يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: eybuyaqup

70-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان ئەدىبلەر سەمىگە:

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-9-9 22:19:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-9 22:45:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
70-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان يازغۇچىلار دىگەندە، 40 ياشلار ئەتىراپىدىكى ئەدىبلىرىمىزنى، 80-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان يازغۇچىلار دىگەندە، 30 ياشلار ئەتىراپىدىكى ئەدىبلىرىمىزنى،  90-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان يازغۇچىلار دىگەندە، 20 ياشلار ئەتىراپىدىكى ئەدىبلىرىمىزنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرسەك بولىدۇ.
بۇ تېمىدىكى 70 - يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان يازغۇچىلار بولسا،  40 -43 ياشلاردىن تۆۋەن ھەرقايسى ياش قاتلاملىرىدىكى بارلىق ياش قەلەمكەشلىرىمىزگە قارىتىلغان.

ۋاقتى: 2013-9-9 22:56:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                       ئەنۋەرجان خوجا ئەرتېكىن

  ئەنۋەرجان خوجا ئەرتېكىن 1979-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى ئونسۇ ناھىيسىنىڭ گۈلئاۋات يېزىسىدا زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1997-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ سىياسى-تارىخ فاكولتېتىدا ئۇقۇغان.  2003-يىلى 2-ئايدىن 2004-يىلى 9-ئايغىچە ئونسۇ ناھىيە گۈلئاۋات يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇقۇتقۇچىلىق قىلغان. ھازىر ئونسۇ ناھىيلىك پارتىيە مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بۇلۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
  ئەنۋەرجان خوجا ئەرتېكىن كىچىكىدىن باشلاپلا ئەدەبىياتقا ئىشتىياق باغلىغان بۇلۇپ، 1994-يىلى «ئاقسۇ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «قىزارغان يۈز» ناملىق ھېكايىسى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەتكە رەسمىي قەدەم قويغان. شۇنىڭدىن باشلاپ «ئاقسۇ گېزىتى»، «ئاسىيا كىندىكى» گېزىتى، «شىنجاڭ ياشانغانلار گېزىتى»،«شىنجاڭ پارتىيە مەكتىپى» گېزىتى، «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»، «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژورنىلى، «شىنجاڭ ياشلىرى» ژورنىلى، «شىنجاڭ ئاياللىرى» ژورنىلى،«شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتېيى» ژورنىلى، « دولان» ژورنىلى، «قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى ئىلمى  ژورنىلى»... قاتارلىق گېزىت ـ ژورناللاردا بىر تۈركۈم شېئىر، ھېكايە، فىلىيەتۇن، ئوبزور، پوبىلىستىك ماقالە ۋە  ئىلمى ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان.
  «پەشمەت ساتقان بالا» ناملىق شېئىرىغا «ئاقسۇ گېزىتى» نىڭ 2013-يىل 7-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى «كۆۋرۈك» بېتىدە ئوبزۇر (ئاپتۇرى: ئابدۇرېھىم زاھىدى) ئېلان قىلىنغان.
  «ئائىلەم - جەننىتىم» ناملىق شېئىرىغا «ئاقسۇ گېزىتى» نىڭ 2013-يىل 9-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى «كۆۋرۈك» بېتىدە ئوبزۇر (ئاپتۇرى: توختەم ئىمىن) ئېلان قىلىنغان.   
  «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان «ئائىلەم - جەننىتىم» ناملىق شېئىرى بىلەن بىرگە تەرجىمھالى ۋە شېئىرىيەت ھەققىدىكى قاراشلىرى مەخسۇس تۇنۇشتۇرۇلغان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئە.خ.ئەرتېكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-12 10:39  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-9 23:01:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    يەنە بىر دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نەرسە، بىز «ياش يازغۇچىلار ئىجادىيەت يىغىنى»نى ئىككى يىلنى بىرلىك قىلىپ بىرقانچە قېتىم ئاچتۇق. (تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئىككى يىلدا بىر ئېچىلماي قالغان چاغلارمۇ بولدى.)
    ھازىر بىز تەكشۈرۈپ باقىدىغان ئىش، بارلىق ياش يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بىر پۈتۈن ئىجادىيىتى ئەمەس، ئۇلارنىڭ يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيانقى ئىجادىيەت نەتىنجىلىرى بولىشى كېرەك. بىلدۈرگۈدىمۇ بۇنى ئېنىق قىلىپ :« 70-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ياش يازغۇچىلىرىمىزنىڭ يېقىنقى ئىككى - ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ئىجادىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى بىلىپ، تەكشۈرۈپ بېقىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلدى.» دەپ يازغان ئىدىم. بەزىلەر ئۇقتۇرۇشتا نىمىنى تەلەپ قىلىۋاتقىنىمىزغا تۈزۈك دىققەت قىلمايلا «يازغۇچىلار لۇغىتى»دىكى تەييار نەرسىلەرنى چاپلىغىلى تۇردى.
    گەپنىڭ ئەڭ نېگىزلىك يېرى، 40 ياشتىن تۆۋەن ياش يازغۇچىلىرىمىز يېقىنقى ئىككى - ئۈچ يىلدىن بېرى خەقنىڭ ئېسىدە قالغىدەك قانداق كىتاپلارنى نەشر قىلدۇردى؟ قانداق ئەسەرلەرنى ژۇرناللاردا ئېلان قىلدۇرۇپ، ياخشى تەسىرلەرنى قالدۇردى؟ قايسى خىلدىكى ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشتى؟ ئەسەرلىرى قايسى تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ تونۇشتۇرۇلدى؟ دىگەنلەردىنلا ئىبارەت. مانا بۇلاردىن بىز ھازىرقى باسقۇچتىكى ياش يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئومۇمىي ئىجادىيەت ئەھۋالىنى ئىگەللىيەلەيمىز.

باھا سۆز

ئېنىق بولدى. رەھمەت.  ۋاقتى: 2013-9-9 11:39 PM
ۋاقتى: 2013-9-9 23:40:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  
     مەسئۇد ئىسا 1972–يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى غۇلجا شەھىرىنىڭ ئوردا مەھەللىسىدە تۇغۇلغان. ئەدەبىي ئىجادىيەتكە 1992–يىلىدىن باشلاپ كىرىشكەن.

ھازىرغا قەدەر ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى گېزىت–ژورناللاردا 120پارچىدىن ئارتۇق شېئىرىم بېرىلدى.

ئۇنىڭدىن باشقا خەنزۇ تىلىدىن تەرجىمە قىلغان 50 يېقىن مىكروھىكايە ۋە شېئىرلار مەتبۇئاتلاردائېلان قىلىندى.

‹ئېتىزخاقانى›ناملىق شېئىرىم 2007–يىلى16–قېتىملىق‹خانتەڭرى›مۇكاپاتىغا،‹غۇلجا ئىسسىق  ئۇۋام ›ناملىق شېئىرىم 2012–يىلى ‹ئىلى كەچلىك گېزىتى› تەرىپىدىن 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

2012 -يىلى ‹ تەڭرىتاغ› ژورنىلى 2-ساندا بىر تۈركۈم شېئىرلىرىم ئىلان قىلىنىپ ياخشى باھالارغا ئېرىشتى.

2013 -يىلى  ‹ئىلى دەرياسى›ژورنىلىنىڭ 3-سانىدا ئەسەرلىرىم بىلەن تونۇشتۇرۇلدۇم.

پىشقەدەم شائىر  مەسئۇد مەرۈپ ‹‹ئىلى دەرياسى›› ژورنىلى 2007 -يىللىق 2 -ساندا  ۋە 2007 -يىللىق 6 -ساندا رىسالەت مەردان 2013 -يىللىق 3- ساندا شېئىرلىرىم توغرىسىدا ئۆزلىرىنىڭ قىسقىچە باھاسىنى بېرىپ ئۆتتى.

2011 -يىلى جوڭگو ئازسانلىق مىللەتلەر يازغۇچىلار ئىلمىي جەمئىيىتىگە ئەزا بولدۇم.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەسئۇد ئىسا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-10 01:33  


ۋاقتى: 2013-9-9 23:57:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىمىنتوختى توختىباقى سەزگۈرنىڭ تەرجىمھالى:
يىتىلىۋاتقان ياش شائىر،يازغۇچى ئىمىنتوختى توختىباقى سەزگۈر 1979-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى گۇما ناھىيىسىنىڭ زاڭگۇي يېزىسىدا تۇغۇلغان.ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپنى ئۆز يېزىسىدا ئوقۇغان.1998-يىلى گۇما ناھىيىلىك تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ،قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى فىلىلوگىيە فاكۇلتىتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات كەسپىگە قۇبۇل قىلىنغان بولۇپ، 2004-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن.2007-يىلى 9-ئايدا خوتەن شەھەر دۇۋا مەكتەپكە خىزمەتكە چۈشكەن.2012-يىلى 3-ئايدىن ھازىرغىچە خوتەن شەھەر لاسكۇي ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلەۋاتىدۇ.
ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى 1995-يىلى ‹‹ خوتەن گېزىتى ›› دە ئېلان قىلىنغان ‹‹ قەلىمىم››،‹‹ پۇل دېسە ›› ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان بولۇپ،ھازىرغىچە ‹‹ خوتەن گېزىتى ››،‹‹ قەشقەر گېزىتى ››،‹‹ قەشقەر ›› ،‹‹ ئاقسۇ ئەدەبىياتى ››،‹‹ يىڭى قاشتېشى ››،‹‹شىنجاڭ مەدەنىيىتى ››،‹‹ تارىم ››،‹‹ تىل ۋە تەرجىمە ››،‹‹ پەن ۋە تۇرمۇش››،‹‹جۇڭگۇ مىللەتلىرى ››،‹‹ قىزىلسۇ ئەدەبىياتى ››،‹‹كۈسەن مەدەنىيتى›› قاتارلىق گېزىت- ژورناللاردا ‹‹سالام قەشقەر ››،‹‹ئەلۋىدا››،‹‹شېئىر ئۈچۈن چوغلانغان يۈرەك››،‹‹ھېلىھەم ئەركەك بار تەكلىماكاندا››،‹‹ئانا قەسىدىسى››...قاتارلىق 100پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى،‹‹ئىجتىمائىي ئەخلاقنىڭ بۇزۇلىشىغا نەزەر››، ‹‹ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزگە چۈشكەن مىتىلەر›› ،‹‹ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان نەزىرىيە پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ››،(‹‹تەلەمەتتىكى شەبنەم››دىن يېلىنجىغان روھ جىلۋىسى)...قاتارلىق ماقالە ۋە ئوبزۇرلىرى ئىلان قىلىنغان.

ۋاقتى: 2013-9-10 00:56:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زۆھرەگۈل ھامۇت
1975-يىل6-ئاينىڭ 1-كۈنى شايار ناھىيە بازىرىدا مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن.
يېقىنقى بىر نەچچە يىللىق ئىجادىيەت ئەھۋالىم:
1..«ئۆزۈمدىن باشلانغان ئويلار»(ئەدەبىي خاتىرە)....«ئاقسۇ ئەدەبىياتى»ژۇرنىلى2010-يىللىق1-سان
2.«ئانا ۋەتەندە ياڭرىغان كۈي»(نەسىر)....«ئاقسۇ ئەدەبىياتى»ژۇرنىلى2011-يىللىق2-سان
3.«قىيامەت»(ھېكايە)..........................«ئاقسۇ ئەدەبىياتى»ژۇرنىلى2011-يىللىق4-سان
4.«ئانا مېنى كەچۈرەمسىز؟»(ھېكايە)..........«مۇزات دولقۇنلىرى»ژۇرنىلى2012-يىللىق2-سان
5.«سۈكۈتلۈك نەپەس»(پوۋېست)...............«خانتەڭرى تور ژۇرنىلى»2012-يىللىق1-سان
6.«كۆز»(ھېكايە).................................«شايار ژۇرنىلى»2012-يىللىق1-سان
7.«ئىسىم ھەققىدە رىۋايەت»(چۆچەك).......«شايار ژۇرنىلى»2012-يىللىق1-سان
8.«ئانا تۇپراق»(نەسىر)........................«شايار ژۇرنىلى»2012-يىللىق2-سان
9.«كۆسەن دىيارىدا تۆت سائەت»(ئەدەبىي خاتىرە)....شايار ژۇرنىلى»2012-يىللىق2-سان
10.«قوشنام»(ھېكايە)...........................«شايار ژۇرنىلى»2013-يىللىق1-سان
11.«ساۋاقداشلار ناخشىسىدىن ئەبجەش خىياللار(ماقالە)..«دولان ژۇرنىلى»2013-يىللىق3-سان
12.«پەرزەنت قەلبى»(ھېكايە)..............«تارىم غۇنچىلىرى ژۇرنىلى»2013-يىللىق7-سان
13.«ئاچچىق ساۋاق»(ھېكايە).............«تارىم غۇنچىلىرى ژۇرنىلى»2013-يىللىق8-9-بىرلەشمە سان
14."قوشكېزەك"(ھېكايە)....................."شايار"ژۇرنىلى2013-يىللىق2-سان
«ئاقسۇ ئەدەبىياتى»ژۇرنىلى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرلەش مۇناسىۋىتى بىلەن 2013-يىل شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان  «تارىمدىكى ئاي» (ھېكايە - نەسىرلەر توپلىمى) ناملىق مەخسۇس توپلامغا«بەرباد بولغان چۈش»ناملىق ھېكايە تاللاپ كىرگۈزۈلگەن.
2012-يىل3-ئايدا نەشىر قىلىنغان «شايار تارىخى ماتىرىياللىرى»نىڭ9-قىسىمىدا شايار ناھىيىسىدىكى270نەپەريازغۇچى،شائىر،رەسسام،سەنئەتكار،كەشپىياتچى،ھەيكەلتىراش،تارىخشۇناس،مۇزىكانتلار قاتارىدا نەسىر ئىجادىيىتى بويىچە نوقتىلىق قىلىپ تونۇشتۇرۇلۇپ،كىتابقا "ئانا مېھرى"ناملىق نەسىرى بېرىلگەن.
2013-يىل 3-ئايدا شىنجاڭ يازغۇچىلار مۇنبىرىنىڭ "يازغۇچىلار ئاۋازى"سەھىپىسىنىڭ8-سانىدا"ئانا مېھرى"ناملىق نەسىرى ئاۋازلىق ئەسەرلەر قاتارىدا ئوقۇلغان.
2013-يىل8-ئايدا"كۈيچى"ئاۋازلىق ئەسەرلىرى ئىشلەش گورۇپىسى تەرىپىدىن"قىيامەت"ناملىق ھېكايىسى ئاۋازلىق ئەسەر قىلىپ ئىشلەنگەن.
2013-يىل 9-ئايدا ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن دېھقانلار سەنئەت كۆرىكىدە "ھېكمەتلىك سوۋغا"ناملىق ئىتوتى ئورۇنلانغان.
2012-يىلى"بەرباد بولغان چۈش"ناملىق ھېكايە-پوۋېستلار توپلىمىنى نەشرىياتقا تاپشۇرغان.
2012-يىل شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زۆھرەگۈل ھامۇت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-9 21:01  


ۋاقتى: 2013-9-10 13:13:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

1. ئابابەكرى توختى، 1973-يىلى 14-مارتتا قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىدە تۇغۇلغان.
2.بۇ بىر قانچە يىل جەريانىدا ئېلان قىلغان ۋەكىللىك ئەسەرلىرى:
1)«چوغ ئوينىغان قىز» شېئىرلار توپلىمى، شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى، شىنجاڭ پەن تېخنىكا نەشرىياتى، 2013-يىلى 7-ئاي نەشرى
2) «چۈمۈلىلەر مەكتىپى» تاللانغان بالىلار شېئىرلىرى توپلىمى، شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى، شىنجاڭ پەن تېخنىكا نەشرىياتى، نەشىردىن چىقىش ئالدىدا.
3. تەرجىمالىم «جۇڭگۈ شەخسلىرى قامۇسى»، «جۇڭخۇا ئەزىمەتلىرى قامۇسى»، «قەشقەر ئەدىبلىرى قامۇسى»كىرگۈزۈلۈپ ئىجادىيەت ئەھۋالىمغا يوقىرى باھالار بىرىلدى.
4.«تارىم»«قەشقەر»، قىزىلسۇ ئەدەبىياتى»، «شىنجاڭ گېزىتى»، «شىنجاڭ مائارىپى گېزىتى»، »قەشقەر گېزىتى»دە 70پارچىدىن ئارتۇق شېئىرىم ئېلان قىلىندى.
5.ئىككى پارچە ماقالەم(خەنزۇچە) جۇڭگۈ مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتى تەرىپىدىن 1-2-دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى.
6. بىر تۈركۈم ئەسەرلىرىم «ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئابىدىسى، «ئالتۇن قونچاق».،« ئۇيغۇر باىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىدىن نەمۇنىلەر»، «ئەل نەزىرىدە خوتەن» قاتارلىق بىرلەشمە توپلاملارغا كىرگۈزۈلدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tikan_kux تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-10 13:17  


ۋاقتى: 2013-9-10 14:16:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد، 1971- يىلى خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسىنىڭ قوشتاغ يېزىسىدا تۇغۇلغان، 1990- يىلىدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەن.
يىقىنقى ئىككى يىلدىن بىرى ئېلان قىلىنغان ۋەكىللىك ئەسەرلىرىم:
1. تەڭرىتاغ ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «تۈندە يولغا چىققان قۇياش» ناملىق بىر تۈركۈم شېئىرلار.
2. يېڭى قاشتېشى ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «يۈرەكتىن يۈرەككە توشۇلغان باھار» قاتارلىق بىر تۈركۈم شېئىرلار.
3. ئاقسۇ ئەدەبىياتى ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «يارنىڭ چوغدەك قىزىل ياغلىقى» ناملىق بىر تۈركۈم شېئىرلار.
4. كۈسەن مەدەنىيىتى ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان " ئاسمىنىم ئايدىن يىراق" ناملىق بىر يۈرۈش غەزەللەر.
5. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2012- يىلى 2- ئايدا نەشىر قىلىپ تارقاتقان «مۇقام خۇمارى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   غوجىمۇھەممەد تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-10 14:32  


ۋاقتى: 2013-9-10 14:29:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇتەللىپ مەنسۇر ئوۋچى، 1974- يىلى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭىسار ناھىيەسىدە تۇغۇلغان.
1992- يىلى ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەن.
يىقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئېلان قىلغان ۋەكىللىك ئەسەرلىرى:
1. قۇمۇل ئەدەبىياتى ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان«غەزەللەر»ى
2. ئاقسۇ ئەدەبىياتى ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان«غەزەللەر»ى
3. شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «ساڭا ئىيىتقۇم كېلىدۇ» ناملىق بىر تۈركۈم شېئىرلىرى
4. كۈسەن مەدەنىيىتى ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «گۈزەللىكىنىڭ جاراھىتى» ناملىق بىر تۈركۈم شېئىرلىرى(پاتىگۈل نىياز تەرىپىدىن بۇ شېئىرلارغا ئوبزۇر يېزىپ مەزكۇر ژۇرنالنىڭ كىينكى سانىدا ئېلان قىلىنغان)
5. تۇرپان ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «چىمەنلەر باغرىنى باغرىنى ئاچقىن» ناملىق بىر تۈركۈم غەزەللىرى

ۋاقتى: 2013-9-10 15:15:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سائادەت ساتتار ئايتۇغ، 1975-يىلى تۇغۇلغان.1987-يىلى ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەن.
يېقىنقى ئۈچ يىلدىدىن بېرى ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرىم:
‹‹ئاق كۆڭلەك››ھېكايە ‹كۈسەن مەدەنىيىتى› ژورنىلى2011-يىللىق 2-سان.
(تۇرسۇنجان ئابدۇۋەلى ئەسەبىي تەرىپىدىن مەزكۇر ھېكايىگە ئوبزور يېزىلىپ، مەزكۇر ژورنالنىڭ كېيىنكى سانىدا ئېلان قىلىنغان)
‹‹سىلكىنىش››ھېكايە«ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 3-سان.
‹‹گۈللۈكتىكى چۈش››ھېكايە‹‹يەكەن ئەدەبىياتى›› ژورنىلى2013-يىلى2-سان.
‹‹تۇغۇلغان كۈن››ھېكايە «كۈسەن مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 2-سان .
2012-2013-يىللاردا‹‹ئۆسەك سۆز››،‹‹ئەمەس››،‹‹ۋەتەن››،‹‹ئىككى شېئىر››،‹‹ئىنسان تەبىرى››...قاتارلىق شېئىرلار‹‹جۇڭگو مىللەتلىرى››ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان.
‹‹دېرىزەمنى چىكىسەن قاچان›› قاتارلىق شېئىرلىرىم‹‹تۇرپان››ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان.
‹‹بىرلا سېنىڭ بولسامكەن››،‹‹ھايات دېگەن مۇشۇنداق ئۆتەر››قاتارلىق شېئىرلىرىم‹‹كروران››ژورنىلىنىڭ2011-يىلى 2012-يىلى 1-2-سانلاردا ئېلان قىلىنغان.
‹‹ئايال نىداسى››،‹‹بەختلىك بول، نەدىلا بولساڭ››قاتارلىق شېئىرلىرىم‹‹شىنجاڭ ئاياللىرى››ژورنىلىنىڭ 2012-يىللىق سانلىرىدا ئېلان قىلىنغان.
‹‹توقايلىقتىكى گۈلخان››، ‹‹سۆيەلەيمەن››شايار ژورنىلى 2012-يىللىق 2-سانى.
‹‹سۆيگۈ››شايار ژورنىلى2013-يىللىق1-سان.
‹‹نوركا ماجراسى››(ئىتوت سىنارىيەسى)شايار ژورنىلى 2013-يىللىق 2-سان.
‹‹تەقدىر››،‹‹باھار كەتمىسۇن››،‹‹نوركا ۋە نىكاھ››،‹‹ماياك››،‹‹مەن تىلەمچى ئەمەس››...قاتارلىق ھېكايىلىرىم ‹‹تۇرپان››گېزىتىنىڭ بۇلتۇر ۋە بۇ يىلقى سانلىرىدا ئېلان قىلىنغان.
يېقىنقى ئۈچ يىل ئىچىدە‹‹شىنجاڭ گېزىتى››،‹‹تۇرپان گېزىتى››،‹‹باي خەۋەرلىرى گېزىتى››،‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى››،‹‹ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى››،‹‹قانۇنچىلىق گېزىتى››،‹‹خوتەن گېزىتى››،‹‹ئاسىيا كىندىكى››،‹‹قىزىلسۇ گېزىتى››...قاتارلىق گېزىتلەردە ئېلان قىلىنغان ھېكايە،شېئىر،نەسىرلىرىم 208پارچە.
‹‹سېنىڭ يازغان ھېلىقى خېتىڭ››ناملىق شېئىرىم خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ‹‹مۇزات دولقۇنلىرى››نىڭ خەنزۇچە2013-يىللىق 1- سانىدا ئېلان قىلىنغان.
قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن 2013-يىلى نەشىردىن چىقققان‹‹تىۋىشسىز كېچە››ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىغا ئۈچ پارچە ھېكايەم تاللاپ كىرگۈزۈلدى.




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سائادەت ساتتار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-9 16:21  


ۋاقتى: 2013-9-10 15:29:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غوجىمۇھەممەد يوللىغان ۋاقتى  2013-9-10 14:16
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد، 1971- يىلى خوتەن ۋىلايىتى گۇما نا ...

غوجىمۇھەممەت... ھەممىدىن بەك قىزىقى-باش سۈرىتىڭىز بوپتۇ...

ۋاقتى: 2013-9-10 16:02:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياسىن ئابدۇقادىر، 1977-يىلى 3-ئاينىڭ 13- كۈنى قاراقاش ناھىيەسىدە توغۇلغان. 2000- يىلى ئىجادىيەتكە كىرىشكەن. ئونىڭ 2011- يىلىدىن بويانقى نەتىجىلىرى تۈۋەندىكىچە:

1)نەشىر قىلىنغان كىتابلار:
2013-يىلى 1- ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «رەسسام چاشقان» ناملىق بالىلار شېئىرلىرى توپلىمى نەشىر قىلىندى.
2013-يىلى شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن ئەخمەتجان ئابدۇللا بىلەن بىرگە تۈزگەن «ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ نادىر بالىلار چۆچەكلىرىدىن تاللانما» ناملىق ئىكىكى قىسىم كىتابى نەشىر قىلىندى.

2)ۋەكىللىك ئەسەرلىرى:
2011- يىلى ئۇ كۆپ ئىزدىنىش ئارقىلىق ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ ئومۇمى كاتالوگىنى ئىشلەپ تاماملىدى.
2011- يىلىدىن بويان «تارىم غۇنچىلىرى» ژورنىلىدا ۋە «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتىدە: «شامال كىتاب ئوقۇيدۇ»، «كارتون قوشاقلار»، «چىمەنلەرنىڭ ئىچىدە» قاتارلىق 40 پارچىدەك بالىلار شېئىرلىرى ئېلان قىلىندى.
«تەڭرىتاغ » ژورنىلىنىڭ 2013- يىللىق 3- سانىدا «مەن شاكىلات» ناملىق 12 پارچە بالىلار شېئىرلىرى ئېلان قىلىندى.

3)ئەسەرلىرىنىڭ مۇكاپاتلىنىشى:
2011- يىلى «ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ 100 يىلى» (1910- يىلىدىن 2010- يىلغىچە) ناملىق ماقالىسى جۇڭگۇ ئۇيغۇر تارىخى- مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ 5- نۆۋەتلىك ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىدا 1- دەرىجىگە ئېرىشتى.
20011- يىلى قاراقاش ناھىيەلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «ئىجادىيەت تۆھپە مۇكاپاتى» غا ئىرىشتى.
2013-يىلى ج ك پ قاراقاش ناھىيەلىك كومېتىتى تەشۋىقات بۆلۈمى تەرىپىدىن «رەسسام چاشقان» ناملىق بالىلار شېئىرلىرى توپلىمى مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
2013- يىلى شىنجاڭ مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتى تەرىپىدىن «سوقراتنىڭ ئوقۇتۇش سەنئىتىدىن ئوقۇتۇشىمىزغا نەزەر» ۋە «نەۋائىي دەرسخانىدا» ناملىق ئىلمىي ماقالىلىرى ئايرىم- ئايرىم ھالدا 1-دەرىجىلىك موكاپاتقا ئىرىشتى.

4)ئوبزورچىلارنىڭ باھاسى:
«چۆچەك سېغىنىش» ناملىق شېئىرى ئەركىن داۋۇت ئوغۇزنىڭ «خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكۇمى ئىلمىي ژورنىلى» نىڭ 2011- يىللىق 1- سان ئېلان قىلىنغان «بالىلار شېئىرلىرىدىكى مۇزىكىچانلىق ۋە ھېسىيات» ناملىق ماقالىسىدە مۇئەييەنلەشتۇرىلدى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ي.ئابدۇقادىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-12 10:08  


ۋاقتى: 2013-9-10 16:26:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەر مەھمۇد 2006-يىلىدىن باشلاپ شېئىر يېزىشقا باشلىغان. تۇنجى ئېلان قىلىنغان شېئىرى «ئاي نۇرىدا شائىرە قىز» ئاقسۇ ئەدەبىياتى ژورنىلىنىڭ 2008- يىللىق 1- سانىدا ئېلان قىلىنغان.
ۋەكىل خاراكتىرلىك شېئىرلىرى:
ياراتقۇچىنىڭ ياراتقۇچىسى تەڭرىتاغ ژورنىلىنىڭ 2009- يىللىق (1-مۇ 2-مۇ ئېسىمدە قالماپتۇ) ئېلان قىلىنغان.
بىر دەرەخنىڭ ھەسىرىتى تەڭرىتاغ ژورنىلىنىڭ 2009- يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان.
نان ياققۇچى قىز تارىم ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان.
گۈل سېتىۋېلىش شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان.
«ئانامنىڭ ئېتىزلىرى» تەڭرىتاغ ژورنىلىنىڭ 2013-يىللىق 1- سانىدا ئېلان قىلىنغان.

ۋاقتى: 2013-9-10 16:46:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرىيەت مۇھەممەت قاتارلىق ياش يازغۇچى ئەدىپلىرىمىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش