مۇھەببەتتىن نىسىۋە ئىزدەش ------ساجىدە سۇلايمان
«ساجىدە سۇلايماننىڭ <ئانامنىڭ خاتىرىسى>، <يۈرىكىم سىزگە ئامانەت قالدى> دېگەن ئەسەرلىرىنى توردىن ئاڭلاپ بەك ھاياجانلاندىم. نېمىدىگەن يېقىملىق ئەسەر ۋە يېقىملىق ئاۋاز ئۇ. <ساجىدە سۇلايمان> دېگەن سۆزنى ھەربىر تور بەتلەردىكى ئاۋازلىق ئەسەرلەردە ئاڭلىساممۇ ماڭا تولىمۇ تونۇشتەك، سىرداشتەك تۇلىدۇ» دېدى ئەمدىلا مەكتەپ پۈتتۈرگەن سىڭلىم ئوتلۇق كۆزلىرىنى يىراق يىراقلارغا تىكىپ تۇرۇپ. كۈلدۈم. ساجىدە ھەدەم ئۈچۈن كۈلدۈم. سىڭلىم «مۇھەببەتتە مېنىڭمۇ ھەققىم بار» دېگەن سۆزنى ئاڭلىسىڭىز تېخىمۇ كۆزلىرىڭىز نۇرلىنىپ كېتەرمۇ؟! دەپ ئىچىمگە ئاستا شۇڭغۇدۇم.
بۇندىن ئىككى ئاي ئىلگىرى «گۈلباھار ئەزىز»نىڭ كىتابى چىققانلىق ئەنجۈمەگە تەكلىپ قىلىنغاندىمۇ مەن خوش بولغان ئەتراپىمدىكى مېنى ئىززەتلىگەن ئادەملەرگە جاۋاب بولغۇدەك ئىشلارنى قىلىپ بېرەلمىسەممۇ، يۈرىكىمدىن چىقىرىپ ئۇلارنىڭ خوشاللىقلىرىغا تەڭ ئورتاقلىشىشنى كۈتكەن ئىدىم. باھاردىكى ئىللىق كۈنلەرنىڭ جېھىرىدىكى خوشاللىقتىن ھاياجانلىنىپ ئۆتۈۋاتقان مۇشۇنداق بىر كۈنلەردە ساجىدە ھەدەمنىڭ «كىتاب چىقىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئەنجۈمە»گە تەكلىپ قېلىنغىنىمدىن تېخىمۇ ھاياجانلاندىم. دەسلەپ كىتاب چىققاننى ئاڭلىغاندىكى ھاياجانلىرىم قېتىلىپ مېنى ئاشۇ كۈننى يەنە بىر قېتىم كۈتتۈردى. بۇ پائالىيەتنى ئابدۇكېرىم ئاكامنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بۇ قېتىمقى پائالىيەت ۋە ئالدى ئارقىدىكى ئىشلار ھەققىدە كىچىك تىللىرىم بىلەن سۆزلەشكە پۇرسەت بەردى. شۇڭا مەن ئۆزەمنىڭ ئاددىي تىلىكى ئارقىلىق ئۇنتۇلغۇسىز بولغان ئاشۇ كۈننى خاتىرىلەپ كەڭ تورداشلار بىلەن ھاياجانلىق مىنۇتلارغا شىرىك بولۇشىنى ئىزدەپ قالدىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇنىرە ئالىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-25 15:36