يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: eybuyaqup

70-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان ئەدىبلەر سەمىگە:

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-9-13 21:11:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
70.يىللاردىن كىيىنكى ئەدىپلىرىمىزنى تۇنىۋېلىشنىڭ ياخشى پۇرسىتىكەن بۇ ماڭا ....سالامەت بۇلۇڭ ئەيبۇكا.....

ۋاقتى: 2013-9-13 22:26:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەلىمە تۇردى(1974-يىلى 10-ئايدا تۇغۇلغان)
يېقىنقى 3يىلدا «كروران»،«پەرۋاز» ،«تارىم غۇنچىلىرى»،«شىنجاڭ گېزىتى»،«شىنجاڭ مەدەنىيىتى»،«ئىلى دەرياسى»،«شىنجاڭ ئاياللىرى»،«جۇڭگۇ مىللەتلىرى»...قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا 30پارچىغا يېقىن ھەرخىل ژانىردىكى ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان.
ۋەكىللىك ئەسەرلەر:
زاغۇنلۇقتا تۆرەلگەن چۆچەك (داستان)....."كروران"ژۇرنىلى 2011-يىلى 3-سان
چۆچەكلىرىم(مۇخەممەس).......«شىنجاڭ گېزىتى» 2012يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى
ئەلقۇتنىڭ چۈشى (ھېكايە).......«تارىم غۇنچىلىرى » 2012-يىلى 8-9-سان
ساداقەت(شېئىر)..................«ئىلى دەرياسى » 2012-يىلى 4-سان
قاشتېشى (ھېكايە)...............«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» 2013-يىلى 3-سان
قار چېچىكى (شېئىر)..............«جۇڭگۇ مىللەتلىرى » 2013يىلى 3-سان

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھەلىمە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-13 23:57  


ۋاقتى: 2013-9-14 00:20:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    نۇرغۇن قەلەم ئىگىلىرىنى بىلىۋالدىم بۇ تېما ئارقىلىق. بۇ قىممىتى يۇقىرى تېما بوپتۇ.

ۋاقتى: 2013-9-14 11:14:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمەتجان مۇھەممەت كۆنچى ، 1975 - يىلى كورلىدا تۇغۇلغان .
يېقىندىن بۇيان ئۇنىڭ :
1 . ئەگەر ھاياتنى ئارقىغا قايتۇرغىلى بولسا
2 . دادامىنىڭ بەشىنچى بالىسى
3 . ئوي مەھەللە ، دۆڭ مەھەللە
....
....
...
قاتارلىق بىر تۈركۈم ھىكايە ، پوۋېسىتلىرى ئېلان قىلىنىپ كەڭ ئوقۇرمەلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى ۋە دىققىتىنى تارتتى .

ۋاقتى: 2013-9-14 11:18:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

   رۇزى كېرەم ، 1979 – يىلى 8 – ئاينىڭ 20 – كۈنى كورلا شەھرى تېكىچى يېزا تېكىچى كەنتىدە  دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . ھازىرغا قەدەر «كىروران ژورنىلى» دا بىر قىسىم شېئىر ، نەسىر ، ئوبزورلىرى ئېلان قىلىنغان .
يېقىنقى ئىككى يىلدا ‹قۇم يامغۇرى› داستانى ۋە بىر قىسىم ئوبزورى «كىروران» ژورنىلىدا ئېلان قىلىندى .
يازغۇچىلار تورىدا بىر قىسىم شېئىرلىرى ئېلان قىلىندى .
مۇكاپاتلىىنش ئەھۋالى يوق .

ۋاقتى: 2013-9-14 12:44:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        يۈسۈپجان مۇھەممەد تۇغيان 1973 -يىلى 12-ئىيۇل ئاۋات ناھىيىسىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلسىدە تۇغۇلغان.   ھازىرغا قەدەر ئاپتونۇم رايۇنىمىز ئىچى-سىرتىدىكى ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا 400پارچىدىن كۆپرەك شېئىر،ئون نەچچە پارچە ھېكايە، پوۋېست،ئەدەبىي ئاخبارات، بىر نەچچە پارچە ئوبزور،ئون نەچچە پارچە تەرجىمە ئەسەر ،دولان مەدەنىيىتى ۋە باشقا تېمىلار بويىچە ئوتتۇز  نەچچە پارچە ماقالە، 100پارچىغا يېقىن ھۆسىنخەت ئەسىرى ئېلان قىلىنغان.«ئاۋات ناھىيىسىدىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرىنىڭ قىسقىچە تارىخى»(ئىچكى قىسىمدا بېسىلغان)ناملىق كىتابنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان. 1995-يىلى «تۇرپان گېزىتى» ئاپتونۇم رايۇن بويىچە ئويۇشتۇرغان«يېشىل مەرۋايىت» مۇكاپاتلىق ئەدەبىي ئەسەرلەر مۇسابىقىسىدە «يارات تەڭرىم بىر دۇنيا » ناملىق شېئىرى 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.«قىرغاقسىز دەريا»(شېئىرلار)،«دولان دىيارىدىكى مۇقام ناۋاسى»(سەھنە سىنارىيىسى) ،«ئۇيغۇر ئات ئۈستى مەدەنىيىتىنىڭ دولان چالغۇلىرىغا كۆرسەتكەن تەسىرى»قاتارلىق ئەسەرلىرى ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن «ئوندا بىر يورۇق نۇقتا »پائالىيىتى بويىچە مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى باھالاشتا بىر ياخشى ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.ھازىرغا قەدەر «تارىم ناۋاسى»،«ئۇيغۇر خەلق كۈلدۈرگىلىرى»،«ئۈلگۈلۈك ماقالىلەر توپلىمى»،«ھۆسىنخەتلەر،ئۆرنەك رەسىملەر»،«تەكلىماكان چېچەكلىرى » قاتارلىق توپلاملارغا بىر قىسىم ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن.بىر قىسىم شېئىر،ھېكايىلىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ،«مىللەتلەر ئەدەبىياتى»،«ئاقسۇ ئەدەبىياتى »قاتارلىق ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان. ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تۈزۈپ شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتىدا نەشىر قىلدۇرغان « غەربىي يۇرتتا چاقنىدى تارىم » (خەنزۇچە)،(بىر دەستە نۇر ئۆتتى يالت قىلىپ» (خەنزۇچە)ناملىق شىئېرلار توپلاملىرىغا بىر قانچە پارچە ئەسىرى كۆرگۈزۈلگەن.
      يېقىنقى ئۈچ يىل ئىچىدە نەشىر قىلىنغان ئەسەرلىرى: «ئاقسۇ ئەدەبىياتى »دا«بۇژغۇن سۆيەر مېنى شەرقىي دېڭىزدا »(شېئىرلار ، 2011-يىل 1-سان)،«سۇدېشىن شېئىرلىرى »(تەرجىمە شېئىرلار،2011-يىل 4-سان)،«ئۆسمەكتىمەن تەلپۈنۈپ تاڭغا»(شېئىرلار2013،-يىل 1-سان) «شەپەق» (پوۋېست، 2013-يىلى 3-سان)؛«ھاراق تۇغقان نىدالىق ئويلار»( شىنجاڭ ياشلىرى ماقالە،2011-يىلى 5-سان)  «ئۇيغۇر ئات ئۈستى مەدەنىيىتى ۋە ئۇنىڭ دولان چالغۇلىرىغا كۆرسەتكەن تەسىرى»  (ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى  2011-يىلى 2-سان)،«ئاۋات دولان دېھقان رەسساملىقى توغرىسىدا»   (شىنجاڭ سەنئىتى،ماقالە،  2011-يىل5-سان)،«رەھبەر،مەدەنىيەت ۋە يېزىقچىلىق »( تەڭرىتاغ ،ماقالە ، 2010 -يىل 6-سان)      
     يېقىندا شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشىرىياتى تەرىپىدىن « قىرغاقسىز دەريا »( شېئىرلار توپلىمى )،« شەپەق لېۋىدىكى ئارمانلار»( ھېكايە پوۋېستلار توپلىمى)،« ئۇيغۇر دولانلىرىدا ئوۋچىلىق»( دولان مەدەنىيىتىگە ئائىت ماقالىلەر توپلىمى) نەشىر قىلىنىپ تارقىتىش ئالدىدا تۇرماقتا.ئۇ ھازىر ئاپتونۇم رايۇنلۈق يازغۇچىلار جەمىئيىتى ۋە خەتتاتلار جەمئيىتىنىڭ ئەزاسى،ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن رەئىسى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ي.م.تۇغيان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-14 13:18  


ۋاقتى: 2013-9-15 19:56:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاھىرجان ئاتاۋۇللا قوشماق


تاھىرجان ئاتاۋۇللا قوشماق 1973-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى قەشقەر شەھەر بەشكىرەم يېزا چۈگۈر كەنت كۆلبېشى مەھەللىسىدە مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن.  ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى بەشكىرەم يېزىسىدا تاماملاپ ، 1991-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى فىزىكا  پاكۇلتىتىغا قوبول قىلىنىپ، 1996-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن. 2006-يىلىدىن 2007-يىلغىچە تىيەن جىن پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتىدا قوش تىل بويىچە ئىلىم تەھسىل قىلغان. ھازىر قەشقەر شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپتە فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتى 2003-يىلى «قەشقەر گېزىتى»دە ئىلان قىلىنغان «خىجىللىق» ناملىق ھىكايە بىلەن باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئاپتۇنۇم رايۇنمىزدىكى« ئاقسۇ ئەدەبىياتى»،«شىنجاڭ مائارىپى ژورنىلى »،« تارىم غۇنچىللىرى»ژورنىلى،« پەرۋاز» ژورنىلى « شىنجاڭ مائارىپى » گېزىتى ،قەشقەر گېزىتى، شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزىتى،ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى قاتارلىق ھەرقايسى گېزىت -ژورناللاردا 100پارچىدىن ئارتۇق ھىكايە، ئەدەبىي ئاخبارات، تەرجىمە ئەسەر ئىلان قىلىنغاندىن باشقا، بىر قسىم ھىكايىللىرى مەركىزى خەلق رادىيۇ ئىستانسى، قەشقەر خەلق رادىيۇ  ئىستانسىدا ئاڭلىتىلغان. ئىككى پارچە ئىلمىي ماقالىسى «شىنجاڭ تايانچ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ماقالىلىرىدىن تاللانما»(خەنزۇچە ) ناملىق بىرلەشمە توپلامغا كىرگۈزۈلگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، تۆۋەندىكى كىتاپلىرى نەشىر قىلىنغان.
1. «زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر كەشپىياتچىلىرى»(ئالىمجان خۇدابەردى بىلەن بىلللە)ناملىق كىتابى 2004-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ پەن –تېخنىكا نەشىرياتى تەرپىدىن نەشىر قىىلنغان.
2.«ئوسما ئوغرىسى»ناملىق ئۈچ پارچە ھىكايىسى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى 2008-يىلى نەشىر قىلغان«ئوسما ئوغرىسى»ناملىق بىرلەشمە توپلامغا كىرگۈزۈلگەن.
3.«شەپەرەڭ بىلەن قارلىغاچ».( ئاپتۇرى : داۋېنچ مەسەللەر توپلىمى تەرجىمە ئەسەر). 2009-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى تەرپىدىن نەشىر قىىلنغان.
4. «ياغاچ قورچاقنىڭ كۆز يېشى»(تەرجىمە ئەسەر  چۆچەكلەر توپلىمى). 2011-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى تەرپىدىن نەشىر قىىلنغان.
5. «دۇلېتېل دوختۇرنىڭ سەرگۈزەشتىسى»(بالىلار رۇمانى تەرجىمە ئەسەر ) 2011-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى تەرپىدىن نەشىر قىىلنغان.
6. كۈلگۈنچەك بالا (بالىلار ھىكايىلىرى توپلىمى ) 2013-يىلى شىنجاڭ ياشلار –ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى تەرپىدىن نەشىر قىىلنغان.
ئۇ يەنە قەشقەر شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى نەشىر قىلغان «ئىناق قەشقەر» ناملىق يەتتە كىتاپنى تۈزۈش ۋە تەرجىمە قىلشقا قاتناشقان.
ئالاقىلشىش تىلفۇن نومىرى:  15292925453
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tayirjan.koxmak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-15 19:58  


ۋاقتى: 2013-9-15 22:44:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇلۋاھىد خۇدابەردى مۆلجەرى 1974-يىلى10-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيىسى ئاقتوقاي يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1981-يىلدىن 1992-يىلغىچە باشلانغۇچ، تۇلۇقسىز ۋە تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۇقۇغان. 1992-يىلى سابىق شىنجاڭ سانائەت ئىنىستىتۇتىنىڭ بېناكارلىق فاكۇلتىتى قۇرلۇش ئۆلچەش كەسپىگە قۇبۇل قىلىنغان. 1996-يىلى ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك سۇ ئىدارىسىغا تەقسىم قىلىنغان.  ئۇ 2012-يىل 3-ئايدىن باشلاپ مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، رادىئو-تېلېۋىزىيە  ئىدارىسىدە ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ.
ئابدۇلۋاھىد مۆلجەرى 1993-يىلى «تارىم غۇنچىلىرى» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان «ئۇنتۇلماس بىركۈن» ناملىق ھېكايىسى بىلەن ئەدەبى ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن . ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
يېقىنقى ئۈچ يىل جەريانىدا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرىم تۆۋەندىكىچە:
2010-يىلى شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشىرياتى تەرىپىدىن«ئەل–يۇرت ھەققىدىكى ماقال-تەمسىللەرگە شەرھى» ناملىق كىتابىم نەشىر قىلىندى.

2011-يىلدىن بويان ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرىم


1. ئۇچتۇرپان، ئەي جەننەت ماكان   (ئەدەبىي خاتىرە)    «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»                                                                                                                2011 -يىل 2-سان.
2. مۇھەممەت باغراش بىلەن سۆھبەت            (سۆھبەت خاتىرىسى)
                                                    «تارىم»  2011-يىل 11-سان.
3. بوستاندىكى ئەنجۈمەن      (ئەدبىي خاتىرە)    «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»، 2011-يىل 4-سان.

1. سەنەۋەر تۇرسۇن ئېيتقان ناخشىلارغا باھا  (ماقالە)     شىنجاڭ سەنئىتى 2012-يىل 1-سان
2. شائىر دېگەن شۇنداق بىر ئىنسان    (شېئىر)    «ئاقسۇ گېزىتى»  2012-يىل 3- 13-سان
3. شائىر ئىبراھىم قۇربان ۋە ئۇنىڭ ئىجادىي پائالىيىتى ھەققىدە            (ماقالە)
                                                               «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»       2012-يىل 3-سان
4. يېڭى ئايماق قەدىمىي شەھەر خارابىسى      (سۈرەتلىك خەۋەر)   
                                                          «شىنجاڭ گېزىتى» 2012-يىل 8-ئاينىڭ 4-كۈنى
5. ئۈچ كىنودىكى ئۈچ ئوبراز ھەققىدە     (ماقالە)  «شىنجاڭ سەنئىتى»    2012-يىل 4-سان
6. ئەلگە بەرگىنىڭىز ئەل كۆڭلىگە ياقىدىغان بولسۇن            (ماقالە)  
                                              «شىنجاڭ گېزىتى»   2012-يىل  8-ئاينىڭ 25-كۈنى
7. بىر ھېكايىنىڭ يەنە بىر ئاپتۇرىغا خەت   (ماقالە)   
                                                  «شىنجاڭ گېزىتى»     2012-يىل  9-ئاينىڭ 15-كۈنى
8. كۆپ قىرلىق تالانت ئىگىسى-لۇتپۇللا مۇتەللىپ              (ماقالە)
                                           «شىنجاڭ گېزىتى»     2012-يىل  10-ئاينىڭ 20-كۈنى
9. ئىپارخان ۋە يەتتە قىزلىرىم ھەققىدە ئىزدىنىش    (ماقالە)    «مۇنبەر»  2012-يىل 6-سان
10. «قېنى، خوشە!»  (ھېكايە)     «تارىمدىكى ئاي» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن
11. ئانام ئىشلەتكەن تىللار    (ئۇچتۇرپان شىۋىسى)   «مايبۇلاق»  2012-يىل 4-سان
12. «قارىباغ پىرىسى» ھەققىدە     (ماقالە)      «شىنجاڭ سەنئىتى»   2012-يىل 6-سان
13.  بىر چۆچەككە سىغدالغان ھېكمەت                        (ماقالە)
                                               «شىنجاڭ گېزىتى»   2012-يىل  11-ئاينىڭ 31-كۈنى
1. ئىككى شېئىر   «ئاقسۇ گېزىتى»   2013-يىل 2-ئاينىڭ 4-كۈنى.
2. باللىرىمىز ئۆتمۈشىمىزدىن خەۋەرسىز قالمىسۇن  (ماقالە)     «ئاقسۇ گېزىتى» 2013-يىل 2-ئاينىڭ 22-كۈنى.
3. ھېكمەتلەر       «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»   2013-يىل 1-سان.
4. ئاپلا، بۇ كىتابخانىمۇ تاقىلىدىغان بولدى   (ماقالە)    «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» 2013-يىل 2-سان.
5.  ئانام ئىشلەتكەن تىللار    «مايبۇلاق»      2013-يىل 1-سان.
6. خاسىيەتلىك تاش      (چۆچەك)       «بۇلاق»  2013-يىل 2-سان.
7. سىز ئائىلىڭىزنى سۆيدىڭىزمۇ    (ماقالە)    «شىنجاڭ ئاياللىرى» 2013-يىل 5-سان.
8. ۋاقىتنى قوغلاش كېرەك      (ماقالە)   «شىنجاڭ ياشلىرى» 2013-يىل 9-سان.
9. ئەپكەچ كۆتۈرگەن قىز    (شېئىر)   «ئاقسۇ گېزىتى»   2013-يىل 9-ئاينىڭ 2-كۈنى.
10. چار بازاردا ھېكايە سېتىلمايدۇ  (ھېكايە)      «كۆسەن مەدەنىيىتى»  2013-يىل 3-سان.

مېنىڭمۇ نەشىرياتقا سۇنغان، نەشىردىن چىقىش ئالدىدا تۇرغان بىرقانچە كىتاۋىم بار ئىدى، تېخى روياپقا چىقمغان ئىشنى تىلغا ئېلىشتىن خىجىل بولدۇم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۆلجەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-23 16:14  


ۋاقتى: 2013-9-15 23:14:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرغۇن بىلمىگەن ياشلارنىڭ نەتىجىلىرىنى كۆرۈپ راستىنلا بەك خۇرسەن بولدۇم، بۇ تېمىدىن ھەم ياشلار قوشۇنىدىن .

ۋاقتى: 2013-9-16 16:01:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نامانجان تۇرسۇن قاراتېكىن 1976-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى يوپۇرغا ناھىيىسىنىڭ ئاچچىق يېزىسىدا تۇغۇلغان.
«تارىم»،«شىنجاڭ مەدەنىيىتى»،«شىنجاڭ ياشلىرى»... قاتارلىق ژۇرناللاردا 670 پارچە شېئىر-غەزەل،ئىككى پوۋېسىت،ھېكايە،ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان.
ۋەكىللىك ئەسەرلىرىمدىن:
«پادىچىنىڭ ھېكايىسى» (پوۋېسىت) «يېڭى قاشتېشى» 1999-يىللىق 1- سان.
«بالىنىڭ كولدۇرمىسى» (پوۋېسىت) «تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلى 2000 -2001 يللىق 3 سان.
«ئەقىدە مەرغۇلى» قاتارلىق بىر گۇرۇپپا غەزەللەر «تارىم» نىڭ 2011 - 2012 - يىللىق سانلىرىدا.
«يىلىم چۆچىكى» ناملىق بالىلار شېئىرى «تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلى بىلەن ئۈستۈن ئاتۇش
يېزا «يولچىلار» ئوتتۇرا مەكتىۋى بىلەن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان مۇسابىقىدە «2- دەرىجە» گە
ئېرىشىكەن. ( 2008 -يىلى) ... ۋاھاكىزالار.

ۋاقتى: 2013-9-16 16:26:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ 1972- يىلى 4- ئاينىڭ 1-كۈنى تۇغۇلغان ...مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر يازغۇچىللر لوغىتىدە ئاساسەن تۇلۇق بولغاچقا بۇ يەردە يەنە تەكرارللپ ئولتۇرمۇدۇم .

ۋاقتى: 2013-9-17 10:36:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇلنىسا ئىمىن- 1976-يىلى 11.ئاينىڭ 16-كۈنى خۇتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيسى گۇلاخما يېزىسىدا  تۇغۇلغان.ھازىر چىرا ناھىيلىق 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتىدۇ.
1992-يىلى «ئىھ سەھرانىڭ توپىلىق يولى» نامىلىق شئېرى بىلەن ئجادىيەت سىپىگە كىرگەن.
ھازىرغا قەدەر تارىم،تەڭرىتاغ،شىنجاڭ ياشلىرى،  يىڭى قاشتېشى شىنجاڭ مائارىپى،ئاقسۇ ئەدەبىياتى،تۇرپان ،كىروران،جۇڭگو مىللەتلىرى،  ئانار چىچەكلىرى،ئىشچىلار ۋاقىت گىزىتى،شىنجاڭ مائارىپ گىزىتى قاتارلىق گىزىت-ژورناللاردا 300 پارچىدىن ئارتۇق شئېرلىرى ئېلان قىلىنغان.خۇتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى.
يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان تارىم، جۇڭگو مىللەتلىرى،يىڭى قاشتېشى، ئانار چىچەكلىرى قاتارلىق ژورناللاردا 15 پارچىغا يېقىن شئېرى ئېلان قىلىنغان.
2011-8-  تارىم -ئىككى شئېر
2012- 3-يىڭى قاشتېشى- «باغرىڭ مىنى ئىزدىگەنمىدۇ »ماۋزۇلۇق بىر يۈرۈش شئېرلار
2012-5-سان  ئانار چىچەكلىرى-«مۇھەببەت مۇشۇ  يەردىن باشلىنىدۇ » ماۋزۇلىق بىر يۈرۈش شئېرلار
2013-3-سان يىڭى قاشتېشى -«قەلبىمدە كۆكلەتتىم سۆيگۈ دەرىخى» ماۋزۇلۇق بىر يۈرۈش شئېرلار
2013-3-سان جۇڭگو مىللەتلىرى-ئوسما قۇيۇش ناملىق شئېرى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گۇلنىسا ئىمىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-17 16:11  


ۋاقتى: 2013-9-18 17:04:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەكبەر ئىمام كۆك بۆرە
1971-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى بورتالا شەھىردە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپنى بورتالا شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقىغان. 1991-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئاشلىق مەكتىۋىنىڭ بوغالتىرلىق كەسپىدە ئوقىغان. 1993- يىلدىن ھازىرغىچە بورتالا شەھەر ئۇتتۇبۇلاق بازارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش پونكىتى، ئۇتتۇبۇلاق بازارلىق پارتكوم تەشۋىقات ئىشخانىسىدا ئىشلەپ كەلمەكتە.2000-يىلى چووڭلار ئالىي مائارىپى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيتىنىڭ مەخسۇس كۇرسىنى تاماملىغان. 2013-يىلى لۇشۈنئەدەبىيات ئىنىستىتوتىنىڭ شىنجاڭ سىنىپىدا تەربىيلەنگە. 1995-يىلى بورتالا ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمىيىتىگە؛ 1998-يىلى ئاپتونۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمىيىتىگە قوبۇل قىلىنغان.
ئەكبەر ئىمامنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى 1993-يىلى ئىلى دەرياسى ژۇرنىلىنىڭ 6-سانىدا ئېلان قىلىنغان ‹‹ئانامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى››، ‹‹چىرايلىق تەقدىر››، ‹‹ئۆزۈمگە بېغىشلاپ›› قاتارلىق شېئىرىلىرى بىلەن باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ‹‹خەير-خوش مۇھەببەت››، ‹‹ئۇنتۇلغان ئابىدە›› قاتارلىق داستانلىرى؛ ‹‹دادامنىڭ يەتتىنجى ئوغلى››، ‹‹يۇقۇرى بېسىملىق چۈش››، ‹‹ئات سويۇش››، خوتەن قەغىزى›› قاتارلىق 300پارچىدىن ئارتۇق شېئىرلىرى؛ ‹‹پىسخىكىلىق بوھران››، ‹‹مىليۇن ئەتىرگۈل›› قاتارلىق پوۋستلىرى؛ ‹‹ياۋا جىگدە››، ‹‹خوشنامنىڭ قىزى››، ‹‹ھالرەڭ ئەتىرگۈل››، ‹‹536-بېكەتتىكى قار ناخشىسى››، ‹‹ئەتىرگۈل باغچىسىدىكى چۈش››، ‹‹دىلبەرنىڭ بش سۆڭىكى›› قاتارلىق 30 پارچىغا يېقىن ھېكايىلىرى ئېلان قىلىنغان.
‹‹536-بېكەتتىكى قار ناخشىسى›› ناملىق ھېكايىسى 18-نۆۋەتلىك خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاتىغا ئېرىشكەن. ئىككى قېتىم تارىم ژۇرنىلى تەرىپىدىن تۆھپىكار ئاپتور مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2012-يىلدىن بۇيان شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتى تەرىپىدىن تەكلىپلىك يازغۇچىلىققا تەكلىپ قىلىنغان.
ئۇنىڭ ‹‹ئاخىرقى پۇرسەت›› ناملىق شېئىرلار توپلىمى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن؛ ‹‹ئالتۇن كەشى يىتكەن قىز›› ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. نۆۋەتتە ‹‹ئارمان غۇنچىسى›› ناملىق شېئىرلار توپلىمى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن؛ ‹‹مىليۇن ئەتىرگۈل›› ناملىق پوۋستلار توپلىمى شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن؛ ‹‹سۆيگۈ يۇلتۇزى›› ناملىق رومانى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ.

ۋاقتى: 2013-9-18 17:41:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېھرىگۈل ئابلىز نەزەر:
1972- يىلى 6- ئاينىڭ 25- كۈنى چىرا ناھىيىسىنىڭ دامىكۇ يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئالىي تېخنىكوم ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. ھازىر چىرا ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشتە تارىخىي ماتېرىياللار خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ.  
2011- يىلدىن بېرى ئېلان قىلىنغان ئاساسلىق ئەسەرلىرى:
1) 2013- يىلى «دىلناۋا» ناملىق پوۋېستلار توپلىمى (ئىككى قىسىم) نەشىر قىلىنغان.
2) «ئازغان ئايال» ناملىق پوۋېستى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2012- يىلى نەشىر قىلغان «تاش شەھەردىكى ئايال» ناملىق پوۋېستلار توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن.
3) «قەشقەر» ژورنىلى 2011-يىلى 3- ساندا «بۆشۈكتىكى ئانا» ناملىق ھېكايە.
4) «كىروران» ژورنىلى 2011- يىللىق 4- ساندا «بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىقرارنامىسى» ناملىق ھېكايە.
5) «يېڭى قاشتېشى» ژورنىلى 2011- يىلى 6- ساندا «سەن بولمىساڭ بولمايدۇ» ناملىق ھېكايە.
6) «تارىم» ژورنىلى 2011- يىللىق 12- سان «ئاشناجان» ناملىق ھېكايە.
7) «جۇڭگو مىللەتلىرى» 2011- يىللىق 6- سان «ياغلىق ۋە مەدەنىيەت» ناملىق ماقالە.
8) «تارىم» ژورنىلى 2012- يىللىق 2-3- سان «مۇھەببەتكە تولغان دۇنيا» ناملىق پوۋېست.
9) «يېڭى قاشتېشى» ژورنىلى 2012- يىللىق 3-ساندا «خۇمار»، 5- ساندا «تۇرمۇشنىڭ سايىسى» ناملىق ھېكايە.
10) «قەشقەر» ژورنىلى 2012- يىللىق 3- سان «مېھىر بۇلىقى» ناملىق ھېكايە.
11) «جۇڭگو مىللەتلىرى» 2012- يىللىق 3- سان «ۋاقىت ھەققىدە» ناملىق ماقالە.
12) «شىنجاڭ ئاياللىرى» ژورنىلىنىڭ 2012- يىللىق 1-ساندا «باشقىچە تەبىر» ناملىق ماقالە.
13) «ئانار چېچەكلىرى» ژورنىلى 2012- يىللىق سانىدا «سۇلغان گۈل» ناملىق ھېكايە.
14) «يېڭى قاشتېشى» ژورنىلىنىڭ 2013- يىللىق 1- ساندا «نىكاھ يېڭىلاش» ناملىق پوۋېست.
15) «تارىم» ژورنىلى 2013- يىللىق 4- ساندا «بۆرە كۆز ئەر» ناملىق پوۋېست.
16) قەشقەر ژورنىلى 2013- يىللىق 2- ساندا «يۈرەكتىكى يۇلتۇز» ناملىق پوۋېست.
17) «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژورنىلى 2013- يىللىق 2- ساندا «سەۋداگۈلى» ناملىق پوۋېست.
18) «شىنجاڭ ئاياللىرى» ژورنىلى 2013- يىللىق 2- ساندا «سوۋغا» ناملىق ھېكايە.
19) «قۇمۇل ئەدەبىياتى» ژورنىلى 2013- يىللىق 2- ساندا «چىش ئاغرىقى» ناملىق ھېكايە.
20) «مايبولاق» ژورنىلى 2013- يىللىق 3- ساندا «پوتلا» ناملىق ھېكايە.
2006- يىلى «كۆنۈپ قاپتىمەن» ناملىق ماقالىسى مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسى تەرىپىدىن 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 2007- 2008- 2010- يىللىرى «ئەۋلىيا خۇراز»، «قەدىرسىز كېچىلەر»، «كونا بازار» قاتارلىق ئەسەرلىرى «يېڭى قاشتېشى» ژورنىلى تەرىپىدىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا نادىر ئەسەر مۇكاپاتىغا، 2008- يىلى «بىز ناتۇنۇش كىشىلەر ئەمەس» ناملىق ماقالىسى «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژورنىلى تەرىپىدىن شۇ يىللىق مۇنەۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن."قەدىرسىز كېچىلەر" ناملىق ھېكايە 2012- يىلى "يېڭى قاشتېشى" ژورنلى تەرىپىدىن نادىر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
ئېسىمدە قالغانلىرى يۇقارقىلاردىن ئىبارەت، بەلكىم قىسمەن سانلار ئالمىشىپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن، يەنە گېزىتلەردە ئېلان قىلىنغان بىر قىسىم ئەسەرلىرىمنى بۇ يەرگە يازمىدىم.
نۆۋەتتە «سەۋداگۈلى» ناملىق پوۋېستلار توپلىمى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   م.ئا.نەزەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-23 11:25  


ۋاقتى: 2013-9-19 00:54:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۈسەنجان روزى تارال
1976-يىلى 19-ماي پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ گۈللۈك يېزىسىدا تۇغۇلغان، تولۇق كۇرس مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسىدە ئىشلەيدۇ.
1998-يىلىدىن ھازىرغىچە ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا ‹‹ئىپپەتلىك ئايال››، ‹‹سەھرا، سەھرا››، ‹‹ئاشنا›› قاتارلىق 37 پارچە شېئىرى؛ ‹‹ئىجتىمائىي ئەخلاق ۋە ئېغى قىسقا ئىشتان››، ‹‹ئاخبارات چىن بولسۇن››، ‹‹ھاراق=ھالاك›› قاتارلىق 128 پارچە ماقالە، ئوبزۇرى ئېلان قىلىنغان. ئىككى پارچە ماقالىسى مۇنەۋۋەر ماقالە بولۇپ تاللىنىپ، مۇكاپاتلانغان.
يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ئىجادىيەت ئەھۋالى:
‹‹قەشقەر›› ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 4-سانىدا ‹‹شېئىر ئوقۇپ بېرىدۇ سەھرا›› تېمىسىدىكى ئىككى پارچە شېئىرى ئېلان قىلىنغان.
شىنجاڭ گېزىتى، ئاسىيا كىندىكى گېزىتى، ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى، قانۇنچىلىق گېزىتىدە ‹‹ھاراق=ھالاك››، ‹‹ئادىمىيلىك ھەققىدە پاراڭ›› قاتارلىق 76پارچە ماقالىسى ئېلان قىلىنغان.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش