مۇھەممەدتوختى يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 22:32 
كۈلۈپ باقساڭ جاھان گۈلدەك كۆرۈنەر،
بەختىيارلىق جىسمىڭ ...
ئۇكام مۇھەممدتوختى، ئالدى بىلەن سىزنىڭ ئۆگىنىش روھىڭىزغا ئاپىرىن ئېيتىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەمىسە ئوڭشاپ قويدۇم:
كۈلۈپ باقساڭ، جاھان گۈلدەك كۆرۈنەر،
چىن شادلىقنى جىسمىڭ قۇچار، سۆيۈنەر.
غەمگە پاتساڭ، كەڭرى ئالەم گۆرىستان،
يۈرىكىڭمۇ سەندىن ھامان ئۆكىنەر.
ئەمدى ئوقۇپ بېقىڭ. پىكىرنىڭ چېچىلىشى ئەمدى ئوڭشالدىغۇ دەيمەن. قاپىيە قوغلىشىپ پىكىر ئىزچىللىقىغا ئەھمىيەت بەرمىسەك بولمايدۇ.
مەردنىڭ خۇيى ياخشىلىقنى ئۇنتۇماق،
نامەردلەرنىڭ قەستى گۈلنى قۇرۇتماق.
دانىش ئىشى، يۇرت بۇزارنى، نامەردنى،
ھالال تاپقان نېمىتىگە يولاتماق!
بۇنىمۇ ئەمدى ئوقۇپ بېقىڭ. بۇ يەردە سىز پىكىزنى زىت قىلىپ قويغان. غەلىبە سىزگە كەڭ قۇچاق ئاچقاي!