ئىگىسى: مۇنىرە ئالىم

مەن يازغان خاتىرىلەر....مۇنىرە ئالىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  301
يازما سانى: 449
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1308
تۆھپە : 0
توردا: 622
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 19:40:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنىرە ساختىلىقتىن خالى سۈزۈك تۇيغۇللىرىڭىزغا كۆز تەەمىسۇن سىڭلىم. تىنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  186
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 306
تۆھپە : 3
توردا: 78
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-15

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 20:25:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ يۇقىرىدىكىلەر بىلەن ئوخشاش قاراشتا.تەبىئىيلىككە ھىچنەرسە يەتمەيدىكەن.
ئەسلىمىلىرىڭىزنىڭ بەزى يەرلىرىدە ئۆزۈمنى كۆردۈم.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 634
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-2

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 11:18:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايىغى چىقماس خاتىرىلىرىمدە ساقلانغان بەزى جۈملىلىرىم خاتىرەمگە كىرىشمىگەن بولسىمۇ، كۆپچىلىكنىڭ مېنى رىغبەتلەندۈرگەنلىكىگە تەشەككۈر.

ياپيېشىل تاغلارغا بېرىپ سايەھەت قىلىشنى چۈشۈمدە چۈشەيدىغان بولدۇم.  ئوڭۇمدا قاچان ئۇلىشارمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 634
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-2

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 11:26:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

3- ئاپرېل سەيشەنبە

سەھەر تاراقشىغان ئاۋازلاردىن ھەممە جانلانغاندەك تاراق – تۇرۇقلار باشلىنىپ كەتتى. مەن سائەت ئىستىرىلكىسىنىڭ سائەت 6 تىنى كۆرسىتىشى بىلەن يۈزۈمنى يۇيۇپ قوپۇپلا «ھېلى كېچىكسىڭىز بەك نۆۋەت ساخلاپ كېتىسىز، ھازىر چىقىڭ» دېگەن شەھەرلىك تاشگۈل ئاپپاينىڭ ئېيتقىنى بىلەن ياتاق بىناسىدىن ئۆزەمنى ئامبولاتورىيىلىك تەكشۈرۈش بىناسىغا ئاتتىم. سەھەرنىڭ ئاچچىق شامىلى گەۋدىلىرىمنى قۇرۇلدۇراتتى. شۇنداق بولسىمۇ قوللۇرۇمنى جىپسىلەشتۈرۈپ تۇرۇپ ئامبولاتىرىيىلىك بىنا ئالدىدا تاق ئىككى سائەت ساقلىدىم. بۈگۈن بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن ۋاخچەرەك ئاچارمىش بۇ ئىشىكنى. شۇنداق بولۇشقا قارىماي مەن چىققاندا ئون ئادەم بولسا، ئىككى سائەتتىن كېيىن 50 كىچە ئادەم كۆپەيدى. ئىشىكنى شۇنداق ئېچىشىغا گۈلدۈرلۈپ يۈگرىشىپ، بىر – بىرىمىزنى پۇتلاپ يىقىتىپ، ئۈچىنچى قەۋەتكە يۈگرىشتۇق. بايىلا تېخى كىملەرگىدۇر پۇتلىشىپ سەندۈرلۈپ بىر كىملەرنىڭ يۆلىشىگە مۇيەسسەر بولغان شەھەرلىك ئاپاي مېنىڭ پۇتلىرىمغا دەسسەپ ئالدىمغا ئۆتۈپ يۈگرىمەكتە. تار پەلەمپەي بىردەمدىن كېيىن چوقۇم قۇپقۇرۇق بولۇپ قالىدۇ. ئەمما ھازىر. ھەممە ئالدىراش. كىم ئۆز ئىشىنى تېزرەك تۈگىتىپ بۇ مۇدھىش بىنالاردىن چىقىپ دېزىنفىكسىيىلەنمىگەن ھاۋادىن نەپەس ئېلىشنى خالىمىسۇن دەيسىز. شۇڭا مەنمۇ ئاغرىۋاتقان پۇتۇمنى توختاپ سىيلاپ قويۇش بىلەن كۇپايىنىلىپ ئاپام ئۈچۈن يەنە يۈگرىپ كېتىۋاتىمەن. شۇنچە يۈگرىسەممۇ، زالغا تىزىلغان ئادەملەر قاتارىدىن ئەڭ ئاخىرىدا ئورۇن ئېلىپ ئاپامنى 11 لەردە تەكشۈرۈشكە كېلىشتۈرۈپ بۇ بىنادىن يېنىپ چىقىپ ئۇھ دېدىم. چۈنكى باياتىنقى قىستىلىشلار، كۈتۈشلەر مېنى ھاردۇرغان ئىدى. كىرسەم كۆزلىرى ئىشىككە تىكىلگەن ئاپام ماڭا قاراپلا ئولتۇرغاندەك مېنىڭ باش – كۆزلىرىمنى سۈرتۈپلا كەتتى. مەن قايناقسۇ بىلەن ناشتا قىلىپ بولۇپ ئاپامنى تەكشۈرۈتۈشكە ئېلىپ چىقىپ كەتتىم. مانا بۇ بۇ دوختۇرخانىدىكى تۇنجى سەھەرنىڭ كۈتۈۋىلىنىشى. ئاللا ئاپامغا ساقلىق بەرگەيسەن.
چۈشكە يېقىن بارلىق تەكشۈرۈشلەر تۈگەپ بولدى. ئاپامنىڭ ھىچ ھالى قالمىغان بولسىمۇ، ئۇنى ماڭدۇرۇپ يۈرۈپ ئاخىرى ياتاققا ئېلىپ كىردىم. ياتاق دەرىزىدىن كىرگەن قۇياشنىڭ قىپقىزىل نۇرىدا  قىزدۇرۇلغان تۇنۇردەك يالجۇلىناتتى. ياتاقتىكى ھەممە بېلەكلىرىگە ئېسىلغان ئاسما ئوكۇلدا سۇنايلىنىپ يېتىشىپ ئۆزلىرىگە شىپالىق تىلىمەكتە. مەنمۇ ئاپامنىڭ بېلىكىگە بايىلا سېلىنغان ئوكۇلغا قاراپ خىياللار دەرياسىدا ئۈزمەكتىمەن. مېنىڭمۇ شۇنداق بىر كۈنلىرىم بولغان 2003- يىلنىڭ بۇغداي پىششىقىدا تۇيۇقسىزلا سوقۇر ئۈچەي بولغانلىق خەۋرىمنى خەلق دوختۇرخانىسىغا تەكشۈرتۈپ بىلدىم. ھېلىمۇ ئۈچ كۈندىن بېرى قوپقىدەك ھالىم بولمىسىمۇ، ئىشقا بارالمىساممۇ، ئەمما ئۆمىلەپ تۇرۇپ ئۆز ھاجىتىمدىن چىقىپ كېلىۋاتاتتىم. شۇڭا ئەتتىگەندە قېنىمىز بىر تومۇردا ئېقىۋاتمىسىمۇ، ئەمما «سىڭلىم» دەپ باغرىنى كەڭ ئاچقان ھەدەم مېنى دوستۇمنىڭ ھەمرالىقىدا دوختۇرغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىشنى ئېيتىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ چاغلاردا مەندە سوقۇر ئۈچەينى ئوپراتسىيە قىلىمەن دېگەن تۇيغۇ يوق ئىدى. ئەمما دوختۇرنىڭ «مەندە ئۇنى سىلەرنىڭ دوختۇرخانىدا ئوبراتسىيە قىلغۇزغىدەك پۇل يوق» دېگەن سۆزلىرىمدىن كېيىنكى ئىچ ئاغرىتىش كۆزلىرىدە ماڭا ئوكۇل يېزىپ بەردى. ئەمما ئوكۇل بېلىكىمدە مېڭىۋاتقان بولسىمۇ قورسۇقۇم مۇجۇپ ئاغرىيتتى. دوستۇمنىڭ يېنىمدا پۇت – قولۇمنى تۇتۇپ ماڭا مەدەت بېرىشى ئاستىدا ئوكۇلنىڭ بىرىنچى بۇتۇلكىسى مېڭىپ بولغان مەزگىلدە  ھەدەم چاقىرغۇ قىلدى. دوستۇم دوختۇرنىڭ «سوقۇر ئۈچەي تېشىلىپ كەتسە ھاياتىمغا خەتەر يېتىدىغانلىقىنى»  ئېيتىپتۇ. ھەدەمنىڭ بىر ئېغىز سۆزى بىلەن ئوكۇل يېڭنىسىنى دوستۇم سوغرىۋىتىپ مېنى ماشىنىغا بېسىپ 3 – دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلدى. زالدا پەرىشانلىقتا چېپىپ يۈرگەن ھەدەم دوستلىرى ئارقىلىق مېنى ياتاققا ئالدۇرۇپ ئۈلگۈردى. مەن قايمۇقىنىمچە ئوبراتسىيە ئۆيىگە كىرىپ كەتتىم. سائەت 3 بولغاندا كۆزۈمنى يۇمغاندەك قىلغان. سائەت بەش يېرىمدا كۆزۈمنى ئاچسام دوختۇرلار ئالدىراش مېڭىپ يۈرۈپتۇ. يېنىمدا ھىچكىمىم يوق. ھىچ يېرىممۇ ئاغرىمىغان. بىر دەمدىن كېيىن دوختۇرنىڭ «ماۋۇ قىز بىز ئوبراتسىيىنى تۈگەتمەي تۇرۇپ كۆزىنى ئېچىۋاپتۇ» دېمەسمۇ، پۈتۈن قورقىنىش كۆزلىرىمگە ياش ئەكەلدۈرمەكتە. بايا دوختۇردىن قانچىلىك ۋاقىتتا چىقىمەن دېسەم «يېرىم سائەتتە» دېگەن ئىدى. مەن سائەت ئىستىرىلكىسىنى ساناشقا باشلىدىم. مىنۇت مىنۇتلاپ ئۆتۈۋاتقان ئىستىرىلكا ھىچ بىر ئىشتىكلەي دېمەيتتى. بەش مىنۇت. ئون مىنۇت. دوختۇرنىڭ ماڭا قاراپ قويۇپ «ئەمدى تېكىمىز» دېگەن سۆزىدىن كېيىن سائەت ئىستىرىلكىسىدىن كۆزۈمنى ئېلىپ ئاستىلا يۇمدۇم. قورسىقىم ئۈستىدە بىرنېمىلەر مىدىرلىماقتا.
سوقۇر ئۈچىيىم تېشىلىپ كېتىش سەۋەبىدىن سەككىز كۈندە دوختۇرخانىدىن چىقتىم. ئۆيگە كېلىپ ئىسسىق تۇتۇش سەۋەبىدىن تىككەن يەرنى يېرىڭلىتىپ قويۇپ دەردىنى ئۆزەم تاتتىم. ئاخىرى 15 كۈن بولۇپ ئىشقا چىققان كۈنى دادامغا تېلفون قىلدىم. دادام «دادىسى يوق بالىمىدىڭ بالام. نېمىشقا ماڭا ئېيتمايسەن، نېمىشقا ئاپاڭغا ئېتمايسەن، سېنى مەن شۇنداق تەۋەككۈلچى بولسۇن دېمەيتتىم بالام. سەن قىز بالا ئەمەسمۇ؟!» دېگىنىچە يىغلاپ كەتكەن ئىدى. مەن دادامنىڭ شۇ چاغدا نېمە ئۈچۈن شۇنداق دېگىنىنى بىلەيتتىم. ھازىر بۇ سۆزىنىڭ تېگىگە يەتتىم. چۈنكى قىز بالا ئۈچۈن بەك تەۋەككۈلچىلىك بەختسىزلىك ئېلىپ كېلىدىكەن ئەمەسمۇ؟!
ئاشۇ كۈنلەرنى ئەسلەپ ئاپامغا قارىدىم، ھازىر زۇكام بولساممۇ ئاپامغا دەيمەن. ھەتتا يىلدا ئىككى قوزغىلىدىغان ئانگىرانىمنىمۇ ئاپامغا دەيمەن. ھەتتا ھەممە بىلىپ بولىدۇ. مەن شۇ چاغلىرىمدىكى ۋاقىتلىرىمنى سېغىندىم. ماڭا كېچە ۋە كۈندۈز ھەمرا بولۇپ تۇرغان يەكەندىكى ساۋاغدىشىمنى شۇ كەتكىنىچە كۆرمىدىم. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىغا سىڭگەن تۇرمۇشى قانداق بولغاندۇ؟! ھىچقانداق بىر ئالاقىلىشىش پۇرسىتى بولمىغان بۇ كۈندە ئۇنىڭ غەيرەتلىرى ئىچىدە ئۆزەمنىڭ شۇ ۋاقتىدىكى ئىرادىسىنى ئويلاپ قالدىم. ئۇنىڭ ئىرادىسى مېنىڭكىدىن يۇقىرى ئىدى. ئۇ مېنىڭ ئۈلگەم ئىدى. مەن ئۇنىڭدەك غەيرەتلىك قىز بولۇشنى ئويلاتتىم. ئەمما ئاشۇ قېتىملا شۇنداق بولالىغان. بىراق ھازىرچۇ؟! كۆزلىرىم سېغىنىشتىن نۇرلانماقتا.
چۈشتىن كېيىن يەنە پۇشۇلداشلار ئىچىدە ۋاقىت ئۆتمەكتە. ياتاق ئۆينىڭ ئىشكىدىن تولا چىقىپ كىرىپ زېرىكتىم. ئاپاممۇ خېلى ياخشى بولۇپ قالدىم دېگىنىچە ئۇيقۇلارنى باشلىماقتا. سائەت 3 لەردە گۈلباھار ھەدەمدىن تېلفون كەلدى. ئۇنىڭغا ئاپامنىڭ جىددىي ئىشى سەۋەبلىك غولجىغا كەلگىنىمنى، دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكىمنى ئېيتتىم. ئۇنىڭ بىلەن ئۇزاق مۇڭداشتىم. ئۇنىڭ يۈرىكىدىكى تىۋىشلىرىنى ئاشۇ «يۈرىكىڭنى ئوقۇپ باققۇم باردىن» كېيىن ئاڭلاۋاتقان بولساممۇ،  «سىڭلىم» دېگەن مېھرىبانلىققا تولغان يۈرىكىنى يەنە ئوقۇدۇم. يۈرىكىمدە ئۇنى ياخشى كۆرگەنلىكىمدىن، ھۆرمىتىنى قىلغىنىمدىن سۆيۈندۈم. ئۇنىڭمۇ مېنىڭ ھۆرمىتىمگە لايىقىدا جاۋاب بېرىدىغانلىقىغا يەنە بىر قېتىم چىن پۈكتۈم.
بۈگۈن كەچ سىڭلىمنىڭ ئۆيىگە يەنە باردىم. بۇ قېتىم دوختۇرخانىنىڭ ئالدىدىكى ئۈرۈكلەرنىڭ چىچەكلىگەن چىچەكلىرىگە قاراپ ئالدىمغا  ئۇچرىغان، ئىڭەك يۆلەپ ئولتۇرۇپ ھەممە ئادەملەرگە كۈلۈمسىرەپ قاراپ ئولتۇرغان تازلىقنى ئايالنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئونىنچى يول ئابتۇبۇسىنى سورىدىم. ئۇنىڭ ماڭا ئېيتىپ بېرىشى بىلەن. ئىستالىن كوچىسى دەپ يېزىقلىق كوچىغا كىرىپ ئابتۇبۇس ساقلىدىم. سانسىزلىغان ئادەملەرنىڭ «يول قورلۇشى» دەپ توپىلارنىڭ پۇرقۇرتىشى بىلەن يۈزلىرىنى توسۇپ تۇرغان بىكەتكە چۈشكەن قۇياش نۇرىدا يۈزلىرىم ئوت ئالماقتا. مەن ئونىنچى يولغا ئولتۇرۇپ، سىڭلىمنىڭ ئۆيىگە بارالىدىم. بۇ مېنىڭ يەنە 6- يىلدىن كېيىن تۇنجى قېتىم غولجا شەھىرىدە ئابتۇبۇسقا ئولتۇرۇپ ئۆز نىشانىمغا بېرىشىم ئىدى.
كەچ سائەت يەتتىلەردە يەنە ئوخشاشلا ماشىنا بىلەن دوختۇرخانىغا كەلدىم. ئاپام يەنە ئىشىككە تەلمۈرگىنىچە قاراپ ئولتۇرۇپتۇ. مەن دادامغا قارىيالمىغان، ئۇنىڭ دۇئاسىنى يىراقتا تۇرۇپ تېلفونلاردا ئاڭلىيالىغان. ئۇ ئاغرىپ يېتىپ قالغىنىدا يېنىدا بولۇپ ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ قويالمىغان. پەقەت بىر كۈن مەن دادامنىڭ بېشىدا ئولتۇرۇپ باققان، پەقەت بىر كۈنى ئۇنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ باققان. پەقەت بىر كۈن ئۇنىڭ «مەن رازى» دېگەن سۆزىنى ئاڭلىغان. شۇڭا مەن ئاپامنىڭ ماڭا بەرگەن بۇ پۇرسەتلىرىدىن خوشال. شۇڭا ئاپام ئاغرىپ قالدىم دېسە ئارامسىزلىنىمەن. كۆرگۈم كېلىدۇ. يىتىلەپ دوختۇرغا ئاپىرىپ داۋالاتقۇم كېلىدۇ. ھەرقانداق مۇھىم ئىشىم بولسىمۇ، بىر كۆرۈپ كەلمىگىچە كۆڭلۈم تىنمايدۇ. مەن ئاپامنىڭ قوللىرىنى سىيلىدىم. ئۇنىڭ پۇتلىرىنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ، ماڭا ئۇنداق قارىماسلىقنى ئېيتىپ ئۇنى ئۇخلىتىپ قويدۇم. بۈگۈن مەنمۇ بالدۇراق ئارام ئالدىم. ياتاقتىكىلەرمۇ بالدۇرلا يېتىۋالغان بولۇپ توكلار ئۆچۈرۈلۈپ پۇشۇلداشلار ئادەملەرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇنىرە ئالىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-27 11:26  


ياپيېشىل تاغلارغا بېرىپ سايەھەت قىلىشنى چۈشۈمدە چۈشەيدىغان بولدۇم.  ئوڭۇمدا قاچان ئۇلىشارمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  133
يازما سانى: 211
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 452
تۆھپە : 0
توردا: 22
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-16

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 11:56:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  500
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 189
تۆھپە : 0
توردا: 66
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-6-10

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 12:55:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

       مۇنىرە ئالىم ئىسىملىك  بۇ قىزنىڭ بۇ تېما ئاستىدىكى يازمىلىرىدىن بىلىپ بولغۇسىز بىر مۇڭ تۈكۈلۈپ تۇرىدىكەن.ئايرىم يازمىلىرىدىكى‹‹قالغان سىڭلىم، ھەدىلىرىم بېرىپ كەلدى. ئاڭلىسام ئۇلارنى دادام سېغىنىپ چاقىرتىپتۇدەك. بىراق مېنىچۇ؟››،
‹‹ئۇ ئۇرۇقلاپ قاپتۇ. ئەمما مېنى كۆرۈپ كۈلدى. مېنى باغرىغا بېسىپ، مەڭزىمگە، پىشانەمگە سۆيۈپ تۇرۇپ ‹مېنى يوقلاپ بارمىدىڭ – ھە! بالام› دېگەن ئىدى. مەن يېنىمدىلا تۇرغان ئاكامغا، چوڭ دادام ۋە كىچىك ئاپىلىرىمغا قاراپ قويۇپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتكەن ئىدىم. شۇ چاغ دادام ‹بالام، مەن سېنى يولدا جاپا تارتمىسۇن دېدىم، ئوقۇشۇڭغا تەسىر قىلمىسۇن دېدىم. شۇڭا سېنى چاقىرتمىدىم. مېنىڭ غەيرەتلىك قىزىم› دەپ قايتىلادىن باشلىرىمنى سىيلاپ باغرىغا باسقان ئىدى.››دېگەن جۈملىلىرى بۇ خىل كەيپىياتنى تېخىمۇ يۇقىرى دۇلقۇنغا كۆتىرىدىكەن!
        بۇ قىز يازغان‹‹چۈنكى قىز بالا ئۈچۈن بەك تەۋەككۈلچىلىك بەختسىزلىك ئېلىپ كېلىدىكەن ئەمەسمۇ؟!››دېگەن جۇملىلەردە بولسا،تۇرمۇش ھەقىقىتى پۇراپ تۇرىدىكەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TAYANQIMBAR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-27 12:55  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 634
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-2

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 16:57:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ خاتىرىلىرىمگە كۆز يۈگرۈتكەن شۈكۈر ۋە تايانچىم بارغا كۆپ رەھمەت.
مېنىڭ دادام شۇنداق چاقچاقچى ئىدى، ئۇ دائىم بىزنى بېشىدا تېرىكتۈرۈپ ئاندىن تاتلىق سۆزلىرى بىلەن ئالدىۋالاتتى. شۇ ۋاجىدىن ئۇ دائىم «قىزىم، سەن بەك چىدىماس» دەپ لەۋلىرىمنى پۈرۈشتۈرۈشۈمگە. كۆزلىرىمگە ياش ئېلىشىمغا سەۋەب بولاتتى. بىردەمدىلا «مېنىڭ قىزىم بەك غەيرەتلىك. قاراڭلار ئۇنىڭ كۈلكىسىنى» دەپ مېنى كۈلدۈرۈپ قوياتتى.

ياپيېشىل تاغلارغا بېرىپ سايەھەت قىلىشنى چۈشۈمدە چۈشەيدىغان بولدۇم.  ئوڭۇمدا قاچان ئۇلىشارمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 634
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-2

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 17:00:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

4- ئاپېرىل چارشەنبە

تاڭ سەھەردىكى تاراقشىشلار ئۆز گۈزەللىكى بىلەن لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوتلار ئىچىدىن چىقىدۇ. چۈش ئىچىدىن قەيرىلغىنىچە خوشلىشالمىغان كۆزلەر تاڭ سەھەرنىڭ مەيىن شامىلىنىڭ يۈزلەرنى سۆيۈشى بىلەن ئەسرالىشىپ ھاياجانلىنىپ كۆزلىرىنى ئاچىدۇ. شۇنداق بۇ سەھەرلەرنىڭ گۈزەل كۈيچىسى بولغان شامال يەرلەرگە قاراڭغۇلۇقىنى يايغان كېچىنى قوغلايدۇ. ئەمدىلا يۇرۇقلۇققا يۈزلەنگەن يەرلەرنى سېپىپ ئۆتۈپ مەڭزىلەرگە ئۆز ناخشىسىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. مانا مەنمۇ ئېرىنچەكلىك بىلەن سەھەرنىڭ مەيىن شامىلىنىڭ مەڭزىمنى سۆيگۈنىچە يەنە بىر سەھرىمگە ئۆز تەشنالىقىمنى يېزىپ تۇردۇم. گەرچە دوختۇرخانىدىكى كۈنلەر زىرىكىشلىك بولسىمۇ، ئەمما مېھرىبانلىققا تۇيۇنمىغان تۇيغۇلۇرۇمدا ئاپامنىڭ يېنىدىلا بولسام مەن ئۆزەمنى ئەڭ بىخەتەر سىزىمەن دېسە.
ئەتىگەندىكى قىزغىن تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن ئازراق ئارسالدى بولۇپ قېلىشقىلارچە، مەن ئاپامنىڭ يېنىدىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلىپ باقمىدىم. تۈنۈگۈنكى پاراڭلاردىن ھالقىغان سىغىنىشلىرىمىزدا گۈلباھار ھەدەم غولجىدىكى «قەلىب  ۋە نۇر»نىڭ ئاپتورى رەشىدە مۇھەممەت ھەدىمىزگە خەۋەر بەرگەن ئىكەن. ئەتتىگەندىكى قۇياشنىڭ قىزدۇرۇشلىرىدىن ياتاقتا ھوزۇرلىنىپ ئولتۇرسام ئۇنىڭدىن تېلفون كەلدى. گەپ ئارلىقىدا چۈشكە يېقىن كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتۈپ كەتتى.  مەن جىددىيلىشىپلا قالدىم. ھېلىمۇ دوختۇرخانىغا كىرگەندىن بېرى يېقىن قىرىنداشلىرىمدىن ئاپام ۋە سىڭلىمنىلا كۆرۈش نىسىب بولغاچقىمۇ، بىرخىل يېتىمسىراشتەك تۇيغۇ مېنى ئەسىر قىلغان ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ «ئاپامنى يوقلاپ كېلىمەن» دىيىشىگە ئەگىشىپ قەدەم ئېلىشىم ھەمدە ئاپامغا توختىماي سۆزلەشلىرىم مېنى ھاياجانلانغاندا قىلىدىغان قىلىق تاپالمىغاندەك تۇيۇلدۇراتتى. مانا يېنىك قەدەملەرگە سىڭگەن مەردانىلىق، ئانىلىق مېھرىگە تولغان قەلىب، يۈرۈكلىرىدە سوقۇۋاتقان سۆيگۈ نۇرىدا لەرزان مۇزىكىدەك رىتىملىق ئاۋازلىرىغا سىڭگەن گۈزەللىكىنى ئۆز كۈلكىسىگە، ئازابلىرىغا، ئۆتكەن قايغۇلىرىغا سىڭدۈرگەن رەشىدە ھەدەم بىلەن دوختۇرخانىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا يۈزىمىزنى يۈزىمىزگە يېقىپ كۆرەشتىم. نېمىقىكى بۇ يەرگە كەلگەندىن بېرى ئەڭ يېقىن ئادىمىمنى يەنە بىر رەت ئۇچراتقاندەكلا ھاياجانلاندىم. شۇنداق ئادەم ياشايدىكەن يۈرىكىگە سىڭىپ قالغان كىشىلىرى ۋە ئەستىن چىقىرىشقا، ئەسلىمەسلىككە تېگىشلىك كىشىلىرى بولىدىكەن. مەنمۇ بىر چاغلار ھەدەمنىڭ كۆپكۆك شارپىسىنى قۇچاقلىغىنىمچە «ئىككى كۈندىن بېرى قېلىن قارنىڭ يېغىشى بىلەن يول توسۇلۇپ بىر كۈنلۈك يولنى ئىككى كۈندە بېسىپ غولجىدىن كەلدىم» دېگەن ياڭراق كۈلكىسى بىلەن كۆرەشكەن ئىدىم. ئاشۇ چاغ ئۈرۈمچى شەھرى تۆتىنچى ئاينىڭ ئاخىرى بولسىمۇ، شۇنداق سوغۇق ئىدىكى. قېلىن كىيىنىشلىرىمىزگە سىڭگەن سىغىنىشلىرىمىزدا گۈلباھار ھەدەم، رەشىدە ھەدەم، ساجىدە ھەدەم قاتارلىقلار يىراقنى يىقىن كۆرمەي، يىقىننى يىراق كۆرمەي مۇڭدىشىپ، يۈرىكىمىزگە شۇنداق بىر ئوتلارنى سالغان ئىدۇق. نېمىشقىكى مۇشۇ تور ئەدەبىياتىغا يۈرۈش قىلغاندىن بېرى ھەدىلىرىمنىڭ قىزغىن قوللىشىدا ئۇلارنى يۈرىكىمدە سۆيۈپ، ياخشى كۆرۈپ. «ھەدە» دېگەن ئوتلۇق بىر سۆزدە چاقىرىپ يۈرەتتىم. شۇ مۇناسىۋەت بىلەنمۇ مەيلى كىملا ئۈرۈمچىدەك تاش شەھەرگە كەلسۇن مەيلى ساجىدە ھەدەم، مەيلى قايسى ھەدىلىرىم بولسۇن مېنىمۇ چاقىرىدىغان. ھەم دەستىرخان بولۇپ كۆڭۈللۈك سۆھبەتلەردە بولىدىغان بولغان ئىدۇق. «رىشتە كۈندە چېگىلمەيدۇ، يىلدا چىگىلىدۇ» دېگەندەك مانا بۇ ھەدىلىرىم بىلەن رىشتەم يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تېخىمۇ چىڭڭىدە چىگىلىپ، كۆڭۈللىرىمىزدىن سۇ ئىچىلىپ كېتىپ باراتتى.
رەشىدە ھەدەم بىلەن ئەدەبىيات ۋە بۈگۈن ھەققىدە،  يېقىندا ئىلى دەرياسىنىڭ 2011- يىلى 6- سانى ۋە 2012- يىلى 1- سانىدىكى پوۋىسىتى «قەلىب ۋە نۇر» ھەققىدە سۆزلەشكەنمۇ، ئائىلە ۋە بۈگۈنكى جەمئىيەت ھەققىدە سۆزلەشكەنمۇ ۋەياكى ھازىرقى كۈنلىرىمىز ھەققىدە ھەدىلىك ۋە سىڭىللىق سالاھەتتە سۆزلىشىپمۇ قانمايتتۇق. نەچچە كەلگەن بۇ شەھەردە رەشىدە ھەدەم بىلەن كۆرۈشۈشنى ئىزدىگەن بولساممۇ، ئەمما ۋاقىت مەسىلىسىدىن دىدارلىشالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن گەپلىرىمىز ئۈزۈلمەيتتى. يېنىش يېنىشلاپ كۆيۈۋاتقان يۈرىكىمىزدىكى ئوتىمىز بىزنى ئەنە ئاشۇنداق قەلبىمىزدىن سۇ ئىچىدىغان، يۈرىكىمىزدىن بىر – بىرىمىزگە گۈزەل بولغان كېلەنچەكلەرنى تىلەيدىغان ھەمدە ياخشى يامان كۈنلەردە ھەمدەمدە بولىدىغان قىلىپ كۈيدۈرەتتى. شۇ ۋەجىدىن گەرچە بىر قېتىم دېگەن تۇيغۇدىن يۈرىكىم ئۇيالسىمۇ، ئىككى، ئۈچىنچى يول ئېلىشلىرىدىن گۈزەل بولغان قىرىنداشلىق مېھرىنى يۈرىكىمگە ئورنىتىپ قوياتتى.
رەشىدە ھەدەمنى ئاپامغا «قەلىب ۋە نۇر» دېگەن ئەسەرنىڭ ئاپتورى دەپ تۇنۇشتۇردۇم. بۇ يىل قىش ھىجرانلىق يۈرىكىنى يېزىلارغا يېزىپ باشقىلارنىڭ مېھرىبانلىقىنىڭ ئۆزىگە زىيادە بولۇشىغا يول قويماي شەھەرلەرگە يول ئالغان ئىككىنچى ھەدەم. ئۈرۈمچىگە كېلىپ قولىغا ئىلى دەرياسىدىكى ئاشۇ پوۋىسىتنى يازغان ئىدى. ئۇنىڭ «بۇ پوۋىسىتنى يازغان ئايال بىلەن تۇنۇشامسىز» دېگەن سوئاللىرىدىن پەخرىلەنسەم. ئەسەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسىدىن خوش بولاتتىم. بىزنىڭ ئۆيدە كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما ساقلىغان كىتابلىرىمىز يوق ئىدى. دادام رەھمەتلىك بىزنىڭ دەرىسلىك كىتابىمىزدىكى قىسقا ھېكايىلەرنى ئاپامغا ئوقۇپ بەرسە. چوڭراق ھېكايىلەرنى ئاكامغا ئوقۇتۇپ ئاڭلايدىغان. ھەمدە شۇ ھېكايە ئوقۇلۇپ بولمۇغۇچە ھىچقانداق ئىش قىلدۇرمايتتى. ھەمدە ھەممە ئىشىنى تاشلاپ قوياتتى. شۇ ۋەجىدىنمىكى بىزنىڭ ئۆيدىكى بەش قېرىنداش ھەممىمىز شۇنداق بىر كىتابقا قىززىقىپ كەتسەك، ھەرقانداق ئىش بىلەن كارىمىز يوق بولۇپ كېتەتتى. ئىككىنچى ھەدەممۇ ئۆيۈمگە كەلگەن شۇ كۈندىن كېيىن 100 دەك ژورنالدىكى ئەسەرلەرنى ئوقۇپ تۈگەتتى. بەزىلىرىنى كېچە ياستۇققا باش قويغىنىمدا ماڭا سۆزلەپ بەردى. نۇرغۇن ئەستەرلىكلىرىمدىن چىقىپ كەتكەن ئەسەرلەرنى ئۇنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق يەنە قايتا ئوقۇپ چىققاندەك بولدۇم. ئۇنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى مەندىن ياخشى بولۇپ، بىر ئەسەرنى ئوقۇپ بولسا خۇددى سۇ ئىچكەندەكلا ئىنچىكە تەپسىلاتلىرىغىچە يادقا بىلەتتى. بەلكىم ئۇ كىتاب ئوقۇسا ئىچ – ئىچىدىن ئوقۇشى مۇمكىن.
ئاپام، مېنىڭدەك بىر قىزىنىڭ تۇتقان ھەدىسىدىن پەخرىلەندى. ئۇنىڭ مۇشۇنداق ئالىراشچىلىق كۈنلەردىمۇ ئۆزىنى يوقلىشى بۇ شەھەرنىڭ غىرىبلىقىنى قوغلىدى. شۇنداق ئاپاممۇ ھەر قېتىم ئىشىككە قاراپ يېتىپ ياندىكى ياتاقلارغا ئۈزۈلمەي يوقلاپ كىرىپ كېتىۋاتقان تالاي ئادەملەرنى كۆرەتتى. ئۇلاردىن سۆيۈنەتتى. ئۆزىنىڭ بىر قېرىنداشلىرىنى، ھەتتا بەش بالىسىنى ئەسلەپ قالاتتى. تۇيۇقسىز ئۇلارنىڭ كۈلۈپ كېرىشىنى كۈتەتتى. مانا بۇ رەشىدە ھەدەمنىڭ كۈلۈپ كىرىشى ئاپامغا يەنە بىر قېتىم غەيرەت تىلىدى.
قىسقا ئەمما مەنىلىك سۆھبىتىمىزنىڭ داۋامىنى ئەتىگە ئېلىپ قويۇپ رەشىدە ھەدەم ، گۈلباھار ھەدەمنىڭ ھەممىگە يېتىشكەن قەلبىنى ماڭا سۇنۇپ ئۇزىدى. مەن قوللۇرۇمدا باغاشلىغان ھەدەمنىڭ ئوتلۇق سېغىنىشلىرىنى، مېھرىبانلىق چىقىپ تۇرغان كۆزىنى رەشىدە ھەدەمگە چوڭقۇر رەھمىتىم ئارقىلىقلا بىلدۈردۈم. كۆزلىرىمگە ياماشقان يىغىلىرىمدا ئۇنى قوللىرىمنى ئۇزۇن سۇزۇپ ئۇزۇتۇپ قويدۇم.
چۈشتىن كېيىن يەنە جىمجىتلىق، غىرىبسىزلىنىش مېنى دوختۇرخانا گۈللۈكىگە ئېلىپ چىقتى. چىڭقىلىۋاتقان تۇيغۇلۇرۇم بايىلا سۆيۈنگەن قەلىبتىن شادلانسا. ئاپامنىڭ سېغىنىشلىرىغا ئۈندىگەن تۇيغۇلۇرىنى ئۆزەمنىڭ قۇشقاشتەك ۋىچىرلاشلىرىمدا باساتتىم. ئالدىمىزدىلا تۇرغان ئۈچ قەۋەتلىك بىنانىڭ ئىككىنچى قەۋىتىگە قاراپ دادامنى ئەسلەيمىز. ئاپام دادامغا قارىغان كۈنلىرىدىكى غولجىدا يۈرگەن ھەربىر كۈنىنى ئەسلەيدۇ. ئۇنىڭغا مۇشۇنداق ئەسلەش شارائىتىنى ھازىرلىغان ھازىرقى جىمجىت كۈنلىرىگە شۈكرى ئېيتىدۇ. ھەممە رىئاللىقتىن قېچىپ قۇتۇلغان ئەمەس، مەنمۇ، ھەتتا ئاپاممۇ شۇنداق. شۇ ئۇ ياشلانغان كۆزلىرىنى ئۇلاپ ئىككىنچى قەۋەتتىكى ياتىقىغا كىرىپ بالىلىرىغا بىردىن تېلفون ئۇرۇپ بېرىشىمنى كۈتىدۇ. ئۇنىڭ بۇ كۈنلىرى ئۈچ كۈن بولدى داۋاملىشىۋاتىدۇ.
مەن گۈزەل بولغان غولجا كوچىسىدا ئەركىن نەپەس ئېلىپ  كېتىپ بارىمەن. ھەربىر نەرسىلەرگە قىزىقىشىم ۋە تەلپۈنۈپ قارىشىم ئوخشىمايدۇ. تۈنۈگۈندىن بېرى ئۆگىنىۋالغان ئابتۇبۇسقا چىقىش ئىشىمدىن پەخرىلىنىمەن. بۈگۈن ھىچكىمدىن سورىماي، پەقەت تەمتىرىمەي سىڭلىمنىڭ ئۆيىگە كەۋەلدىم. ئادەملەر يەنە ئالدىراش. مەنمۇ شۇنداق ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ دوختۇرخانىغا بارىمەن. ئاشۇ ئېگىز بىنالارغا يازغان زىرىكىشىمنى ئېلىپ غولجىنىڭ ھەربىر دوخمۇشلىرىدا تۇرغان چىچەكلەرگە چاچىمەن.
كەچ يەنە ئۆز قاراڭغۇلۇقىنى ئەتراپقا يېيىپ ئۇزىماقتا. مەن يەنە بىر كۈننىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى تەبرىكلەپ ئۇيقۇلارغا شىرىك بولماقتىمەن. يەنە بىر سەھەر ئۆز گۈزەللىكىنى چېچىپ بىردەمدە ھەممە يەرنى ياشاراتقاندەك، بىزنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ ياشارتىپ ئۆتىدۇ.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇنىرە ئالىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-27 17:00  


ياپيېشىل تاغلارغا بېرىپ سايەھەت قىلىشنى چۈشۈمدە چۈشەيدىغان بولدۇم.  ئوڭۇمدا قاچان ئۇلىشارمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  136
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 608
تۆھپە : 0
توردا: 148
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 17:32:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاتىرىلىرىڭىز  ماڭا ئۆزگىچە زوق ئاتا قىلدى،يېزىڭ سىڭلىم! خاتىلىرىڭىز  سىزنىڭ گۈزەل ئارزۇ-ئىستەكلىرىڭىز ئەمەلگە ئاشقان قۇرلار بىلەن تولغۇسى.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 634
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-2

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 13:14:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

4- ئاپېرىل پەيشەنبە

تاڭ سەرنىڭ سۈزۈكلۈكىگە سىڭگەن غىرىبلىقىمدا بۇ تاڭنى سىغىنىشلىق قەلبىم بىلەن كۈتۈۋالدىم. يەنىلا ئىللىق شامالنىڭ ھىدلىرىغا باغلانغان بۈگۈنكى خوشاللىقلىرىم مېنى ھاياجانلاندۇراتتى. ياتاقنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدىكى دەرىزىنىڭ يېنىدا چېچەكلىگەن ئۈرۈكنىڭ ھىدى گۈپۈلدەپ دەرىزىدىن كىرىپ تۇراتتى.
تالاي كۈتۈشلەر ئىچىدە بەزىدە ئادەم بىر كىملەردىن شۇنداق ئۈمىدلەرنى كۈتۈش  ئىچىدە ياشاپ قالىدىكەن. شۇنداق بىر ئارزۇلاردا كۆيۈپ كۈل بولىدىكەن. بۇ شەھەرنىڭ ھەربىر نەرسىلىرىگە سىڭگەن شەھەرلىشىشلەرگە قاراپ يېزامنى چوڭقۇر سېغىندىم. تۈنۈگۈنلا ئۇچراشقان رەشىدە ھەدەم بىلەن بولغان قىزغىن كۆرۈشەشلەردە. ئۇنىڭ باغرىدىكى قېرىنداشلىرىمنىڭ پۇرىقىنى پۇرىدىم. ئاپامنىڭ مەڭزىلىرىنىڭ قىپقىزىللىقتىن تۇيۇنغاندەك ئاكامنى  بۈگۈن چاقىرتتى. چۈنكى ئۇ بىرتال بولغان بۇ ئوغلىنى ئەمەس يېزىمىزدىكى ھەرخىل پۇراقلارنى سېغىنغان ئىدى. بۇرۇن بىر سىڭلىم مەن تاغدىن قايتىپ كەلسەم «چاپىنىڭىزنى ئۇزۇن پۇرىۋالاي، تاغقا بارالمىساممۇ، ئۇنىڭ پۇرقىغا ئامراق» دەيدىغان. مەن كۈلىدىغان ئىدىم. ئەمما كېيىنچە ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن «بىرسى كەپتۇ» دېسە تاس قالاتتىم چاپانىڭىزنى بېرىپ تۇرۇڭە پۇرىۋالاي دېگىلى. ئاشۇ يۇرۇتتا كەيگەن كىيىملىرىمنى خېلى ۋاقىتلارغىچە كەيگىم كەلمەي پۇراپ كېتەتتىم. شۇڭا ئاپاممۇ ئەقىچان ئاكامنىڭ چاپىنىنى بېشىدا قويۇپ ئۇخلىسا رەھەتلىنىپ قالار. شۇڭا ئاكامنى «ئاپام، كەل بالام» دەپ مېنى چاقىرغاندەكلا چاقىردى. ئاكام ئۆز ئىشلىرىنىڭ ئالدىراشچىلىقلىرىنى تاشلاپ، بېقىۋاتقان كالىلىرىدىن ئەنسىرگىنىچە ئاپامغا «بارالمايمەن» دېيەلمەي. «چۈشتىن كېيىن بارىمەن» دەپ قويدى.
مەنمۇ يېزامغا سۇزۇلغان سېغىنىشلىرىمنى قۇچاقلىغىنىمچە ئىككى ھەدەمنىڭ باغرىغا قېنىپ، دادامنىڭ ھىدى سىڭگەن ئۆيدە بىر تاڭنى ئاتقۇزۇش، بىر – بىرىدىن يېتىشمەي چوڭ بولۇۋاتقان ۋە تۇغۇلۇۋاتقان نەۋرىلەرنىڭ خوشال كۈلكىلىرىگە جور بولۇش ئىستىكىدە بۈگۈن نەچچە كۈن بولغان يېنىۋاتقىلى. شۇڭا مەن ئاكام كېلىشىگە يېزامغا مېڭىش تەييارلىقىنى قىلىش بىلەن بەنىد بولدۇم. چۈش ئۆز غالىبلىقى بىلەن تەبرىكلىنىۋاتقان پەيىتلەردە مېھرىبانلىقى ئاياغ تىۋىشىگە سىڭگەن رەشىدە ھەدەم قولىدا بىر تاماق قاچىسىنى كۆتۈرگىنىچە كەلمەكتە. مەن ئۇنىڭ رىتىملىق ئاياق تىۋىشىنى تۈنۈگۈن ئاڭلىۋالغان. غىرىبلىققا سىڭگەن بۈگۈنكى كۈندە ئۇنى سېزىۋالدىم. شۇڭا ئۇنىڭ ئالدىغا رازىمەنلىكىمنى ئېلىپ يۈگرۈپ چىقتىم. ئۇ مېنىڭ تۇيۇقسىزلىق ئىچىدە ئۆزىگە كۈلۈپ چىققىنىمدىن كۈلدى. يۈزلىرىمنى سۆيدى. شۇنداق مەن ئۇنىڭ مەڭزىمگە تەككەن لەۋلىرىدە بىرخىل كۆيۈشنىڭ، سەمىمىيلىكنىڭ ئەۋىج ئالغانلىقىنى بىلدىم. يۈرىكىمدىن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ، سۆيۈپ قالغانلىقىمغا ئىقار بولدۇم.
ھەدەمنىڭ تۈجۈپىلەپ ئېتىپ كەلگەن تامىقىدىن لەۋلىرىملا ئەمەس يۈرىكىممۇ كۈلدى. كۈندە دوختۇرخانىنىڭ يوغان داش قازىنىدا ئەتكەن تامىقىنى يەپ ئۆي تامىقىنى شۇنداق كۆرگىمىز كەلگەچكىمۇ، بىر تالمۇ قويماي يەۋەتتۇق. «ھېلىمۇ مۇشۇ ھەدىڭىز بولوپ قاپتىكەن» دەيتتى ئاپام، ماڭا رازىمەنلىك بىلەن كۈلۈپ. شۇندان «مەن ھەدە تۇتماپتىمەن ئاپا، ھەدەم مېنى سېڭىل تۇتۇپتۇ» دېدىم رەشىدە ھەدەمنى ئىزدىيەلمىگەنلىكىمنىڭ سەۋەبلىرىنى ئىزدەپ ئولتۇرۇپ. ئاپام «بىر قېرىنداشلارمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان پۇرسەتلەر بولىدۇ. ئەمما ھەدىڭىز...» دەپ كۆزلىرىگە ياش ئالدى. مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن سىڭلىسىنى سېغىنغىنىنى. بىر قېتىم بولسىمۇ تېلفون ئۇرۇپ «ھەدە» دېگەن سۆزىدە مېھرىبالىقىنى ئىپادىلىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم. شۇڭا ئاپامنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇش ئۈچۈن رەشىدە ھەدەم ھەققىدە ئۆزەم بىلىدىغان قۇرلارنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەردىم.
چۈشتىن كېيىن ئاكام تەرلىگىنىچە دولىسىغا چاپىنىنى ئارتىپ يېتىپ كەلدى. ئۇنىڭ قاردىغان چىرايىدا ھارغىنلىق قېتىپ قالغان ئىدى. مەن ئۇنىڭ پۇتلىرىنى، بەللىرىنى سىيلىدىم. ئۇنىڭ قىزارغان مەڭزىگە قاراپ ئۇنىڭ چارچىغانلىقىنى ھىس قىلدىم. شۇنداق ئاكام شۇنداق ئىدى. قورسىقىغا تۈزۈك يىمەي ياشايدىغان. شۇڭا دادامدىن كېيىن قېلىپ ئۇرۇقلاپ كەتتى. قاچانلا قارىسا كالپۇكلىرى گەز باغلىغان. مەن ئاكامغا ئەتكەن چاي ئېتىپ تاماق ئەكىرىپ بەردىم. مۇشۇ ئاكامغا بولسىمۇ، ئۆز مېھرىبانلىقىمنى يەتكۈزەي دەپ ئويلاتتىم.
ئاپامنى قايتا قايتا ئاكامغا تاپىلاپ ئۆيگە ماڭدىم. بىكەتكە كېلىپ توققۇزتارانىڭ بېلىتىنى ئالغىچە بولغىچە شۇنداق ھاياجانلاندىم. ماشىنا يولغا چىققاندا بولسا، ئاكام قاراپ قالغان ئاپامدىن ئەنسىرەشكە باشلىدىم. نېمىشقىكى ھەر قېتىم ئاغرىغاندا يېنىدا ئۆزەم بولغاچ ئەنسىرەشنى ئۇنتۇيدىكەنمەنتۇق. بىراق ھازىر.
ماشىنا ئۇچقاندەك ماڭماقتا. يول يول تېرىلغان يازلىق بۇغدايلارنىڭ شامالدا يەلپۈنۈشى بىلەن دەرىزىدىن  كىرۋاتقان ھەرخىل ئوغۇتلارنىڭ پۇراقلىرىدا قۇرۇنغان گەۋدىلىرىم راھەتلەنمەكتە. كەڭ يېيىلىپ تۇرغان ئېتىزلىقلاردا تۇرغان كىشىلەر ئۇچقاندەك ئۆتۈۋاتقان ماشىنىلارغا قاراپ ئىچىدىكى ئادەملەرنى بەختلىك سەزمەكتە.
ئۇزۇن قىسقا خىياللىرىمنى قۇچاقلىماي تۇرۇپ ياماتۇغا كەلدۇق.  دەريانىڭ  گۈۋەجەشلىرىگە سىڭگەن ئاۋازلىرىدا كۆرۈكتىن ئۆتۈپ كەتتۇق. ئەمدىلا سۇز يېشىللىق تۈسىگە كىرەي دېگەن ئاقباش چوققۇلار.يېيىلغان كەڭرى دالىلار كۆزلەردىن ئۇچماقتا. مەن تاغلاردىن ھالىقىۋاتقان خىيالىرىمدا بۇ يىل ياز چوقۇم كېلىپ چوڭ بولغان تاققا بېرىپ ياپيېشىل چىملىقلاردا يېتىپ باقمىسام دەپ ئويلاۋاتىمەن. شۇنداق ھايات ھەربىر ئىنسانغا ئۆزى تۇتۇۋالغۇدەك پۇرسەتلەرنى ئاتا قىلىدىكەن. تۇتۇش قۇيۇپ بېرىش ئۆز ئىختىيارىدا بولىدىكەن. مېنىڭمۇ تالاي پۇرسەتلىرىم يېزامدىن ئۇچقان شامالدا شەھەرنىڭ بورانلىرىغا قېتىپ كەتتى. مەن بوراندىن قورۇققاش ئۇنى سوراپ باقمىدىم. ئەگەر بىر كۈنلەر كەلسە يەنە يېزىلارغا تۇتاشقان تەلپۈنۈشلىرىمدە پۇرسەتنى ماڭا بەرسە مەن قانداق قىلارمەن ھە.
قاراڭغۇلۇق تەكشى يېيىلغان بىر چاغدا توققۇزتارانىڭ ئۇزۇنغا سۇزۇلغان يولىنى تۈگىتىپ ناھىيە ئىچىگە كىرىپ كەلدۇق. ماشىنا ئۇدۇل بىكەتكە بېرىپ توختىدى. يېڭىلا توۋلانغان ناماز شامنىڭ مۇڭلۇق ئەزان ئاۋازى مېنىڭ چاڭقىغان دىللىرىمدا سۇز تىتىرەشكە باشلىغان سىغىنىشلىرىمنى چىڭڭىدە قۇچاقلىدى. مەن ئۆتكەندىلا تېخى ئىككى قىزىنى قالدۇرۇپ كېتىپ قالغان كىچىك ئاپامنىڭ ئۆيىگە پەتىگە كىرمەكچى بولۇپ، بىكەتتىن مەيۈس ھالدا چىقتىم. ئاشۇ كىچىك ئاپام مەن ماڭدىم دېسەم بىكەتكە ئاران مېڭىپ مېنى ئۇزۇپ قوياتتى. «قىزلىرىم مەندىن كېيىن قالسا سىلەر بىلەن ياخشى ئۆتسۇن دەپ ئۇلارنىڭ مېھرىنى ئۆزەمدىن بۆلگىنى سىلەرنى يوقلاپ كەلدىم» دەپ 2009- يىلى ئىككى قىزىنى ئېلىپ غىرىب كۆلبەمگە بارغان. ئۇ ئاكامنىڭ ئىككى قىزى دېسە ئايىغى چۈشۈپ قالسىمۇ يۈگرەيتتى. ئۇنى قېرىندىشىنىڭ ئوتى ئەزگەن ئىكەن. ئەمدى ئۇنىڭ ئوتى يەنە قېلىپ قالغان  سەككىز قېرىنداشنى ئېزىۋاتقاندۇ .
كىچىك ئاپامنىڭ ھويلىسىغا كىردىم.  تىپتىنىچ، چۆلدەرىگەن. ئىشىكنىڭ تىرىقشىغان ئاۋازىنى تىڭشاپ ئالدىمىزغا يۈگرىپ چىقىپ بىزنى باغرىغا باسىدىغان كىچىك ئاپام يوق. ھويلىنىڭ يان تەرىپىگە جايلاشقان كەپتەر كاتىكىنىڭ ئىشكىگە بېشىنى تىقىۋىلىپ كەپتەرنى ئىتتىرىپ دان بېرىۋاتقان چوڭ ئوغلى، ھويلىنىڭ شەر*ق تەرىپىگە جايلاشقان ئۇزۇن كەتكەن قورۇدا كالىلارنىڭ، قويلارنىڭ ئاياقلىرىدا تىشاڭنى كۆتۈرۈپ يۈرگەن ئىككىنچى ئوغلى. بىر ناخشىغا غىڭشىغىنىچە قازان يۇيۇۋاتقان كېلىنى. مېنى ھىچكىم كۆرمىدى. ياق ئۇلار ئىشىككە قاراپ باقمىدى. تاراقشىتىپ بۇ كەچتە دەرۋازا ئىچىپ بىرسىنىڭ كىرىشىنى خالىمىدى ئەقىچان. مەن ئۆزۈمنى تۇتالمىدىم. مەڭزىمدىكى ياشلارنى سۈرتەلمىدىم. سۇپپىغا كېلىپ ئولتۇردۇم. كىچىك ئاپام  مەن كىرىپ بولغۇچە ئاستىمغا كۆرپە سېلىپ بولاتتى. بۈگۈن ئۇ كۆرپىلەر يىغىلغان. كېلىنى يۈگىرىپ يۈرۈپ كىچىك ئاپامنىڭ چوڭ قىزىنى تېپىپ كىردى. ئۇ بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىكەن، شۇڭا تەييارلىق قىلغىنى دوستىنىڭ ئۆيىگە چىقىپ كېتىپتۇ. ئۇ يۈگرىپ كىردى. مېنى كەپتۇ دەپتۇ. ئۇ مېنىڭ ئاۋازىمغا سىڭگەن مېھرىبانلىقىمنى بىلىدۇ. ئۇ مەڭزىمنى سىيلاپ تۇرۇپ قاراڭغۇلۇق تىكىلگەن كۆزلىرىدە مىڭ پارچە ئوتنى پارچىلاپ يىغلىدى. يىغلىدى. شۇنداق مەنمۇ ئۇنىڭدەك يىغلىغان. دادام دەپ يىغلاپ يەتتە يىلنى ئۆتكۈزگەن. يەنە ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. شۇنداق بۇمۇ يىغلايدۇ. يىغلاپ تۇرۇپ سىڭلىسىگە چىداشلىق بېرىش ئۈچۈن ياشلىرىنى قاراقلىرىغا سىڭدۈرۈشنى ئۆگىنىدۇ.
مەن مانا كىچىك ئاپامنىڭ ئۆيىدىن ئۇنىڭ يىغىلىرىنى ئاڭلىغىنىمچە كۆزلىرىم ياش، سىڭلىمنىڭ بېشىنى سىيلاپ تۇرۇپ يېنىپ چىقتىم. ئۇ قالدى. مەن ئۇنىڭدىن مەندەك چىداملىق بولۇشنى تىلىدىم. ئۇ ماڭا ماقۇل دېدى. ئەمما ئۇ ماقۇلنىڭ ئارقىسىغا يۈگىرىپ كىرىپ كەتكەن چىداشلىقنى نەدىن تاپىدۇ.
مەن تەكشى تارالغان قاراڭغۇلۇقنى قارشى ئالغىنىمچە ناھىيە ئىچىگە قاراپ يولغا چىقتىم. بىزنىڭ مەھەللىگە ماڭىدىغان ماشىنا ناھىيە بازىرى ئىچىدىكى مەيداننىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدە توختايدىغان ئىدى. مەن ئەتراپقا سېغىنىشلىق يۈرەكلىرىمدە باقتىم. ئاسفالىت يوللاردىن تارتىغان غۇيۇلداشلاردىن. يۇپيۇرۇق جۇلالىنىپ تۇرغان چىراقلارغىچە ئالچەكمەن بولماقتىمەن. شۇنداق ھەربىر ئادەمنىڭ ھەربىر نەرسىدىن ھوزۇرلىنىش شەكلى ئوخشىمايدۇ ئەلۋەتتە.
مەن قاراڭغۇلۇقنىڭ تەكشى يايسىمان يېيىلىشىنى سىپىغىنىمچە توققۇزتارا ناھىيە ئىچىدىن مەھەللەمگە قاراپ يولغا چىقتىم. ھەربىر قايرىلمىلاردىن ماشىنا قايرىلغىنىدا ئەتراپىمدىكى ھەممە نەرسىگە قارايتتىم. بىر خىل تەكشى قاراڭغۇنى يۇرۇتۇپ كېتىپ بارغان ماشىنىنىڭ چىرىقىدىلا تۈپتۈز ئاسفالىت يوللارنىلا پەرق قىلغىنى بولاتتى. مانا مومامنىڭ مەھەللىسى، ماشىنا يەنە ئۇچقاندەك ماڭماقتا. بېشىدا مېنى ئاپىرىۋىتىش خىيالىغا كەلگەن شوپۇر بىزنىڭ مەھەللە بار تەرەپكە ماڭدى. مەن ئىتلارنىڭ قاۋىغان ئاۋازى بىلەن بىركىپ كەتكەن سۈرلۈك كوچىغا تەلپۈنۈشتە قارىدىم. ھايىت ھۇيىت ئۆتمەي بىزنىڭ ئىشىك ئالدىغا ماشىنا كېلىپ توختىدى. «ئۆتۈپ كەتتۇقمۇ» دېگەن زىيادە سىزىمچانلىقىمدا ئەتراپقا بويۇنداپ قاراۋاتسام. يېنىمدا ئولتۇرغان ساۋاغدىشىمنىڭ ئىنىسى «مۇشۇ ئۆي ھەدە» دېگىنىچە ماشىنىنى توختاتتى. مەن ماشىنىدىن چۈشۈپ، ماشىنىنىڭ چىرىقى ئاستىدا تەمتىلەپ مېڭىپ دەرۋازىنى تاپتىم. ئاسماندا سۇز بۇلۇت بولغاچ ئايمۇ نەلەگىدۇر غايىپ بولغان. تولۇق قاراڭغۇلۇق كوچىمىزدا يېيىلىپ ياتاتتى.
دەرۋازىدىن ئوڭ پۇتۇمنى ئېلىپ ئۆيگە كىرىشىمگە ئۆيدىكى ئاكامنىڭ بالىلىرى، ھەدەمنىڭ بالىلىرى «مىنەي ئاپا» دېگىنىچە تاپسىدىن يۈگۈرۈپ بوسۇغىغا كېلىپ بولدى. مەن ئۇلارنى قېنىپ قېنىپ سۆيۈپ. كۆزلۈرۈمگە ياش ئالدىم. مېنى بىردىن بىر ئىككىنچى ھەدەمنىڭ تۈگىگەن بالىسى «مىنەي ئاپا» دەيتتى. ئەقىچان يۈرىكى كۈلسۇن دەپ ئاپىلىرى بۇ بالىلارنىمۇ «مىنەي ئاپا» دەپ مۇشۇ يەتتە ئاي ئىچىدە ئۆگىتىپتۇ ئەمەسمۇ. مەن يەڭگەمنىڭ مېھرىلىك تىكىلىشىگە كۈلگىنىمچە باغرىمنى يايدىم. ئاندىن چوڭ ھەدەمنى چاقىرتىپ قىزغىن مۇڭدىشىشلاردىن دوختۇرخانىنىڭ دەرۋازىسىدىكى مەجنۇنتاللارنىڭ مەيىن شامالدىكى ئۇسسۇللىرىنى سۆزلەپ بەردىم. كېچە سائەت 11 بولغاندا ھەدەم ئوغلىنىڭ ھەمرالىقىدا ئۆيىگە كەتتى. مەن ئەمدىلا ئۇچى كۆرەنگەن ئايغا قاراپ قويۇپ ئۇلارنى ئۇزاتتىم. ئاندىن دادام ۋە ئاپام تۇتقان ئۆيگە كىردىم. ئۇلارنىڭ تىنىقلىرى گۈپۈلدەپ مېنىڭ تىنىقلىرىمغا ئۇرۇلدى. مەن ھاياجانلىنىۋاتىمەن. كۆزلىرىمدىن سىرغىغان ياشلاردا بۈگۈنۈمگە كۈلۈۋاتىمەن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇنىرە ئالىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-28 13:15  


ياپيېشىل تاغلارغا بېرىپ سايەھەت قىلىشنى چۈشۈمدە چۈشەيدىغان بولدۇم.  ئوڭۇمدا قاچان ئۇلىشارمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 634
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-2

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 13:17:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

6- ئاپېرىل جۈمە

دوختۇخانا دېگۈدەكمەن. ئاپام كارۋاتنىڭ لىۋىگە كېلىپ قاپتۇ. مەن ئاپامنى تۇتۇۋىلىش ئۈچۈن قوزغالدىم. كۆزۈمنى ئاچسام ئۆيدە يېتىپتىمەن. قۇياشنىڭ ئىللىق نۇرى ئۆيگە يايسىمان يېيىلىپ كېتىپتۇ. مەن سائەتنىڭ ئىستىرىلكىسىغا قاراپ قويۇپ سىرېتقا چىقتىم. ئاكامنىڭ چوڭ ئوغلى مەكتەپكە كەتكەن، يەڭگەم تۈگىمەس ئائىلە ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش كىسەك يۇيۋاتقان ئىكەن. مەن ئۇلارغا سالامنى بېرىپ بولۇپ چايلىرىمنى ئىچتىمدە. ھىجرانلىقلاردىن لەۋلىرى يېرىلغان. يۈرەكلىرى ئېچىرقىغان دادامنىڭ سەككىز تۇققىنىنىڭ ئۆيىگە پەتىگە ماڭدىم. شۇنداق ئۇلار مېنى كەپتۇ دېسە بىزنى يوقلىماي دەپ ئېغىزلىرىنى پۈرۈشتۈرىدۇ. دادام كىچىك چېغىمدا ھىيىت بولسا ياكى تاغدىن قايتىپ كەلسە مېنى  ئارقىغا سېلىۋىلىپ ھەممە تۇققانلىرىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ كېلىدىغان. شۇڭا ئۇلار بىلەن مەن كىچىكىمدىن تارتىپ يېقىن، ھەم ئۇلار ماڭا بەك ئامراق ئىدى.
مەن دادامنىڭ سەككىز قېرىندىشىنىڭ ئاققان كۆز ياشلىرىنى بويلاپ كىچىك چېغىمدىكى ئەسىمىلىرىمنىڭ ئۇچىدا دادامنى سېغىنىپ قالدىم. شۇنداق ئۇلارنىڭ يۈرىكىگە ئۇۋا سالغان ھىجران چىرايلىرىغا ئۆزىنى ئۇرغان ئىدى. لەۋلىرىنى قۇرغاقلىقىدىن چىققان سادادا يۈرەكلەرنى ئۇيۇلدۇرۇپ قالاتتى. ئۇلارنىڭ بىردە دادامغا بىردە كىچىك ئاپامغا يىغلىسا، بىردە مەڭزىلىرىنى ئېقىۋاتقان كۆز ياشلىرىنىڭ قىرتاقلىدا يىغلايتتى. شۇنداق بىزنىڭ يىغىلاردىن باشقا نېمىمىز قالدى. شۇنداق بۇ سەككىز دانە قىرىنداش بىزدەك قىرىندىشىنىڭ بالىىسىنى كۆرگەندە يىغلىماي نېمە قىلىدۇ. ئۇلار يىغىسى ئارقىلىق پۇشايمىنىنى باسىدۇ. يىغىسى ئارقىلىق ھەممە ھەممىگە بەرداشلىق بەرگىنىنى ئىسپاتلايدۇ.
چۈش 12 لەردە مەن ئۆيدىن ئايرىلدىم. كۆزلىرىمنىڭ قىزارغىنىنى، يۈزلىرىمنى سۆيگەن ئاپتاپنىڭ قىزىرىشلىرىنى ئېلىپ كىچىك ھەدەمنىڭ ئۆيىگە ماڭدىم. ئاشۇ ئۆيدە مېنى «مىنەي ئاپا» دەپ ئالدىمغا يۈگرىپ يۈزلىرىمنى سىيلايدىغان «مېنىڭ قىزىم» بار. ئۇ مېنىڭ يوللىرىمغا كۆزىنى تىكىپ «مىنەي ئاپام كەلسۇن» دەپ ئولتۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئاپىسى ھىجرانلىقلارغا بوي سۇنمىغان كۆزلىرىدە. مەن بارسام ئوغلىنى يىتىلەپ بارىدىغاندەك مېنىڭ يولۇمغا كۆزىنى تىككەن. مەن ئۇنىڭ كۆزلىرىنى كۈتتۈرمەي تۇرۇپ بارماقچى ئىدىم ئەمما بوۋامنى يوقلاپ ئۆتەي دەپ ئارسالدى بولدۇم.
بوۋام ئۆيدە يوق ئىكەن. ئۇلانىڭمۇ دەرۋازىسى ھىم ئېتىلگەن. چوڭلار بار چاغدا دەرۋازىنىڭ كىچىكى قوياقلىق ئىدى. مومام كەتكەندىن بېرى ئوغرى يالغان چىقىيىپ قالدىمۇ يا، دەرۋازىنىڭ يوغىنى ياخشىمۇ ئىشقىلىپ يوغان دەرۋازىغا تولا قۇلۇپ سېلىقلىق تۇرىدۇ. بوۋام بۇرۇنقىدەك ئىشىك ئالدىدا سىمۇنۇت ئورۇندۇقتا بىر كىمنى كۈتمەيدۇ. ئۇ ھويلىدا كالىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، ئېغىللارغا تەكشى قاراپ مومامنى سېغىنىدۇ. مومامنىڭ ئىزى چۈشكەن ئېغىلدىن تۆكۈلگەن سۈتنىڭ پۇرقىنى ئىزدەيدۇ. ئۇ خېلى بولدى شۇنداق ياشاۋاتقىنى. ئۇ ئەتىيازنىڭ باشلىنىشىدا ئۆزىنى مۇشۇنداق تىڭشاپ قالىدۇ. ئەمما ئۇ بۈگۈن ئۆيدە يوق.
مەن تېخى ئالىمۇ بولمىغان ئۈرۈكلەرگە. ئالىمۇ بولمىغان ئالمىلارغا قاراپ قويۇپ بۇ ئۆيدىن ئايرىلدىم. شۇنداق ئەتتىگەن ئۆيىمىزنىڭ دەرۋازىسىدىن پۇتۇمنى ئالماي ھەممە يەرگە قارىغان ئىدىم. يەر تەۋرەشتە يېرىلغان تاملارنىڭ گىرۋەكلىرىدىن دادامنىڭ بارماقلىرىنى ئىزدىگەن ئىدىم. شۇنداق مەن يەنە قاچان كېلىمەن.
چۈشتىن كېيىنكى ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ يەنە ئايرىلىشقا قاراپ قويۇپ توققۇزتارادىن ئايرىلدىم. مەن ئاپامنىڭ ئون نەۋرىسىنىڭ سالىمىنى ئېلىپ ئاپامنىڭ يېنىغا ماڭدىم. بەلكىم بۇ يەرگە يەنە نەچچە ئايدىن كېيىن ياكى نەچچە يىلدىن كېيىن كېلەرمەن. ئۇ چاققىچە مېنىڭ كۆزلىرىم سىلەرنى سېغىنىپ كېتەر بولدى.  ماشىنا قوزغالغاندا ئالا بولمىغان ئۈرۈك چىچەكلەرگە. قارا ياغاچ يۇپۇرماقلىرىغا، تەكشى يېيىلغان سۆگەتلەرنىڭ شاخلىرىغا قارىدىم. ئۇلار مېنىڭ تالاي كېلىشلىرىمدە شۇنداق گۈزەل ئىدى. تالاي كېتىشلىرىمدە شۇنداق سۈكۈتلۈك ئىدى.
كەچ سائەت يەتتىلەردە غولجا شەھرىگە كەلدىم. دوختۇرخانىنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرسەم، ئاپام  دوختۇرخانا گۈللىكىدە يولۇمغا قاراپ ئولتۇرۇپتۇ. بىر كۈن كۆرمىگەن ئاپامنىڭ كۆزلىرى ئىچىگە كىرگەن ئىدى. ئەتتىگەندىن بېرقى نەچچە تېلفون ئۇرۇشلىرىمدا ئۇ مەن تېشىدا، ئىچىگە كىرگۈم يوق. دەپ ئۈلگۈرگەنلىكى ئۈچۈن قانچە ئالدىرساممۇ ئەمدى كەلگەن ئىدىم. مەن ئاپامنىڭ باغرىغا ئۆزەمنى ئاتتىم. ئاپام بىلەن بىردەم دوختۇرخانىنىڭ دەرۋازىسىدىن چىقىپ يوغان مەجنۇنتلار ئۇسسۇل ئويناۋاتقان  يولنى ئايلىنىپ كەلدۇق. مېنىڭ ئەتتىگەندىن بېرىقى سېغىنىشلىرىم ۋە ھىجرانلىق قەلىبلىرىمدە شۇنداق بىر ئايرىلىش ھۆكۈم سۈرۈپ قېلىپ يۈرىكىم سالاتتى. شۇڭا ياتاققا قايىتقۇم كەلمەي تۇرغاچقا قانچە ماڭغانسېرى غولجىدا ئۆتكەن كۈنلىرىم شۇنداق راھەتتەك ھەم غەمسىزدەك تۇيۇلۇۋاتاتتى. شۇنداق مۇشۇ يەرگە كەلگەندىن بېرىقى كۈنلىرىم بىرخىل تىتىلداشتا ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما نېمىشقىكى مەندىكى بېسىملار يەڭگىللەپ قالغان ئىدى. شۇڭا بۇ شەھەرنى ياخشى كۆرۈش بىلەن بىرگە تۇرۇپ قېلىش ئىستىكى مەندە غايەت زور داۋالغۇچ ھاسىل قىلپ تۇراتتى.
كېچە بىر ۋاققىچە ئالتە كىشىلىك ياتاقتا پاراڭ ئۈزۈلمىدى. تۈنۈگۈن بۇ ئاياللار ياخشى ئۇخلىۋالغانمۇ ياكى ئەتە شەنبە دېسە ياتاقنى تەكشۈگۈچىلەر يوق دەپ ئويلىدىمۇ، بىر – بىرىگە گەپ بەرمەي ئولتۇرۇپ پاراڭغا چۈشۈپ كېتىپتۇ. مەنمۇ بىر چەتتە ئۇيقۇنىڭ شىرىك دوستى خىيالىمنى قىلىپ ئۇلارنىڭ گەپلىرىگە زەن سالماي ئولتۇردۇم. ئاپاممۇ بۈگۈنكى تېشىدا مېنى كۈتۈشتىن زارىقتىمۇ، قۇلقىنى قولى بىلەن ئېتىپقىنە ئۇيقۇغا كەتتى. بۈگۈن يەنە بىر كۈن شۇنداق ئاياغلاشتى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇنىرە ئالىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-28 13:18  


ياپيېشىل تاغلارغا بېرىپ سايەھەت قىلىشنى چۈشۈمدە چۈشەيدىغان بولدۇم.  ئوڭۇمدا قاچان ئۇلىشارمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 2
تېللا: 441
تۆھپە : 0
توردا: 44
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-20

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 10:37:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوماق سىڭلىم، دانالار «غەمنىڭ داۋاسى دوستلار دىدارىنى كۆرۈشتۇر » دىگەنىكەن . كېيىنكى  خاتىرىلەرنى ئوقۇپ سىز بىلەن قايتا دىدارلاشقاندەك بولدۇم . مېھرى -مۇھەببەت تۆكۈلۈپ تۇرغان ، چىن ھىسسىيات ، سەمىمى ئىستەكلەر قارار تاپقان قۇرلاردىن  ئاشۇ گۈزەل مىنۇتلار كۆز ئالدىمدا قايتا زاھىر بولدى ، يېقىن ، مېھىرلىك سىمالارنى سېغىندىم  . سىزگە ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرگە ئاللاھتىن سالامەتلىك ھەم خاتىرجەملىك تىلىدىم  .
تېخىمۇ بەردەم بولغايسىز سىڭلىم .

بولسىمۇ مىڭ تۇققىنىڭ ئاللاھقا ياد كۆڭلى چىگىش ،
بىر خۇداغا ئاشىنا ياد تەن بىلەن دەرھال تېگىش !
(سەئىدى)

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  314
يازما سانى: 288
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 653
تۆھپە : 7
توردا: 102
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 11:59:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز يازغان خاتىرلەردىكى ئىللىق تۇيغۇلار سەمىيمى ،كەمتەر ،ئاق-كۆڭۈللۈككە مېھرىبانلىقتا كۆكلىگەن .خاتىرلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن

توپۇدا ياتسا گۆھەر،
بولماس باھاسىغا زىيان.
شۇ ئاقار ئاققان ئېرىقتىن،
سايدا ھەم تاشقىن قىيان.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  297
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 181
تۆھپە : 2
توردا: 17
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-6-19

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 13:00:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنىرە، خاتىرىلىرىڭىزگە باشتىن-ئاخىر دىققەت قىلىۋاتىمەن. مەن بارغان جايلار ھەققىدىكى تەسىراتلىرىمنى ئېسىمگە سالدىڭىز، بارالمىغان جايلارغا بېرىش ئىستىكىنى ئويغاتتىڭىز. تەسىرلىك بايان ۋە ئويلىرىڭىز بىلەن دەردىمگە دەرد قوشتىڭىز. ئېزگۈلۈك ئۈچۈن كۆيگەن يۈرىكىڭىز شادلىققا چۆمسۇن. ئاللاھ سىزنى ئاسرىسۇن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 634
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-2

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 18:12:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ ئاددىي يازمامغا ئىشتىراك قىلىپ مېنى رىغبەتلەندۈرگەن بارلىق ئەزىزلەرگە  سالامەتلىك يار بولسۇن.

ياپيېشىل تاغلارغا بېرىپ سايەھەت قىلىشنى چۈشۈمدە چۈشەيدىغان بولدۇم.  ئوڭۇمدا قاچان ئۇلىشارمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش