كېچىكىپ قالغان بولساممۇ يەنىلا يوللاپ قويۇشنى لايىق تاپتىم.
ئىسمىم : مۇختارمۇھەممەتئىمىن
تەخەللۇسۇم: نەزەر
قىسقىچە تەرجىمىھالىم: 1974 – يىلى 3- ئاينىڭ 1 – كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيە بازىرىدا بانكا خىزمەتچىسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان .1992 - يىلدىن 1997 – يىلىغىچە قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلىتېتىدا ئوقۇپ ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن 2004 – يىلغىچە باي ناھىيە ئومباش يېزا كېۋەزلىك ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن . شۇ يىلى10 – ئايدا خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن ناھىيەلىك 3 – ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكەلگەن ، ھازىرغىچە شۇ جايدا تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى.
قىسقىچە ئىجادىيەت ئەھۋالىم:
ئەدەبىي ئىجادىيەتكە 1994 – يىلى <بايىنغولىن گېزىتى >دە ئېلان قىلىنغان»ئاشىق لىرىكىسى« ناملىق شېئىرىم بىلەن كىرىپ كەلگەنمەن . شۇندىن تارتىپ ھازىرغىچە » ئاقسۇ گېزىتى، شىنجاڭ گېزىتى،ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى، بايىنغولىن گېزىتى ، قىزىلسۇ گېزىتى ، يەكەن گېزىتى، شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى، شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزىتى، باي خەۋەرلىرى گېزىتى ... « قاتارلىق گېزىتلەردە ، شۇنداقلا » تۇرپان ، كىروران ، قومۇل ئەدەبىياتى ، يېڭى قاشتېشى ، ئاقسۇ ئەدەبىياتى ، كۈسەن مەدەنىيىتى ، مۇزات دولقۇنلىرى ، تەڭرىتاغ « قاتارلىق ژۇرناللاردا ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ 200 پارچىغايېقىن شېئىر ، بىر داستان ، ئىككى پوۋېست ۋە بىرنەچچە ھېكايەم ئېلان قىلىندى .2010 – يىلى جۇڭگۇ مەدەنىيەت نەشرىياتى نەشر قىلغان « شائىرانە باي »ناملىق توپلامغا ( خەنزۇچە ) ئىككى پارچە شېئىرىم كىرگۈزۈلدى . 2012- يىلدىن باشلاپ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
مۇكاپاتلىنىش ئەھۋالىم:
» مەن سېنى سۆيەتتىم« ناملىق پوۋېستىم 2013- يىلى »ئاقسۇئەدەبىياتى« ژۇرنىلى تەشكىللىگەن ئېزىز نامان پەرۋازى نامىدىكى 3- قېتىملىق «تارىم باھارى» ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
خىزمەت ئورنۇم: باي ناھىيەلىك 3- ئوتتۇرا مەكتەپ
تېلېفۇن: 18040975340
يېقىنقى ئۈچ يىلدا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرىم:
ئەسەر نامى ژانېرى مەتبۇئات نامى ۋاقتى
گۇناھ - ھېكايە - مۇزات دولقۇنلىرى - 2010 - يىل ( مەخسۇس سان )
خىزمەتداش - مۇسەددەس - تۇرپان - 2010 - يىل 1 - سان
سايرامدا تىكلەندى ئالىم ھەيكىلى - شېئىر - ئاقسۇ ئەدەبىياتى - 2010 - يىل 1 - سان
بوشلۇق. - شېئىرلار - مۇزات دولقۇنلىرى - 2010 - يىل 2 - سان
تۇنجۇقۇش .
ئۆلۈمنى ھېس قىلىش
تەشۋىش
يالىڭاچلىق - شېئىرلار - مۇزات دولقۇنلىرى - 2010 - يىل 4 - سان
ئاشۇ كېچە
تەقاززالىق
كېچىدىكى مەن
جەننەتكە كەتكەن ئادەم
تەڭرىگە يارىغان ئايال
ماۋزۇسىز - شېئىرلار - ئاقسۇ ئەدەبىياتى - 2010-يىل3-سان
خىيال ،
گۇمان،
كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇزاتقىن مېنى
گۇناھ ۋە جازا - پوۋېست - تەڭرىتاغ -2010-5-سان
قايتا ئۇچراشقاندا ، سېرىق قولياغلىق - شېئىر - شائىرانە باي(خەنزۇچە توپلام) - 2010-7-ئاي نەشرى
قاباھەتلىك چۈش - ھېكايە - مۇزات دولقۇنلىرى - 2011-2-سان
سۆزلەر مېنىڭ يۈرىكىم - شېئىرلار - مۇزات دولقۇنلىرى - 2011-4-سان
باھار
زەڭگەر ياغلىق قوشىقى
شەرت
بەلكىم شۇنداق
ئازابنى خالاش
ئانارگۈل - داستان - ئاقسۇ ئەدەبىياتى- 2011-1-سان
نىيەت - ھېكايە - كۈسەن مەدەنىيىتى - 2011-2-سان
سېنى ساقلاۋاتىمەن - شېئىرلار - قومۇل ئەدەبىياتى - 2011-5-سان
تەشتەكتىكى گۈل ئىدى
سېنى ساقلاۋاتىمەن
يامغۇر سۆزلىمەكتە
تامنىڭ كەينىدە
مەن سېنى سۆيەتتىم - پوۋېست - ئاقسۇ ئەدەبىياتى - 2012-1-سان
بىر قىز - شېئىر - كىروران - 2012-2-سان
قەلەمكەش - شېئىرلار - يېڭى قاشتېشى - 2012-3-سان
ئەسلىمە
قۇملۇق تاشيولى
رەت قىلىنسا سۆيگۈڭ ناۋادا - شېئىرلار - ئاقسۇ ئەدەبىياتى - 2012-3-سان
ھەيرانمەن
زىناقلار
مېنىڭدە بىر گۈزەل قايغۇ بار
ھەقىقەت
گۇمان
خىلۋەتتىكى يىگانە بۇلاق
ئۆكۈنۈش
ئادرېسىم بار
نورۇزنامە - مۇخەممەس - مۇزات دولقۇنلىرى - 2012-4-سان
بىرەيلەننىڭ مەنتىقىسى - ساتىرا - قىزىلسۇ گېزىتى - 2012-9-6
ئىككى شېئىر - شېئىر - باي خەۋەرلىرى گېزىتى - 2013-1-31
ساقچى ھەققىدە مۇخەممەس - شېئىر - شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى - 2013-3-15
باھار - شېئىر - باي خەۋەرلىرى گېزىتى - 2013-3-29
گېزىتىم - مۇخەممەس - باي خەۋەرلىرى گېزىتى - 2013-3-17
ئۆلۈكلەر ئۆلسە ئىدى - شېئىر - تۇرپان - 2013-4-سان
ئىشق بالاسى
شېئىر ۋە مەن
ئاشۇ كۆزلىرىڭ
يار لىۋىدە قېلىش
ھۆپۈپ ھەققىدە ھېكايە - (بالىلار چاتما ھېكايىسى) - مۇزات دولقۇنلىرى - 2013-2،3،4- سانلىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەزەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-10 12:50