بۇ يىل 9-ئايدا چاقىرىلىدىغان «مەملىكەتلىك ياش يازغۇچىلار ئىجادىيەت يىغىنى»غا مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنى تەييارلاش ۋە يىلنىڭ ئاخىرىدا ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئۈرۈمچىدە ئېچىلىدىغان «شىنجاڭ ياش يازغۇچىلار ئىجادىيەت يىغىنى»نى ئۈچۈن بىرىنچى قول ماتىرياللارنى ئىگەللەش قاتارلىق خىزمەتلىرىمىز ۋەجىدىن 70-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ياش يازغۇچىلىرىمىزنىڭ يېقىنقى ئىككى - ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ئىجادىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى بىلىپ، تەكشۈرۈپ بېقىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلدى.
شۇڭا تورداشلار ۋە 70-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بىزنى تۆۋەنكىدەك ئۈچۈرلار بىلەن تەمىنلەپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. يوللىنىدىغان ئۇچۇرلار تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالسا بولىدۇ:
1. 70-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئىسىم-فامىلىسى
2. بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە ۋەكىللىك ئەسەرلىرىنىڭ نامى ۋە ئېلان قىلىنغان ژۇرناللارنىڭ ئىسىملىكى
3.نەشردىن چىققان كىتاپلىرىنىڭ نامى ۋە نەشر قىلغان نەشرياتلارنىڭ ئىسىملىكى
4.ئەسەرلىرىنىڭ مۇكاپاتلىنىش ۋە تەرجىمە قىلىنىش ئەھۋالى
5.مەزكۇر ئاپتورنىڭ ئەسەرلىرىگە نىسپەتەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ۋە ئەدەبىيات ساھەسى، ئوبزورچىلارنىڭ باھاسى
يۇقىرقىدەك مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى 70-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئۆزىلىرى، كەڭ ئەدىبلىرىمىز ۋە باشقا تورداشلارنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن بۇ تېمىنىڭ ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ بېرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
|