ئابدۇرېھىم مۇئەللىم،
دېگەنلىرىڭىز مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا تولىمۇ ئورۇنلۇق پىكىر بوپتۇ. لېكىن ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ مۇستەقىل سۆزلەرنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئىشلەتمىسە شېئىرىي ئەسەرنىڭ مۇزىكىدارلىقىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىكەن. نەۋايى باشچىلىقىدىكى كلاسسك ئۇستازلارنىڭ يازمىلىرىغا ئاشۇ "كاۋاك چالمىلار"نىڭ ئۆزگىچە مۇزىكىدارلىق قوشقانلىقىنى كۆپ ئۇچراتقانىدىم، شۇڭا سىز دېگەندەك مۇستەقىل سۆزلەرنى ئىشلەتمەي ئاشۇلارنىڭ تەسىرىگە ئېغىپ كەتكەن بولسام كېرەك. (پىكرىڭىز بويىچە تېخىمۇ ئىزدىنىشقا تەييارمەن.)
ئەگەر كۆڭلىڭىزگە ئالمىسىڭىز، سىزنىڭ رۇبائى نامىدىكى يازمىلىرىڭىزغا قارىتا بىر ئويۇم بار ئىدى، ئەدەبسىزلىك بولسىمۇ ئېيتقۇم كەلدى:
رۇبائىلىرىڭىزدا ئاددىي تىل ئىچىگە يوشۇرۇنغان چوڭقۇر ۋە كەڭ پىكىر بار، بىراق مۇزىكىدارلىقى سەل كەمدەك تۇيۇلىدىكەن. شېئىرىي ئەسەر ئۈچۈن مۇزىكىدارلىق بىلەن ئۇنىڭدىكى چوڭقۇر مەنىنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ مۇھىملىقىنى سىز مەندىن ئوبدان بىلىسىز. مۇشۇ جەھەتتىمۇ ئويلىنىپ باقسىڭىز ۋە باشقىلارغا ئۈلگە بولسىڭىز بەك ياخشى بولغان بولاتتى.
ئىنىڭىزنىڭ يۇقارقى سەمىمىي گەپلىرىنى توغرا چۈشىنەرسىز. ئامان بولۇڭ!!!