ياسىنجان ئىمىن (ئۈمىد)
ياسىنجان ئىمىن ئۈمىد 1975-يىلى6-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ يېڭىئاۋات يېزىسىدا ئۇقۇمۇشلۇق دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1994- يىلى سابىق ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىننى پۇتتۇرۇپ خىزمەتكە قاتناشقان. ھازىر ئاقيار يېزا مازار باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى.
ئۇنىڭ ئىجادى ھاياتى ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلاردا باشلانغان بولۇپ 1994-يىلى ئاقسۇ گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان<<تارىم كېچىسى>>ناملىق شېئىرى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن ھازىرغىچە ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا 120پارچىدىن ئارتۇق يازمىلىرى ئېلان قىلىنغان. <<شىنجاڭ ئاياللىرى>> ژورنىلىنىڭ 1995-يىللىق 12-سانىدا ئېلان قىلىنغان<<پەرياد>>ناملىق مەرىسىيىسى(ئۆتكۈر ئەپەندىگە بېغىشلانغان) <<شىنجاڭ ئاياللىرى>> ژورنىلى تەرىپىدىن <<جەمىيەت،مەدەنىيەت،ھەشىمەت>>سەھىپىسى بۇيىچە مۇكاتلانغان. <<ئاقسۇ ئەدەبىياتى>>نىڭ 2011-يىللىق 3-سانىدا ئەسەرلىرىگە قوشۇپ رەسىملىك تەرجىمىھالى بىرىلگەن. 2012-يىلى نەشىر قىلىنغان <<تەكلىماكان چېچەكلىرى>>ناملىق توپلامغا شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن.
ياسىنجان ئىمىن ئۈمىد يېقىنقى تۆت يىل مابەينىدە تور ئەدەبىياتى ساھەسىدىمۇ ئىزدىنىپ، تۈرلۈك ئاكتىۋال تېمىدىكى مۇنازىرلەرگە سىجىل ئىشتىراك قىلىپ ئۆزىگە خاس قاراشلىرى بىلەن ياخشى تەسىر قوزغاپ كەلدى.
ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى.
ئۇنىڭ يېقىنقى ئۈچ يىل مابەينىدە ئېلان قىلغان ئەسەرلىرى :
ئۇزىتىش........................(شېئىر).......................<<تەڭرىتاغ>>2013.4
كۆزۈڭنىڭ رەڭگى..............(شېئىر).....................\<<تەڭرىتاغ>>2013.4
نورۇز پەرىسى.................(شېئىر)............<<ئاقسۇ ئەدەبىياتى>>2012.1.
كۈز پەسىلگە كىرىش..........(شېئىر).......................<<مايبۇلاق>>2011.2.
ئۇنتۇلماس دەقىقىلەر.....(ئەدەبىي خاتىرە)......<<ئاقسۇ ئەدەبىياتى>>2012.4.
يامغۇرلۇق بىر كۈن.......(شېئىرلار)...............<<ئاقسۇ ئەدەبىياتى>>2011.3.
لىرىكىلار.....................(شېئىرلار).............<<ئاقسۇ ئەدەبىياتى>>2010.2.
ئاقدۇ بىر كۈي.................(شېئىر)...........................<<دولان>>2013.2.
ئاق كېچىدە ئاقار ئەسلىمە....(شېئىرلار).........<<مۇزات دولقۇنلىرى>>.2012.2.
ئۈمىد ھەققىدە ناخشا.........(شېئىر).....................ئ.ئاقسۇ گېزىتى.2013.4.22.
جىگدە پۇرىغان كېچە........(شېئىر)........................ئاقسۇ گېزىتى.2013.5.20.
بۇلاق كۈيلىرى................(شېئىر)........................ئاقسۇ گېزىتى.2013.9.2.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا (ئۈمىد) تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-9 15:42