مۆلجەرى يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 09:18 
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئۇكام دىلدا، ماۋۇ گېپىڭىز ئىنتاي ...
ئۇكام مۆلچەرى، ئالدى بىلەن يوللۇق سۆزلىرىڭىز ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن.
ئاۋۇ ھەدىس ھەققىدىكى سۆزىڭىزگە كەلسەك، مەن قۇرئان كېرىمنىنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى كۆرگەن. ئەمما ئۇنىڭدا ئۇنداق گەپلەرنى ئۇچراتمىغانىدىم. پەقەت بىر پارچە ماقالىدا مەن ئالغاندەك بىر نەقىلنى ئۇچراتقان، خاتا بولۇپ قالغان بولسا ئۆزرىلىكمەن.
سىز ساناپ ئۆتكەن كىلاسسىكلارنىڭ «قايسى بىرىنى بىلمەيسىز » دەپ ھېچكىم ئېيتالمايدۇ. مەن نۇرغۇن ئادەملەر ۋە ئەسەرلەر بىلەن ئۇچراشقان. چۈنكى ئالىي مەكتەپتە (ئىككى) مەخسۇس تىل-ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغان.
«كۈندە بىر رۇبائىي» دېگەن ماۋزۇنىڭ ئۆزى «زورۇقۇپ ئۇدۇللۇق يېزىپ يوللايمەن» دېگەن ئۇقۇمنى بەرمىسە كېرەك. بۇ رۇبائىيلار نىڭ نۇرغۇنلىرى ئېلان قىلىنىپ بولغان.
مەن رۇبائىينىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس. شۇڭا، «تارىم»نىڭ 2007 - يىللىق ئىككىنچى سانىدىكى «رۇبائىي توغرىسىدا قىسقىچە مۇلاھىزە» ناملىق ماقالەمنى كۆرۈپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئامان بولۇڭ!