ئىگىسى: مۇنىرە ئالىم

مەن يازغان خاتىرىلەر....مۇنىرە ئالىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 634
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-2

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 16:52:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

چوققۇدىن چىقىش


يامغۇر قۇيۇلماقتا. بىزنى ئۇزۇتۇپ چىققانلارنىڭ كۆزلىرى ياشتا. بۇ ئاسمانمۇ چوققۇدىكى بىر قىزىنى ئانا ئۇزاتقاندەكلا ياش تۆكمەكتە. ئانا ھۆكىرمەكتە. ئاتا پاتىمەگە ئېسىلىپ قۇيۇپ بەرمىدى. مەن سۆرىمەكتىمەن. يامغۇر شىددەت بىلەن چۈشمەكتە. خۇددى پۈتۈن چوققۇ يېزىسىدىكى خەلق ئويغاندەك. ئاشۇ بىز ماڭغان قارا ماشىنا ئارقىسىدىن دەرۋازىغا چىقماقتا. مەن ئۆكسۈدۈم. پاتىمە ۋارقىراپ يىغلىماقتا. ئوڭ تەرىپىدە ئۇنىڭ قولىنى تۇتقان مەن. سول يېنىدا ئۇنىڭ يېگىتى. بىز ئۇنى بېسىشقا تىرىشىۋاتىمىز، يېگىت يىغلىماقتا. پاتىمەنىڭ يېگىتى بۇ سۆيگەن قىزىنىڭ يېغىنىسىغا جۇداسىغا چىدىماي يىغلىماقتا. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئاققان ياشنى ئالدىدى قولداش بالا ئەرتمەكتە. مەن ئاكامنىڭ يىغلىغىنىنى پەقەت دادام ئۇ دۇنياغا يول ئالغاندا، ئانام كېسەل كارۋىتىدا ياتقاندا كۆرگەن. بىراق بۈگۈن. سۆيگەن، كۆيگەنلىكى ئۈچۈن بىر ئەر بىر ئايال ئۈچۈن ياش تۆكمەكتە.
بىز ئۇزاپ چىقتۇق. كوچىلاردىكى توپىلار بېسىقتى. بايىلا ۋاي ۋاي ئېتىپ ئۇسسۇلنى بولۇشىغا ئويناپ چاڭ چىقارغان ھويلا قالدى. ھەممە بىرلىكتە «ئۈرۈمچىدىكى بالىلار ئۆز كۆڭلىنى ئۆزى خوش قېلىدىكەن، تارتىنمايدىكەن» دېگەن سۆزلەر شامالغا ئايلىنىپ پاتىمەنى ئۇزاتتى. شامال شىددەت بىلەن چىقماقتا. چىرايلىق بىزەلگەن ماشىنا. ماشىنىدىكى بەش ئادەم. سۈكۈتتە. پاتىمە يىغلاۋاتىدۇ. ئۇ دادىسىغا، ئانىسىغا، ئىنىسىغا تارتىشماقتا. ئۇ يەنە بۇ ئۆزى چوڭ بولغان، ئۆزى سۆيگەن يەرلەردىن ئايرىلماقتا.
كېتىۋاتىمىز. يامغۇر بەكلەپ كەتتى. شامال ۋۇشقۇرۇتماقتا. چىرايلىق بىزەلگەن ماشىنىنىڭ ئالدىدىكى قىپقىزىل گۈللەرنى يول ياقىسىغا ئاتماقتا. بىز گۈللەرنى تېرىۋالدۇق. قاتتىق يامغۇردا ئەتلەسلەرنىڭ پۇلاڭلىتىشى ئاستىدا قايتىۋاتىمىز. ھەممىمىزنىڭ كەيپىياتى خۇددى يامغۇر بىلەن تەڭلا ھاياجانلانماقتا. سۈكۈتنى تاللىماقتا. ئالاھەزەل يېرىم سائەتتە پاتىمە بېسىقتى. ئۇنىڭ يىغىسى كۈلدى.
كېتىۋاتىمىز. يول يولدا سۇ. يول يولدا يامغۇرنىڭ سۇلىرى ئاقماقتا. ئەتراپتىكى تاغلاردىن سۇلار يالىماقتا.
كېتىۋاتىمىز، يامغۇر پەسلىدى پاتىمەنىڭ كۈلكىسى بىلەن يامغۇر يامراتقان بۇرۇقتۇملۇقتىن بىز چىقىپ كەتتۇق. «دوست خېنىمغا» توۋلانغان ئۈنلۈك ئاۋاز ئىچىدە بىز «ئۇششاقتال، كۈمۈش، ئارغىبۇلاق، تۇقسۇن تاغلىرى، داۋەنچىڭ... »لاردىن چىقىۋاتىمىز. ئۈرۈمچىدىن چىقىپ كەتكەندە يامرىغان خوشاللىقلار. يامغۇرنىڭ ئەينەككە ئۇرۇلغان ئاۋازى بىلەن سۈكۈتنى ، ئەتىكى يەنە باشلانغان جىددىيلىچىلنى قەلبىمدە يامراتماقتا.  ئۈرۈمچىگە كىرگەندە باسقان قارا تۇمانلار ئاستا ئاستا يامغۇر تۆكمەكتە. بۇرۇقتۇملۇق ئىچىدىكى دوست خېنىمنى كۈچەپ ئېيتىشلاردىن ھارغان قەلىبلەر سۈكۈتتە ھەممە يەرگە قارىماقتا. ساپ ھاۋادىن نەپەس ئېلىشتىن ۋاز كېچىش قارارىدا دەرىزىنى چۈشەردىم. زېممەمدىكى ئېغىر يۈكلەر مېنى بېسىۋاتقاندەك دەرىزىگە قاراپ قىسايدىم. ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىلەر ئۈرۈمچىگە كىرىپ ئاشۇ پاتىمەنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىگە بېرىۋالغىچە كۆزۈمنى چىڭڭىدە يۇمدۇم.
شۇنداق قىلىپ ئىككى كۈنلۈك سەپەر ئاخىرلاشتى. ئەمدىكى كۈنلەردە  تەشنالىق بىلەن ئىزتىراپلىپ بىرىكىپ مېنى يەنە سەپەر دېگەن بىر بوشلۇققا سۆرىمەكتە.
2011- يىلى22- ئىيون يېزىلدى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇنىرە ئالىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-25 16:52  


ياپيېشىل تاغلارغا بېرىپ سايەھەت قىلىشنى چۈشۈمدە چۈشەيدىغان بولدۇم.  ئوڭۇمدا قاچان ئۇلىشارمەن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  51
يازما سانى: 326
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 906
تۆھپە : 0
توردا: 152
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 17:27:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1-خاتىرىڭىزنى ئوقۇپ چىقتىم،تەسىرلىك چىقىپتۇ...
ئاپامنىڭ «بىر چىلەك سۇنىمۇ دەس كۆتۈرەلمەيسىز، بىر ئاي، ياق بىر يىل تۇرىڭە، سىزنى ئىككى چىنە ئەتكەنچاي، ئىككى چىلەك سۇ كۆتۈرىۋىتىدىغان قىلىۋىتىدۇ بۇ يەر..» دېگەن گەپلىرى يادىمدىن يالىد كەچتى...
سەھرا دىگەن خۇددى ئاپىڭىز دىگەندەكلا ئادەمنى ئىشچان ۋە باتۇر قىلىۋىتىدىغان يەر...
داۋاملىق تىرىشىڭ،پۇرسەت ئالدىڭىزدا...

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2328
تۆھپە : 233
توردا: 1390
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 17:53:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنىرە ئالىم يوللىغان ۋاقتى  2012-4-25 14:40
مانا توققۇزتارانىڭ ئاپپاق چوققۇلۇق تاغلىرىغا ياماشق ...

«...كۆزلىرىمدە ياماتۇ دەرياسىنىڭ كۈۋەجەپ ئىقىشلىرى بىلەن ...»

سىڭلىمىز مۇنىرەنىڭ ئەدەبىي خاتىرىلىرى بارغانچە دىققىتىمىزنى تارىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى قەدەملىرىگە قۇد تىلەيمىز!

تۈزۈتۈپ قويىدىغىنىم «ياماتۇ دەرياسى» دەپ دەريا يوق، «ياماتۇ» ئىلى دەرياسىدىكى بىر قەدىمىي كېچىك، بۇ كېچىك ئارقىلىق تېكەس، توققۇزتارالارغا بارغىلى بولىدۇ. كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا بۇ كېچىكتىن كېمە ئارقىلىق ماشىنا، ھارۋا، ئۇلاغلار ئىككى تەرەپكە توشۇلاتتى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا بۇ كېچىككە كۆۋرۈك سېلىندى.
«ياماتۇ» يەنە غۇلجا ناھىيەسى بايتوقاي يېزىسىدىكى بىر كەنتنىڭمۇ نامى.

www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  243
يازما سانى: 132
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1045
تۆھپە : 0
توردا: 81
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-1

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 18:19:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنىرە سىڭلىم خاتىرىڭىزنى بەك ياخشى يېزىپسىز ، داۋاملىق ئاخىرىغا تەشنامەن ،ھامىغايسىز .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 634
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-2

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 19:03:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ ئاددىي خاتىرىلىرىمگە قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ قەلەم تەۋرەتكەن سائادەت ھەدە، ئەيبۇكام ۋە ئەدھەم ئاكىلارغا رەھمەت.

يۇلتۇز، مۇشۇنداق ئىزگۈ خاتىرىلىرىمنى داۋاملىق مۇشۇ تېمما ئاستىغا يوللايمەن. سىزنىڭ تەكلىپ - پىكىر بېرىشىڭىزنىمۇ ئۈمىد قىلىمەن. يېتەرسىز تەرىپىم بەك كۆپ، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ ماڭا پىكىر بېرىشىنى خالايمەن.



ياپيېشىل تاغلارغا بېرىپ سايەھەت قىلىشنى چۈشۈمدە چۈشەيدىغان بولدۇم.  ئوڭۇمدا قاچان ئۇلىشارمەن.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  176
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 62
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 22:20:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق مەنىلىك خاتىرىلەر بولسا بۇ مۇنبەردىن ئايىمىغايسىز .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 2
تېللا: 441
تۆھپە : 0
توردا: 44
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-20

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 11:33:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىنداشلىق ، دوستلۇق مېھرى بىلەن جۇلالانغان گۈزەل خاتىرىلىرىڭىزنى ھەر بىر ئوقۇسام تەسىرلەنمەي تۇرالمايمەن .
سىزگە ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرگە سالامەتلىك  ھەم خاتىرجەملىك تىلەيمەن . ھەر قاچان چېھرىڭىزدىن بەخت كۈلكىسىنىڭ جىلۋىلىنىپ تۇرۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . ئامان بولۇڭ سىڭلىم .

بولسىمۇ مىڭ تۇققىنىڭ ئاللاھقا ياد كۆڭلى چىگىش ،
بىر خۇداغا ئاشىنا ياد تەن بىلەن دەرھال تېگىش !
(سەئىدى)

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  731
يازما سانى: 195
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 849
تۆھپە : 0
توردا: 143
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-24

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 17:36:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز نېمىدىگەن بەخىتلىك،سىز ئۈچۈن خوش بولدۇم،خاتىرىلەرنى ئوقۇپ سىز بارغان يەرگە مەنمۇ بارغاندەك بولدۇم

ئۇ بارمىقىنى ئۆلۈكلەرنىڭ ئاغزىغا بىر-بىرلەپ تىقماقتا

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 634
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-2

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 18:34:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەشىدە ھەدە، سىزنىڭ ئاياغ تىۋىشىڭىز مېنى ھەر دائىم قولۇمغا قەلەم ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.  ئامان بولۇڭ ھەدە.

خۇما، رەھمەت سىزگە.

ياپيېشىل تاغلارغا بېرىپ سايەھەت قىلىشنى چۈشۈمدە چۈشەيدىغان بولدۇم.  ئوڭۇمدا قاچان ئۇلىشارمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 634
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-2

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 18:34:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

غولجا شەھرى ۋە  باھار يامغۇرى



2- ئاپېرىل دۈشەنبە
تاڭ سەھەرنىڭ ئاچچىق سوغۇقىدا گەۋدىلىرىمنى قۇچاقلىغان شامالدىن سىلكەنگىنىمچە باشلىرىمغا سېغىنىشلىرىنى يۈدۈپ چۈشۈۋاتقان يامغۇردىن پاناھلىنىش ئۈچۈن ماشىنا توختىغان يەردىن سىرىتقا ئۆزەمنى ئاتتىم. كېچىدىن بېرى ماشىنا ئەينىكىگە، ماشىنىنىڭ ئۈستىگە توختىماي تېگىۋاتقان «تاراس، تۇرۇس» ئاۋازدىن كېچىكىمدىكى ئاشۇ ئۇنتۇلماس مىنۇتلارنى ئەسلىگىنىمچە دادامنىڭ جۇۋىسىغا كىرىپ قۇلاقلىرىمنى ئېتىۋىلىپ ئۇخلىغان بولۇۋالغان ئىدىم. ئەمما «تاراس، تۇرۇس» توختىمىغانسېرى ئەسلىمە ئىچىدىن ئەسلىمە سوغۇرۇلۇپ چىقىپ ئۆتكەنكى سەپىرىمنىڭ قايناق تۇيغۇلارغا تويۇنغان جۈملىلىرىدە ئاۋرال تاغلىرىدىكى قارغايلارغا، يەرنى سۇز سېپىگەن قارغا قاراپ بۇلتۇر قىش پەسلىدە قارنى قانچىلىك ياخشى كۆرگىنىمنى غۇۋا ئىلغا قىلدىم. قاردەك پاكىز تۇيغۇلاردىن تۆكۈلگەن ھاياجانلىنىش ماڭا ئاقباش چوققىلاردىن تارىغان ياڭراق بىر سادادا بۈگۈنۈمدىكى سەپىرىمنى، ئۆتكەندىكى كۈنلىرىمنىڭ خاتىرىسىدە نامايان بولدى. گەرچە بۇ يۇرتقا كەلمىگىلى بەش ئاي بولغان بولسىمۇ، قويۇق تۇمانلار بىلەن بىرىكىپ كەتكەن تاغلار مېنىڭ كىچىككىنە ئىشلاردىن خوشاللىق تاپىدىغان قەلبىمدە ئۇلۇغۋار ئىرادىلەرنى تىكلىتىپ ئۆتتى. غولجا ئاسمىنىڭ قويۇق تۇمانلىق سەھىرىدە، يولدىكى چىراقلارنىڭ غۇۋا يۇرىقىدا، ئالدىمدىكى بوش ماشىنىلارنى ئىزدەپ يامغۇردىن ھۆل بولغان يۈزلىرىمنى ئەرتمەكتىمەن. يىراقتىن ماشىنىلار سىگنال بېرىشكىنىچە يېنىمدىن غۇيۇلداپ ئۆتۈشۈپ تۇرماقتا. «بىردەم ماشىنىدا ئولتۇرۇپ تۇرغان بولسىڭىز، بۇنداق يامغۇردا قالغان مۈشۈككە ئوخشاپ قالمايتتىڭىز» دېدى باياتىنلا يېنىمدىن «يەنە بىر ئادەم سېلىۋالاي، ماشىنىدا ئىسسىق ساقلاپ تۇرۇڭ» دەپ سومكامنى بەرمىسەم كۆتۈرىمەن دەپ دەلدەڭشىپ كەتكەن ھېلىقى شوپۇر. مەن مىيىقىدا ئۇنىڭغا كۈلۈپ قويدۇم. قولۇمدىكى سومكامنى، يەنە بىر قولومدىكى  بايىلا يەرگە قويغان كارتون يېشىك ئۈستىگە قويدۇمدە، باش ئۈستۈمدىن قۇيۇلۇۋاتقان يامغۇرنى قوللۇرۇم ئارقىلىق توسۇشقا ئۇرۇندۇم. ئۇزۇن بولغان شۇنداق بىر يامغۇردا قالمىغىلى.ھەم ئۇزۇن بولغان بۇنداق بىر باھاردا يېزامغا سەپەر قىلىپمۇ، تەشنالىقتا يامغۇر ياغدۇرۇپ باقمىغىلى. ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى مەن قارغا ئامراق بولغاندىن بېرى قىشنىڭ ئاچچىق سوغىقىنى ئېلىپ ئاپامنى يوقلاپ كېتەتتىم. مانا بۈگۈن ئاپامنىڭ ئاچچىق «قىزىم، سىزنى سېغىندىم. كەلسىڭىز، بىر كۆرەي» دېگەن سۆزلىرىدىكى سېغىنىشنىڭ يۈرىكىمنى ئېزىشى بىلەن سەپەر سومكامنى يۈدكىنىمچە شەھەر كېچە ئاسمىنىڭ سۈرلۈكلىكى بىلەن تاڭ سەھەرنىڭ سۈزۈكلىكىنى ئېلىپ كەلگەن ئىدىم.
«شوپۇر كېرەكمۇ؟» يېنىمدىلا بىر ئاۋاز ياڭرىدى. مەن ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىدىم. يېنىمدا قارمۇتۇق كەلگەن بىر بالا غولجىلىققا خاس يۇمرۇستىك كۈلكىسى بىلەن ماڭا سوئال نەزىرىدە قاراپ تۇراتتى. «ماڭا ماشىنا كېرەك!» دېدىم ئاستىلا. ئۇ بىر قولۇمدىكى كارتون يىشىككە. بىر سەپەر سومكامغا قارىنىچە. «قېنى مەن ئاپىرىپ قوياي. مەنزىل باردۇ؟» دېدى. مەن بۇ بالىنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىپ يېنىمدىلا تۇرغان «بوش كىرا ماشىنىسسى»غا چىقتىم.
كۆزلۈرۈمگە يۈرۈش قىلغان تەلپۈنۈش، يۈرىكىمنى شىۋىرلىتىپ ئۆتكەن گۈزەل بىر كېچە ئەسلىمەمدىن سېرىلىپ چۈشۈپ بىز ئەگىلگەن ئالتۇشۇۋار مەھەللىسىگە چېچىلىپ كەتتى. بىر – بىرسىدىن ئالدىراش ماشىنىلارنىڭ سىگنالىغا سىڭگەن تۇيغۇلۇرۇم ئۇلار ئارقىسىدىن يۈگرۈك ئاتتەك چېپىشقا ئۇرۇنماقتا. مەن ماشىنىنىڭ ئەينىكىدىن پاتماي چىقىۋاتقان سېغىنىشلىرىمدا ھەربىر كوچىلارغا، ئېگىز بىنالارغا، ئەمدىلا بۇرتى خەت تارتقان دەرەخلەرگە قارىماقتىمەن. ئۇلارغا باھارنىڭ سېغىنىشلىق ئوتلىرىنى ھەدىيە قىلىش ئۈچۈن تىركەشمەكتىمەن. مەن باھارلاردا نۇرغۇن ئۈمىدلىرىمنى ئاپپاق قارغا چىچىشقا ئامراق ئىدىم. ئەمما بۇ يىلقى باھاردا ئۈمىد يۇلتۇزۇمنىڭ پارلاپ قېلىشىنى تىلەپ قالدىم. ماشىنىنىڭ قاتتىق تورمۇزىدىن غىدىقلانغان ھاياجانلىرىم شوپۇرغا مەركەزلەشتى.
«مۇشۇ ماشىنىلار، نېمە قوغلىشىپ يۈرۈيدىغاندۇ دەيمەن. سىگنال بەرسە يول بەرمەمتىم. ئادەمنى خاتىرجەم ماشىنا ھەيدىگىلى، ماۋۇ يامغۇرنىڭ پەيزىنى سۈرگىلى قويمايدىغۇ؟!» دېدى شوپۇر بالا  ئالدىدىكى توسۇلۇپ كەتكەن ماشىنىلارنىڭ ئەينەكلىرىگە چاپلىشىپ قالغان چىرايلارغا قاراپ. مەن ئالدىمدىكى قىزىل – يېشىل چىراقلارغا تەشنالىق بىلەن تىكىلگەن كۆزلەردىكى جىددىيلىكنى ئۆزەمدىن ئىزدەشكە باشلىدىم. مەنمۇ شۇنداق سائىتىمگە بايا ماشىنىدىن چۈشكىچە نەچچە قارىغان ئىدىم. دەل ۋاقتىدا ئاپامنى ئېلىپ دوختۇرخانىغا بېرىپ بولمىسام، ئاپام يەنە بىر كۈن ئاغرىق ئازابىدىن قىينىلىدۇ.
«ئۈرۈمچى سوغۇقمۇ؟!» بۇ سوئالدىن ئەندىكتىم. راسىت ئۈرۈمچى ئەمدىلا باھارنىڭ ئىللىق تەپتىنى ئالغان  ئىدى. ئەمما مەن غولجىنىڭ قويۇق تۇمانلار بىلەن گىرەلەشكەن سۈزۈك ئاسمىنىدىن تاراۋاتقان بىرخىل نەملىكتە. ئۈرۈمچىدە تېخى تۈنۈگۈنلا ياققان باھار يامغۇرىنى ئەسلەپ قالدىم. «ياق، بەكمۇ ئەمەس.» دېدىم يەنە ئۆزۈم ئاڭلىغۇدەكلا قىلىپ. «ئەتتىگەندە ئەتكەنچاي ئىچمەي، سۆزلىيەلمەيۋاتىسىز- ھە!» دېدى شوپۇر بالا.  مەن مىيىقىدا كۈلدۈم. «مەن پۇل تاپىمەن دەپ قېرىپ كەتتىم. ئەقىچان سىزمۇ، ماۋۇ شوپۇر قانچە پۇل ئالار دېگەن غەمدە قالدىڭىز» دېدى ئۇ يەنە. «ياق، يامغۇرغا ئوخشاش توختىماي تاراسلىسام بولامتى» دېدىم مەن. ئۇ ماڭا ئەمدى سەپسېلىشنى باشلىغاندەك قايتا بىر قۇر قاراپ كەتكەندىن كېيىن. سۆزلەشكە باشلىدى.« كېچە ئۇخلىمىغان ئىدىم پۇل غېمىدە. بىر چاغلاردا مەنمۇ سىزدەك غەمسىز ئىدىم. ئاتا – ئانا بولسا ئادەم غەمسىز بولامدىكىن يەنە شۇنداق بىر ۋاقىتلار كېلىپ دادام ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغاندىن كېيىن مەن غەملىك بولدۇم. تۈنۈگۈن ئاپامنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قويغان. مانا قاراڭ ھازىرغىچە ماشىنا ھەيدەيمەن دەپ دوختۇرخانىغا ئاپا قانداقراق دەپ بېرىپ باقمىدىم. مېنى ئۆيدىكىلەر بىر تال ئوغۇل، سېنىڭ باغرىڭ تاش دەيدۇ. ئەمما مەن پۇل تاپمىسام ئۆيدىكىلەرنى قانداق باقىمەن. مانا كۆرۈپ تۇرۇپسىز، كۆزلىرىمنىڭ نۇرى ئۆچتى. يۈزلىرىمدە قان دىدارى يوق. ئاللىقاچان قىرىققا كىردىم. ئەمما مېنىڭ خىياللىرىمغا يانداش بولىدىغان ئارمانىمغا يىتەلمىدىم. پۇل تاپقىنىمدا كۆڭۈلدە يوق بولىدىكەن. پۇل يوق چاغدا كۆڭۈلدە بارلىرى ئۇچراپ قالىدىكەن» دېدى ئۇ ئەتراپلارغا مۇشۇ بىر شەھەرنىڭ غەملىرىنى يۈدىۋالغاندەك قاراپ. مەن بايا بۇ بالىنىڭ كۈلكە يېغىپ تۇرغان چىرايىغا قاراپ «غەمسىز» كۆرگەن ئىدىم. ئەمما مانا بۇ گەپلىرىدىن پەقەتلا «شۈكرى» دەپ ئېغىر تىنىپ قويدۇم.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇنىرە ئالىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-26 18:35  


ياپيېشىل تاغلارغا بېرىپ سايەھەت قىلىشنى چۈشۈمدە چۈشەيدىغان بولدۇم.  ئوڭۇمدا قاچان ئۇلىشارمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 634
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-2

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 18:47:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يامغۇر يەنە ئاشۇنداق ياغماقتا. بىر – بىرىگە ئۈلگۈرمەي چۈشۈۋاتقان تامچىلار يۈرىكىمدە غەم بۇلۇتلىرىنى تاراتماقتا. ئەتراپقا قارىدىم. يېڭى ھاياتقا كەلگەن ئىكەنمىز. مەن بۇندىن 6- يىل بۇرۇن مۇشۇ كوچىلاردا سەرسان بولۇپ يۈرگەن ئىدىم. ئۇ چاغدا بۇ كوچىلار مېنىڭ كوچام ئىدى. بۇ كوچىلاردا مېنىڭ غەملىرىمگە شىرىك بولغان تۈنلەر يېيىلغان ئىدى. بۇ كوچىلاردا مەن ئەزىز مېھمان قاتارىدا كۈتۈلۈپ سەرسانلىققا يول ئالغان ئىدىم. دەرىزىدىن كىرۋاتقان سۇز شامالدا يەلپۈنۈشكە باشلىغان چاشلىرىم كۆزلىرىمدە خىرەلىشىۋاتقان ياشلىرىمنى مەڭدەتمەكتە. بىر كۈنلەر ئادەم بۇ شەھەرنىڭ ئەزىز مېھمىنى قاتارىدا بولۇپ قالىدۇ. بىر كۈنلەر بۇ شەھەر ئۆزىنىڭ قاراملىقى بىلەن سەرسانلىققا يول ئالدۇرىدۇ.
«ھەجەپ گەپ قىلىپ بەرسە، ھە دەپ بەرمەيدىغان قىزكەنسىز- ھە. ئادەم دېگەن بىرسى گەپ قىلىۋاتسا خىيالغا كەتمەيدۇ، قېتىرقىنىپ ئاڭلايدۇ. ھە دەپ  بەرسە ئادەمنىڭ ئىچىدىكى بارلىق غەملەر ماۋۇ يامغۇردەك تۆكىلىپ يېنىكلەپ قالمامدۇ؟!» دېدى شوپۇر بالا. ماڭا ماشىنىنىڭ ئەينىكىدىن قاراپ قويۇپ. «ئاڭلاۋاتىمەن، ئەمما، بۇ شەھەرنىڭ يامغۇرلىرىغا چۆكۈپ كېتىپ سىزگە ھە دىيىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن» دېدىم. ئۇ ئاستا مەن ئەگىلمەكچى بولغان يولغا ماشىنىنى قەيرىپ تۇرۇپ. «مۇشۇ يولدا مېڭىپ باققانمۇ؟ بۇرۇن بۇ قويۇق بىر مەھەللە ئىدى. قاراڭ ئىككى چەتتىكى ئۆيلەرنى. كېيىن شەھەرلەرنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز دەپ مەھەللە ئوتتۇرسىدىن ئاشۇ سىز بارماقچى بولغان «خەلق كاپالىتىكى تۇرمۇش قونالغۇسى» غا يول ئېلىۋەتتى. بۇ يەردىكى كۆپ ساندىكى كىشىلەر شۇ يەردىكى ئۆيلەر بېرىلگەن، ئۇ يەردىكى ئادەملەرنىڭ ھازىر تۇرمۇشى بىزدىن ياخشى. ئۇ يەردە نېمىڭىز بار» . «سىڭلىم» دېدىم مەن سىڭلىمنىڭ ئۆيى بار قورۇنىڭ يوغان دەرۋازىسىغا ئەگىلگەن ماشىنىنى «توختاڭ» دېگىنىمچە. يايىلا تېخى يولۇمغا قاراپ ئولتۇرغان ئاپام ۋە ھەدەم، سىڭلىمغا «مەن كەلدىم. ھېلى بارسام تېلفون قىلاي سىرتقا چىقىپ مېنى ئېلىۋال» دەپ قويغان ئىدىم. يامغۇر سۇز چۈشۈۋاتقان ئىكەن. ماشىنىدىن چۈشۈپ ھەقنى تاپشۇرۇپ دەرۋازىدىن كىرىپ ھەدەمنى ساقلاپ تۇردۇم. ھەدەم ئۇزاق ئۆتمەيلا قېرىنداشلىقنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ ئېقىۋاتقان يۈرىكىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ مېنى باغرىغا مەھكەم باستى. مەن ئۇنىڭ غەمگە تولغان كۆزلىرىگە، جۇدالىققا تولغان يۈزلىرىگە ئۇزاق تىكىلدىم. ئاندىن سىڭلىمنىڭ ئۆيىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدىن بېشىنى چىقىرىپ ماڭا كۈلۈپ قارىغان ئاپامنىڭ يۈزىنى سۆيۈش ئۈچۈن قەدەملىرىمنى ئىتتىك ئالدىم.
سىڭلىم يېڭىلا تۇغۇتلۇق بولغاچ ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى ئاپىلارغا خاس تەمكىنلىكى، چىدامچانلىقىغا سىڭگەن دادامنىڭ سېغىنىشلىرىنى ئېلىپ ئۇنىمۇ باغرىمغا باستىم. كۆزلىرىنى ياغلىقىدا چىڭڭىدە بېسىپ، مېنى باغرىغا باسقان ئاپام قېنىپ قېنىپ مەڭزىمگە سۆيدى. مەن ئاپامنىڭ ئۇرۇقلاپ قالغان قوللىرىنى، يۈزلىرىنى سىلىغىنىمچە ئۇنىڭ مەڭزىنى سىلىدىم. ئۇ ئاستا مېنى يېنىغا ئولتۇرغۇزۇپ بىر يېرىم يىلدىن باشلانغان ئاغرىقلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرى ئۆزىنى چىدىماس قىلىپ قويغانلىقىدىن ئۆكۈنگەنلىكىنى سۆزلەپ ئولتۇرۇپ، سائەتكە قارىدى.
يولدا كېتىپ بارىمىز. يوللاردا باياتىنقىدىمۇ ئالدىراش ئادەملەر، بىر – بىرسىگە يول بەرمەي ئۆتۈشۈپ تۇرغان ماشىنىلار. يامغۇر تامام توختىغان. يېڭىلا نەمدەلگەن يوللار، دەرەخلەر نەمخۇش پۇراقلىرى بىلەن ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى ياخشىلىماقتا. مەن يامغۇردىن كېيىنكى توپىنىڭ پۇرقىغا ئامراق ئىدىم. يېزامدا بولسا، يامغۇر توختىغان زامات ھويلىغا چىقىۋىلىپ توپا قويۇق يەرلەرنى پۇراپ كېتەتتىم. مانا ھازىر، نەمخۇش ھاۋالا بار .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇنىرە ئالىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-26 18:47  


ياپيېشىل تاغلارغا بېرىپ سايەھەت قىلىشنى چۈشۈمدە چۈشەيدىغان بولدۇم.  ئوڭۇمدا قاچان ئۇلىشارمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 634
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-2

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 18:48:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئوبلاسلىق دوختۇرخانىنىڭ ئىشكىدىن تالاي ئادەملەر ئۆتۈشۈپ تۇرۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدە ئۈمىد، مەڭزىدە قىزىللىق يوق، يۈزلىرى سارغايغان. مەن ماشىنىدىن چۈشۈپ ئاپامنى يۆلىگىنىمچە دوختۇرخانىنىڭ «دېئاگنوز» قويۇش بىناسىغا قاراپ يول ئالدىم. بۇندىن ئىككى يىل بۇرۇن ئاپامنىڭ «ئۆت ئوبراتسىيىسىنىڭ ئامبولاتىرىيىلىك تەكشۈرشىنى» قىلىش ئۈچۈن بۇ دوختۇرخانىغا بىر قېتىم كەلگەن  ئىدىم. شۇ بويىچە غولجىغا نەچچە كەلگەن بولساممۇ، بىرەر قېتىم قاراپ قويغاننى مىسالغا ئالمىغاندا، ئېگىز بىناغا يېزىقلىق خەتلەرنى ئوقۇپ باقمىغان ئىدىم. ئاللا مۇشۇ دەرۋازىلاردىن ئاتلاشقا نىسىب قىلمىغايسەن دەپ دۇئا قىلاتتىم.
تالاي ئۆچرەتلەردىن كېيىن ئاپامنى دوختۇرخاغا كۆرسىتىپ چىقتىم. شۇ چاغ كۆزلىرىگە قېرىنداشلىقنىڭ ئوتى چېچىلغان، ئاپامنىڭ قەدرى يېيىلغان ئاكام ماڭا كەڭ يەلكىسىنى تۇتۇپ ئىشىك ئالدىدا تۇراتتى. مەن ئاكامنىڭ كەڭ يەلكىسىدىن تارالغان يۆنىلىشتە بايىلا دوختۇرنىڭ «جىددىي ياتمىسا بولمايدۇ» دېگەن قورقۇتۇشلىرىنى سىقىپ چىقىرىپ  ئۈلگۈردۈم. ئەتتىگەندىن بېرىقى ئاۋۇ بىنادىن بۇ بىناغا، بۇ بىنادىن يەنە ئاستى- ئۈستىگە تولا چىقىپ ھارغان چىرايىمغا خوشاللىق يامرىدى. «تاغدەك يولىنىدىغان ئاكام تۇرسا مەن نېمىدىن غەم قىلىمەن» دېگەن سادالار ئاكامنىڭ يەلكىسىگە چېچىلىپ كۆڭلۈم بىرخىل ئازادىلىك ھىس قىلىپ ئۈلگۈردى.
ئاپامنى ئاخىرى دوختۇرخانىغا ئالغۇزدۇم. گەرچە سائەت چۈش ۋاقتى بىر بولغان بولسىمۇ،  تالاي ئۆچرەت، تالاي يالۋۇرۇش، تالاي ئىنچىقلاش ۋە دوقىراشلار، نەچچە كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۈچ ياتاق بىناسىغا بېرىپ «قوشۇلغان كارۋات»تىن بىرنى ئېلىپ زالدىلا ئاپامنى ياتقۇزدۇم. ئاپام ئەتتىگەندىن بېرى ئاران پۇتلىرىنى ئۇزۇن سۇزۇپ يېتىشقا ۋە ئۇھ دېيىشكە ئېرىشتى. ئۇنىڭ مەڭزىلىرى تەرلىگەن، پىشانلىرىدىكى يول يول – سىزىقلارغا تەر تامچىلىرى سىڭگەن. ياغلىقى ئارىسىدىن چىققان ئۇ بۇ يەردىكى ئاق چاچلار ئۇنى بىر كۈندە ياق مۇشۇ ئاغرىق ئازابلىرىدا، قاتراشلاردا مومايغا ئوخشاتقاندەك بولۇپ قالغان ئىدى. دوختۇرنىڭ دىئاگنوز قويۇشى بىلەن مەسئۇل دوختۇرنىڭ كۆيۈنىشىدە ئىچىدىكى بىر ياتاققا ئورۇنلاشتۇق. بايىلا تېخى «توققوزتارا»دىن دەڭلار. ھەجەپمۇ يىراق يەردىن كەپسىلەر دەپ يېنىمىزدىلا ياتقان داداشقا قاراۋاتقان ئاپاينىڭ سۈزۈك ئاۋازلىرىغا چىلانغان يېقىنلىقىم ھازىر ئالتە كىشلىك بۇ ياتاقتىكى بارلىق ھەممە بىزگە مېھرىبانلىق بىلەن تىكىلمەكتە. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆيى بۇ شەھەردە ئىدى. چۈنكى ئۇلار بۇ شەھەرنىڭ قايناق تۇرمۇشىدا ياشىغان، ئۆزلىرىنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدىغانلار ئىدى. ئەمما ئاپامچۇ، ئۇ بىر ئۆمۈر بالىلارنى يامغۇردىن ساقلاش ئۈچۈن ئېتەك ياپقان ئاپا. ئۇنىڭ مەڭزىرىدە قارا داغ، ئۇنىڭ يۈرىكىدە جۇدالىق ياشلىرى، ئۇنىڭ يۈرىكى سېغىنىش بىلەن پۇرچىلانغان. ئۇ دادامدىن كېيىن مانا مۇشۇنداق بىر يىلدا بىر قېتىم نەچچە يېرىدىن تۆشۈك ئاچقۇزۇپ بولدى. ئۇ دادامدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ھىس قىلغان ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ يەنىلا ئالتە بالىسى ئالدىدا ئۆز قەرزىنى ئادا قىلىپ ياشاپ  كېلىۋاتاتتى.
چۈشتىن كېيىن ياتاققا تەلتۆكۈس ئۇرۇنلىشىپ ئاپامغا ئوكۇل ئېسىلغاندىن كېيىنلا، ئاپام «ئۇھ» دەپ ئاغرىق ئازابىدىن بوشاۋاتقان يەلكىلىرىنى يېنىككىنە ياستۇققا تاشلاپ ئۇيقۇغا كەتتى. بۇ ياتاققا كىرگەندىن بېرقى تەكشۈرۈشلەر، جىددىيچىلىك ئىچىدە مەن تۈزۈك سەپ سالمىغان ياتاقداشلارغا «ئىلى دەرياسى» ژورنىلىدىن تېگىدىن سەپ سېلىشقا باشلىدىم.
ئوڭ قول تەرىپىمىزنىڭ يۇقىرىسىدا ئاقتۆپە يېزىسىدىن كەلگەن جەمىلە ئاپاش،ئۇنىڭ چىرايى تىپىك قازاق خەلقىنىڭ ئانىلارغا خاس مېھرىبانلىقى بىلەن تولغان، ئۇنىڭ قاراشلىرىدا ئۆز ئاغرىقىنىڭ بىردەم – بىردەم بىئارام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەك تەس ئەمەس. ئۇنىڭ مېھرىبانلىقىدا، ماڭىمۇ كىرگەندىن بېرى نەچچە قېتىم «قىزىم، چاي ئىچەمسىز، قىزىم قورسىقىڭىز ئاچسا بىزدە نان بار» دەپ تۇردى.  ئۇنىڭغا چوڭ قىزى قاراۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ دەم سىقىش، يۈرىكى سېلىش ۋە قان بېسىمى ئۆرلەش سەۋەبىدىن جىددىي قۇتقۇزۇشتا ئۈچ كۈن يېتىپ ئاران دېگەندە بىزدىن بىر كۈن بۇرۇن بۇ ياتاققا ئورۇنلىشىپتۇ.
شۇ ياتاقنىڭ ئۇدۇلىدا دەرىزە تەرەپ ھازىرچە بوش. ئۇ يەردە قازاق ئاپاشنىڭ قىزى ۋاقتىنچە يېتىپ تۇرۇپتىدەك.
سەل تۆۋەندە يەنە قوشۇلغان كارۋات. ئۇنىڭدا مۇشۇ شەھەرنىڭ قايسى بىر ئىدارىسىدا پىنسىيىگە چىققان خەنزۇ يولداش. ئۇنىڭ قان بېسىمى مۇشۇ نەچچە كۈندە پەقەتلا چۈشمەپتۇدەك.
سەل پەسرەك يەنە دەرىزە تەرىپىدە، سىرىتقا چىقىش ئىشكى تام تەرەپتە تاشگۈل ئاپاي، ئۇنىڭ تېتىكلىكىگە، ئۇنىڭ غەمسىز تۇرقىغا، ئۇنىڭ ئالىيجاناپ روھى سىڭگەندەك قاراشلىرى، مېنى ئۆزىگە تارتىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ رىتىملىق ھەركەتلىرى، ئەستايىدىلىقى ئۆزىگە شۇنداق ياراشقان بولۇپ، تىپىك شەھەر ئاياللىرىدا بولۇشقا تېگىشلىك جەزبىدارلىق ئۆزىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى.
ئۇنىڭغا ئۇدۇل، يەنى ئىشىك يېنىدا چىڭسوخوزدىن كەلگەن تۇڭگان ئايال، ئۇ توختىماي بېشىنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ خىيالغا كېتىدۇ. بىز دەسلەپ بۇ ياتاققا كىرىپ ئاكام ھىرىپ كەتتىم دەپ كارۋاتقا،  ئاپامنىڭ يېنىغا چىقىپ ياتسا «ئاكاڭ ئاغرىقمۇ، ئاپاڭمۇ؟!» دەپ سورىغان. ئاپامغا قاراپ «ئوغلۇڭ بەك ساڭا ئوخشايدىكەن» دەپ ھەيران قالغان ئىدى. مەنچۇ دېسەم، سەنمۇ ئوخشايسەنكەن. ئەمما ئاكاڭدەك ئەمەس دەپ كۈلگەن ئىدى. ئەمما شۇندىن بېرى ھەر قېتىم چىقىش كىرىشتە ئۇ بېشىنى چاڭگاللاپ ئولتۇرۇپ كېتەتتى. ئۇنىڭمۇ ئۆيى بۇ يەردە بولمىغاچ قىزى كېلىپ قارايتتى. چوڭ قىزى مۇشۇ شەھەردە بىر ئاياغ سېتىش مەركىزىدە ئىشلەۋىتىپتۇ. كىچىك قىزى يېڭى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ بوپتۇ.
مانا بۇلارنىڭ چىرايلىرىغا قاراپ ئولتۇرۇپ، ئاپامنىڭ كەم كۈتى نەرسىلىرىنى تولۇقلاش ئۈچۈن سىرتقا چىقتىم. كۈن تولۇقى بىلەن يېيىلغان ھەممە يەر ئىسسىقلىقتىن كۈلەتتى. ئەتتىگەنلا ياققان يامغۇر يوللاردا ئەسلىنى كۆرسەتمەيتتى. بايىلا تېخى ئاكامنى يولغا سېلىپ كىرگەن بولساممۇ، ئەتتىگەندىن بېرى مانا بۇ چوڭ دەرۋازىدىن چىقىپ باقمىغان ئىدىم. بايا ئاپام دەرۋازىدىن كىرىپ دوختۇرخانا قورۇسىغا يول ئالغىنىمىزدا سول قول تەرەپ ئۈچ  قەۋەتلىك بىنانى كۆرسىتىپ، «مانا بۇ داداڭلار ئۈچ ئاي ياتقان بىنا» دېگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئەسلىمىسىدە ئۇ دائىم «ئىككىنچى قەۋەتتىكى زالنىڭ دەرىزىسىدىن توختىماي سىرتقا قاراپ سىڭىللىرىنى، مەھەلىدىن بىرەرسىنى، ياكى ئاكىسى ياكى بالىلىرىنى كۈتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. مەن دادام يەنە ئاشۇ بىنادا ماڭا قاراۋاتقاندەك كۆزلىرىمنى تىككەن ئىدىم. ھازىرمۇ مەن ئاشۇ بىناغا چىقىپ بېقىش دادام ياتقان كارۋاتقا قاراپ بېقىش ئويۇم بولسىمۇ، جۈرئىتىم يوق ئىدى. نېمىشقىلى يۈرىكىم پۇشايمان ئوتىدا پۇرچىلىناتتى. ھېلىمۇ ئېسىمدە دادام تۇنجى يېقىلىپ ئىككىنچى قېتىملىق ئوبراتسىيىدىن كېيىن يەنە ئۆيگە كەلمىدى. شۇ چاغلار ئۆيدىن ئۈچ كۈندە بىر بىرسى بېرىپ كېلەتتى. مەن  ئوقۇۋاتقان بولغاچقىمۇ ئىشقىلىپ ئۆيدە مەنلا بارمىغان. مەنلا ئۇنى يوقلىمىغان. نەچچە بارىمەن دېسەم ئاكام ئۇنىمىغان ئىدى. چوڭ دادام «كىچىك بالا نېمە قىلىدۇ» دەپ ۋارقىرىغان ئىدى. قالغان سىڭلىم، ھەدىلىرىم بېرىپ كەلدى. ئاڭلىسام ئۇلارنى دادام سېغىنىپ چاقىرتىپتۇدەك. بىراق مېنىچۇ؟
دادام دوختۇرخانىدىن كەلگەن كۈنى، مەن مەكتەپتە ئىدىم. ئالدىراپ ئاكامنىڭ خادىك ھارۋىسىغا قارىماي يۈگرىپ دېگۈدەك شۇ بىر سائەتلىك يولنى بېسىپ تەرلەپ ئۆيگە كىرسەم، دادام يېتىپتىكەن. ئۇ ئۇرۇقلاپ قاپتۇ. ئەمما مېنى كۆرۈپ كۈلدى. مېنى باغرىغا بېسىپ، مەڭزىمگە، پىشانەمگە سۆيۈپ تۇرۇپ «مېنى يوقلاپ بارمىدىڭ – ھە! بالام» دېگەن ئىدى. مەن يېنىمدىلا تۇرغان ئاكامغا، چوڭ دادام ۋە كىچىك ئاپىلىرىمغا قاراپ قويۇپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتكەن ئىدىم. شۇ چاغ دادام «بالام، مەن سېنى يولدا جاپا تارتمىسۇن دېدىم، ئوقۇشۇڭغا تەسىر قىلمىسۇن دېدىم. شۇڭا سېنى چاقىرتمىدىم. مېنىڭ غەيرەتلىك قىزىم» دەپ قايتىلادىن باشلىرىمنى سىيلاپ باغرىغا باسقان ئىدى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇنىرە ئالىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-26 18:48  


ياپيېشىل تاغلارغا بېرىپ سايەھەت قىلىشنى چۈشۈمدە چۈشەيدىغان بولدۇم.  ئوڭۇمدا قاچان ئۇلىشارمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 634
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-2

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 18:49:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسلىمىلەرنىڭ قايتىلىنىشىدىن مەڭزىمدە يامرىغان ياشلارنى قوللۇرۇم بىلەن بېسىپ ئەرتىپ سىرتقا چىقتىم. دوختۇرخانا دەرۋازىسى ئالدىدا يەنە ئاشۇ بىر – بىرىگە يول بەرمەي ئۆتۈشۈپ تۇرغان ئادەملەر. مەن بۇ شەھەرنىڭ ھاۋاسىدىن چوڭقۇر نەپەس ئالدىم. بۇ شەھەردىكى قايسى بىر قەدىردانلارنى سېغىندىم. ئۇلارنىڭ مۇڭلۇق ئاۋازىغا سىڭگەن كۆيۈنۈشلىرىنى ئەسلىدىم. ئۇلارنى ئىزدىگۈم بولسىمۇ، ئەمما ئاۋارە قىلماسلىق ئۈچۈن تېلفونىمنى سىيلاپ قويۇپ، كېرەكلىك نەرسىلەرنى سېتىۋىلىش ئۈچۈن مېڭىپ كەتتىم.
تېلفونىم ئۈنسىز سايرىدى. تۈنۈگۈن بۇ يەرگە مېڭىشتىن ئاۋال. ئىنىمىز تۇرسۇنجان ئابدۇۋەلىگە تېلفون ئۇرۇپ قويغانلىقىم يادىمغا كەلدى. ئۇنى گەرچە ئاۋارە قىلىش ئويۇم بولمىسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ بىلەن دىدارلىشىپ، ئۇنىڭ كېيىنكى باسقان مەنزىللىرىدە تېخىمۇ تىرىشچان بولۇشىنى تاپىلاش ئويۇم بار ئىدى. ئەگەردە ئاپامنىڭ كېسىلى ئېغىر چىقمىغان ئەھۋال ئاستىدا، بۇ يەردىكى ئويلىغان، كۆرەشمىگەن قەدىردانلار بىلەن دىدارلىشىپ، ھەمداستىخان بولۇش ئويۇم بار ئىدى. ئەمما، ئۇنداق پۇرسەت يەنە كېلەر دېگەن سۆزلەر بىلەن ئاپامنى تېزرەك ئەسلىگە كېلىشنى تىلىدىم. تۇرسۇنجان ھازىرلا بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپ دەرۋازىدىن كىرۋاتقان پۇتلىرىمنى توختىتىشقا مەجبۇر قىلدى.
سۇز بايىلا يېغىشنى باشلىغان يامغۇر يوللارغا يېيىلماقتا. بىردەمدىلا باياتىنقىدىن ئالدىراش ئادەملەر ئۆزلىرىنى چەتلەرگە ئالماقتا. مەنمۇ دوختۇرخانا ئالدىدا يېيىلىپ تۇرغان مەجنۇنتالنىڭ ئاستىغا ئۆزەمنى دالدا قىلدىم. مەجنۇنتالنىڭ قويۇق ساڭگىلىغان شاخلىرى ئەمدىلا تېخى ئۆز يۇپۇرماقلىرىنى چىقىرىشقا باشلىغان بولۇپ، قىشتاي تۇرغان بۇرۇنقى قۇرۇتلىرىنى تاشلاۋاتتى. مەن پۇتۇم ئاستىدىكى پىلە قۇرتىدەك نەرسىگە قاراپ بىردە يىللانلاردەك تولغۇشۇپ، مەجنۇنتالدەك پۇلاڭلاپ، ئەگىلىپ تۇرغان دەرەخ شاخلىرىغا قايتىلادىن سەپ سالدىم. ھەربىر ئەگىشلىشلىرىنى، لەرزان مۇڭلارغا شىرىك بولىدىغان تۇيغۇلىرىمغا قاراپ بۇ دەرەخنى مەجنۇنتال دېسەم، پىلە قۇرتىدەك شاخنىڭ چىچەكلىگەن يەرلىرىدىن تاشلىنىدىغان يېرىگە قاراپ مايلىق تېرەكمىكىن دېدىم. بىر چاغلاردا بىز مايلىق تېرەكنىڭ ئىنچىكە ۋە توم شاخلىرىنى كېسىۋىلىپ ئۇنىڭدىن «بۇت – بۇت» چە ياساپ ئوينايدىغان. شاخنى كىچىك بەكىلەردە ئۇزۇن چەيلەپ چەيلەپ، يىرتىلىپ كەتكۈزمەي، ئۇنى شاختىن سۇغۇرۇپ، ئاندىن كالپۇكىمىزغا ئېلىپ پوۋلىسەك، ئىنچىكىسىدىن يېقىملىق، تومراقلىرىدىن قوپالراق. بەك تومدىن بەك قوپال ئاۋازلار پەيدا بولاتتى. شۇندىن كېيىن ئۇنى ھويلىلاردا ياساپ چېلىپ ئويناپ كېتەتتۇق.  ھەي ئاشۇ چاغلار غىل پاللا كۆرۈنۈپ ئۆتۈپ كېتىدىكەن دېسە.
مەن خىياللىرىمنى يىغىپ يولدىن ئۆتكەن ئادەملەرگە سەپسالدىم. قويۇق قاشلىق، ئېگىز بوي بىرسى ھەر تەرەپكە قاراپ كەلمەكتە. ئۇ دەل تۇرسۇنجان ئابدۇۋەلى ئىدى. ئۇنىڭ مەن توردىكى رەسىمىنىلا كۆرگەن. ئۇمۇ مېنى كۆرۈپ ئۇدۇللا يېنىمغا كەلدى. بىز تىچلىق ئامانلىق سورىشىپ بولۇپ بايىلا ئىتتىكلەشكە باشلىغان يامغۇردىن پاناھلىنىپ قويۇق بۇ دەرەخنىڭ ئاستىدىن چىقمىدۇق. مەجنۇنتال كەڭ شاخلىرىدا بىزگە بۇ شەھەرنىڭ گۈزەللىكىنى، ئەتراپىمىزدىكى  ئادەملەرنىڭ ئالدىراشلىقىنى، ئۆزىنىڭ جەزبىدارلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇنىڭ ئاپامنى يوقلايمەن دىيىشلىرىگە ئۇنىماي، قىسقىلا سۆھبەتتىن كېيىن خوشلاشتىم. ئۇنىڭ شىئىرلىرى بىلەن مۇشۇ بىر يىل جەريانىدا «يازغۇچىلار تورى»دا ئۇچراشقان بولساممۇ، ئۇنىڭ شىئىرلىرىدىكى تىل ئىشلىتىشىدىن خېلى كۆڭلۈم يۇرۇپ قالاتتى. يەنى ئۇنىڭ يېقىندىن ئېلان قىلىنغان «كۈلۈمسىرەش» ... قاتارلىق  ئەسەرلەرگە يازغان ئوبزورلىرى ئارقىلىق يېڭى قەدىمىنىڭ پۇختىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا ئادەمنى ئۈندەپ تۇراتتى. شۇ ۋەجىدىن مەن بۇ بالىنىڭ مەيلى قايسىلا ئەسىرىنى ئوقۇي، ئۇنىڭ يەنە ئون يىلدىن كېيىنكى ئىجادىيىتىنى پەرەز قىلىپ ئۈلگىرەتتىم. شۇڭا بۇ بالا بىلەن كۆرۈشۈش ئارزۇيۇم بار  ئىدى. مانا بۇ رىئاللىق ئالدىدا قىسقىلا سۆھبەتتىن كېيىن، ئۇنىڭ چوڭ چوڭ كۆزلىرىگە مۇجەسسەملەشكەن ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسى مېنى يەنە بىر قېتىم ئۇنىغا ئۇزاق بولغان سەپەرلەردە بەل قويۇۋەتمەسلىكنى تەكىتلەشنى راۋا كۆرمىدى. ئۇنىڭ يۈرىكىدە كۆيۈۋاتقان بىر روھتىن ھاسىل بولغان بىغىشلاشتىن سۆيۈندۈم.  ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ شەھەرگە كەلگەن بېرىقى كۈنلىرى ھەققىدە توختالمىغان بولسىمۇ، بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيەتلىرى ۋە كۈنلىرىنىڭ تولىمۇ ئالدىراش بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە سۆزلەپ ئۆتۈپ كەتتى. ئادەتتىكىچە گەپ خۇمارلىقىمدا بۇ بالىنىڭ ئېغىزىدىن «ھازىرقى يېزىۋاتقان ئوبزورى» ھەققىدە بىر نەرسە بىلىۋالالىشىمغا كۆزۈم يەتسىمۇ، ئەمما ئاپامنىڭ يولۇمغا قاراپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ خوشلىشىشقا كېلەر قېتىم كۆرۈشۈشكە ۋەدىلىشىپ دوختۇرخانا دەرۋازىسىدىن پۇتۇمنى ئالدىم.
سائەتكە قارىسام بەش بوپتۇ. دوختۇرخانىدا ۋاقىت ئۆتمەك بەك تەس دەيدىكەن، بايىلا ياققان يامغۇردىن ئەسەر قالمىغان يوللارغا قارىغىنىمچە يەنە ئاشۇ دەرۋازىدىن چىقتىم. سىڭلىمنىڭ ئۆيىگە جىددىي ئاپامنىڭ بىر دورىسىنى ئېلىش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتىم. بايىلا تېخى كۈيئوغلىمىزنىڭ «ئونىنچى يول ئابتۇبۇسىغا چىقسىڭىز ئۇدۇل كېلىسىز» دېگىنى ئېسىمدە بولسىمۇ، بىلەلمەي «ئېزىپ» قىلىشتىن قورقۇپ، يەنىلا ماشىنا توسۇپ ئۆيگە يۈرۈپ كەتتىم. ئىستالىن كوچىسىدىن ماشىنا غۇيۇلدىغىنىچە ئۆتۈپ قىزىل بايراق سودا سارىيى بار كوچا ئېغىزىدا توسۇلۇپ قالدى. مەن ئېگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان يولنىڭ قارشىدىكى كىتابخانىغا قاراپ قويۇپ ئىچىمدە تىپچەكلەۋاتقان «بىر كىتاب ئەۋەلسام بولاتتى» دېگەن خىيالىرىمنى يۇغۇشتۇرۇشقا ئۈلگىرەلمەي قالدىم. ماشىنىدىن چۈشۈپ قالاي دېسەم تېخى. ماشىنا ئەينىكىگە چاپلانغان كۆزلىرىمدە كىتابخانىنىڭ ئىشكىدىن چىقىۋاتقان ئادەملەرگە كۆزۈم چۈشتى. مەن 2006- يىلى مانا مۇشۇ كىتابخانىدا كۈنلەرنى ئۆتكۈزەتتىم. شەنبە ۋە يەكشەنبەم ئۆيگە قايتىپ كېتىدىغان كۈنلىرىم بولسىمۇ، كۈنلەپ -  كۈنلۈپ كىتابخانىدا ئولتۇرۇپ رومانلارنى ئوقۇپ تۈگىتەتتىم. شۇ چاغدا مېنىڭ شارائىتىم توم توم رومانلارنى سېتىۋىلىشقا يەتمەيتتى. ھازىرچۇ. مەن ئۆزەم ھەققىدە ئويلىنىپ قالدىم. نۇرغۇن كىتابلارنى ئوقۇپتىمەن. باشلانغۇچنىڭ بەشىنچى يىللىقىدىن تارتىپ تولۇقسىزنى پۈتتۈرگىچە ئوقۇغان كىتابلىرىمنىڭ سانى خېلى كۆپ، ئەمما ئەستا ساقلىيالىغانلىرىم ئاز. سېتىۋالغان كىتابلىرىمچۇ؟ پەقەت يوق. ئۇ چاغلاردا ناھىيىدە ئولتۇراقلاشقان بىر ئاكامنىڭ ئۆيىنى شەنبە ۋە يەكشەنبە تېپىۋىلىپ، شۇ يەردە بالىسىغا قاراپ، ئۆيىنى تازىلاپ، يەڭگەم يوق چاغدا يوغان قولۇب سېلىغلىق ئىشكابنى ئېچىپ كىتاب ئوقۇيتتۇم. پاچىقىمغا كىتابنى تىقىپ كېتىپ بىر ھەپتىدە خاتىرە يازاتتىم. كېيىن ئۇ توققىنىمىزنىڭ ئۆيىدە ئۇ ئىشكاپنىڭ قۇلۇپى ئېچىلمايدىغان بولۇپ قالدى. ئاندىن يان تەرەپتىكى ئىشىك ئىلغۇچىنى چىقىرىپ «قۇرەيىش قىزى» دېگەن روماننى ئوغۇرلىقچە ئوقۇغان ئىدىم. ھەر قېتىم كەلسەم، قۇلۇب سېلىغلىق ئىدى. ئەمما مەن ئاشۇ ئىلغۇچنى بوشۇتۇپ كىتابنى ئېلىۋىلىپ، چېڭىتىپ قوياتتىم. بۇ ئىشىممۇ ئۇزۇنغا بارماي ئاكامنىڭ كۆزىگە ئېلىنىپ مېنى ئاشۇ كىتاب بار ئۆيگە كىرگۈزمەيدىغان بولغان. شۇ ۋاقىتلار ناھىيىدە كىچىك بىر كىتابخانا بولىدىغان. ھازىرقى ناھىيىلىك شىنخۇ كىتابخانىسى. ئۇ كىتابخانىغا كىرىپ كىتابلارنى ئوقۇسام ئوقۇيمەنكى، سېتىۋالغۇدەك پۇلۇم بولمىغاچ يەنە تارتىشقىنىمچە يېنىپ چىقاتتىم. مېنىڭ بالىلىقىمغا سىڭىپ كەتكەن ئېرىشەلمەسلىك، ياخشى كۆرسەممۇ، پەقەت قاراپ قويۇش بىلەن ئۆز قانائىتىنى ھاسىل قىلىش بىلەن خۇلاسىلىنەشكىمۇ، ھازىرغىچە شۇنداق.
قىزىل چىراق يېشىلغا ئالماشتى. مەن ئۆسمۈرلۈكتىكى ئاشۇ ۋاقىتلىرىمنىڭ تۈگىمەس ۋاقىتلىرىغا كۆز يۈگرىتىپ كۆرۈپ مۇشۇ كەمگىچە كىتابنى نەقەدەر ياخشى كۆرسەممۇ، بىراق ساقلىغان كىتابىنىڭ يوقلىقىدىن ئۇيالدىم.
كەچ سائەت يەتتىلەردە شەپەقنىڭ قىزىللىقى يېيىلغان  خەنزۇ بازىرى، تەشلەپكىلەردە  ئادەملەر بەكمۇ كۆپ بولۇپ، ماشىنا يۇقىرى ئاۋازدا سىگنال بەرسىمۇ، كىشىلەر قاراپ قويۇپ كېتىۋىرەتتى. «ئۈرۈمچىدە ماشىنا ئادەمگە يول بېرىدىغان شەھەر ئىكەن» دېگەن ئىدى بىرسى. مەن شۇندىلا بۇ سۆزنىڭ ماھىيىتىنى تۇنۇپ يەتتىم. تەرەققىياتىنىڭ يۈكسىلىشى بىلەن بىر چاغلاردىكى قاساپچىلار، يايمىچىلار ۋە گۈرۈلدەپ ئوتلىرى كۆيۈپ تۇرغان كاۋاپچى ئۇستاملار قايسىدۇر بىر بىنانىڭ تەشلەپكە قايناق  بازىرىغا ئېگىز قىلىپ سېلىنىشى بىلەن ئىچىگىرەك تارتىلغان ئىدى. ئەمما خەنزۇ بازىرىنىڭ سەل ئوتتۇرسىغا جايلاشقان، قاتار سېتىقچىلارنىڭ خېرىدار چارقىرغان ئاۋازى شەپەقنىڭ ئاستا – ئاستا پەسكە سېرىلىشى بىلەن تېخىمۇ يۇقىرى جاراڭلىماقتا. مەن ئادەملەر توپىدىن شۇڭغۇيالمىغان تۇيغۇلىرىمدا بىر چاغلاردا مەن كۆرگەن خەنزۇ بازىرى، تەشلەپكە ۋە قىزىل بايراق سودا سارىيى ئالدىدىكى ئادەملەر توپىنى خىيال قىلدىم. ئۇ چاغلار ھازىرقىدىنمۇ كۆپ ئادەملەر كەڭ مەيدانغا يىغىلىۋىلىپ ئولتۇرۇپ كېتەتتى. ھازىر مەيداندا ئۇنداق قويۇق ئادەملەر توپى بولمىسىمۇ، مەيداننىڭ ئىككى تەرىپىدىكى يولدا ۋالۇلداپ بىر توپ ئادەملەر كۆيەتتى.
دوختۇرخانا دەرۋازىسىغا كىرىپ كېتىۋاتقان بىر توپ ئادەملەر قاتارىدا جىمجىتقىنە كىرىپ كەتتىم. يۈرىكىمنىڭ بىر يەرلىرىدە سىڭدالمىغان تۇيغۇ ئەگىشىپ مېنى سەھرارىمغا ئېلىپ كېتەتتى. دوختۇرخانا ھويلىسىدا بىردىن ئىككىدىن ئولتۇرغانلار بىلەن تولغان بولۇپ، ئۇلار ئۆز خىياللىرى، ئۆز جانلىرى بىلەن ئالدىراش ئىدى.
كېچە سائەت 11 ئەتراپىدا، گەۋدەمنىڭ يېنىك تىتىرىشى بىلەن ئويغۇنۇپ كەتتىم. بايىلا تېخى يۇمۇلغان كۆزلىرىمدىكى قويۇق ئۇيقا مېنى باش ئۈستۈمدە تۇرغان سىستىرا بىلەن ئۇچراشتۇردى. ئۇ ئاپامنىڭ تومرىنى تۇتۇپ بولۇپ چىقىپ كەتتى. ئۇيقۇ بوستانىدىن قانغىدەك ھوزۇرلىنالمىغان بولساممۇ، ئۇيقۇم ئېچىلىپ كەتكەندەك ئەتراپتىكىلەرنىڭ  پۇشۇلداشلىرىغا سىڭگەن سىقىلىش ھاياجانلىرىمنى باش ئۈستۈمدە تۇرغان ئىلى دەرياسىغا سىڭدۈرمەكچى بولماقچىدەك ژورنالنى قولۇمغا ئېلىپ زالغا چىقىپ كەتتىم. زال تىمتاس، پەقەت ئۇ يەر بۇ يەردە پۇشۇلدىغان، قاتتىق خورەك تارتقان ئاۋازلارلا كېلەتتى. مەن ئاستا ئۇزۇن كەتكەن زالنىڭ يان تەرىپىدىكى ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇرۇپ ژورنالغا كىرىشىپ كەتتىم. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ۋايجانلىغان ئاۋازدىن «توكنى ئۆچۈرۈۋىتىڭە» دېگەن ئاۋازغا سىڭگەن يىغلامسىراشتا. زالنىڭ توكىنى ئۆچۈرۈپ ئاستا ئاپام ياتقان ئۆيگە كىردىم. ئەمدى زورلىنىپ ئوخلاشتىن باشقا ئامال يوق ئىدى. شۇڭا زورلانغان قىيالماسلىقىمنى ياستۇق ئاستىغا باسۇرۇپ ئاپامنىڭ يېنىغىلا قىڭغايدىم.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇنىرە ئالىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-26 18:49  


ياپيېشىل تاغلارغا بېرىپ سايەھەت قىلىشنى چۈشۈمدە چۈشەيدىغان بولدۇم.  ئوڭۇمدا قاچان ئۇلىشارمەن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  649
يازما سانى: 277
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1596
تۆھپە : 0
توردا: 246
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 18:55:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەپىرىڭىزگە ئاق يول ، قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن سىڭلىم .

مۇھەممەت توختى

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  227
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1079
تۆھپە : 0
توردا: 119
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 19:37:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنىرەنىڭ خاتىرە شەكىلدىكى ئەسەرلىرىدە چاقناۋاتقان سۈنئىيلىكتىن خالىي سۈزۈك تۇيغۇلىرىغا مۇبارەك بولسۇن!

ھەقىقەت مەشئىلى كۆپ ھاللاردا كۆتۈرگۈچىنىڭ قولىنى كۆيدۈرىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش