەك ئوشۇق ئىشلارغا مەشغۇل بولالمايدىغان ۋاقىتلار ئىدى. پائالىيەت ۋاقتىنىڭ قىستاپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ ئاخىرى ئىككى كوبلېت شىئىر يېزىپ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىز  نۇرتاي مەمەتكە كۆرسەتتىم. ئۇ «بۇ شىئىرنىڭ ئىككىنچى كوبلېتىدا يەنە ئاخىرى باردەك چىقىپتۇ، داۋاملاشتۇرۇپ يېزىڭ» دېدى. مۇشۇنداق پەيىتلەردە نەدە مەندە ئۇنى داۋاملاشتۇرغىدەك قەلەم كۈچى بولسۇن. شۇڭا يازالماي تاشلاپ قويدۇم. ئەمما، ئەتىسى پائالىيەت ئۆتكۈزۈلمەكچى ئېدى. ئەتىسى ئەتتىگەندە سىنىپتا بىشىمنى تاتىلاپ ئولتۇرسام گەرجەستىبانۇم مۇئەللىم «ئاخىرىنى بىرلىكتە چۈشۈرەيلى» دەپ ئىككى مىسراسىنى مەن، ئىككى مىسراسىنى ئۇ يازغان بولدى. مەن بۇ شىئىرنى ئېلىپ مۇسابىقىگە قاتناشتىم. قاتنىشىپ ئاز كۈندىن كېيىن بۇ شىئىرىم رادىئو ئۇزۇلىدا ئاڭلىتىلدى. ئىككى كۈن ئۆتمەي ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچۇمنىڭ «بۇ شىئىرنى ئۆزىڭىز يازماپسىز» دەپ 25 بالىنىڭ ئالدىدا مېنى تەنقىدلىشى بىلەن مەن  يىغلاپ سالدىم. كېيىنچە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىز بۇ شىئىرنىڭ ئۈچۈنچى كوبلېتىدا ئىككى خىل تۇيغۇ بولۇپ قالغانلىقىنى، بىر – ئىككى كوبلېتىقا پەقەت ماس كەلمىگەنلىكىنى قايتا چۈشەندۈردى. مەن چۈشەنگەنمۇ بولدۇم. ئەمما شۇندىن بېرى قولۇمغا قەلەم ئالساممۇ كۈندىلىك خاتىرە يازسام يازدىمكى ھەرگىز شىئىر يازمىدىم. شۇ ۋاقىتلاردا قاتتىق چۈشكىنلىشىپ ئۇستازىم گەرجەستىبانۇمغىمۇ ئېيتمىدىم. ئۇنىڭ بىلەن تۈزۈك بىر شىئىر ھەققىدە پاراڭلاشماي تۇرۇپ ئۇ يۆتكىلىپ كەتتى. بۇ  ئۇستازىمنىڭ  ئەسىرىنى كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولالىغان. بۇ ئۇستاز بىلەن ھازىرغىچە قايتا بىر كۆرۈش نىسىب بولمىدى. شۇندىن بېرى ھەر قېتىم ئاشۇ رادىئودا سىنىپ باشلىقىمىزنىڭ سۈزۈك ئاۋازىدا ئاڭلىتىلغان شىئىرىم يادىمغا كەلسىلا مېنى يىغا تۇتىدۇ. مانا شۇندىن كېيىنكى 10 يىلدا مەن قولۇمغا قەلەم ئېلىپ باقمىدىم. نېمىشقىكى بۈگۈن بارلىق مەندىن خوش دېگەن ئادەملەرنى ئەسلەپ قېلىۋاتىمەن.
بىزنىڭ كەنىتكە ماڭىدىغان ئۇزۇن تېرەكلىك يولغا ماشىنا ئەگىلدى. ماشىنىنىڭ ئەينىكى چۈشۈردۈم،تولۇقسىز مەكتەپتە ئوقۇۋاتقىنىمدا ۋەلىسپىت بىلەن كۈچەپ پىدىۋالدىنى تېپىشلىرىم، مانا ئون بەش ئائىلىلىك ئۇرۇنلاشقان مومامنىڭ مەھەللىسى، مەھەللىدىن كۆتۈرۈلگەن جىددىيچىلىك. بۇرۇنقىدەك تېرەكلىك يوللىرى تامام كېسىلگەن، چۆلدەرىگەن ئۇزۇن كوچىنىڭ ئۇ بېشىدا بوۋامنىڭ ئىشىك ئالدىدا بىر كىمنى كۈتۈشى. مېڭىش، كېلىش ئالدىدا ئۈنسىز ياش تۆكۈشى. ماشىنا دۆڭدىن پەسكە چۈشتى. خىياللىرىم تامام ئۇچتى. بىز بۇ يولدا ۋەلىسپىتنىڭ تورمۇزىنى تۇتۇپ چۈشىمىز، تورمۇز بولمىسا مېڭىپ چۈشۈشلىرىمىز، خېلى يەرگىچە پىدىۋالغا بارمايدىغان پۇتلىرىمىز. سەللە دىققەت قىلمىساق يان تەرەپتىكى ئېرىققا موللاق ئېتىشىمىز. ئاھ ئاشۇ ۋاقىتلار. مومامنىڭ مېنى «ئاپىرىپ قويىمەن» دەپ زەيكەشكىچە يولغا سېلىشلىرى. ئۇھ، زەيكەشكە قارىدىم، زەيكەشنىڭ سۈيى بىرخىل ئاستا ئاقماقتا. يول بويىدىكى خازانلار ماشىنىڭ ئىتتىك مېڭىشىدا ئۇچماقتا.
بەلگە كەلدۇق. بۇ يەرگە كەلگىچە ۋەلىسپىتنىڭ پىدىۋالىنى كۈچ بىلەن تېپىپ  تەرگە چۆمگەن يۈزلىرىمىزنى ئەرتىپ دەم ئېلىشلىرىمىز. قىزارغان يۈزلەر. بۇ يەرنىڭ بەل دەپ ئاتالغىنىغا ئۇزۇن بولغاندۇ. بەلكىم بۇ ئۇزۇن كەتكەن يولنىڭ ئوتتۇرىسى بولغاچقا شۇنداق ئاتالغاندۇ. مەن ئەتراپقا سەپسالدىم. دۆۋە - دۆۋە قوناق شاخلىرى، شامالدا ئۇچماقتا. ئېتىزلاردا كالىلارنىڭ مۆرەشلىرى، يوللاردا زەيكەشكە سۇغا بارغان كالىلارنىڭ مۆدۈرەشلىرى. ئوتتۇربۇلاققا كەلدۇق، بۇ يەردە مېنىڭ بالىلىقىم، سانساناقسىز ئاياغ ئىزىم، سانساناقسىز مەن ئەسلەشكە، مەن ئۇنتۇشقا بولغان ئەسلىمىلىرىم ياتماقتا.ئۇدۇل كەتكەن يولنىڭ چوققىسدا  دادامنىڭ تۇپراق بېشى، ئۈجمە دەرخى مېنىڭ كەلگىنىمنى دادامغا  ئېيتىپ بەرمەكتە. دادام، ئەتە تاڭ سەھەر بىلەن قىزىنىڭ ئۆزىنى  يوقلاپ چىقىشىنى كۈتمەكتە.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇنىرە ئالىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-25 14:51  


ياپيېشىل تاغلارغا بېرىپ سايەھەت قىلىشنى چۈشۈمدە چۈشەيدىغان بولدۇم.  ئوڭۇمدا قاچان ئۇلىشارمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 649
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-12

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 14:52:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماشىنا ئاستا  ئوڭ قول تەرەپكە قەيرىلدى، مەن سول قول تەرەپكە ناھايىتى بىرخىل خوشاللىقتا، پەخرىلىنىشتە قاراپ قويدۇم. ھېلىمۇ ئېسىمدە ئۆتكەندە قىشتا يەنە ئاشۇ كۈنلەردە، ئابلەتنىڭ سەمىمىي سالاملىرىنى ئېلىپ ئابدۇخېلىل مېرخېلىلكامنىڭ ئۆيىگە بارغىنىم. ئۇنى تولۇقسىز مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىمدە ئىلى دەرياسىدا چىقىدىغان شىئىرىلىرى بىلەن تۇنۇغان بولساممۇ، مانا ئاشۇ مەن دادام بىلەن بىر قېتىم بۇلاقلىرىدىن سۇ ئىچماي ئۆتمەيدىغان مۇيۈنگۈزەدىكى بۇ شائىرىمىزنى يوقلاپ چىقىشقا پۇرسەت بولماي يۈرەتتى. يەرلىك پۇراقلىرى كۈچلۈك شىئىرلىرى بىلەن نۇرغۇن قەلەمكەشلەرنىڭ ھۆمىتىگە ئېرىشكەن ئابدۇخېلىل ئاكىمىزنىڭ ھويلىسىغا كىرىشىمگە يېنىككىنە قەدەملىرى بىلەن ئىللىققىدە كۈلۈمسىرەشلىرىنى ئېلىپ چىققان ئۇنىڭ چوڭ قىزىنىڭ ماڭا تەئەججۈپ بىلەن قارىشى. ئابدۇخېلىل ئاكىمىزنىڭ بىر قىسىم پەتىچىلەر بىلەن مەن ئولتۇرغان ئۆيگە كىرىپ بىردەمدىن كېيىن پەتىچىلەرنىڭ ئۇزۇتىلىشىغا قېلىنغان چاچچاقلىرىدا تېلىقىپ كۈلۈشلىرىم. ئۇنىڭ  «مەن مۇھەممەتجان راشىدىن، توختاش بەكرى، بۇغدا ئابدۇللا، ئابدۇساتار ناسىرى ... قاتارلىق شائىرلىرىمىزنىڭ شىئىرلىرىنى ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن. شۇڭا مېنىڭ شىئىرلىرىمدا كۈچلۈك ئەنئەنىۋىيلىك مەۋجۇت. » دېگىنىنى ئاڭلىۋالغىنىم قالدى .ئەسلىدە بۇ ئاكىمىز بىلەن ئوبدانراق پاراڭلىشىش ئويۇممۇ بار ئىدى ئەمما، ۋاقتىمنىڭ قىسلىقى سەۋەبىدىن بايا بۇلارنىڭ ئۆيىگە كېلىش جەريانىدا يولدا ماشىنا ساقلاپ بىر سائەت ۋاقتىم كېتىپ قالغان ئىدى. مەن  ئۇنىڭ  ئەڭ ئاددىي تىللار بىلەن گۈزەل تۇيغۇلارنى سۈرەتلەپ  بېرەلەيدىغان شىئىرىلىرىدىكى بىرخىل قورۇقماسلىق جەسۇرانە روھىغا ئاپىرىن ئېيتىپ خوشلىشىپ يېنىپ چىقتىم.
يەنى مەن بىر قەدەر تۇنۇش بولغان ۋە تورلاردا ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ تۇرۋاتقان ئۇستازىم نۇرمەمەت تۇرسۇن ئۇمۇ مېنىڭ باشلانغۇچتىكى ئوقۇتقۇچۇم ئىدى.ئۇمۇ مۇشۇ مەھەللىدە بولغان بولسىمۇ، تېلفون نومرىنىڭ يوقلىقى سەۋەبىدىن ئۇنى ئىزدەشكە پۇرسەت بولماي قالدى. مەن بۇ ئۇستازنىڭ شىئىر يازىدىغانلىقىنى كېيىنچە ئۇنىڭ ئىلى دەرياسىدا ئېلان قىلىنغان «توققۇزتاراغا تېز سىزما» دېگەن شىئىرىدىن بىلگەن ئىدىم. ئۇنىڭ بىلەن يەنە تور دۇنياسىدا ئۇچرىشىپ ئۇنىڭ يېقىندىن بېرىقى يېزىۋاتقان شىئىرلىرى بىلەن ئۇچراشتىم. گەرچە شىئىر يېزىش ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەس بولسىمۇ، ئەمما شىئىرنى شىئىرىي مۇھىتتا ئوقۇپ چىقىش مەنچە بەك مۈشكۈل. كىچىكىمدىن شىئىرغا ئامراق بولغاچقىمۇ ئەڭ ئاۋال ژورناللاردىن تاللاپ شىئىرنى ئوقۇپ خاتىرەمگە كۆچۈرۈپ ئاندىن ھېكايە، پوۋىتىسلارغا ئۆتەتتىم. شۇ ۋەجىدىن يېقىندىن بېرى نۇرمەمەت مۇئەللىمنىڭ توردا يېزىۋاتقان شىئىرلىرى بىلەن بۇرۇنقى يازغان شىئىرى ئوتتۇرسىدا مەلۇم بىر بوشلۇق بولغانلىقىنى ئىلغا قىلالىدىم. مەندە ئۇنى دەلىل ئىسپات بىلەن كۆتۈرۈپ چىققۇدەك ئۇماچ يوق. شۇنداق بولسىمۇ مۇشۇ يەردە بۇ ئىككىلىك سۆزۈم ئارقىلىق مۇئەللىمنىڭ تېخىمۇ تىرىشىپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مانا مۇشۇ قەدىردانلارنى، ئەدەبىياتتىن ئىبارەت مانا مۇشۇنداق بىر قۇدرەتلىك كۈچنىڭ تۈرۈتكىسدە ئۆز يېزىسىنى، ئۆز قەلبىنى يىزىپ قەدىرلىنىشى مېنى ئاجايىپ بىرخىل ئىپتىخارلىققا چۆمۈلدۈرسە، توققۇزتارانىڭ كۈۋەجەپ ئېقىۋاتقان دەريالىرىنى، ياپيېشىل تاغلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بۇ يەرگە بولغان قىزغىن مۇھابىتىنى شىئىرلىرىدا ئىپادىلەپ كېلىۋاتقانلىقىدىن خوش بولاتتىم. ئۇلار شىئىرلىرىدا ئېيتىلىۋاتقان بۇ تاغلارغا، مۇنبەت تۇپراقتا مېنىڭ ئاياغلىرىم چۈكىنىدىن تولىمۇ پەخرىلىنەتتىم. ھازىر مۇشۇ مىنۇتلاردىكى ھاياجانلىرىم  ئۇلار بىلەن قايتا دىدار مۇئەللەقتە بولۇپ پىكىرلىشىشكە ئۈندىمەكتە.
بىزنىڭ كوچىغا كېلىپ قالدۇق.  ھەربىر ئۆيلەردىن قايسى ئۆيگە كەلگەندۇ دەپ قاراۋاتقان كۆزلەر، كىملەرگىدۇر بۇيۇنداشلىرى،دوخمۇشتا تۇرغان ئادەملەرنىڭ گۈررىدە تۇرۇشلىرى. كىمنىڭ ئۆيىدە نېمە بولدى، كىم نېمە تۇغدى، كىمنىڭ قىزى قاچتى. كىمنىڭ كېلىنى تۇغدى، دىيىشىپ بىردەمدىلا پۈتۈن مەھەللىدە ئېغىزدىن - ئېغىزغا كۆچۈپ ئۆزىنىڭ ھېكايىسىنى ئۆزى ئاڭلاپ كۈلىدىغان  دوخمۇش. يازدا كەلسە بىرسىنى تاپقىلى بولمايدىغان دوخمۇش. ھەي توخمۇشتىكى ئادەملەر، سىلەردەك غەمسىز بولۇۋالغۇم كېلىۋاتىدۇ...
مانا بىزنىڭ كوچا، قۇدۇقتىن تاراڭشىتىپ چىلەكلەرنى چىقىرۋاتقان ئادەملەر، مۇزدا تىيىلىپ سۇلارنىڭ تۆكىلىشىگە سەۋەبچى بولغان گۇناھكارلارنىڭ ئۆچرەتتە تۇرۇشى. مانا بىزنىڭ ئىشىك. مانا مېنىڭ بالىلىق ئەسلىمەمنىڭ ھەربىر ھۆجەيرىسىگە سىڭگەن ئۆيۈم. ئۆينىڭ ئالدىدا ماشىنا توختىدى. مەن ئاستا ماشىنىدىن چۈشتۈم. ئاللىقاچان تۈزلەڭلىككە ئىگە بولغان جىمجىتلا تۇرغان قودۇق بېشى مېنى سوغۇقلا قارشى ئالدى، بىر تۈپ ئۈرۈكتىن تۆكۈلۈۋاتقان خازان بىزنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە كەڭ يېيىلىپ تۇراتتى. ئەتتىگەندىن بېرى ئىشىك ئالدىغا چىقىپ نەچچە كىرىپ كەتكەن ئاپام دەرۋازىدىن چىقتى، ماشىنىڭ توختىشى بىلەن يۈگىرىپ چىققان ئاكامنىڭ كەڭ يەلكىنى، ھەدەمنىڭ يىغلاڭغۇ كۆزى، ئاپامنىڭ نەۋرىسىنى سىغىنغان يۈرىكى، سەۋىرنى بەرگەن قەددى ئىگىلگەن، ئۇرۇقلاپ مۆڭدەرەپ قالغان. ئۇنىڭ گەجگىلىرىنى سىلىغىنىمدا ئۇنىڭ مەڭزىگە - مەڭزىمنى باسقىنىمدا، ئۇنىڭ ئىككى ئايدا قانچىلىك جۇدالىق ئازابىدا پۇرچىلانغىنىنى ھىس قىلدىم. مانا مېنى قارشى ئېلىپ كەڭرى يەلكىسىنى تۇتۇپ بېرىپ ئاغرىقتىن زارلىنىدىغان ، مېنى ئىشىك ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا كۈنلەپ كۈتىدىغان دادام يوق. قەلبىدىكى ئامانلىرىنى، يۈرىكىدىكى سىغىنىشىنى ھەممىنى بىزگە تاشلاپ كەتتى. مېنىڭ تارتىشلىرىمغا بوي بەرمەي ئۈنسېلىپ ھويلىنى كۆتۈرۈپ يىغلاۋاتقان سىڭلىم. ئۇنىڭ ھەربىر يىغىلىرى ئىچىگە سىڭگەن  بالىلىقى، ھەدەمنىڭ ئىگىلگەن قەددى، غەم پۇراپ، يىغا پۇراپ تۇرغان كۆزلىرى، ئارانلا دەلدەڭشىپ ماڭا ئىسىلىشلىرى ئىچىدە مەنمۇ قان يامغۇر بولۇپ تۆكۈلدۈم. شۇنداق ھەربىر ئادەم بىرگە دىدار مۇئەللەقتە خوشال بولۇپ، بىرگە قايغۇلۇق غەملىرىنى باغرىدا ئەللەيلىتىپ مانا مۇشۇنداق ياش تۆكىدىكەن. دادامنىڭ ھەربىر سىماسى، ساقامنىڭ  چوڭ ھەدەم، ئاكامنىڭ بالىلىرى ئىچىدە ماڭا ئېسىلىپ «مىنەي ئاپا» دەپ سۆيۈشلىرى. ھويلىنىڭ ھەممە يەرلىرىدە دۆۋىلەگلىك تۇرماقتا. مەن بۇ ھويلىدا مۇشۇنداق قۇتلۇق كۈنلەردە دادامغا يىغلارمەنمۇ، ساقامغىمۇ...

2011- يىل 12- ئاينىڭ 15-كۈنى باشلىنىپ 19- كۈنى تاماملاندى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇنىرە ئالىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-25 14:53  


ياپيېشىل تاغلارغا بېرىپ سايەھەت قىلىشنى چۈشۈمدە چۈشەيدىغان بولدۇم.  ئوڭۇمدا قاچان ئۇلىشارمەن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12
يازما سانى: 591
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2139
تۆھپە : 49
توردا: 760
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-25

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 15:02:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاتىرەلىرىڭىزدىكى پاكىز، چىن ھىسسىياتىڭىزدىن سۆيۈنىمەن مۇنىرە! يېشىڭىزغا ماس بولمىغان ئېغىر-بېسىق، سۇس تەبەسسۇم بىلەن مۇڭلۇق،كۈلۈمسىرەپ قاراشلىرىڭىز ھەردائىم كۆز ئالدىمدىلا.....خاتىرەلىرىڭىز داۋاملاشقاي.

ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 649
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-12

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 15:32:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئوقۇلۇۋاتقان يۈرەك --- گۈلباھار ئەزىز



2012- يىلى 27- يانۋار گۈلباھار ئەزىزنىڭ «يۈرىكىڭنى ئوقۇپ باققۇم بار» ناملىق نەسىرلەر توپلىمىنىڭ نەشىر قىلىش شەرىپىگە ئۆتكۈزۈلگەن ئەنجۈمەنگە تەكلىپ قىلىنغىنىمدىن ناھايىتى خوش بولدۇم.
گۈلباھار ئەزىزدىن بايىنغۇلۇن ئوبلاستىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچى شائىرلارنىمۇ ، يەنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى ئۆزىنى قوللىغان ۋە ئۇنىڭ بۇ خوشاللىقلىرىغا ھەمدەمدە بولۇۋاتقان كۆزگە كۆرۈنگەن ئايال ئاپتورلارنىمۇ تەكلىپ قىلغانلىقى توغرۇلۇق ئۇچۇر تاپشۇرۋالدىم. ھەمدە  مۇشۇنداق قۇتلۇق بىر سورۇنغا مەندەك بىر ئاددىي قىزنىمۇ بۇ شەرەپتىن نائىل قىلغىدىن تولىمۇ مىننەتدار بولدۇم.
2009- يىلدىكى بىر قېتىمقى جالالدىن بەھرام بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتتە، جالالدىن بەھرام  « ئۆتكەندە بايىنغۇلۇن ئوبلاستىدا بىر يىغىنغا قاتناشتىم،  بايىنغۇلۇن ئوبلاستىدا ئايال ئاپتورلار قوشىنىنىڭ ئەڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدىم.  ئۇ يەردە جەمئىي  42 نەپەر ئايال يازغۇچى بار ئىكەن. بۇ ساننى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم» دېگەن ئىدى. مەن بايىنغۇلۇن ئوبلاستى تەسۋەسىدىكى بارلىق ئايال ئاپتورلارنىڭ قوشۇنىنىڭ يەنە نەچچە يىلدا تەرەققىي قىلىپ 60 قا ھەتتاكى يۈزگە بېرىشىنى شۇ ۋاقىتتا تىلىگەن ئىدىم. مانا مەن ئاشۇ ئاپتورلارنىڭ ئونى بىلەن يۈز كۆرۈشەپ كېلەلىسەممۇ بۇ مېنىڭ ئەڭ زور خوشاللىقىم ئىدى. يەنى يىراقتىن كەلگەن ئەزىزلەر بىلەن دىدارلىشىشنى ئويلاپ ئاشۇ كۈننى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتتۈم.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇنىرە ئالىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-25 15:32  


ياپيېشىل تاغلارغا بېرىپ سايەھەت قىلىشنى چۈشۈمدە چۈشەيدىغان بولدۇم.  ئوڭۇمدا قاچان ئۇلىشارمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 649
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-12

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 15:33:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

26- يانۋار


بۈگۈن ھاۋا شۇنداق ياخشى بولۇشىغا قارىماي، قېلىن كىيىۋالغان چاپىنىمنىڭ ياقىسىنى سوغۇق كۆتۈرۈشكە مەجبۇرلايتتى. ئىشىكىم ئالدىدىكى پاكىزە قارلار ئۈستىگە چۈشكەن ئاياغ ئىزىمدا نېمىگىدۇر مەندىكى غالىبلىق، خوشاللىق ھەممە ئۆز ئەكسىنى كۆرمەكچىدەك ئۇچۇپ يۈرەتتى. ئايىغىم ئاستىدىكى قارلارنىڭ يۇمران بەدەنلىرىگە سىڭگەن سىغىنىشىمنى يۈدۈپ ئۇزۇن يوللۇق بىكەتكە كەلدىم.
تالاي قىستىلىشلار، تالاي كۈتۈشلەر، تالاي ئۇزۇتۇشلار مانا مۇشۇ بىكەتتىن باشلانغان ئەمەسمۇ، مەنمۇ مېنى كۈتۈۋاتقان، يولۇمغا قاراپ تەلمۈرۈۋاتقان، مەن ياخشى كۆرگەن ئادەملىرىمنى مۇشۇ بىكەتتە ئۇزاتقان، مۇشۇ بىكەتتە كۆزلىرىمگە بېسىپ كىرگەن توغانلارنى ئاچقان ئەمەسمىدىم.
قىستىلىپ يۈرۈپ، نەچچە كىشىلەرنىڭ غۇدۇراشلىرىدا، قانچە ئادەملەرنىڭ سىلكىشلەشلىرىدە ئۈچ قېتىم بىلەت ساتىدىغان يەرگە بېرىپ ئاخىرى بىلەتنى ئالدىم. بىلەت قولۇمدا ماڭا قاراپ كۈلمەكتە. مېنىڭ غالىبلىقىمنى تەبرىكلىمەكتە. ئۆيۈمدە مېنىڭ ئىشتىن كېلىشىمنى تەققەزارلىق بىلەن كۈتۈپ تۇرغان ئاپام، ھىجرانلىق داۋانلىرىدىن بىزگە كۈلۈپ تۇرغان ساقام، مېنىڭ خوشاللىقىمنى خوشاللىق بىلىپ ئۈمىد كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ تۇرغان سىڭلىمغا سەۋىر تاقەت تىلىمەكتە. «ئۆزەمنىڭ سەپەر سومكامنى مۆرەمگە ئېسىپ ماڭالىغانلىقىم بۇ شەھەردىكى بىردىن بىر غەلبەم» دەپ  ئۈنسىز يۈرىكىم شىۋىرلىماقتا.
كېتىۋاتىمەن،  قىزىل تاغلار بويلىرىدا قۇملار مۇڭدىشىۋاتىدۇ. كېتىۋاتىمەن. يوغان - يوغان قارا تاشلارنىڭ ئۆڭكۈرلىرىدىكى كىچكىكىنە تۆشۈكتىن شۇڭغۇپ ئۆتۈۋاتىمەن.
بۇ مېنىڭ جەنۇب سەپىرىمنىڭ تۇنجىسىمۇ ئەمەس، شۇنداق بولۇشىغا ئەگىشىپ يەنىلا ھاياجانلىق دەقىقىلەرنى كۆز ئالدىمدىن ئۆتكۈزۈۋاتىمەن. كېتىۋاتىمەن. بايىلا شۇڭغۇپ باش ئۈستۈمدە تۇرغان قۇياش تاغلار ئارقىسىغا ئۆزىنى ئېتىۋاتىدۇ. «مەن قۇياشنىڭ پاتقاندىكى قىزىللىقىغا ئامراق» دەيتتىم ئۆزۈم ئاڭلىغۇدەكلا قىلىپ. چۈنكى مەن مۇشۇنداق كۆنۈپ قالغان پىچىرلاشقىلا.
بىر چاغلاردا داۋانچىڭنىڭ دادۇرىنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ مەھەللىسىنى ئارىلاپ يۈرگىنىمنى قاقشال دەرەخلەرگە تىكىلگىنىمچە ئەسلەپ قالدىم. شۇنداق مەن بۇ سەپەرلىرىمگە يانداش بولغان ھەربىر ئەسلىمەمنى پەقەت ئەسلەيمەن. تىپىرلاۋاتقان ئەسلىمىلىرىم ماڭا تۇنۇش بولغان ھەربىر سەپىرىمدىكى خاتىرىلىرىمنى ۋاراقلىتىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ.
ئابتوبۇسنىڭ ئەينىكىگە تىرەلگەن كۆزلىرىمدە قاپقارا قورام تاشلاردىن پۈتۈلگەن ئاجايىپ  كۆرۈنۈشلەر نامايان بولماقتا. مانا ئالدىمدا قەد كۆتۈرگەن تاغلار ماڭا ئۆزىنىڭ قەيسىرانە يۈرىكىنى ئېيتىپ بەرمەكتە. مەن كىتابلاردا ئوقۇيدىغان قورام تاشلارنىڭ بەسىتلىرىگە بۈگۈنلا نەزىرىمنى ئاغدۇرۋاتىمەن.
«قاراڭ، ئاۋۇ تاش تىمساھقا ئوخشايدىكەن»، «قاراڭ، ئاۋۇ تاش دىنازاۋۇرنىڭ تاشقا ئايلانغان ئىسكىلىتىگە ئوخشايدىكەن»، «قاراڭ، ئاۋۇ تاش قىرغاۋۇلغا ئوخشايدىكەن، مەن قىرغاۋۇلنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئېتىلىپ كۆزلىرىنىڭ ئوچۇق قالىدىغانلىقىنىلا كۆرگەن»، «قاراڭ، ماۋۇ تاشنى بىرسى قاناتلىرىنى كەڭ يايغان بۈركۈتكە ئوخشىتىپ ياساپ قويۇپتۇ...» مەن ئىچىمدىكى تەكرار ھاياجانلىق كۆرسەتمىلەرگە تىكىلمەكتىمەن. كۆز ئالدىمدىكى قاراڭغۇلۇققا بارغانسېرى تىقىلىۋاتقان تاغلارغا ئۆزەمنىڭ بۇ سەپىرىنىڭ ئاق يوللۇق بولۇشىنى دىدارلارنىڭ غەنىمەت ئېلىشىنى تىلەۋاتىمەن.
ئۆتكۈنچى قاردەك سايا تاشلىغان «غىرىبلىق» مېنى ئەسلىمىلەر ئىچىدىن تارتماقتا. مەن  دەرىزىنى بويلاپ ئېقىۋاتقان بارلىق خىيالىرىمنى يىغدىم. بۇ يوللار مەن ئۈچۈنلا ئېچىلغاندەك، بۇ يوللاردا سانسىز ئادەملەرنىڭ قەلبى يۈرىكىنى مەن كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇۋاتقاندەكلا ھاياجانلىنىۋاتىمەن.
«قارا شەھەرگە كەلدۇق» بۇ ئاۋازدىن بايىلا يۇمۇلغان كۆزلىرىم ئېچىلدى. بايىلا چۈشۈمدىكى ئەنسىز بىر كىچەم ئاياغلاشتى. بايىلا تېخى شوپۇرغا تاپىلىۋەتكەن «مېنى ئاشۇ يەردە ئويغىتىۋەت، ئۈنلۈك ۋارقىرىۋەت» دېگەن سۆزلىرىم ئەسلىنى كۆردى. ھاياجانلانغان سىغىنىشلىرىم يۈرىكىمدىن يۈگىرىپ چىقىپ كەتكەندەك ئاياغلىرىم قارا شەھەر قارلىرىغا چۈشتى.
قار غاچىلدىماقتا. مەن يوللۇرۇمغا تەشنالىقتا تىكىلگەن ئاشۇ كۆزلەرنى كۈتۈۋاتىمەن. يېنىمدىن  ئۆتۈۋاتقان ماشىنىلارنىڭ سىگناللىرىدا مېنى «سىڭلىم» دەپ باغرىغا باسقان، غىرىبلىق باسقان ئۆيۈمدە كىچىلىرى قوپۇپ ئۈنسىز نىدا قىلغان ھەدەمنى كۈتۈۋاتىمەن. يوللارغا قارىدىم، قىزىل يېشىل ئالمىشىپ يېقىلىۋاتقان چىراغلاردىن يۈرىكىمدىكى كىملەرگىدۇر نىدا قىلدىم «ھەي باغرى تاش، مەن ھاياتلا بولىدىكەنمەن. مەندە بىر سېغىنىش ھۆرمەت كۈۋەجەپ ئاقىدىكەن مەن مانا مۇشۇنداق سەپەر سومكامنى يۈدۈپ يۈرەلەيمەن».
جىپ قىلىپ توختىغان ماشىنىدىن ئۆزىنىڭ گۈزەللىكىنى، ئۆزىنىڭ قەيسەرلىكىنى يۈركىگە يېزىۋەتكەن گۈلباھار ھەدەم ماشىنىدىن چۈشتى. گەرچە كۆرۈشمىگىنىمىزگە بىر يىل بولغان بولسىمۇ،  كىتابىنىڭ چىققانلىقىنى ۋاقتىدا خاتىرىلەپ ئۆزەمنىڭ قەلبىنى ئىزھار قىلىپ بولالمىغان بولساممۇ، نېمىشقىكى ئۇنى كۆرۈپ كۈلگۈم، ئۇنىڭ ئۈمىد بىلەن تىكىلگەن كۆزلىرىگە ئۇزاق تىكىلدىم.
ئۇنىڭ بىلەن قايتا - قايتا قۇچاقلىشىپ بىر – بىرىمىزگە سىغىنىشلىق قەلبىمىزنى دەۋاتقىنىمىزدا ئۇنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلدۇق.  بوسۇغىدىن ئوڭ پۇتۇمنى ئېلىپ ئۆي ئىچىگە كىرىشىم بىلەن ئايال كىشىلەرگە خاس ئىتتىك كۆزۈم ھەممە يەرگە تەكشى قاراپ ئۈلگىرىپ بولدى. تۆت تەرەپتىكى مۇڭلىنىپ تۇرغان تاملاردىن بىرخىل ئىرادە ماڭا قاراپ تىكىلمەكتە. مەن ئوڭايسىزلاندىم. ئۆزەمنىڭ ئىجارە ئالغان ئۆيۈمدىكى «مەن قەيسەرلىك بىلەن ياشاۋاتىمەن!» دەپ يېزىۋالغان تۆت تامدىكى خەتلەردىن ئۇيالدىم.  ئۇدۇلۇمدا ئىككى قات جازىغا رەڭلىك قىلىپ تىزىپ قويغان قېلىن- قېلىن كىتابلارغا تىكىلگىنىمچە ئالدىمغا يۈگىرىپ چىققان گۈلباھار ھەدەمنىڭ ئۆزىدەكلا ئىرادىلىك ۋە ئوماققىنە قىزغا قاراپلا تۇنۇۋالدىم. ئۇ يۈگرىپ  كەلگىنىچە خۇددى مېنى بۇرۇنلا ئاپىسىدىن ئاڭلىۋالغاندەكلا. خۇددى بۇرۇندىن تارتىپ مېنى تۇنۇيدىغاندەكلا مەڭزىمگە چوككىدە سۆيدى. ئۇنىڭ مەڭزىلىرىدىكى زىناقلىرىغا چوڭقۇراق تىكىلىپ قاراشتىن خىجىل بولغان كۆزلىرىم بىلەن ئۇنىڭ كۆزلىرىگە چوڭقۇر مېھرىم بىلەن تىكىلدىم. بۇ مەن تالاي رەت ئىسمىنى ئاڭلىغان، تېخى بىرەر رەت كۆرۈشۈپ باقمىغان ئادىلە ئىدى.
گۈلباھار ھەدەم چاي دەملىگىلى ئاشخانا ئۆيىگە ئۆتۈپ كەتتى. يالغۇز قېلىشىم مېنىڭ ھەربىرى نەرسىلەرگە قارىشىمغا شارائىت ھازىرلىغاندەك بويۇندىماقتىمەن.  مەن گۈلباھار ھەدەمنى تۇنۇغان كۈندىن تارتىپ ئۇنى ئۆي ئىشلىرىغا پىشقان، پاكىزە ئايال دەپ ئويلايتتىم. مانا ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئۇنىڭ مەن ئويلىغىنىمدىن پاكىز ۋە مېھرىبانلىق بىلەن ئۆي تۇتۇلايدىغان خىلدىكى ئايال ئىكەنلىكىگە يەنە بىر قېتىم ئىشەندىم. ئاپپاق رەڭلەر بىلەن بىزەلگەن سافالارنىڭ تۇشقۇشلىرىدىن، يەرگە سېلىنغان يىكەنداز كۆرپىلەرنىڭ زىقزىقلىرىغىچە. لوڭقۇلارغا سېلىقلىق ئاپپاق گۈللەرنىڭ ئاقلىغا سىڭگەن ئۇنىڭ كۆڭلى مۇشۇ تۇرقىدا مېنى تېخىمۇ ھاياجانلاندۇرماقتا ئىدى. «بىر ئايال كىشىنىڭ قانداقلىقى ئۆي تۇتۇشىغا باغلىق» دەيدىغان گەپلەرنى كىچىكىمدىن ئاڭلاپ كېلىۋاتقان بولساممۇ، قايىل بولماي يۈرەتتىم. مانا بۈگۈن بۇنداق سۆزلەرنىڭمۇ ھەقىقىي ئېيتىلغانلىقىغا يەنە بىر قېتىم چىن پۈكتۈم. مەن ئورنىمدىن تۇرۇپ ھەربىر جازىلاردىكى رەت تەرتىۋى بىلەن تۇرغان كىتابلارغا قاراپ ھەۋەسلەندىم. ئۆزەمنىڭمۇ كەلگۈسىدە مۇشۇنداق بىر ئۆيۈم بولسا قەيەرگە قارىسام كىتاب تۇرسا. مۇشۇ كىتابدىن پەخىرلەنسەم دەپ ئويلاپ ئۈلگۈردۈم.
گۈلباھار ھەدەمنى مەن دائىم قەيسەر دەيمەن. ئۇنىڭ قەيسەرلىكىنى مۇشۇ كىتاۋىنى چىقىرىش جەريانىدا تارىتقان جاپالىرى دەپ ئويلاپ يۈرەتتىم. ئۇنىڭ ھەربىر ئېغىز ئۆيى خۇددى ئەر باردەك سەرەمجانلاشتۇرۇلغانلىقىنى كۆرۈپ يەنە بىر قېتىم كۆزلىرىمگە ياش ئالدىم. گۈلباھار ھەدەم ئۆزى باشتىن ئاياغ بۇ كىتابىنىڭ ھەربىر بەتلىرىگە، ھەربىر خەتلىرىگە چاپتى. ئۇنىڭ ئۈرۈمچىگە قانچە قېتىم قاتىرغانلىقىنى بەلكىم ھىچكىم بىلمەس. ئۇنىڭ تالاي رەت ئاشۇ ئاپپاق پەردىلەرگە قاراپ ئولتۇرۇپ قولىدىكى ئىستاكدىكى قەھۋەدىن ئوتلىغانلىقىنى ھىچكىم كۆرمەس. ئۇنىڭ قانچە قېتىم تايانىچسىز قول كۆتۈرۈپ بۇ كىتابنى چىقىرىش جەريانىدا كۆز يېشى قىلغانلىقىنى بەلكىم ھىچ كىشى كۆرمىگەندۇ. بىراق، ئاخىرى باش كۆتۈردى. ئاخىرى بىر گۈلدەستە تىزدى. ئاخىرى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىدە داغدام يول ئاچتى. ئۇنىڭ قەيسىرانە يۈرىكىدە گۈرۈلدەپ كۆيۈۋاتقان ئوت ئۇنى ئۆيگە كىرسە ئانا، تېشىغا چىقسا دادا ، چوڭ ئۆيگە بارسا ياخشى قىز قىلىپ يېتىشتۈردى. ئۇنىڭ يۈرىكىدىكى ئوت كۆيگەنسېرى ئۇ «باشقىلارغا يالۋۇرغاندىن قولۇڭدىكى پۇلغا يالۋۇر» دەيدىغان سۆزنى يېڭىپ،  زېممىسىدىكى ئېغىر ئىقتىسادىي بېسىمدىن سىلكەنگىنىچە ئورنىدىن تۇردى.  ئۇنى ھىچنەرسە يىقىتالمىدى. ئۇنىڭ ئۈزلۈكسىز بەرداشلىق بېرىشى ئۈچۈن يۈرىكىدىكى ئوت ئۇلغۇيۇپ كۆيدى. مانا ئۇ ئوت تالاي قەلىبلەردە ھۆرمىتىنى تاپتى.  مەن مانا مۇشۇ قۇلارنى يېزىۋاتقىنىمدا، ئۇنىڭ ھاياجانلىنىپ كەتكەن يۈرىكىنى ئوقۇيالىغان بولسام ئىدى دەپ ئويلاپ قالدىم.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇنىرە ئالىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-25 15:33  


ياپيېشىل تاغلارغا بېرىپ سايەھەت قىلىشنى چۈشۈمدە چۈشەيدىغان بولدۇم.  ئوڭۇمدا قاچان ئۇلىشارمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 649
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-12

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 15:34:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
27- يانۋار

بۈگۈن ھاۋا بۆلەكچىلا نۇرلۇق كۆرۈنەتتى. تۈنۈگۈن قاپقاراڭغۇلۇققا سىڭگەن چىراغلار ئاستىدىكى شەھەرنى بۈگۈن قانغىچە كۆرمەكچى بولغاندەك ئەتراپقا تىكىلمەكتىمەن. يېنىمدىلا كېتىپ بارغان يىراقتىن كەلگەن ئەزىزلەرنىڭ چاڭىلداشلىرىغا سىڭگەن ھاياجانلاردىكى كۈلكىلىرىنى، قايدۇ قىزلىرىنىڭ مېھماندوستلۇقىغا سىڭگەن، دوستلۇق مېھرىدىكى قەلبلىرىگە يۇشۇرۇنغان بىرخىل بېغىشلاشنى كۆرۈپ، بۈگۈنلا «دوستلۇق» سۆزىنىڭ مۇقەددەس بۇرچىنى ھىس قىلىۋاتىمەن.
مەرىكە زالىغا كىردۇق. ئەتراپتىكى ئالقىشلار ئىچىدىن نۇرغۇن تۇنۇش كۆزلەرنى كۆرۈپ يۈرىكىم دۈپۈلدەپ سوقۇشقا باشلىدى. دىدارلىشىش مېنى تەگسىز ئارمانلارغا يول ئالدۇرماقتا. مانا قەلىبلىرىمدىن ئۇرۇن ئېلىپ قارا شەھەردىكى ھۆرمىتىمىزگە سازاۋەر ئەدىب «كىرورەندىكى ئىزچىلار» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى مويدىن سايىت ئاكىمىز، «ئۇ دۇنيادىن كەلگەن ئادەم» ناملىق ئەسىرى بىلەن كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلگەن ھۈسەن روزى ئاكىمىز، يەنە بىر قىسىم ھېكايىلىرى بىلەن تۇنۇش بولغان قەلىبلەر. ھاياجانلانماقتىمەن. مۇشۇ مىنۇتلارنى كىملەر كۈتمىگەن ھە!
ئۇدۇلۇمدىكى مېھرىبانلىق چىقىپ تۇرغان كۆزلەردىن ئېقىۋاتقان ياشلىرىنى يېڭى بىلەن سۈرتىۋاتقان گۈلباھار ھەدەمنىڭ دادىسى ئەزىزكام. يېنىدا مۈرىسىگە ئارتىۋالغان بۆرتىمشالدا يۈزلىرىنى توسۇپ يىغلاۋاتقان ئانىسى. يېنىدا ئوماققىنە ياسىنىپ ئانىسىغا گۈل تۇتقان ئادىلە. ھەممىمىزنىڭ كۆزىدە ياش، قەلبىمىزدە بىر دۆۋە ئارمان چىچەك ئاچماقتا. «ئەر يىغلىسا پۈتۈن كائىنات يىغلايدۇ» دەيدىكەن بەزىدە. بىزمۇ، مۇشۇ سورۇنغا داخىل بولغان بارلىق گۈلباھار ھەدەمنىڭ مېھمانلىرى ئەزىزكامنىڭ سەھنىگە چىقىپ كۆزلىرىدىن ئاققان ياشلىرىغا قاراپ ئۇلۇغ تىندۇق. ئېسەدەپ ياش تۆكتۇق. گەرچە سەھنىنىڭ ئوتتۇرسىدا قىزىغا تىكىلگەن كۆزلىرىدە ھەممىنى سۆزلەپ تۇرغان ئەزىزكامنىڭ شۇ چاغدىكى ھېسسىياتىنى كۆزلىرىدىن تۆكۈلگەن ياش ئىپادىلەپ تۇراتتى. گۈلباھار ھەدەمنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ، ئادىلەنىڭ پىشانىسىگە سۆيۈپ تۇرغان گۈلباھار ھەدەمنىڭ ئانىسى ئەتراپتىكىلەرگە پەخىرلىك تىكىلمەكتە. مەن تۇيۇقسىز دادامنى ئەسلەپ قالدىم. مېنىڭ داداممۇ شۇنداق بىر  پەخرىلىنىپ كۆزلىرىنى ئەتراپقا تىكىشنى ئويلىغان بولغۇيدى. ئالتە بالىسىنىڭ بىرسىنىڭ بولسىمۇ ئۇتۇقلىرىنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان بولغۇيدى- ھە! بىراق، بىز ئالتە بالا ئالتە خىل ھايات كەشمىشىدە ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇشىنى قامداپ ياشىماقتىمىز. گەرچە ئۇلۇغۋار غايىمىز بولسىمۇ، تاغدەك يۆلەنچۈكىمىزدىن ئايرىلغىنىمىزغا چىن پۈكۈپ «بۇ ھايات شۇنداق ھاياتكەن» دەپ ياشاۋاتقاندۇرمىز.
ئالقىشلىق سادالاردىن ئۆزەمگە قايتىپ كەلدىم. مانا ئالقىشلارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق بىر  ئۇتۇقى ئۈچۈن ياڭراۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ھامىنى بىر كۈنى مۇشۇنداق بىر گۈلدەستىنى دەستىلەپ قارا شەھەردىكى بارلىق ئەزىزلىرىگە سۇنۇدىغانلىقىغا ئىشەنىچ باغلىغان گۈلباھار ھەدەم. ئۇ ئۆزىنىڭ قەلبىدىكى ھەربىر تىنىشلىرىنى، ئىزگۈ تىلەكلىرىنى، قومرالماس ئەقىدىلىرىنى، غايىلىرىنى، گۈلگۈسىدىكى نىشانىنى، بۈگۈندىكى قەدىر – قىممىتىنى. ھۆرمىتىنى قىلىۋاتقان ئەزىزلەرگە چوڭقۇر كۆزلىرىدىكى  ئاجايىپ بىرخىل ھۆرمەتتە سالام قىلماقتا. بۇندىن كېيىنكى نىشانىنى قەلبىدە تىكلىمەكتە. ئۇنىڭ ئۈچۈن خوشال بولۇپ چاۋاك چېلىپ ئالقىش ياڭرىتىۋاتقان ئاتا - ئانىسىغا، يۈرىكىدىن مىڭ مەرتىۋە ساغلاملىق تىلىمەكتە.  ئۇنىڭ قەلبىدىكى بىر ئېغىر تىنىشىغا جور بولۇپ دوستلۇق شامىدىن ئېرىۋاتقان يىراق يېقىندىن كەلگەن دىلكەش دوستلىرىنىڭ كۆزلىرىدىكى ياشلار ئۆز گۇۋاھلىقى بىلەن ھۆرمەت تاپماقتا. پەخىرلەنمەكتە.گەرچە ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بىرى دوستتىنىڭ ھامىنى مۇشۇنداق بىر گۈلدەستىنى ئۆزلىرىگە سۇنىدىغانلىقىنى تۇيغان مېھنەتسىز قايدۇ قىزلىرى گۈلباھار ھەدەمنىڭ كۆزلىرىدىن تۆكۈلگەن ياشلىرىغا ھەمدەمدە بولۇپ ياش تۆكمەكتە. ئادىلەنىڭ «ئانام، ھەممىدىن قەيسەر ئانا» دەپ جاراڭلىق توۋلىغان ئاۋازى،  مانا ئالقىش سادالىرىمىزدىن ئىزگۈ تىكەلەرگە داۋا بولۇپ ھەرقانداق بىر تىلەكلەردە  ھەمداستىخان بولۇپ كېلىۋاتقان چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ قىپقىزىل ئوتقاشتەك گۈللىرى بىلەن «گۈلباھار، يۈرىكىڭنى ئوقۇپ باققۇم بار» دېگەن تىۋىشلىرى. مانا ئۇدۇن قىزى مېھرىگۈل ئابلىزنىڭ «باھارنى، ئىزدەپ كەلدىم» دېگەن يۈرەك ساداسى. مانا سائادەت ساتتارنىڭ دوستلۇق قەلبىگە سىڭدىلىپ كەتكەن «دوستلۇق قەسىدىسى»نىڭ مۇڭلۇق  كۈيى. مانا تەقلىدىي ئاۋازى ئارقىلىق ئالىي تىكلەرنى بىلدۈرۈۋاتقان «ساجىدە سۇلايمان، رەشىدە مۇھەممەد، تۇرسۇنئاي سۇلتان، رىسالەت مەردان، مەلىكە مۇھەممەد»لەرنىڭ ئالەمشۇمۇل تىلەكلىرىگە چىلىنىۋاتقان چاۋاكلار.
ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى تىنىمسىز قوللىغان شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىدىكى ئەخمەتجان ئاكىمىز بىلەن ياسىنجان ئاكىمىز. ئۇلارنىڭ «يولدىن ئۆتۈپ كېتىش» سەۋەبىدىن ئەنجۈمەدە ھەمدەستىرخان بولۇش شەرىپىدە قىزغىن چاۋاكلارنى چالماقتا. ئۇلار گۈلباھار ھەدەمنى ئەسەرلىرى بىلەن تونۇپ، ئەسەرلىرىنى كەڭ خەلق ئاممىسىغا مەتبۇئات يۈزىدە كۆرسىتىپ قوللاپ بەرگەنلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇلار گۈلباھار ھەدەمنىڭ مۇشۇنداق بىر نەتىجىلىرى بىلەن مۇبارەكلىنىدىغانلىقىنى، ئالقىشلارغا ئېرىشىپ قالىدىغانلىقىنى تۇنجى ئەسەرلىرىنى گېزىت يۈزىدە ئېلان قىلىۋاتقىنىدا بىلگەندۇر بەلكىم.
«يازغۇچىلىقنىڭ تولىمۇ تەس، مەسئۇلىيەت ئېڭى كۈچلۈك بولغان مېھنەتسىز كەسىپ» ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ گۈلباھار ھەدەمنىڭ بۇ ساھەدە يەنىمۇ ئىلگىرلىشىنى تىلەۋاتقان ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، بىزگە تۇنۇلغان شائىر ئۆمەر مۇھەممەت ئىمىن كىرورەن. مانا بىر قىسىم شىئىرلىرى بىلەن كۆرۈشمىگەن بولساممۇ،  ئۆزىنى كۆرۈپلا تۇنۇۋالغان رېھانگۈل سەپەر. ئۇ ئۆزىنىڭ قەلىبىدىكى ساۋاغداشلىق ۋە كەسىپداشلىق روھىيىتىدە تۇرۇپ ناخشا ئېيتماقتا. مانا ئۇنىڭ ناخشىسى بارلىق بايىنغۇلۇن ئوبلاستىدىكى ۋە پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى يازغۇچىلارنىڭ گۈلباھار ھەدەمنى قوللاپ ئېيتىۋاتقان ناخشىشى بولۇپ ياڭرىماقتا.
گۈلباھار ھەدەم ئۆز ئىقتىسادى بىلەن چىقارغان بۇ كىتابىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغانلار كۆپ بولغان بىلەن تېخى سېتىۋالمىغانلار ۋەياكى قولىغا ئېلىپ كۆرمىگەنلەر كۆپ بولۇشى مۇمكىن، گۈلباھار ھەدەم مۇشۇبۇ خاسىيەتلىك دەملەردە بۇ سورۇنغا ئىشتىراك قىلغان ھەربىر ئەزىزلەرگە بىردىن كىتاب سوۋغا قېلدى، نەق مەيداندا 100 دانە كىتاب ئۆز ئىگىسىنى تاپقاندەك ۋاراقلاندى. بەزى قەدىردانلار پەخىرلىنىپ كىتابنى قايتا – قايتا سىلاشتى.مەن ئۇلارنىڭ قوللىرىدىكى ئوتقاش تاشلىق كىتابنىڭ ۋاراقلىنىۋاتقان ئاۋازلىرىنى ئاڭلىغاندەك. گۈلباھار ھەدەمنىڭ يۈرىكىنى كىملەرگىدۇر ئوقۇۋاتقاندەك. ئۇنىڭغا قايىل بولۇپ باشلىرىنى چايقاۋاتقاندەك ھېسسىياتتا بولۇپ كۆزلىرىمگە يەنە بىر قېتىم ئىسسىق ياش ئالدىم. ئۆزىنىڭ ئەمگىكىنىڭ مۇشۇنداق دوست ۋە كەسىپداشلار ئالدىدا ئېتىراپ قىلىنغانلىقىنى كۆرۈش ھەربىر ئادەمگە نىسىب بولۇۋەرمەيدۇ.  مانا مۇشۇنداق دەملەر ھاياتتا پەقەت بىر قېتىم كېلىدۇ. پەقەت بىرىنچى قېتىمدىكى ھاياجانلىنىش ئىككىنچى، ئۈچۈنچى قېتىمقىسىغا پەقەت ئوخشىمايدۇ. مەن ھاياجانلىرىم سىڭگەن مۇشۇ مىنۇتلىرىمدا قەلىب ئىكرانىمنىڭ ئەڭ چوڭقور يېرىدىن ئورۇن ئالغان «نۇرگۈل ئەبەي، ماھىنۇر ئابدىلىم، ئامانگۈل ئەزىز،ھەبىبە تاھىر ... » لەرگە چوڭقۇر سالام يوللىدىم ھەمدە ئۇلارغا ئۆزەمنىڭ قەلبىدە پارلاپ قالغان قىزىقىشنىڭ ھۆرمەتكە، سېغىنىشنىڭ ياۋۇزلارچە ئوت ئېلىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم. يەنى ئۇلارنىڭ  گۈلباھار ھەدەمگە تىكىلگەن كۆزلىرىگە سىڭگەن ئاداقى بىر نۇرنى كۆرگەندەك بولدۇم. ئۇلارنىڭ قەلبىدە كەسىپداشلىقتىن مۇھىم يەنە بىر نۇر پالدىرلىماقتا.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇنىرە ئالىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-25 15:34  


ياپيېشىل تاغلارغا بېرىپ سايەھەت قىلىشنى چۈشۈمدە چۈشەيدىغان بولدۇم.  ئوڭۇمدا قاچان ئۇلىشارمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش