ئىگىسى: مۇنىرە ئالىم

مەن يازغان خاتىرىلەر....مۇنىرە ئالىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 634
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-2

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 18:16:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

7- ئاپېرىل شەنبە

تۈنۈگۈن كېچە تاتلىق ئۇخلاۋاتسام، بىرسى تۈرتتى. قارىسام دوختۇر ئەتە باشقا ياتاققا ئالمىشىش ئۈچۈن رەسمىيەت ئۆتەرمىشمەن. شۇڭا ئەتتىگەن تۇرۇپ شۇ ئىشلار بىلەن بەنىت بولدۇم. ئاپامنىڭ قان بېسى نورمال بولغان بىلەن باشقا يەرلىرى ئاغرىپ ئارام بەرمەيتتى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن باشقا ياتاققا ئالمىشىپ كېسەللىك سەۋەبىنى ئېنىق دىئاگنوز قۇيدۇرۇپ چىقىپ كېتىش مەقسىتىدە قىزغىن كۆرۈشەشلەر، قىزغىن تىلەكلەر، قىزغىن خوشاللىقلار ۋە كۆنۈپ قېلىشتىكى ئايرىلىشقا بەرداشلىق بېرىپ بىز ياتاقنىڭ رەسمىيەتلىرىنى بىجىرىشكە باشلىدىم. شۇنداق بۇ ياتاقتىكى بارلىق ھەممىگە شۇنداق كۆنگەن، ئۇلارمۇ بىزگە مەندەك توختىماي كوتىلداپ تۇرىدىغان قىزغا كۆنگەن ئىدى. «سىز چىقىپ كەتسىڭىز زىرىكىپ قالىدىغان بولدۇق» دەيتتى تېخى ئالدىنقى كۈنى كىرگەن 108 كىلو كېلىدىغان زۆرەم ئاپام. ئۇنىڭ بېلىكىگە قان بېسىم ئۆلچىگۈچ كەلمەي قان بېسىمىنى تۇراقلاشتۇرالماي دوختۇرلار ھېلىدىن ھېلى تەكشۈرۈپ تۇراتتى. ئۇ «بىر ۋاقىتلاردا شۇنداق ئىشلىگەن ئىدىم ئېسىت. ئۇرۇق ئەبگالا قىز ئىدىم». دەپ ۋايساشلىرىدا ئۇنىڭ ئەتراپىدا ھېلىدىن ھېلى ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇرىدىغان تۇققان، قېرىنداش ۋە بالىلىرى بۇ ياتاقنى ھاياجانغا تولدۇرۇپ تۇراتتى. پەقەت بىزلا جىممىدە. ئۆز ئىشلىرىمىز بىلەن خىيالىمىز بىلەن ئۇلارغا مەسلىگىمىز كېلىپ ئولتۇراتتۇق ئىشىك يېنىدا.
چۈشكە يېقىن رەشىدە ھەدەم يەنە قولىدا تاماق قاچىسى يېتىپ كەلدى. مەن ئۇنىڭ ئاياغ تىۋىشىنى يەنە بىر قېتىم ئاڭلىۋالدىم. ئۇنىڭ قولاشقان ھەرىكەتلىرىگە سىڭگەن ماس قەدەملىرىدىن چىققان ئاياغ تىۋىشىگە مەن ئامراق بولۇپ قالدىم. تەكشىلىكتە، چەپدەسلىكتە چىققان بۇ ئاياغ تېۋىشى دوختۇرخانىدىكى ھەممە ھەممە ئاياغ تىۋىشىدىن ياڭراق ئىدى. ھەم ھىچكىم ئۇنداق ماڭالمايتتى. مەن ئۇنىڭ ئاياغ تىۋىشىگە سىڭگەن مېھرىبانلىقىدا ئۇنى قارشى ئالدىم. توققوزتارا ھەققىدە قىزغىن سۆزلەپ بەردىم. گەرچە توققۇزتارانىڭ كىچىككىنە تارىخنىمۇ بىلمەسلىكتەك رىئاللىقىم ئالدىدا، يېزامنى، يېزامدىكى ھەربىر ئېتىزلارغا سىڭگەن تۇيغۇمنى ئۇنىڭغا ئۆز ئەينى ئېتىپ بەردىم. ئۇ بەھرىلەندى. كۈلدى مېنىڭ ھاياجانلانغان قەلبىمدىن ئۇچۇملاپ سۇ ئىچتى.
بۆلەكچىلا سۈرلۈك ياتاققا كىرىپ قالدۇق. بۇ ياتاق ئاۋالقى ياتاقتەك ۋاراڭ – چۇرۇڭغا تولغان ئەمەس، ئاۋالقىدەكلا ئاپتاپ چۈشۈپ تۇرۇغلۇق ئەمەس، پەقەت يول تەرەپكە قارايدىغان دەرىزىدىن ھەرخىل ماشىنىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ ياتاقتىكى بىمارغا ھىچكىمنىڭ كارى يوق. چۈنكى بۇ ياتاقتىكى بىمارلار ئاسان ئاغرىمايدىغان بىمارلار ئوخشايدۇ. ئاشقازان بۆلىمى دەپ يېزىقلىق زال جىمجىت. ئاياغ تىۋىشىنىمۇ ئاڭلاش مۇمكىن ئەمەس. مەن جىمىپ كەتكەن زالدىن بېشىمنى ئېلىپ بەشىنچى قەۋەتتىن پەسكە، دەرەخلەرگە، يولدىكى ئادەملەرگە قارىدىم. ئۇلارنىڭ باش ئۈستىدە لەيلەپ يۈرگەن تۇمانلاردىن زارىقتىم. يەنە كىملەرنىڭدۇر يولىغا قاراپ بۈگۈن كەچنى تولىمۇ تاقەتتە ئۆتكۈزدۈم. كەچ كىردى. مەن كۈتكەن كەچ يەنە ئۆز گۈزەللىكى بىلەن يىيىلىپ چىقىپ كەتمەكچىدەك كۆرۈنىۋاتىدۇ. مەن بەشىنچى قەۋەتتىن يەنە بىر كىملەرنىڭ يولىغا قارايمەن. ئەتە بىر تاڭ ئېتىشىنى شامالنىڭ يۈزۈمنى سۆيۈشىنى كۈتىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇنىرە ئالىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-2 18:22  


ياپيېشىل تاغلارغا بېرىپ سايەھەت قىلىشنى چۈشۈمدە چۈشەيدىغان بولدۇم.  ئوڭۇمدا قاچان ئۇلىشارمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 634
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-2

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 18:22:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

8- ئاپېرىل يەكشەنبە

چۈشكە يېقىن رەشىدە ھەدەم ئۆز تاۋۇشلىرىنى يۈرىكىمگە يېزىم قويۇپ مەن بىلەن خوشلاشتى. مۇشۇ نەچچە كۈندىن بېرىقى زارىقىشلىرىمدا، كۈتۈشلىرىمدە ئۇنىڭ يولىغا تەلمۈرۈشلىرىمدە ئۇنى قانچىلىك ياخشى كۆرگەن بولسام، ئايرىلىش ئاتلىق بۇ سۆزدىن ئۇزىماقچى، ئۇنى قۇچاقلىرىمغا ئېلىپ ئۇزىماقچى بولدۇم. ئەمما بۇ بىر رىئاللىق ئىدى. مەن رىئاللىقتىن قېچىپ قۇتۇلالمايتتىم. شۇنداق رىئاللىق ئالدىدا مەن كەچنىڭ بوسۇغۇسى ئالدىدا،  قويۇق يامغۇردا يۈگرىشىۋاتقان ئادەملەر توپىغا قېتىپ ئۇزۇن يوللۇق بىكەتكە كىرىپ كەتتىم. تۈنۈگۈن ئېلىپ قويغان بىلەتكە كۆز يۈگرىتىپ يەنە شۇنداق يامغۇردىن قېچىپ يۈگرىگىنىمچە ماشىنىغا چىقتىم. غولجا باھار يامغۇرىنى يۈزلىرىمگە زەرىپ بىلەن ئۇرۇپ مېنى قارشى ئالغان بولسا، يەنە شۇنداق باھار يامغۇرىغا قېتىلغان ئىزگۈ تىلەكلىرى بىلەن ئۇزۇتۇپ قويدى. مەن ئاسماندىن چۈشۈۋاتقان يامغۇرلارغا قىيالماسلىقىم بىلەن شەھەردىكى مېھرىبانلىققا تولغان ھەدەمنىڭ گۈزەللىكىنى، سېغىنىشلىق يۈرىكىگە يازغان سەمىمىيلىكىگە چوڭقۇر رەھمەت دېگىنىمچە ئاسمانلارغا بېشىمنى كۆتۈرۈپ قاراپ قويدۇم. ئۆز ۋاقتىدا ئۈرۈمچىنىڭ كېچىسىنىڭ قاراڭغۇلۇقىنى ئېلىپ غولجىنىڭ سەھىرىنى كۈتكەن بولسام. ئەمدى غولجىنىڭ قاراڭغۇلۇقىنى ئېلىپ ئۈرۈمچىنىڭ سەھىرىگە پىچىرلاش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتىم.
2012- يىلى 25- ئاپېرىل يېزىلدى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇنىرە ئالىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-2 18:23  


ياپيېشىل تاغلارغا بېرىپ سايەھەت قىلىشنى چۈشۈمدە چۈشەيدىغان بولدۇم.  ئوڭۇمدا قاچان ئۇلىشارمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 634
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-2

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-18 14:00:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۈجمە پىششىقى ۋە سىركىپتىكى قۇم


10- ماي

باش باھارنىڭ يۈزلىرىمگە ئۇرۇلىشى بىلەن نۇرغۇنلىغان يېڭى بىر كۈنلەرنى كۈتۈۋالدىم. تاڭ سەھەرنىڭ ئاچچىق شامىلى يۈزلىرىمگە نازۇك تۇيغۇلارنى يازغاندا بولسا ھاياجاندىن قېقىلىۋاتقان ئۈجمىدەك تۆكۈلگەن تۇيغۇلارنى يازماسلىققا ئامالىم يوقلىقىنى  يەنە بىر قېتىم ھىس قىلدىم. بۇ يىل يىل بېشىدىن مېنىڭ بېشىمغا قونغان ساياھەتنىڭ دولقۇنى قەلبىمدە مەج ئۇرۋاتقان كۆيۈكلەردە بىر كىملەرنىڭ يوللىرىغا تىكىلىشتىن بېرىپ ئۆز كۈيلىرىمگە يېڭى كۈيلەرنى تېپىشنى راۋا كۆردى. مانا بۈگۈن قولۇمغا قەلەم ئېلىپ ئۆزەمنىڭ ئۈچ يىلدىن بېرقى تەشنالىقىمغا سىڭگەن ئاتەش ماكان تۇرپانغا قاراپ يولغا چىقتىم. گەرچە بۇرۇن ئاتەش ماكان تۇرپاننىڭ ئاپتاپلىرىدا كۆيۈپ، قۇملىرىدەك تۇزۇپ، ئۈزۈملىرىدەك دانە - دانە بولۇپ پىششىپ بېقىشنى ئويلاپ باققان بولساممۇ، ئەمما ھەرخىل سەۋەب ۋە نەتىجىنىڭ يوللۇرۇمدا كەڭ يېيىلىشى بىلەن ئاياغلىرىمنى تۇرپانغا قارىتىپ باقالمىدىم. ئۆتكەندە نەچچە قەلەمكەشلەرنىڭ لۈكچۈن بازىرىدىكى مۇقام يۇرتىغا ساياھەت قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ بىر ئوت يۈرىكىمدە لاۋۇلداپ قالغان ئىدى. مانا بۈگۈن ئاتەش تاغلارنىڭ بەسىتلىرىگە يېزىۋەتكەن ھەيرانلىقىمنى يۇشۇرۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئالدىمدا ماڭا تەمەسىز، مېھرىبان تىكىلگەن كۆزلەرگە ئۇزاق قاراشقا نىسىب ئەيلىگىنىدىن خوشال بولماقتىمەن.
مانا مۇشۇنداق دەقىقىلەر كىشىلەرگە پەقەت بىر قېتىم ئۆز گۈزەللىكى بىلەن ھاياجانلىق قەلىبلەرگە يول ئاچىدۇ. بۇندىن بۇرۇنقى سېغىنىشلار ۋە ياكى ئازابلىق تۇيغۇلىرىمدا بولسۇن، مەن مەلىكە مەمەتنىڭ چوڭقۇر كۆزلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ «باراي دېگەن» ياكى «كېلە» دېگەن سۆزلەرنى قىلىپ باقمىغان ئىدىم. ئۇمۇ تاڭ سەھەرنىڭ مەيىن شامىلىدەك يۈزلەرنى سۆيۈپ ئۆتۈپ كەتكەندەكلا سۆزلىرى بىلەن «كېلىڭ» دەپ باقمىغان. بۇ قېتىم ئۇ قايتا - قايتا ئۇچۇر يوللاپ «كېلىڭ» دېگەن سۆزنى ئېيتىپ باقتى. بۇ سۆز ماڭا بەكمۇ جاراڭلىق ئاڭلانغاندەك تۇيۇلدى. ھەمدە بۇ سەپىرىمدە ساجىدە ھەدەمنىڭ بولۇشى ماڭا يېڭى بىر مەنە ئاتا قىلىدۇ دەپ تېخىمۇ ھاياجانلاندىم ئەلۋەتتە.
مېنىڭ يوللاردا تىماي ساجىدە ھەدەم بىلەن مەيلى ئەسەرلىرى، مەيلى بۈگۈن، مەيلى ئەتىدىكى يېڭى بىر كۈننى سۆزلىشىپ سۆزلىرىمىز قالمىغاندا، يۈرەكلىرىمىز تىپچەكلەپ، ئۇ يەر بۇ يەردىكى يېشىللىققا سەپ سالغاندا يېتىپ كەلدۇق. يول – يوللاردىكى ئەگىمەشلەردىن، تىنجىق  ئاپتاپنىڭ كۆيدۈرۈشلىرىدە تىنالماي قالغان تىنىقلىرىمىزنى چېچىۋىتىپقىنە يېتىپ كەلدۇق. گەرچە «يول ئازابى گۆر ئازابى»دەك دېگەن سۆزنى تالاي ئاڭلىغان بولساممۇ، ھەر قېتىم بىر يەرگە بېرىش ۋە كېلىش جەريانلىرىدا يوللارنىڭ ئازابى ماڭا شۇنداق ھوزۇرلۇق تۇيۇلاتتى. مانا تۇرپان تاغلىرىنىڭ قىزىللىقىغا،  زىرە تېرىگەن ئېتىزلىقلارنىڭ قۇمۇشلىرىغىچە، كارىزلارنىڭ بىزنىڭ ئېتىزىمىزنىڭ قىردەك سۇقۇلغانلىقىغا ھەيرانلىقتا قارىماقتىمەن. گەرچە قۇلاق تۈۋىمدە ياڭراۋاتقان كارىز ناخشىسى مېنى روھلاندۇرۇپ تۇرسىمۇ، مەيىن شامالنىڭ يۈزلىرىمگە ئۇرۇلىشى بىلەن يېزامنى سېغىندۇرماقتا.
مەھەللە دائىرىسىلا يېشىللىق بولغان بۇ ئاتەش ماكاننىڭ ھەر بەش كېلومېتىردا ئوخشاش مەھەللە، يوللىرى، ھەتتا ئۆيلىرىمۇ ئوخشاش. مەن بۇ ھەيرانلىقتىن مەھەللەمنى ئەسلىدىم. بىزنىڭ مەھەللە ھەربىر كوچىلىرى ھەربىر ئادەملەرنىڭ ئۆيىگە چىقارغان پىشايۋانلىرى بىلەن ھەتتا بىر تۈپ ئالمىلىرى، يوغان دەرۋازىلىرى، ئىشىك ئالدىدىكى قۇدۇقلىرى بىلەن پەرقلىق ئىدى. تۈنۈگۈن كەلگەن ئادەم بىرسىنى ئىزدەپ كەلسە ئۇدۇل تېپىپ كېلەلەيتتى. بىراق مەن مەلىكە مەمەتنىڭ ئۆيىنى بىر قېتىم كۆرگەن بولساممۇ، ئوخشاش كوچىلار ئۇچرىغاندا «كېلىپ قالدۇقمۇ نېمە؟!» دېگەن سوئالىم بىلەن بىر قېتىممۇ ئايىقى بۇ يەرگە تەگمىگەن ساجىدە ھەدەمدىن سوراپ قوياتتىم. ئۇ كۈلەتتى. ئوخشاش مەھەللىلەرگە قاراپ ئۇ زەن سېلىشنى مەندىن ياخشى بىلەتتى. شۇڭا مەن ئۇنى «ھەدەم» دەپ ئۇرغۇلۇق ئاتايتتىم.



داۋامى...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇنىرە ئالىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-18 14:02  


ياپيېشىل تاغلارغا بېرىپ سايەھەت قىلىشنى چۈشۈمدە چۈشەيدىغان بولدۇم.  ئوڭۇمدا قاچان ئۇلىشارمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 634
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-2

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-18 14:03:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئىككى كىشلىك ساياھەت ئىككى كىشلىك ھاياجان بەلكىم بىر كىشلىكتىن مىڭ ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ ئەلۋەتتە. توقسۇننىڭ قىيپاش تاغلىرىدىن سېرىلغان قۇملار بىلەن تۇرپاننىڭ ئۇ يەر بۇ يەردە يېشىللىنىپ تۇرغان ئۈزۈم باراڭلىرىدىن ھالقىپ تۇيۇق يېزىلىرىنىڭ قەدىمىي دەرۋازىلىرىدىن قىپقىزىل تاغلىرىغا ئالچەكمەنلىك بىلەن يېيىلغان كۆزۈمدە سىركىپ تاغلىرىنىڭ توققۇزتارادەكلا سالقىن ھاۋاسىغا ئەگەشكەن خىياللىرىمنى يۇغۇشتۇرۇشقا ئۈلگۈرمەي چىقىۋاتقان يېنىك شاماللارغا «ئاخىرى، مەن  كەلدىم» دېگەن خەتلەرنى يېزىپ. مەلىكە مەمەتنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىكى قاتار كەتكەن ئۈجمىلەرنىڭ قۇياشتا پارلىغان سۈزۈك نۇرلىرىغا چۆككىنىمچە دەرۋازىدىن كىرمەيلا بىر تال ئۈجمىنى ئاغزىمغا سېلىشقا مۇيەسسەر بولدۇم. «ھېلى بارىمىز، ھېلى...» دېگەن سۆزلىرىمدە ئون قېتىم دومىلاپ، يەتتە قېتىپ ئېڭىشىپ، سەككىز قېتىم كۈلۈپ ئاران كەۋالدۇق.
تال – تال ئۈجمىلەرنىڭ ئاپتاپتا پاقىرىشى بىلەن مەلىكە مەمەتنىڭ دەرۋازىسىدىلا تۇرۇپ ساجىدە ھەدەم شۇنداق دېدى.«بۈگۈن ئۈجمە يىمەيمەن، تاڭ سەھەردە يەيمەن».  ئەمما بىردەمدىن كېيىن مەلىكە مەمەتنىڭ بىرتال – بىرتالدىن ئۈزۈپ بىزگە سۇنغان ئۈجمىلىرىدىن تالىشىپ دېگۈدەك يېدۇق. مەن بىر چىنە ئۈجمىنى ئۆيۈمدە ئولتۇرغاندەك يەپ يەنە تويمۇدۇم. مەن ئېگىز شاخلاردا مەي بولۇپ تۇرغان قىپقىزىل شەپەقنىڭ نۇرىدا ئاپپاق «مېنى يە» دېگەندەك تۇرغان ئۈجمىلەرگە يەنە قولۇمنى سوزۇدۇم.
بىز سىركىپنىڭ ھەربىر كوچىلىرىنى ئايلاندۇق. مەھەللىنى بىر ئايلىنىپ چىققىچە بولغان ئارىلىقتا ھەربىر ئىشىكتە تۇرغان ئۈجمىلەرگە قول سۇزۇپ ئۈلگۈردۈم. ساجىدە ھەدەم «ھەربىر ئۆينىڭ مېھمىنى بولدىڭىز ھە!» دېگىنىچە «يەڭە، تويۋىلىڭ!» دەپ كۈلەتتى. مەلىكە بولسا ماڭا سىڭايان كۈلۈپ مەھەلىدە بۇنداقمۇ شۇخ، ھەربىر شاخقا قول سوزىيدىغان بىر قىزنىڭ بولمىغانلىقىنى ئىچىدە تەكرارلايتتى. ساجىدە ھەدەم ئەمدىلا تېخى بۇرۇتلىرى خەت تارتقان شاپتۇللارغا ئېغىز تېگىپ بۇ قېتىمقى سەپىرىمىزنىڭ خەيرىلىك بولىدىغانلىقىنى ھەمدە كىچىك ۋاقتىدىكى شوخلىقىنى، قەشقەردىكى ئۆيىنىڭ بېغىدىكى ئۈرۈك، ئانارلارنىڭ گېپىنى قويماي سۆزلەيتتى. ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانسېرى ھاياجانلىناتتۇق. شاخلاردا بىزگە تىكىلىپ تۇرۇپ قارشى ئالغاندەك كۆرەنگەن ھەربىر كۆرگەنلىرىمىزنى ئېلىپ يەيتۇق.مېنىڭ ئۈلگۈرمەي ئۈجمىلەردىن بىر تالدىن بىر تالدىن ئېلىپ يەۋەتقىنىمغا ئۇلارنىڭ مەسلىگى كېلىپ كۈلەتتى. شۇنداق بۇنداق كۈن يەنە كېلەمدۇ. بۇنداق پۇرسەت ماڭا نۇرغۇن كۈتۈشلەردىن كەلگەن، نۇرغۇن سېغىنىشلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەندۈرگەن.  شۇڭا مەن يەيمەن. قوللۇرۇم ھەتتا ئېغىزلىرىم ئۈلگەرمەيدۇ. بىز كوچىلارنى بىرەر قۇر ئارىلاپ كېلىپ بىر چاغلاردا مەن كېچىپ باققان ئېرىقتىكى سۇغا كەچتۇق. بىردەمدىلا ئەتراپقا قاپقاراڭغۇلۇق تىقىلغىلى تۇردى. بىز قىيمىغان ھالدا، تۆت يېرىم سائەتلىك يولدىكى چايقىلىشىمىزغا ئەگىشىپ ئۇيقۇغا كېتىپ قالدۇق.

داۋامى...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇنىرە ئالىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-18 14:06  


ياپيېشىل تاغلارغا بېرىپ سايەھەت قىلىشنى چۈشۈمدە چۈشەيدىغان بولدۇم.  ئوڭۇمدا قاچان ئۇلىشارمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 634
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-2

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-18 14:07:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

11- ماي

تاڭ سەھەر، دەرىزىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن سۇز كىرگەن يۇرۇقلۇقتا ئۇيقۇم ئېچىلىپ كەتتى. شۇنداق بولسىمۇ كۆزۈمنى چىڭڭىدە يۇمۇپ دەرىزىدىن كىرگەن كاككۇكنىڭ، قۇشلارنىڭ ئاۋازلىرىغا قۇلاق سالدىم. بىزنىڭ مەھەللىدە بۇرۇن كىچىك چېغىمدا شۇنداق ئاۋازلارنى ئاڭلاپ قالاتتۇق. ھازىر سېغىزخاننىڭ ئاۋازىنى، قۇچقاچلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالىمەن. ئەمما ئۇزۇن بولغان كاككۇكنىڭ ئاۋازىنى بۇنداق قېتىرقىنىپ بېرىلىپ ئاڭلاپ باقمىغان. كاككۇك ھەققىدە كىچىك چېغىمدا ھېكايە ئاڭلىغان. كېيىن ھىجرانلىقتىن تاۋلانغىنىمدا شۇ ھېكايىگە چىن پۈككەن ئىدىم. شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇ كاككۇكنىڭ ئاۋازى مېنى ھاياجانلاندۇردى. كاككۇك ئۈچ قېتىم ئۇدا، ئالتە قېتىم ئۇدا، يەنە تېخى سەككىز قېتىم ئۇدا بىر سايراپ ئاندىن بىر مىنۇت دەم ئالاتتى. يەنە سايرايتتى. كاككۇكنىڭ ئاۋازى ئارىسىغا قىستالغان يىراقتىن ئاڭلىنىۋاتقان ناغرىنىڭ ئاۋازى مېنى جەلىپ قىلاتتى. ناغرا توختىماي چېلىنىماقتا. مەن ناغرىنىڭ ئاۋازىنى يېڭى ئېچىلغان سودا – سارايلارنىڭ ئالدىدىنلا ئاڭلىغان ئىدىم. شۇڭا مەن قۇلاق سالدىم. قۇلاق تۈۋىمدە ياڭرىغان ناغرىدىن سوئال سورىغۇم. مۇھەببەتلىك كۈيلەردە بىر نەرسىلەرنى جىجىغۇم، كىمدۇر بىرسىنى سېغىنغۇم كەلدى. شۇنداق مېنىڭ ھاياجانلانغان ۋاقىتلىرىمدا جىممىدە كۆزۈمنى يۇمۇۋالىدىغان ئىشىم بار ئىدى. شۇڭا مەن جىممىدە ياتتىم. خىياللىرىمنىڭ بۇرجەكلىرىدە بىر كىمگە مۇڭلۇق نەي چېلىپ بەردىم. نەينىڭ ئاۋازىغا ئىككىمىزنىڭ ۋىسالىنى سىزدىم. تاراقشىپ ئىشىك ئېچىلىپ ئەتتىگەن تاڭنىڭ سۈزۈككىنە يېيىلىشى بىلەن چىقىپ كەتكەن ساجىدە ھەدەم قايتىپ كىردى. ئۇنىڭ نازۇك تىترىشىدىن، نازۇك كۈلۈشلىرىدىن، پەردىنى تېخىمۇ كەڭ ئېچىشلىرىدىن ئۇنىڭمۇ ھاياجانلانغىنىنى، تاڭنىڭ سۈزۈكلىكىدىن كۈلگەنلىكىنى، شاماللارنىڭ يۈزىنى سۆيگىنىدىن خوش بولغىنىنى بىلمەك تەس ئەمەس ئىدى. مەن ئاستا ئۇنىڭغا قارىدىم، ئۇنىڭ قىزارغان مەڭزىلىرىدە كۈلكە، كۈلگەن كۆزىدە ھاياجان، مەڭزىدە قىزىللىق ئۇيۇپ قالغان ئىدى.
ئەتتىگەنلىك ناشتىنى كاككۇكنىڭ تىنماي سايرىشى، قۇشقاچنىڭ ۋىچىرلاشلىرى، ئەگىم شاخلارنىڭ سايىسى ئاستىدا قىلدۇق. بۇ ھويلا ئەنە ئاشۇنداق ھاياجانلىق قەلىبلەرنى ئۇچراشتۇرۇپ ئۆز كۆزلىرىدە قەلبىدىكىنى ئاشكارلىتىپ تۇراتتى. مەن ئاپتاپنىڭ قىزىققىدا سۇنايلىنىپ يېتىپ ئاخشام كۆرگەن چۈشۈم، بۈگۈنكى بارماقچى بولغان يەرلەر ھەققىدە خىيال سۈرۋاتىمەن. بەدەنلىرىمگە ئۆز سېخىيلىكى بىلەن چۈشكەن قۇياش مېنى كۆيدۈرۈپ،  كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىپ قۇمدەك سورىماقچىدەك بارچە جېھرىنى ماڭا ئاتا قىلماقتا. مەن ئاپتاپتىن قىزارغان كۈلكەمنى ئېلىپ لەۋلىرىمنى قاغجىراتقان ئۈجمىنىڭ يېنىغا يەنە كەلدىم. ئۈجمە يىمەكتىمەن. ئۈجمە مېنىڭ لەۋلىرىمدە ئۆز قانائىتىنى تاپماقتا. مەن بالا ۋاقتىمدىكى كۈنلەرنى ئەسلىمەكتىمەن. ھەربىر پارچە خاتىرەمدە شۇنداق، كىچىك ۋاقتىم ماڭا سايا تاشلايدۇ. مەن ئەسلەپ، ئەسلەپ ھارمىغىدەك گۈزەل بىر چۈش ئىچىدە چايقالدۇرۇپ تۇرىدۇ. شۇنداق، ھازىرمۇ مەن كىچىك ۋاقتىمدىكى بارلىق ئەسلىمەمگە مۇجەسسەملەنگەن دادامنى سېغىنىۋاتىمەن. ئاپامنى باغرىمغا باسقۇم كېلىۋاتىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا قەدىرىنى قىلمىغان ئۈجمىلەردىن كەچۈرۈم سوراۋاتىمەن. كىچىك ۋاقتىمدىكى ھەربىر قەدىر – قىممەتنىڭ كوچىسىدا كېتىپ بېرىپ پۇتلىشىپ يېقىلىۋاتقىنىمدىن  ئۆكىنىۋاتىمەن.


داۋامى بار...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇنىرە ئالىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-18 14:09  


ياپيېشىل تاغلارغا بېرىپ سايەھەت قىلىشنى چۈشۈمدە چۈشەيدىغان بولدۇم.  ئوڭۇمدا قاچان ئۇلىشارمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 634
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-2

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-18 17:00:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سائەت ئونلار ئەتراپىدا لۈكچۈن بازىرىغا يېتىپ كەلدۇق. بايىلا ماشىنىدىن كىرگەن مەيىن شامالدا ئەللەيلەنگەن قەلبىمىز ھازىر ھەممە يەرنى قاپلىغان ۋال- ۋۇل ئاپتاپتا كۆيمەكتە. بىز يۈزلىرىمىزنى يەلپۈپ ئولتۇرۇپ« تۇيۇق غوجام مازىرى» سەپىرىگە ئاتلانماقتىمىز. بەلكىم نۇرغۇن ئادەملەر بۇ ئاتەش ماكاننىڭ «تۇيۇق غوجام مازىرى» دېگەن سۆزىنى ئاڭلىغان بولغىيدى. ھەمدە بىر قېتىم ساياھەت قىلىش توغرۇلۇق كۆڭۈللىرىگە پۈككەن بولغىيدى. بىزمۇ شۇ. شۇڭا ھاياجانلىق دەقىقىلەرنىڭ قىستىشى بىلەن تويۇق مەھەللىسىگە ئاندىن تۇيۇق مېڭئۆيىنىڭ  تاغ قاپتىلىغا جايلاشقان ئورنىغا قاراپ ماڭدۇق. بىز قىيپاشلانغان تاغ باغرىغا كېلىپ توختىدۇق. بۇ يەردە «تۇيۇق مىڭئۆيى» ۋە «1957- يىلى 1- ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان» دېگەن خەت يېزىقلىق تاش پۈتۈك باركەن. بۇ تاش پۈتۈك «1999- يىلى 8-ئاينىڭ 18- كۈنى پۈتۈنلگەن» ئىكەن.  ئاندىن شۇنىڭ ئالدىدا ھارۋىچىلىك يەرگە يېيىغلىق «توخماق، تەڭنە، جىن چىراغ، ساپال چۆگۈن...» قاتارلىق قەدىمىيلىكى چىڭىپ تۇرغان يايمىنى ئۇچراتتۇق. ئاندىن كېيىن سەل يان تەرىپىدە بىر موماينىڭ ياغلىق، ئۈجمە ۋە باشقا نەرسىلەرنى سېتىپ تۇرغانلىقىنى كۆردۇق. ھەم ئۇنىڭغا سالام بەردۇق. سەل ئۈستىگە ماڭساق «ئەسھابۇل كەئىبە مازىرى» ، «ناھىيە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئورۇن. كۆلىمى 10000 كىۋادىرات مېتىر ، پىچان ناھىيىسى مەدەنىيەت يادىكارلىقلار ئىدارىسى، 2007- يىلى 8- ئاي» دېگەن خەتلەر يېزىقلىق تاش پۈتۈكتىن بىرنى ئۇچراتتۇق. بۇ تاش پۈتۈكنىڭ سول تەرىپىدىن باشلانغان قەۋرىلەردىن تاغ باغرىغىچە سوزۇلغان قەۋرىلەرنى ئۇچرىتىپ ھەممە يەرگە قاراۋاتىمىز. ئوڭ قول تەرىپىمىزدىمۇ شۇنداق قەۋرىلەردىن قاتار كېتىلگەن قەۋرىلەر بار بولۇپ، بۇ يەرنىڭ تۆت ئەتراپى ياپيېشىل، تىكلىنىپ ماڭغان قەۋرىلەرنىڭ ئۈستىدىرەك بىر گۈمبەز بار بولۇپ نەق شۇ يەردە تىكلىنىپ ماڭغان پەلەمپەيلەر تۈگەيدۇ. مەن «ئەسھەبۇل كەئىبە مازىرى»نىڭ ھەممە يېردىن تۆكۈلۈپ تۇرغان بىرخىل مۇڭنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بۇزۇلۇشقا باشلىدى. مەن بۇ يەردە «ئەسھەبۇل كەئىبە مازىرى» توغرۇلۇق كۆپرەك سۆزلەشكە، كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىمنى تەسۋىرلەشكە ئاجىزمەن.
بىر سائەت ئەتراپىدا يۈزلىرىمىز قىزارغان، ئاپتاپتىن چىڭقالغان مەڭزىلىرىمىزنى سىلىغىنىمىزچە، «سول قول تەرەپتىن كىرىپ ، ئوڭ قولدىن چىقىڭلار» دېگەن سۆزلەرگە چىن پۈككىنىمىزچە تاغ باغرىنىڭ ئەڭ ئىچىدىكى ئۆيدىن يېنىپ چىقتۇق. مەن تەپسىلىي خاتىرىلىۋىلىش ئۈچۈن ئىككى تەرەپتىكى يېشىللىقنى، قىپقىزىل تاغلاردىكى ھەيۋەتنى. بىرسىنىڭ ئۈستىگە بىرسى چەللە قىلىپ سالغان ئۆيلەرگە قاراپ ئۈلگۈرمەيتتىم. بىز بۇ يەردىن چۈشۈشكە ئاز قالغاندا 40 نەپەردەك خوتەن دىيارىدىن «ئەسھەبۇل كەئىبە مازىرى» ساياھەت قىلىش ئۈچۈن كەلگەن بىر توپ ئاياللارغا دۇچ كەلدۇق. ئۇلارنىڭ بۇ پەلەمپەيلەرگە تاشلىغان قەدىمىدىن ھاردۇق پۇراپ تۇرسىمۇ، ئەمما شۇنداق روھلۇق ئىدى. تېخى ئىككى ئايال قوللىرىنى چىڭڭىدە تۇتۇشۇپ «ئايەت» ئوقۇپ چىقىپ كېتىپ باراتتى. بىز بىرەر قۇر رەسىملەرگە چۈشۈپ چىقىپ كېتىش ئېغىزى يەنى «ئەسھەبۇل كەئىبە مازىرى» دېگەن تاش پۈتۈككە كەلگىنىمىزدە يەنە ئوتتۇز نەپەر تۇڭگانلارنى ئۇچراتتۇق. ئۇلارمۇ ھەيرانلىقتا، بىرخىل قىزىقىشتا ئاستا قەدەملىرى بىلەن پەلەمپەيگە ياماشماقتا.   بايىلا تېخى ئىككى بالىنىڭ زور قىزىقىشتا «بىسمىللا» دەپ قەدەملىرىنى ئېلىپ ئوتتۇز نەپەر، قىرىق ياشتىن يۇقىرى  ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ئاياللارنى ئېلىپ بىز بىلەن بىرگە چىققىنىنى كۆرگەن ئىدىم. شۇ ۋەجىدىن بۈگۈنكىدەك بىر كۈندە ئادەملەرنىڭ شۇنداق كۆپ ۋاقتىدا كەلگىنىمىزدىن مەڭزىلىرىم قىزىل بولسا، مۇشۇنداق يىراق – يىقىندىن «ئەسھەبۇل كەئىبە مازىرى»نى كۆرگىلى، تارىخىنى ئاڭلىغىلى كەلگەن ئادەملەرنىڭ كۆپلىكىدىن ھاياجانلىناتتىم.



SUNP0235.JPG




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇنىرە ئالىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-18 17:05  


ياپيېشىل تاغلارغا بېرىپ سايەھەت قىلىشنى چۈشۈمدە چۈشەيدىغان بولدۇم.  ئوڭۇمدا قاچان ئۇلىشارمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 634
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-2

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-18 17:13:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاشۇنداق ھاياجاندا، يەرلىك كىسەكتە قوپۇرۇلغان تېشىنى تەپتەكشى قىلىپ سامان لايدا سۇۋۇدىلغان بۇ قەۋلەرگە خوش دېگىنىمىزچە «ئەسھەبۇل كەئىبە مازىرى» دىن يېنىپ يەنە ئاشۇ تويۇق كوچىلىرىدىن غۇيۇلدىغىنىمىزچە ئۆتۈپ سائەت 11 دىن 10 مىنۇتلار ئۆتكەندە لۈكچۈن بازىرىغا جايلاشقان «جۇڭگۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى<تۇرپان مۇقامى> ۋارىسلىق قىلىش مەركىزى» گە كەلدۇق. بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى شۇنداق سالقىن بولۇپ، بايىلا قىزىغان يۈزلىرىمىزدە ھەممە يەرنىڭ سوغۇق تەبىئىتىنى سۆيۈپ ھاراتتۇق. پەلەمپەي شەكىللىك ئۇدۇل كەتكەن يولدىن «تۇرپان مۇقامى»غا ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەن ھەمدە مۇشۇ بىنانى سالدۇرغان ۋاقىتلار تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن يەرلەرنى كۆرۈپ يېنىپ چىقتۇق. ئەبسۇس، بۇ يەردە تارىختا ئۆتكەن مۇقام ئەۋلادلىرىنىڭ رەسىمى ئاستىغا خەنزۇچە چۈشەندۈرۈش بېرىلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرچە بىرمۇ خەتنى كۆرگىلى بولمايدىكەن. ھەمدە بۇ يەرگە قارايدىغان ئادەمنىڭ يوقلىقى سەۋەبىدىن بەكمۇ كۆپ ئايلىنىشمۇ قىلماي ياپيېشىل چىملىقلاردا، سۈپسۈزۈك يۇپۇرماقلار ئاستىدا ئىككى پارچە رەسىمگە چۈشكىنىمىزچە قايتىپ چىقتۇق.
ئاندىن لۈكچۈن بازىرىغا ئۇلىنىپ كېتىدىغان يولدا «خانلىق مەدرىس» نىڭ ئىچىدە زىيارەتتە بولدۇق. «خانلىق مەدرىس يەنى مىلادى 1490- يىلى سېلىنىشنى باشلىغان. مىلادىيە 1495- يىلى رەسمىي پۈتكەن» بۇ مەدرىس ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە مەدرىس بولۇپ، ئۇنىڭ ئېگىز مۇنارلىرىدىن، سۇۋاق تاملىرىغىچە قەدىمىي پۇراقلار سىڭىپ تۇراتتى. ئاندىن مەدرىستىن چىقىپ قىزغىن كۈتۈشلەردىن زوقلانغىنىمىزچە لۈكچۈن قويلىرىنىڭ پۇتىنىڭ ئەڭ تاتلىق گۆشلىرىدىن ئېغىز تېگپ ۋال – ۋۇل ئاپتاپنىڭ ئىچ – ئىچىمىزنى قىزدۇرۋاتقانلىقىنى توختىماي داتلىغىنىمىزچە مەلىكەنىڭ ئۆيىگە كەلدۇق. مانا سائەت بىر يېرىم بولغان ئىدى. مەن قىپقىزىل بولغان يۈزلىرىمنى سۈرتۈپ، ئېرىقتىكى سوغاق سۇغا بولۇشىغا كېچىۋېلىپ ياستۇققا بېشىمنى قويدۇم. مەن ئادەتتە توققۇزتاراغا بارسام، چۈشتىن كېيىن زادىلا ئۇخلىغۇم كەلمەيتتى. ئاپامنىڭ قانچە زورلاشلىرى، ھەمدە ھويلىدىكى قاقىر ئاپتاپنىڭ ماڭا سالغان زۇلۇملىرى ئاستىدىمۇ ئۆيگە كىرگىم كەلمەي، ھويلىمىزدىكى دادام تىككەن ، مەن شاخلىرىغا ئېسىلىپ يەتتىنچى ئاي كىرمەي تۇرۇپ ئەمدىلا ئېغىزغا يارىغىدەك بولغان يەرلىرى قالمىغان ئالمىغا قاراپ خىيال سۈرەتتىم. ماڭا ھەر دائىم ئاشۇ خىياللىرىم مەدەت بولاتتى. ئاپام ئۇيقۇغا قېنىپ ھويلىمىزغا تاماق ئەتمەك بولۇپ چىققىنىدا مېنى كۆرۈپ «بالام، بۇ يەرنىڭ ئاتىپى بەك كۆيدۈرىدۇ، قارداپ كېتىسىز» دىيىشلىرىگە سىڭگەن «ئىشلەيمەن دەيدۇ بۇ بالىلار، بۇ يەرگە كېلىپ ئاپىسىنىڭ ئۆيىدە دەم ئېلىشنى ھىچ ئۇخمايدۇ...» دەپ سۆزلەشلىرىنى ئاڭلايمەن. شۇنداق مەن ئاپامنىڭ ئاشۇ سالقىن، ھەممە يېرىدىن دادامنىڭ ھىدى كەتمىگەن. بىر تال كېسىكىنى مىڭ بىر جاپادا قۇيۇپ، ئۆزى سوقما تامنىڭ ئۈستىگە ئالغان ئۆيىدە راھەتلىنىپ پەقەت كېچىسىلا ئۇخلايمەن. ھەممە تامنىڭ بۇرجەكلىرىدىن سېرىلىپ تۇرغان تۇپىلاردىن دادام دەسسىگەن ئىزلارنى ئىزدەپ ھاياجانلىنىپ كۈندۈزدە كىچىك چاغلىرىمدىكى ئۇنتۇلماس مىنۇتلارنى ئىزدەيمەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق مېنىڭ كۆزۈمگە ئۇيقۇ بارسىنمۇ؟ ئاپام بۇنى بىلمەيدۇ. شۇڭا مېنى ھېرىپ كەتتى، دەم ئالسۇن دەپ، دادام ياتقان يەرگە ئىككى قات كۆرپىنى سېلىپ قويىدۇ. بۇ دادامنىڭ ئورنى. بۇ ئورۇندا ھەربىر قىز بۇ ئۆيگە كەلگەندە «مەن ياتايچۇ» دەيدۇ. ئادەتتە ھىچ قىز بۇ ئۆيگە كەلمىگەندە ئاپام ئاشۇ يەردە يالغۇز تاڭنى تاڭغا ئۇلايدۇ. بەزىدە تېخى ئاكامنىڭ شۇ يەردە سۇنايلىنىپ ياتقىنىنى كۆرۈپ قالىمىز. ئۇنىڭ دادامنى سېغىنىۋاتقانلىقىنى، بالىلىقتىكى تاتلىق ئۇيقۇسىنى ئۇخلاۋاتقانلىقىنى سېزىپ قالىمىز. ئاكام شۇ يەردە ياتقان كۈن شۇنداق روھلۇق قوپىدۇ، ھەتتا مەنمۇ شۇنداق.
مەن مۇشۇ خىياللىرىم بىلەن كۆزلىرىمگە ئىسسىق ياشلارنى تىقىپ تۇرۇپ ئۇيقۇغا كەتتىم. چۈشۈم ئىچىدە دادامنىڭ مۇبارەك يۈزىنى سۆيۈپ قويۇشنى ئىزدەپ قالدىم. ئاستا پاراڭلاردىن ئۆندەرىگىنىمچە تۇردۇم. ساجىدە ھەدەم ۋە مەلىكە تۇرۇپ بولغان بولۇپ، سائەت تۆت بولاي دەپتۇ. بىز يەنە ئاشۇنداق بىر قىزغىنلىقتا يۈزلىرىمىزنى ئېرىقتىكى سالقىن سۇدا يۇيۇپ، تال – تال ئۈجمىلەرنىڭ يەرگە توك - توك چۈشىشىنى تىڭشىغىنىمىزچە ئۈجمە يىيىشكە كىرىشىپ كەتتۇق. شۇنداق بۇ ئۈجمىلەرنى يىگەنسېرى يىگۈمىز كېلەتتى. ئاغزىمغا سالغانسېرى سېرىق سۇ ئېغىزىمنى بويلاپ دىللىرىمغا يايراتتى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇنىرە ئالىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-18 17:14  


ياپيېشىل تاغلارغا بېرىپ سايەھەت قىلىشنى چۈشۈمدە چۈشەيدىغان بولدۇم.  ئوڭۇمدا قاچان ئۇلىشارمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  314
يازما سانى: 288
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 653
تۆھپە : 7
توردا: 102
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-18 18:50:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ن

ئىككى كىشلىك ساياھەت ھەم بۇ خاتىرە مېنى تولىمۇ سۈيۈندۈردى.سىزنىڭ ئىنچىكە كۆزىتىش ھەم مېھرى -مۇھەببەتكە تولغان ھىسلىرىڭىزدىن ھاياجانلاندىم.مېنىڭمۇ شۇ كۈنلەردە ئويلىغانلىرىم تولىمۇ كۆپ...
ئەجرىڭىزگە رەخمەت.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئايزىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-18 18:55  


توپۇدا ياتسا گۆھەر،
بولماس باھاسىغا زىيان.
شۇ ئاقار ئاققان ئېرىقتىن،
سايدا ھەم تاشقىن قىيان.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 634
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-2

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-19 11:52:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ خاتىرىنى يېزىشقا تۈرۈتكە بولغان ھەمدە بىزنىڭ كۆڭۈللۈك بىر ساياھەت قىلىشىمىزغا يىتەكچىلىك قىلغان مەلىكە مەمەتكە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەي ئېيتىمەن.

ئابلاكامنىڭ مېنىڭ بۇ ئاددىي خاتىرىلىرىمنى يېزىشىمغا رىغبەلەندۈرگەنلىكىدىن تولىمۇ خوشالمەن.
رەھمەت سىزگە ئاكا.

ياپيېشىل تاغلارغا بېرىپ سايەھەت قىلىشنى چۈشۈمدە چۈشەيدىغان بولدۇم.  ئوڭۇمدا قاچان ئۇلىشارمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 634
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-2

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-19 12:00:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مانا يەنە ئاشۇ ۋال – ۋۇل ئاپتاپنىڭ چاقنىشىدا  سىركىپنىڭ تاغ باغرىغا جايلاشقان، مەلىكەنىڭ مەھەللىسىدىن ئۈستىگە ئون كېلومېتىردەك ماڭغاندىن كېيىن ماشىنىدىن چۈشتۇق.يولنىڭ سوق تەرىپىدە تەكشىلىكتە كەتكەن تاغ. بۇ تاغلارنىڭ بەزى يەرلىرى يېشىل، بەزى يەرلىرى قارا، يەنە بەزى يەرلىرى قىزىل يەنە بەزى يەرلىرى ھەسەن- ھۈسەندەك ئىدى. مەن ھەيرانلىقتا تاغلارنىڭ بەسىتلىرىگە قارىماقتىمەن.  يولنىڭ ئوڭ قول تەرىپىدە تۆت چاسا، ئەتراپىنى سوقما تام بىلەن قورشىغان يەرنى مەلىكە كۆرسىتىپ تۇرۇپ « ئىچىدە تامغىلىق تاش بار » دېدى. يەنى بۇ سوقما تامنىڭ ئوڭ قول تەرىپىدە «تامغىلىق تاش، تاڭ دەۋرى. 250 كىۋادىرات مېتىر. ناھىيە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئورۇن، 2007- يىلى 8- ئاي » دېگەن خەتلەر يېزىقلىق بولۇپ. بىز بۇ پۈتۈكنىڭ  ئەتراپىدا رەسىمگە چۈشتۇق. ھەمدە ئۈستى يېپىقلىق، تۆت ئەتراپى قورشاغلىق يەردىن ئارتىلىپ تۇرۇپ ئىچىدىكى تاشنى رەسىمگە تارتتۇق. تۆت تەرىپى قورشالغان سوقما تامنىڭ ئىچىدە تۆت چاسا شەكىللىك يوغان تاش بولۇپ، بۇ تاشنىڭ تۆت ئەتراپىدا بىر كىتابنىڭ چوڭلۇقىدا شەكىل باركەن.

SUNP0308.JPG





بىز «تامغىلىق تاش»نى كۆرۈپ رەسىمگە تارتىپ بولۇپ يېنىپ، ئاندىن «ھايات غۇنچى ئانا» مازىرى دېگەن يەرگە كېلىپ توختىدۇق. ئاڭلىشىمىزچە «بالا يۈزى كۆرمىگەن» ئانىلار. بۇ يەرگە كېلىپ دۇئا ئىبادەت قىلىپ ئۆزلىرىگە ئىسرىق سېلىپ بالا تىلەيدىكەن. كونىلارنىڭ گېپىچە «ئىرىم قىلىدىغان يەركەن». بىز « ھايات غۇنچى ئانا» مازىرىدىن يېنىپ يەنە شۇ  يولدىن پەسكە 1000 مېتىر ماڭغىنىمىزدا سول قول تەرەپتە قاتار تىزىلغان خۇمدانلارنى ئۇچراتتۇق. خۇمدانغا كىرىش ئېغىزىدا «سىركىپ قەدىمىي خۇمدىنى، كۆلىمى 15000 كىۋادىرات مېتىر، ناھىيە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئورۇن. 2007- يىلى 8- ئاي» دەپ يېزىقلىق تاش پۈتۈك بار ئىكەن. مەن شۇ چاغدا تاغلارنىڭ بەسىتلىرىگە قاراپ پىچىرلىدىم.  «ئەي تاغلار بىز يېزىپ تۈگىتەلمەيدىغان، ئىسملىرىنى ئاتاپ ھارمايدىغان بۇنداق تاش پۈتۈكلەردىن قانچىلىك بار بولغۇيدى ھە، سىلەردە؟» خۇمداننىڭ بەزىلىرى چىقىلغان، ئىچى بۇزۇلغان بولۇپ، پەقەت ئىككى ئۈچ خۇمدان قەدىمىيلىكى بىلەن كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. مەن يېزىدا چوڭ بولغىنىم بىلەن خۇمدان دېگەن سۆزنى ئاڭلىغان بولساممۇ، ئۇنىڭدىن چىققان كېسەكلەردە ئولتۇرۇپ باققان بولساممۇ، ئەمما خۇمداننى كۆرۈپ باقمىغان. يىراقتىن پەقەت بىر تەكشىلىكتىكى ئۇزۇن كەتكەن گۈمبەزدەك نەرسىنى مەھەللىمىزنىڭ تاغ تەرىپىدىكى  ياڭاقساينىڭ يان باغرىدا پەقەت ئىككى قېتىم بىنامغا زىغىرنىڭ چۆپىنى يۇلۇش مۇناسىۋىتى بىلەن، ھەمدە ياڭاقسايغا مەكتەپ پۈتتۈرۈش مۇناسىۋىتى بىلەن  شوپۇدا ئۆتكەن ۋاقتىمدىلا سەپ سالغان ئىدىم. بۈگۈن «خۇمدان مۇشۇنداق بولىدىكەندە...» دېگەن تۇيغۇلۇرۇمدا ئاشۇ چاغلىرىمدىكى سىڭايان قارىغان ۋاقتىمنى ئەسلەپ قالدىم.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇنىرە ئالىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-19 12:01  


ياپيېشىل تاغلارغا بېرىپ سايەھەت قىلىشنى چۈشۈمدە چۈشەيدىغان بولدۇم.  ئوڭۇمدا قاچان ئۇلىشارمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 634
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-2

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-19 12:02:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىز خۇمداندىن ئۇزاپ سىركىپنىڭ ئۇدۇل كەتكەن يولىدىن لۈكچۈن بازىرى ھەمدە ئۇنىڭدىن دالانكارىز مەھەللىسىگە قاراپ يولغا چىقتۇق. مەن دالانكارىزغا بۇندىن ئۈچ يىل ئىلگىرى كېلىپ باققان. كېچىلىرىدىكى چۈشلىرىمنى كەڭ كۇشادە كۆرۈپ باققان شۇنداق بولۇشىغا ئەگىشىپ، بۇ يەردىكى ھەربىر سېغىنىشلىرىمنى يېزىپ ئۈلگىرىپ بولالمايتتىم. شۇ چاغلاردىكى ۋاقتىمدا خاتىرەمدە نائېنىق جۈملىلەر بولسىمۇ، ۋاقتىدا خاتىرە قالدۇرالمىغانلىقىمدىن ئەپسۇسلىناتتىم. مەن ساجىدە ھەدەمگە ئېيتىپ بەرگەن.«دالانكارىزدا ئىككى مەھەللە ئۇتتۇرسىدا مازار باركەن» دېگەن سۆزۈمنى دەلىللىمەكچى بولغاندەك. ئەتراپقا قارىدىم. ئىككى مەھەللىنىڭ ئوتتۇرسىدا مازار ئۆزىنىڭ جىمجىت سۈكۈتى بىلەن يولدىن ئۆتكەنلەرنىڭ نەزەرىگە چېلىقاتتى. بىز دۇئاغا قول كۆتۈردۇق. مەلىكەنىڭ ئېيتىشىچە بۇرۇن ماۋۇ بىز ئۆتىۋاتقان مەھەللە يوق بولۇپ، نوپۇزنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ئاستا - ئاستا يەرلەر تەقسىملىنىپ كۆكەرتىش ئېلىپ بېرىلىپ بۇ مازاردىن ئېشىپ بۇ مەھەللە پەيدا بولۇپتىكەن. كېيىنچە بۇ كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ مازارنى كۆچۈرۈشكە كۆزلىرى قىيماي ئوتتۇرسىدىن يول ئېلىنىپتىكەن.
بىز مەلىكەنىڭ ھەدىسىنىڭ  تۇرپانلىقلارنىڭ  يەرلىك تامىقى دېيىشىگە ئۇلانغان كۈلكىسىگە باققىنىمىزچە تاماقتىن ئېغىز تەگدۇق. بايا مەھەللىدىن چىقىۋاتقىنىمىزدا يىراق يەردە بۈككىدە ئېچىلىپ تۇرغان دەرەخنى كۆرۈپ «ئاۋۇ ئېچىلغان نېمە» دەپ مەلىكەنىڭ ئاكىسىدىن سورىغىنىمىزدا «چاكاندا» دېگەن ئىدى. بىز ئۇنىڭ ئېچىلىشىغا قاراپ ئۆز قوللىرىمىز بىلەن تۇتۇشنى ئويلىغان بولغاچقا  مەلىكەنىڭ ھەدىسىنىڭ ئۆيىدىن 200 مېتىر يىراقلىقتىكى يەرگە ئەمدىلا ئۈنگەن قوناقلارنىڭ قىرلىرىنى ئاستا دەسسەپ. ئېتىز تۈگىشىگە يېيىلىپ ياتقان قۇملاردىن نېمىدۇر بىر نەرسىنىڭ ئۇگىسى دەپ پەرەز قىلغان يەرلىرىمىزگە سەپ سالغىنىمىزچە «چاكاندا» بار يەرگە كەلدۇق.
بۇ چاكاندا كۆلىمى ئون مو كېلىدىغان قوناقنى ئايرىمغىنە ئوراپ تۇرغان بولۇپ، بۇ ئون مو يەرنىڭ ئۇ بېشىدا بىر ئۆي بار ئىكەن. بۇ ئۆيدىن چىققانلار بىزگە شۇنداق كىچىك كۆرۈنسىمۇ ئۇلارنىڭ بىزگە ئۇدۇل قاراپ تۇرغانلىقىنى پەرق ئەتكىلى بولاتتى. بىز ھاياجانلانغان لەۋلىرىمىزدە چاكاندىنى سۆيدۈق، پۇرۇدۇق، تۇتۇپ كۆرۈپ باقتۇق. مەن كىچىك چاغدا  چاكاندا دەپ ئاڭلىغان ئىدىم، ئۇنىڭ بۇنداقمۇ سۈزۈك ھەرخىل رەڭدە ئېچىلغىنىنى كۆرۈپ باقىمىغان بولغاچقا ئۇنىڭدىن سۇندۇرۇپ ئېلىپ ھەرخىل گۈلدەستىلەرنى تىزدۇق.  كۆرۈپ قانمىغان كۆزلىرىمىزدە چاكاندىنىڭ ھەرخىللىرىدىن تىزىلغان شاخلىرىنى قۇچاقلىغىنىمىزچە شەپەقنىڭ قىزىرىشى بىلەن يىراق ئۇپۇقلارغا تاشلانغان كۆزىمىزدە قىيمىغان ھالدا بۇ چاكاندىلارغا خوش ئېيتتۇق.


داۋامى بار...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇنىرە ئالىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-19 12:04  


ياپيېشىل تاغلارغا بېرىپ سايەھەت قىلىشنى چۈشۈمدە چۈشەيدىغان بولدۇم.  ئوڭۇمدا قاچان ئۇلىشارمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  186
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 306
تۆھپە : 3
توردا: 78
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-15

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-19 13:12:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى؟؟؟؟؟؟؟؟؟
ئون قېتىم دومىلاپ، يەتتە قېتىپ ئېڭىشىپ، سەككىز قېتىم كۈلۈپ    بۇ يەرلىرىنى ئوقۇپ كۈلۈپ كەتتىم.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 634
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-2

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 12:08:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مېڭىۋاتىمىز، يوللار بىزگە ئۇزۇن ئىدى. خۇددى مۇشۇ چاكاندىنىڭ تارىخ بەتلىرىگە يېزىلغىنىدەك، يۇلغۇنلارنىڭ قىزىرىشىنىڭ بىزگە يۇپۇرلىشىدەك ئۇزۇن ئىدى. بىر كۈنى، يەنە بىر كۈنى كېلىمىز. ئۇ چاغدا ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كەتكەن چاكاندىنىڭ ھېكايىسىنى بۇ ئېتىزلىقلارغا تۆكىمىز، شۇنداق تۇرۇقلۇق بىز يەنە قىپقىزىل شەپەققە ۋەدە يېزىۋاتىمىز، «ئاللا رىشتىمىزنى ئۈزمىگەي، ئاللا بىر ئوتتا كۆيگەن، بىر ئوتتا يېنىۋاتقان، ئوخشاش ئوتلاردا چايقىلىۋاتقانلارنىڭ قەلبىگە گۈزەل ئىرادىنى، ئەدەپ – ئەخلاقنى، ۋىجدان سورىقىنى يېزىپ بىر دەستە گۈلدەك،  ياق،  مۇشۇ چاكاندىدەك بىر بىرىمىزگە تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئاشۇ ئوتتا ئىتىپاقلىشىپ كۆيۈپ كۈل بولۇشىمىزغا مۇيەسسەر قىلغايسەن.ئامىن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇنىرە ئالىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-21 12:08  


ياپيېشىل تاغلارغا بېرىپ سايەھەت قىلىشنى چۈشۈمدە چۈشەيدىغان بولدۇم.  ئوڭۇمدا قاچان ئۇلىشارمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 634
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-2

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 12:09:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ماشىنىڭ ئەينەكلىرىگە چاپلانغان مەڭزىمدە بايىلا تېخى «ھەدە، ئۆيىڭىزگە بارىمەن» دېگەن سۆزۈم ياندۇرما بولۇپ قۇلاقلىرىمغا ئاڭلىنىپ كۆزلىرىم نەمدەلمەكتە.  مەن بۇرۇن تۇنجى تور ئەدەبىياتنىڭ قىزغىن ئوقۇرمىنى بولغان ۋاقتىمدا «ھەدە» دېگەن ئاتالغۇنى بويلاپ يۈگرىپ باقمىغان ئىدىم. كېيىنچە يۈرىكىمگە يېزىلغان ھىجرانلاردا «ھەدە» دەپ چاقىرىپ باقتىم.« ھەدە» دېگەن سۆزنىڭ ۋەزىنىدە ئويلىنىپ باقتىم. شۇ ۋەجىدىن مەن «ھەدە» دەپ پەقەت يۈرىكىدە ئالامچە ئوتلىرى بار  نەچچىلا ھەدىلەرنى تۇتۇپ باقتىم. ئۇلاردىكى ھەدەمنىڭ مېھرىدەك مېھرىلەردە ئېقىپ باقتىم، سۈيىدە قېنىپ باقتىم. شۇڭا مېنىڭ ھەدەم كۆپ، بەزىلەر «ياخشىچاق بولۇپ ھەدە دەيدىكەن» دەپ باقىدىكەن. بىراق منېىڭ يۈرىكىمدە ئۇنىڭغا ئورۇن يوق. پەقەت بىر ئېرىقتا سۇ ئېچىپ، بىر ئېرىقتا سۇ كېچىپ، بىر ئۆستەڭنىڭ سۈيىدە ئېقىشنى يۈرىكىمدە يېزىپ باقتىم خالاس. شۇڭا بۇ قېتىم «ھېلى بارىمىز» دېگەن سۆزۈمدىن «كېچىدە ھەدەمنى ئاۋارە قىلدىم» دېگەن تۇيغۇم مېنى خىجىلچىلىققا چاقىرماقتا. كېتىپ بارىمىز. پىچان ناھىيىسى مېنىڭ سېغىنىشمدا ئۇزارماقتا. مېنىڭ سېغىنىشىمدا قاراڭغۇ سېزىلمەكتە. مانا ئون مىنۇت بولدى ھەدەمنى ساقلاۋاتىمەن. قاپقاراڭغۇ كوچىدىن كۆزۈمنى ئۈزمەي تىكىلىۋاتىمەن. ھەدەم ھەققىدە ساجىدە ھەدەمگە خىتاب قىلىۋاتىمەن. «ھەدەم ئېسىل ئايال، ئۇ مېنىڭ قول بېرىشكەن ھەدەم. ۋاقتىدا ئىزدەپ بولالمىدىم. ئەمما يۈرىكىمدە دائىم ئۇنىڭ ئامانلىقىنى، بەختىنى تىلەيمەن» دەيتتىم.
ئۇنىڭ كۈلكىلىرىگە يۇغرۇلغان يازمىلىرىنى سۆزلەپ بەردىم. ئۇنىڭ بالا باقىمەن دەپ كېچىپ يۈرگەن كىچىكلىرىنى سۆزلەپ بەردىم. ئۇنىڭ ئانا بولدۇم دېگەن ئاۋازىنىڭ ياڭراقلىقىنى جاراڭلىق كۈلكەم بىلەن ئېيتىپ بەردىم. شۇنداق ئۇ ئانا بولدى. ئۇ بۆشۈكتە بالىسىنى تەۋرىتىپ تۇرۇپ قانداق بولغاندا ياخشى ئانا بولغىنى بولىدۇ؟ قانداق بولغاندا مەن ئانا بولالايمەن؟ دېگەن تۇيغۇدا سەكرىدى. ئەنە ئۇ مېنىڭ ھەدەم. مېنىڭ ھەدەم بىر قولىدا بۆشۈكنى، بىر قولىدا ئائىلىنى، خىزمەتنى چۆرگەلدۈرۈپ يۈرۈپ مانا مۇشۇ كوچىلاردا نەچچە نەچچە ماڭغان. كەچ قالغان، ئۆڭدەرىگەن، بەخت ئاتلىق سۆيۈملۈك سۆزنى سۆيۈپ قالغان ھەدەم ئىدى. «ئۇ ـــ ئارزىگۈل بەكرى»  توردىن ئىبارەت بۇ مەۋھۇم دۇنيادا تۇنۇشۇپ، قول بېرىشكەن ھەدەم. ئۇنىڭ بەخت ئاتلىق سۆيۈملۈك سۆزگە كىرىشكەندىن بېرى ئۇ توردىن ۋاقتىنچە ئۇزۇتۇلدى. ئەمما ئۇنىڭ سۆزلىرى، ئۇنىڭ كۈلكىسى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى قەلبىمىزدە قېلىپ قالدى. ئۇنىڭ ئىسمى چىققىچە توردا يازغان  ئەسەرلىرىنى ئەسلىدۇق. ئۇنى چوڭقۇر سېغىندۇق. ئەمما ئۇنىڭ بەخت ئاتلىق سۆيۈملۈك سۆزنى مىنىپ خوشال يۈرگىنىدىن ئۇنىڭغا يەنە بەخت تىلىدۇق. شۇنداق ئۇنى كېچىدە باغرىمغا بېسىپ تۇرۇپ قۇلاقلىرىغا پىچىرلىدىم. «ھەدە سىز مەن يازغىدەك ھەدە. سىز مەن پەخرىلەنگىدەك ھەدە. بەختىڭىزنى كۆرۈپ كۈلگىدەك ھەدىسىز» ئۇ كۈلدى. ئۇنىڭ كۈلكىسى ھەتتا ھەممە ھەممە يەرلىرى ساپ ئىدى.
كېچىنىڭ يەنە ئۇزۇنغا سۇزۇلۇشىنى، سائەتنىڭ ئىستىرىلكىسىنىڭ توختاپ قېلىشىنى تىلىگەن تىلەكلىرىمنى ئېلىپ ھەدەمنىڭ ئۆيىدىن ئونلاردا ئۇزۇدۇق. ھەدەمنى كۆرۈۋالدىم. ئەمما «ئۇ ئەمدى قاچانغىچە بىز كىرگەن ئۆيلەرنى يۇغۇشتۇرار. سائەت قانچىدە ياتا. قىزى ئويغىنىپ يىغلاپ خاپا سالسا قانداق قىلار» مەن ئۆز ھەدەمدىن شۇنداق ئەنسىرەيتتىم.  ئۆيىگە بارسام بالىلىرىنى بېقىپ بېرىش ئۈچۈن ئاتلىناتتىم. ھەدەمنىڭ چارچىشىنى خالىمايتتىم. شۇڭا ھەدەمنىڭ ئۆيىگە كەمدىن كەم باراتتىم. مانا ھازىرچۇ. بۇ ھەدەمگە چېچىلغان مېھرىمدە ئۆز ھەدىلىرىمنى سېغىنىۋاتىمەن. نەدە بولايلى ئامان بولايلى ھەدە.
بىز ئۇ يەر بۇ يەردىكى يوللارنىڭ چىراقلىرىغا تۇتۇلغان يۈزىمىزدە، چىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلارنى سۆيۈپ تۇرۇپ، بىر بىرىمىزنىڭ  باسقان قەدىمىمىزگە ئامانلىق تىلەپ  يولغا چىقىپ، كېچە سائەت 11 لەردە سىركىپكە قايتىپ كەلدۇق. ھويلىغا كىرۋاتقىنىمىزدا ئۈنچىدەك يېيىلغان مەرۋايىت كەبى سۈزۈك،  ئايدىڭدا جۇلالىنىپ تۇرغان ئۈجمىلەرگە قاراپ كۈلدۈق. مانا مۇشۇ كۈلكىلەرگە كۆز تەگىمىگەي.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇنىرە ئالىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-21 12:10  


ياپيېشىل تاغلارغا بېرىپ سايەھەت قىلىشنى چۈشۈمدە چۈشەيدىغان بولدۇم.  ئوڭۇمدا قاچان ئۇلىشارمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 634
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-2

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 12:11:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


12- ماي

سەھەر يىراقتىن يەنە ناغرىنىڭ، كاككۇكنىڭ ئاۋازى تەڭلا ئاڭلاندى. مەن خېلى بولدى يەنە شۇ ئاۋازنى تىڭشاۋاتىمەن. بۇ ئاۋاز ئەتە تاڭ ئاتقاندا ئاڭلانمايدۇ. ئەتە تاڭ ئاتقاندا مەن بۇنداق ھوزۇرلىنىپ ياتالمايمەن. ئەتە مەن يەنە يۈگرەيمەن. جان بېقىش ئۈچۈن ئەتكەنچاي ئىچىمەن. جان بېقىش ئۈچۈن بىر كىملەرگە يالغان ئېيتىمەن. جان بېقىش ئۈچۈن كوچىلاردا غەمكىن ماڭىمەن.
بىز ھويلىدا سوزۇلۇپ ياتماقتىمىز، ئاپتاپنىڭ بېشىمىزغا چۈشىشى بىلەن بۈگۈنكى ئانىلار بايرىمىدا تەبرىك سۆزلىرىنى تاپشۇرۋالغان ساجىدە ھەدەمگە مەسلىگىم كەلمەكتە. ئۇنىڭ كۈلكىسىگە، خوشال بولغاندىكى تۇرقىغا ئامراقمەن. ئۇنىڭ مېنى مايلاپ ئاپتاپقا سېلىپ قويغىسى. ئۈرۈمچىنىڭ سوغىقى قاپلاپ كەتكەن چىرايىمنى قاردىتىپ قويغىسى. مەڭزىمگە قىپقىزىللىق تىقىلغان ھالەتتە ئۈرۈمچىگە قايتۇرۇپ ئەكەتكۈسى بار. بىراق مەن ئاپتاپقا چىدىمايمەن. قاچاندىن باشلاپ قارغا ئامراق بولغاندىن بېرى مەن ئاپتاپقا ئۆچ ئىدىم. ئەمما بۈگۈن ئۇنىڭ يۈرىكىدىكى ئارمانلىرىدا ئاپتاپقا قاقلاندىم. مەڭزىمنىڭ قىزىل بولغىنىنى كۆردۈم. گەجگىلىرىمدىن ئېقىۋاتقان تەرلەردە كۈلدۈم. ھېلى ئۇ ئۆزى بۇرۇن سۆزلەپ بەرگەن قۇمنىڭ يېنىغا ئاپىرىدۇ. مېنى قۇمغا كۆمۈپ قۇيۇپ قۇمنىڭ ھېكايىسىنى ئېيتىپ بېرىشنى خالايدۇ. شۇنداق مەن «ئەنە قۇم» دەپ يىراقتىنلا كۆرۈپ باققان، قۇمنى بىر چاغلار غايىۋانە ياخشى كۆرۈپ باققان، ئامما بىر تېلىنىمۇ تۇتۇپ باقمىغان. بىر تېلىنى غاجىلدىتىپ يەپ باقمىغان.«رىسالەت مەردان»نىڭ شۇنداق بىر شىئىرلىرى بولىدىغان قۇم تۇغرىسىدا مەن ئاشۇ شىئىرلىرىدىكى قۇملارنى پەقەت چۈشۈمدە چۈشەيتتىم. شۇڭا تەپتەكشى كەتكەن قۇمدا ئېيغىناپ تۇرۇپ باقسام قانداق بولار دېگەن خىياللاردا بولاتتىم. مېنى دائىم ئاكام « سەن سەپەرگە كۆپ چىقىسەن،  تەكلىماكانغا بېرىپ باقساڭ. قۇملاردىن يانچۇقۇڭغا سېلىپ كەلسەڭ. مەن بارالمىغان يەرلەرنىڭ قۇملىرىنى كۆرۈپ باقسام، بۇ يەرنىڭ قۇملىرىغا ئوخشىمايدىكەن دەپ ئاڭلىۋىدىم» دەپ لەۋلىرىنى چىشلەيتتى. شۇنداق، مەن ئاكامنىڭ ئارمىنىدا جەنۇبقا بېرىپ باقسام دەيتتىم. دادامنىڭ ئارمىنىدا جەنۇبتا ئۇنىڭ بوۋىسىنىڭ قەۋىرىسىنى كۆرۈپ كەلسەم دەيتتىم. ئەمما ماڭا جەنۇبقا بېرىش تېخىچە نېسىپ بولمىدى. شۇنداق بولۇشىغا ئەگىشىپ جەنۇب دېگەن سۆز  مېنى ھەر ئاتىغىنىمدا  بەك ھاياجانلاندۇراتتى. چۈنكى ئۇ يەردە بوۋامنىڭ دادىسى، بوۋامنىڭ مەھەللىسى بار. يەنە تېخى ئاپامنىڭ مومىسىنىڭ قەۋرىسى بار. ئۇلارنى كۆرسەم ئىدى. دادام ۋە ئاپامنىڭ ھاياجانلىرىنى ئۇلارغا تاشلاپ ئۇلارنىڭ قۇملارغا تارتىشقانلىقىنى سۆزلەپ بېرەتتىم.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇنىرە ئالىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-21 12:11  


ياپيېشىل تاغلارغا بېرىپ سايەھەت قىلىشنى چۈشۈمدە چۈشەيدىغان بولدۇم.  ئوڭۇمدا قاچان ئۇلىشارمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش