يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: eybuyaqup

70-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان ئەدىبلەر سەمىگە:

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-9-10 16:02:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياسىن ئابدۇقادىر، 1977-يىلى 3-ئاينىڭ 13- كۈنى قاراقاش ناھىيەسىدە توغۇلغان. 2000- يىلى ئىجادىيەتكە كىرىشكەن. ئونىڭ 2011- يىلىدىن بويانقى نەتىجىلىرى تۈۋەندىكىچە:

1)نەشىر قىلىنغان كىتابلار:
2013-يىلى 1- ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «رەسسام چاشقان» ناملىق بالىلار شېئىرلىرى توپلىمى نەشىر قىلىندى.
2013-يىلى شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن ئەخمەتجان ئابدۇللا بىلەن بىرگە تۈزگەن «ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ نادىر بالىلار چۆچەكلىرىدىن تاللانما» ناملىق ئىكىكى قىسىم كىتابى نەشىر قىلىندى.

2)ۋەكىللىك ئەسەرلىرى:
2011- يىلى ئۇ كۆپ ئىزدىنىش ئارقىلىق ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ ئومۇمى كاتالوگىنى ئىشلەپ تاماملىدى.
2011- يىلىدىن بويان «تارىم غۇنچىلىرى» ژورنىلىدا ۋە «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتىدە: «شامال كىتاب ئوقۇيدۇ»، «كارتون قوشاقلار»، «چىمەنلەرنىڭ ئىچىدە» قاتارلىق 40 پارچىدەك بالىلار شېئىرلىرى ئېلان قىلىندى.
«تەڭرىتاغ » ژورنىلىنىڭ 2013- يىللىق 3- سانىدا «مەن شاكىلات» ناملىق 12 پارچە بالىلار شېئىرلىرى ئېلان قىلىندى.

3)ئەسەرلىرىنىڭ مۇكاپاتلىنىشى:
2011- يىلى «ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ 100 يىلى» (1910- يىلىدىن 2010- يىلغىچە) ناملىق ماقالىسى جۇڭگۇ ئۇيغۇر تارىخى- مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ 5- نۆۋەتلىك ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىدا 1- دەرىجىگە ئېرىشتى.
20011- يىلى قاراقاش ناھىيەلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «ئىجادىيەت تۆھپە مۇكاپاتى» غا ئىرىشتى.
2013-يىلى ج ك پ قاراقاش ناھىيەلىك كومېتىتى تەشۋىقات بۆلۈمى تەرىپىدىن «رەسسام چاشقان» ناملىق بالىلار شېئىرلىرى توپلىمى مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
2013- يىلى شىنجاڭ مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتى تەرىپىدىن «سوقراتنىڭ ئوقۇتۇش سەنئىتىدىن ئوقۇتۇشىمىزغا نەزەر» ۋە «نەۋائىي دەرسخانىدا» ناملىق ئىلمىي ماقالىلىرى ئايرىم- ئايرىم ھالدا 1-دەرىجىلىك موكاپاتقا ئىرىشتى.

4)ئوبزورچىلارنىڭ باھاسى:
«چۆچەك سېغىنىش» ناملىق شېئىرى ئەركىن داۋۇت ئوغۇزنىڭ «خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكۇمى ئىلمىي ژورنىلى» نىڭ 2011- يىللىق 1- سان ئېلان قىلىنغان «بالىلار شېئىرلىرىدىكى مۇزىكىچانلىق ۋە ھېسىيات» ناملىق ماقالىسىدە مۇئەييەنلەشتۇرىلدى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ي.ئابدۇقادىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-12 10:08  


ۋاقتى: 2013-9-10 16:26:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەر مەھمۇد 2006-يىلىدىن باشلاپ شېئىر يېزىشقا باشلىغان. تۇنجى ئېلان قىلىنغان شېئىرى «ئاي نۇرىدا شائىرە قىز» ئاقسۇ ئەدەبىياتى ژورنىلىنىڭ 2008- يىللىق 1- سانىدا ئېلان قىلىنغان.
ۋەكىل خاراكتىرلىك شېئىرلىرى:
ياراتقۇچىنىڭ ياراتقۇچىسى تەڭرىتاغ ژورنىلىنىڭ 2009- يىللىق (1-مۇ 2-مۇ ئېسىمدە قالماپتۇ) ئېلان قىلىنغان.
بىر دەرەخنىڭ ھەسىرىتى تەڭرىتاغ ژورنىلىنىڭ 2009- يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان.
نان ياققۇچى قىز تارىم ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان.
گۈل سېتىۋېلىش شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان.
«ئانامنىڭ ئېتىزلىرى» تەڭرىتاغ ژورنىلىنىڭ 2013-يىللىق 1- سانىدا ئېلان قىلىنغان.

ۋاقتى: 2013-9-10 16:46:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرىيەت مۇھەممەت قاتارلىق ياش يازغۇچى ئەدىپلىرىمىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن

ۋاقتى: 2013-9-10 19:26:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوسمان تۇرسۇننىياز تۇغلان 1975-يىل 12-ماي گۇما ناھىيسىنىڭ سانجۇ يېزاسىدا  دىھقان ئائىلىسدە تۇغۇلغان باشلانغۇچ  مەكتەپنى ئۆز يۇرتىدا  تاماملاپ 1993-يىلى خوتەن پاختا توقۇمچىلىق زاۋۇتىغا  ئشچىلىققا كىرگەن.2003 يىلدىن بۇيان خوتەن شەھەردىكى خۇسۇسى دېرىزە زاۋۇتىدا ئشلەۋاتىدۇ.ئۇ ھازىرغا قەدەر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى گېزىت ژۇرناللاردىن«تارىم ژۇرنىلى»، «شىنجاڭ مەدەنىيتى»، «شىنجاڭ ياشلىرى»، «باج ئىشلىرى»، «ئىلى دەرياسى»، «سابىق بوستان ژۇرنىلى»ھازىرقى «كروران»ژۇرنىلى«ئاقسۇ »ژۇرنىلى«قىزىلسۇ ئەدەبىياتى»، «يېڭى قاشتېشې»، «شىچىلار ۋاقىت گېزىت»، «ئاقسۇ گېزىتى»، «پولات تۈمۇر گېزىتى»، «قۇمۇل گېزىتى»، «خوتەن گېزىتى»قاتارلىق گېزىت —ژۇرناللاردا 200 پارچىگە يىقىن ئەسەرلىرى  ئىلان قىلىنغان. «يېتم ئانا»، «چىدا يۈرىكىم»، «جېمجىت قار»، «ئىككىنجى يار»قاتارلىق شېئرلىرى  بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان.

ۋاقتى: 2013-9-10 22:55:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇردىبەگ مۇھەممەدبەگنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
تۇردىبەگ مۇھەممەدبەگ،تاجىك،  1980-يىلى 1- ئايدا  ئاقتۇ ناھيىسىنڭ  تارتاجىك مىللى يېزىسىدا تۇغۇلغان 1999- يىلى قىزىلسۇ پىداگوگىكا مەكتىپىنىڭ ئومومىي پەن كەسپىنى پۈتتۈرگەن.2001- يىلى شىنجاڭ ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر  بىرلەشمىسىدە تەربىيەلەنگەن. ئىلگىرى كېيىن بولۇپ شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى ، شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتوتلىرىدا مەخسۇس كۇرس ۋە تولۇق كۇرس بويىچە بىلىم ئاشۇرغان.
2009- يىلى 9-ئايدىن 2010-يىلى 2- ئايغىچە جۇڭگۇ يازغۇچىلار جەمىيىتى لۇشۇن ئەدەبىيات ئىنىستىتوتىدا  بىلىم ئاشۇرغان.(مەركىزى كومىتىت تەشۋىقات  بۆلۆمى بىلەن جۇڭگۇ يازغۇچىلار  جەمىيىتى بىرلىشىپ تەشكىللىگەن) ھازىر ئاقتۇ ناھيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە  ئىشلىمەكتە.
    ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ  ئەزاسى، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، قىزىلسۇ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى.ئاقتۇ ناھيىلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ رەئىسى.
   ئۇ«قىزىلسۇ گېزىتى»نىڭ 1994- يىلى 7- ئايدىكى سانىدا ئېلان قىلغان «ئارچا خىسلىتى » ناملىق نەسىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت  ساھەسىگە قەدەم قويغاندىن بۇيان  مەملىكەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ھەرقايسى  مەتبۇئاتلاردا 800 پارچىدىن ئارتۇق ھەرخىل ژانىردىكى ئەسىرى ئېلان قىلىنغان.53 پارچە ئەسىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان.بىرقىسىم ئەسەرلىرى«بۈركۈتلەر پەرۋازى»(2003-يىل ،قەشقەر  ئۇيغۇر نە شىرياتى)"يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەسەرلىرىدىن تاللانما"،(خەنزۇچە 2009- يىل يازغۇچىلار نەشىرياتى) "لۇشۇن ئىنىستىتۇتىدا ئۇچرىشىش"(خەنزۇچە، يازغۇچىلار نەشىرياتى، 2010- يىل 1-ئاي) "بىز شۇنداق ۋەدىلەشكەن"(خەنزۇچە، 2012-يىل ، يازغۇچىلار نەشىرياتى) قاتارلىق توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن.ئۇ يېقىندا «خىرۇستال قەدەھ» ناملىق شىئېرلار توپلىمىنى نەشىرگە تاپشۇردى. «غۇلىغان تاغلار» ناملىق رومانىنى نەشىرگە تاپشۇرۇش ئالدىدا.

ۋاقتى: 2013-9-10 22:58:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باتۇرجان ئاتاخان (تاجىك) 1970- يىلى 3- ئايدا ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ تار تاجىك مىللى يېزىسىدا دۇختۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1992- يىلى قەشقەر تىببى مەكتەپنى تاماملاپ، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق يەرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەتقىقات ئورنىغا تەقسىم قىلىنغان. 1994- يىلى تاشقورغان ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىغا كەسىپ ئالمىشىپ يۆتكىلىپ كەلگەن. 1999- يىلىدىن 2009- يىلغىچە داتۇڭ يېزىسىدا شۇجى ياردەمچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. ھازىر تاغارما يېزىلىق خەلق قورۇلتېيى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمى رەئىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
شائىر باتۇرجان ئاتاخان 1988- يىلى «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان تۇنجى شېئرى «باخشىنىڭ ئىقرارى» ناملىق شېئرى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن. ھازىرغا قەدەر «تارىم»، «قەشقەر ئەدەبىياتى»، «تۇرپان»، «قىزىلسۇ ئەدەبىياتى»، «شىنجاڭ ياشلىرى»، «شىنجاڭ ئاياللىرى» قاتارلىق گېزىت - ژورناللاردا 800 پارچىدىن ئارتۇق شېئرى، 20 پارچە نەسىرى، 26 پارچە سىياسىي نەزىريىۋى ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. بىرقىسىم شېئرى «مۇزتاغ سۆيگۈسى»، «قەشقەردە توي»، «خىلۋەتلەردە پىچىرلاش قاتارلىق كوللىكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن.
شائىر ئۆزى تۈزگەن تاجىك ياش شائىرلىرىنىڭ كوللىكتىپ توپلىمى «بۈركۈتلەر پەرۋازى» 2003- يىلى «قەشقەر ئويغۇر نەشىرياتى» تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان.
2005-يىلى 2- ئايدا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىقىغا، 2009- يىلى جۇڭگو ئاز سانىلىق مىللەتلەر يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىنغان. 2008-يىلى 12- ئايدا «تاجىكىمنىڭ يۈرىكىدە مەن» ناملىق شېئىرلار توپلىمى  «قەشقەر ئويغۇر نەشىرياتى» تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان.
2009- يىلى «تارىخ بىزنى رەسىمگە تارتتى» ناملىق شېئرى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژورنىلى تەرىپىدىن «مۈنەۋۋەر» ئەسەر بولۇپ مۇكاپاتلانغان. 12 پارچە شېئرى خەنزچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، جۇڭگو ئازسانلىق مىللەت شائىرلىرى شېئىرلىدىن تاللانمىلار ناملىق توپلامغا كىرگـۈزۈلگەن.

باھا سۆز

تەلەپنى تولوق ئوقۇپ ئاندىن ئىنكاس ياز ئاقىل ئىنىم!! تەرجىمالىڭلار بارغو دە  ۋاقتى: 2013-9-10 11:31 PM
ۋاقتى: 2013-9-10 23:25:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئابلىكىم مۇھەممەت (ساكارائۇلى) 1976-يىلى 2-ئايدا يەكەن ناھىيىسى ئېلىشقۇ بازىرىدا تۇغۇلغان.

2010-يىلى 4-سان تارىم ژۇرنىلدا «پىچىرلاش» تېمىسىدىكى شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغان.
2011-يىلى 4-سان «مۇزات دولقۇنلىرى»دا «ئىزدەش» تېمىسىدىكى شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغان.
2012-يىلى 8-سان تارىم ژۇرنىلىدا: «سەن دۇنيادا يىگانە ئايال »تېمىسىدىكى شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغان.
2013-يىلى 1-سان «يەكەن ئەدەبىياتى » ژۇرنىلىدا «شائىر ھاجى ئابدىسەمەت خېلىلنىڭ رۇبائىي ئىجادىيىتى ھەققىدە»ناملىق ئوبزۇرى  ئېلان قىلىنغان.
2013-يىلى 2-سان «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلدا مويەن ئاپتۇرلۇقىدىكى «تالانىت»ناملىق تەرجىمە ھىكايىسى ئېلان قىلىنغان.
2013-يىلى 4-سان «شىنجاڭ ئاياللىرى»ژۇرنىلىدا سۈن داۋروڭ ئاپتۇرلۇقىدىكى  «65گىرادۇسلۇق قۇياش نۇرى» ناملىق تەرجىمە ھېكايىسى ئېلان قىلىنغان.
2013-يىلى 2-سان «مۇزات دولقۇنلىرى»ژۇرنىلىدا « چېچەك ئاچتىڭ خىياللىرىمدا» تېمىسىدىكى بىر يۈرۈش شېئىرلىرى  ئېلان قىلىنغان.




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sakarauli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-11 23:52  


ۋاقتى: 2013-9-11 10:09:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرسۇننىياز توختى ئوغۇز 1970- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ پىچاقسۇندى دىيارىدا تۇغۇلغان، 1976- يىلىدىن 1985- يىلىغىچە ئۆز يېزىسىدا تولۇقسىز  ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن. 1986- يىلى خىزمەتكە قاتناشقان، ھازىر بىڭتۇەن 3- دېۋىزىيەسى «زەرەپشان گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.
1988- يىلى تۇنجى ئىجادىيىتى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، ھازىرغىچە «تارىم»، «تەڭرىتاغ»، «جۇڭگو مىللەتلىرى»، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، «شىنجاڭ ياشلىرى»، «قەشقەر ئەدەبىياتى»، «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»، «كروران» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا 700 پارچىغا يېقىن شېئىر، ھېكايە، پوۋېست ۋە پوبلىستىك ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان.
2011- يىلى شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «كېچىنىڭ كۆز يېشى» ناملىق رومانى نەشىر قىلىنغان؛ 2011- يىللىق 3-سان «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»، 2011- يىللىق 5- سان «قەشقەر» ژورنىلى، 2011- يىللىق 1- سان «تارىم» ژورنىلى، 2011- يىللىق 3- سان «تۇرپان» ژورنىلى، 2011- يىللىق 3-سان «كۈسەن مەدەنىيىتى»، 2012- يىللىق 6- سان «تەڭرىتاغ»، 2013- يىللىق 3-سان «تارىم» ژورناللىرىدا بىر يۈرۈشتىن شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغان؛ 2013- يىلى 7- ئايدا  2- كىتابى «قان تامچىغان كېچە» (پوۋېستلار توپلىمى) شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان بولۇپ، يېقىندا تارقىتىلىش ئالدىدا تۇرماقتا.

ۋاقتى: 2013-9-11 10:45:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                            ئابدۇرېشت ئوسماننىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

   ئابدۇرېشىت ئوسمان 1974-يىل2-ئاينىڭ8-كۈنى غۇلجا ناھيىسىدە تۇغۇلغان.1999-يىلى 7-ئايدا ، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل – ئەدەبىيات فاكولتېتىنى پۈتتۈرۈپ غۇلجا شەھەرلىك 3- ئوتتورا مەكتەپنىڭ قوش تىللىق سىنىپ تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىقىغا تەقسىم قىلىنغان. ئۇ خىزمەتكە قاتناشقان 13يىلىدىن بىرى كەسپى قابىلىيەت – ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئىزچىل تىرىشىپ، تىل – ئەدەبىيات دەرسخانا ئوقۇتۇشنى ئەلالاشتۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالغان. ئۇ كۆپ قېتىم مەكتەپ، شەھەر، ئوبلاست ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە كۆرەك دەرس ۋە مۇسابىقە دەرسلىرىنى ئۆتۈپ ، كەسىپداشلىرىنىڭ ياخشى باھا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالقىشى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە نائىل بولدى. 2006- يىلى 1- ئايدا غۇلجا شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى تەرىپىدىن «532قۇرلۇشى» دا «ئوقۇتۇش ماھىرى» بولۇپ باھالانغان. 2006-يىلى 5-ئايدا ئىلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان ئوتتورا مەكتەپ تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ماھىرلىرىنى تاللاش مۇسابىقىسىدە «ئوقۇتۇش ماھىرى » بولۇپ باھالانغان. 2006-يىلى 9- ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان ئوتتورا مەكتەپ تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ماھىرى تاللاش مۇسابىقىسدە «دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا 1- دەرىجە» بولۇپ باھالانغان. ئۇنىڭ بەش پارچە ئوقۇتۇش تەتقىقات ماقالىسى ئىلىگىرى – كېيىن بولۇپ، غۇلجا شەھەرلىك ، ئاپتونۇم ئوبلاست، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىلىرنى ئۇيۇشتۇرغان ئوقۇتۇش تەتقىقات ماقالىسى يېزىش مۇسابىقىلىرىدە 1- دەرىجە بولۇپ باھالانغان. ئۇنىڭ «ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ – يېتىلىش تەرەققىيات خالتىسىنى قانداق تۇرغۇزۇش كېرەك» ناملىق ماقالىسى 2005-يىلى 2- ئايدا، «شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى» تەھرىر بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان «يىڭى دەرس ، خىرىس ۋە پۇرسەت» مۇكاپاتلىق ماقالە يېزىش مۇسابىقىسىدە 2- دەرىجىگە، «سەھرا باللىرىغا خەت» ناملىق ماقالىسى 2005-يىلى 6- ئايدا مەملىكەتلىك ئوتتورا مەكتەپ تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتۇش جەمئيىتى ئۇيۇشتۇرغان «چۈيۈەن لوڭقىسى» مۇكاپاتلىق ماقالە يېزىش مۇسابىقىسىدە 2- دەرىجىگە ئىرىشكەن. ئۇنىڭ «ئەينەك» ناملىق دەرسنىڭ ئوقۇتۇش لايىھسى ۋە «نان» ناملىق دەرسىنىڭ نەق مەيدان سىنئالغۇ لېنتىسى ئايرىم –ئايرىم ھالدا ش ئۇ ئا ر ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان ئوتتورا مەكتەپ تىل –ئەدەبىيات ئوتوتقۇچىلىرىنىڭ دەرس لايىھسى ، نەق مەيدان سىنئالغۇ دەرسلىرىنى باھالاش مۇسابىقىلىرىدە 1- دەرىجە بولۇپ باھالانغان. ئۇ يەنە 2006- يىلى 11- ئايدا غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزى ئۇيۇشتۇرغان  ئوتتورا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە 1- دەرىجىگە ئىرىشكەن. ئۇنىڭ ھازىرغىچە مەملىكەت، ئاپتونوم رايون، ئوبلاست دەرىجىلىك ھەرقايسى گېزىت- ژورناللاردا ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ، ئۇيغۇر فولكلورى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر تىلىغا ئائىت 80 پارچىدىن ئارتۇق ماقالە – ئەسىرى ئېلان قىلىغان. ئۇ 2009-يىلى 2- ئايدا كەسىپدىشى بىلەن تولۇق ئوتتورا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن «تىل – ئەدەبىيات تېكىست تەھلىلى» ناملىق كىتابنى تۈزۈپ نەشىر قىلىدۇردى. 2009-يىلى غۇلجا شەھەرلىك 2-ئوتتورا مەكتەپتە «زوردۇن سابىر خاتىرە ئۆيى» قۇرۇش خىزمىتىگە ئاكتىپ قاتناشتى. ئۇ «گۈلىستان شەھەر – غۇلجا » ناملىق مەكتەپ دەرىسنى تۈزدى.  ئۇ ئۇنىڭ«تىل – ئەدەبىيات دەرس بايلىقى – ‹ زوردۇن سابىر خاتىرە ئۆيى› » ناملىق تەتقىقات تىمىسى  ش ئۇ ئا ر ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى تەرىپىدىن  تەتقىقات تېما تاماملىغانلىق گۇۋاھنامىسىگە ئىرىشتى. ئۇھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوتتورا مەكتەپ تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ئىلمىي جەمئيتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارسى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندىغان «ئىلى مائارىپ» ژورنىلىنىڭ تەكلىپلىك مەسئول مۇھەررىرى، ئىلى پېداگوگىكا ئىنىستېتۇتى فىلولوگىيە تارماق ئىنىستېتوتىنىڭ تەكلپلىك ئوقۇتقۇچىسى.
    ئۇ ھازىر يازغۇچى زوردۇن سابىر ھەققىدە مەخسۇس ئىزدىنىپ،ھەر قايسى گېزىت-ژورناللاردا20پارچە ئوبزور ماقالە ئېلان قىلدى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئا.ئوسمان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-11 10:49  


ۋاقتى: 2013-9-11 12:46:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئابدۇروسۇل مۇھەممەد (ئەلتۇغ) 1974-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى يەكەن ناھىيەسىنىڭ مىشا يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1992-يىلى يەكەن پىداگوگىكا مەكتىپىنىڭ ئومۇمىي پەن كەسپىنى پۈتتۈرۈپ ئوقۇتقۇچى بولغان. ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ شىنجاڭ ئۈنۋېرىستېتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات تولۇق كۇرسىنى پۈتتۈرگەن. 2003-يىلىدىن باشلاپ مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىلمىي مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
   تۇنجى ئىجادىيىتى 1991-يىلى «يەكەن گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «تەئەججۈپ» ناملىق نەسىرى بىلەن باشلانغان. ھازىرغىچە «خىلۋەتتىكى يارقىن چۈشلەر» (نەسرلەر. ‹‹قەشقەر ئەدەبىياتى») قاتارلىق 50 پارچىدىن ئارتۇق نەسر،  «ئولىمپىك. ئىرا ئەجدەرھاسى. ئالتۇن مېدال» (ئەدەبىي ئاخبارات. «يەكەن گېزىتى»)، «ئەنئەنىۋىيلىكتىن زامانىۋىيلىققچە» (ئەدەبىي ئاخبارات) (شىنجاڭ سەنئىتى 2012-يىلى 3-سان)، ‹‹مىكرو ھېكايىلار توغرىسىدا» (نەزەرىيىۋىي ماقالە) («كىروران» ژۇرنىلى 2012-يىلى 2-سان)،<<پەرۋاز ژۇرنىلىنى ياخشى كۆرىمەن>> (سۆھبەت خاتىرىسى. <<پەرۋاز>> ژۇرنىلى 2013-يىل 7-،8-بىرلەشمە سان) ، <<پشىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزىتىنى ياخشى كۆرىمەن>> (سۆھبەت خاتىرىسى. <<شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى>> گېزىتى، 2012-يىل 5-ئاي) قاتارلىق تۈرلۈك ژانىردىكى 40پارچىدىن ئارتۇق ھەر خىل ژانىردىكى ئەسەرلەرنى،  «تور»، «تاۋۇس ئەللەيىن»، «ئۆزگىرىش»، «تامغا»، «يۇمۇلاق خەرىتە» (مىكرو ھېكايىلەر، «شىنجاڭ مائارىپى»)ژۇررنىلى ، «بەغەرەز» (ھېكايە. «شىنجاڭ ئاياللىرى») «ئالما» (مىكرو ھېكايە. «ئشىچىلار ۋاقىت گېزىتى») قاتارلىق 20پارچىدىن ئارتۇق ھېكايىسى، «قويمىچى» (ساتىرا .«جۇڭگو مىللەتلىرى1999-يىل،1-سان، ) «دوپپا-غۇرۇرۇم» (شېئىر. «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى2012-يىلى 3-سان) «يوليورۇق»، «باشلىقىم»(ساتېرا. «تۇرپان» 2012-يىل 3-سان)، «مۇھەررىر» (ساتېرا. «قۇمۇل ئەدەبىياتى 2005-يىلى 3-سان)، «ئىسىم قويۇش»(ئېتوت. «شىنجاڭ سەنئىتى»2013-يىل 1-سان) ،«قەشقەرنامە»( نەسرىي شېئىر. «قەشقەر گېزىتى»)، «زەڭگەر كۆزلۈك ساددا مەلىكەم» (قەشقەر ئەدەبىياتى)، « ئەڭ مەغرۇر تۇيغۇدا چېكىمەن ئازاب»(تۇرپان گېزىتى)، « ئەسسالام، بورتالا!»( بورتالا گېزىتى»)،  « يامغۇر يەنە يېغىۋەرسە بولاتتى» (شېئىرلار. «كۈسەن مەدەنىيىتى») قاتارلىق 200پارچىدىن ئارتۇق ساتېرا-شېئىرلىرى، «باسقان ئىزلىرىڭ گۈل بولسۇن»، « تىرىشچان باغۋەن، مېھرىبان ئانا»(تەپسىلىي خەۋەر. «شىنجاڭ مائارىپى گېزىتى»)، «‹خىسلەتلىك تېلېفۇن› ھەققىدە ھېكايە»(زىيارەت خاتىرىسى«قەشقەر گېزىتى»)،  «‹ئەرشكە تۇتاشقان يول› ھەققىدە ھېكايە»(زىيارەت خاتىرىسى. «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى».2013-يىل 9-ئاي 6-كۈنى) قاتارلىق 50 پارچىدىن ئارتۇق خەۋەر-ماقالىلىرى، «مەكتەپ مۇزىيخانىسىنى قانداق قۇرۇش كېرەك؟»، « تىل ئەدەبىيات دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ خاس ئۆلچىمىنى بىكىتىش كېرەك»، «ئەخلاق تەربىيەسىنى قانداق ئېلىپ بېرىش كېرەك»، «يۇمشاق دېتال لايىھەلەش ۋە ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر قانچە نۇقتا»، « ‹چارروسىيە، چار پادىشاھ› ئاتالغۇلىرىدىكى چار سۆزى نەدىن كەلگەن؟» ( ئىلمىي ماقالە. «شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلى) ، «ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشلىق، مېۋە-چىۋە، كۆكتاتلارنى ساقلاشتىكى ئەنئەنىۋىي ئۇسۇللىرى» (ئىلمىي ماقالە. «پەن ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى) قاتارلىق ئون پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي، نەزەرىيىۋىي ماقالىلىرى، «ناخشىچى ئېشەك»، «بېلىق بىلەن قاقىرا» (شېئىرىي چۆچەكلەر. «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتى، «خانتەڭرى» تور ژۇرنىلى2-سانى) ، «ئۆي ياسىدىم چىرايلىق»، «يۇلتۇزلارنى ئۈزىمەن»، «كىچىك مۇئەللىم»، «مۇڭدىشىمەن سىز بىلەن جىمجىت» ،« ۋاپاسىز قاغا»،  «شىرچاقنىڭ ئوۋغا چىقىشى»، «ئۇرۇق، سازاڭ ۋە تۇپراق» قاتارلىق 30 پارچىدىن ئارتۇق بالىلار شېئىر-مەسەللىرى («پەرۋاز»، «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى»، «تارىم غۇنچىلىرى»، «شىنجاڭ گېزىتى») ، «ئاققۇ كۈتۈش»، «سۈيقەست»، «ھېلالئاي»، «رەسىم تېرىش»، «جەننەتتىن كەلگەن مېھمان» («ئەدەبىي تەرجىمىلەر»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»، «شىنجاڭ گېزىتى») قاتارلىق 300پارچىدىن ئارتۇق تەرجىمە ئەسىرى ئېلان قىلىنغان. ئۇ تەرجىمە قىلغان «مەكتەپكە بېرىش يولىدا» ناملىق تېلېۋىزىيە فېلىمى ھەر دەرىجىلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرى تەرىپىدىن تارقىتىلغان. مەكتەپتە ۋە ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىدا ناھىيە بويىچە مەخسۇس يېزىقچىلىق كۇرژىكلىرىنى تەشكىللەپ، ئوقۇغۇچىلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ 100پارچىدىن ئارتۇق ئەسىرىنى تۈرلۈك مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلدۇرغان. بىر قىسىم ئەسەرلىرى «زەرەپشان گۈلزارى»، «جەزبىدار گۈلدەستىلەر» قاتارلىق كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن ۋە تەرجىمىھالى تونۇشتۇرۇلغان. «خىلۋەتتىكى مەھەللەم» ناملىق شېئىرى «يەكەن گېزىتى» تەرىپىدىن <<مۇنەۋۋەر ئەسەر>> مۇكاپاتىغا، «قەشقەرنامە» ناملىق نەسىرىي شېئىرى 2012-يىلى 11-ئايدا قەشقەر شەھىرىنىڭ شەھەر بولۇپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60يىللىقى مۇناسىۋېتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئەدەبىي ئسەرلەر مۇسابىقىسىدا قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، «قەشقەر گېزىتى» تەرىپىدىن 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. تۆت پارچە ئىلمىي ماقالىسى«شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلى، «شىنجاڭ مائارىپى گېزىتى»، ئاپتونوم رايونلۇق، قەشقەر ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتى تەرىپىدىن مۇكاپاتلانغان.
  ئۇ «شامال ئەسلى بوۋامكەن» (بالىلار شېئىرلىرى)،«ناخشىچى ئېشەك» (شېئىرىي چۆچەكلەر توپلىمى)، «يامغۇردىكى تەنھالىق» (شېئىرلار توپلىمى)، خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلغان «بالىلارنىڭ دۇنياسى» ناملىق كىتابىنى نەشرىياتقا تاپشۇردى.
  ئۇ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو پىدائىيلار جەمئىيىتى شىنجاڭ يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى جەمئىيىتىنىڭ پىدائىيسى، «شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلىنىڭ تەكلىپلىك باھالىغۇچىسى، «پەرۋاز»، «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتىنىڭ تەكلىپلىك مۇخبىرى، ئاپتونوم رايونلۇق تىل- يېزىق كومىتېتىنىڭ «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىسى» بويىچە ئۆلكە (ئاپتونوم رايون) دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ سىنىغۇچىسى،  يەكەن ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى،  يەكەن ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-12 00:49  


ۋاقتى: 2013-9-11 13:04:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەتئابدۇللا ئەركىن شاپ
1983- يىلى 8- ئاينىڭ 9- كۈنى  گۇما ناھىيىسىنىڭ قوشتاغ يېزىسىدا ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىنىڭ 2005 - يىللىق 5- سانىدا ئېلان قىلىنغان «سەھرا قىزى» ناملىق شېئىرىم بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە كىرگەن.   ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا «كېلىنلەردە نېمە گەپ»،«ئازاپ چەمبىرىكى»، « كېلىن ۋە قېيىنئانىلارغا ئىككى كەلىمە» قاتارلىق 60 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، ماقالە، نەسىرلىرىم ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان.

ۋاقتى: 2013-9-11 13:16:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا، بۇ سۆز ئىككى ئورۇندا تەكرارلىنىپ قالدى. ئۆزگەرتىپ بولغۇچە ئېھتىياتسىزلىقتىن يوللاپ سالدىم،ئەپۇ قىلغايسىلەر. ئەيبۇكا، تەرجىمھالىمنى قىسقىلا يازدىم. تەپسلىي يازمىساقمۇ بولامدۇ ياكى تەپسىلىي يېزىش كېرەكمۇ؟

باھا سۆز

ئوبدان بوپتۇ.  ۋاقتى: 2013-9-11 01:19 PM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-11 13:17:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما خىزمەت ئېھتىياجى سەۋەبىدىن تەرەپپاللا يوللانغان ئىدى.
   ياش ئەدىبلىرىمىزنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىكى ئىجادىيەت ئەھۋالىدىن ئوبدان مەلۇماتلارغا ئېرىشىۋاتىمىز. بۇندىن كېيىن بۇ خىلدىكى قاراتمىلىقى بار تېمىلارنى قەرەللىك يوللاپ تۇرساق تېخىمۇ ياخشى بولىدىغان ئوخشايدۇ.

ۋاقتى: 2013-9-11 13:21:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخمەتجان ئابدۇللا

1981-يىلى 7-ئايدا قاراقاش ناھىيەسىدە تۇغۇلغان.1999-يىلى ئىجادىيەتكە كىرىشكەن.
ئۇنىڭ ھازىرغىچە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا ئاشكارە نەشرى قىلىنىۋاتقان «تارىم»، «تۇرپان»، «يېڭى قاشتېشى»، «تارىم غۇنچىلىرى»، «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزىتى»قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا «چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ ھەمراھ قىسقارتىشى» ، «يىشۇنىڭ مەكتەپكە كىرىشى»،«ئېشەك مىنگەن پادىشاھ»، «يۇلتۇز قىز»، «كاپ-كاپ كۈچۈكنىڭ ھېكايىسى » قاتارلىق300پارچىدىن ئارتۇق شېئىر-فېليەتون، بالىلار ھېكايە-چۆچەكلىرىنى ئىلان قىلدۇردى.
ئەخمەتجان ئابدۇللانىڭ بالىلار ئەدەبىياتى چۆچەك ژانىرىدا ئىجادىيەت نەتجىلىرى بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك بولۇپ،نەشر قىلىنغان كىتاپلىرى:
1.شىنجاڭ ياش- ئۆسمۈرلىرى نەشرىياتى تەرىپىدىن 2006-يىلى 10-ئايدا «چۆچەك ئېيتالايدىغان قاپاق» ناملىق بالىلار چۆچەكلىرى توپلىمى نەشر قىلىنغان.
2. شىنجاڭ ياش- ئۆسمۈرلىرى نەشرىياتى تەرىپىدىن2009-يىلى 5-ئايدا « مۇنەججىم توشقان» ناملىق بالىلار چۆچەكلىرى توپلىمى نەشر قىلىنغان.
3. شىنجاڭ گۈزەل- سەنئەت، فوتو-سۈرەت نەشرىياتى تەرىپىدىن  2010-يىلى 10-ئايدا  «ئۇر توقماقنىڭ ئاقىۋىتى» ناملىق بالىلار چۆچەكلىرى كىتابى نەشر قىلىنغان.
4.شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلىرى نەشرىياتى تەرىپىدىن2012-يىلى 3-ئايدا «يۇلتۇز قىز» ناملىق بالىلار چۆچەكلىرى توپلىمى نەشر قىلىنغان.
5.قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن 2012-يىلى 12-ئايدا «چېچەن ئوغلاق» ناملىق بالىلار چۆچەكلىرى توپلىمى نەشر قىلىندى.
6.شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلىرى نەشرىياتى تەرىپىدىن2013-يىلى 7-ئايدا شائىر ياسىن ئابدۇقادىر بىلەن تۈزگەن «ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ نادىر بالىلار چۆچەكلىرىدىن تاللانما» ناملىق ئىككى قىسىملىق كىتابى نەشر قىلىنغان.
مۇكاپاتلىنىش ئەھۋالى:
1.«غەربىي دىيار تانساخانىسىدىكى سۆھبەت» ناملىق فېليەتونى ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيتى تەرىپىدىن 2006-يىللىق «ئەڭ ياخشى مۇنەۋۋەر ئەسەر» مۇكاپاتىغا ئىرىشتى.
2. 2010-يىلى4-ئايدا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتى تەرىپىدىن«مۇنەۋۋەر يىتەكچى» بولۇپ مۇكاپاتلاندى.
3. 2011-يىلى3-ئايدا قاراقاش ناھىيەلىك تەشۋىقات بۆلۈم، ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن « تۆھپىكار ئەدىب» شەرىپىگە ئىرىشىپ مۇكاپاتلاندى.
4. 2013-يىلى قاراقاش ناھىيەلىك تەشۋىقات بۆلۈم، ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «چېچەن ئوغلاق» ناملىق بالىلار چۆچەكلىرى توپلىمى «مۇنەۋۋەر ئەسەر» بولۇپ مۇكاپاتلاندى.

باھا ۋە ئىنكاس :
1.«چاپتىكەش چاشقان» ناملىق بىر گۇرۇپپا ھەرپلىك بالىلار قۇشاقلىرى ھەققىدە شائىر ياسىن ئابدۇقادىرنىڭ « يېڭىلىق ئېلىپ كەلگەن چاپتىكەش چاشقان » ناملىق ئوبزور ماقالىسى « شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزىتى»دە ئىلان قىلىنغان.
2. ھۆرىگۇل تۇرسۇنباقىنىڭ « ئەخمەتجان ئابدۇللا بالىلار چۆچەكلىرىنىڭ مەزمۇن ۋە شەكىل ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا» ناملىق ئوبزور ماقالىسى ئىلان قىلىنغان.
ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيەتلىرى 2005-يىللىق 1-سان «يېڭى قاشتېشى» ژورنىلى، 2008-يىللىق 4- سان «تارىم غۇنچىلىرى» ژورنىلى ۋە 2010-يىللىق 1-سان«خوتەن مائارىپى» ژورنىلى ۋە 2012- يىللىق 11-سان« پەرۋاز» ژورنىلىدا  تۇنۇشتۇرۇلغان.
ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ، خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ، قاراقاش ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ  ئەزاسى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئە.ئابدۇللا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-11 13:23  


ۋاقتى: 2013-9-11 13:40:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېشىت سۇلايماننىڭ ماتىرىيالى

يىتىلىۋاتقان ياش شائىر،ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتىنىڭ باشلامچىلىرىنىڭ بىرى ئابدۇرېشىت  سۇلايمان 1973-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۇنى يەكەن ناھىيىسىنىڭ تاغارچى يېزىسىدا  ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.ئوز يېزىسىدا باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن يەكەن ناھىيلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان،1990-يىلى شىنجاڭ سودا مەكتىۋىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. 1994-يىلى ئوقۇش پۇتتۇرگەن. 1996-يىلىدىن باشلاپ «ئىبىن سېنا »نامىدا داۋالاش ئورنى قورۇپ كەسپى خادىم بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ.
ئەدەبى ئىجادىيىتى 1991-يىلى ‹‹شىنجاڭ سودا گېزىتى››دە ئېلان قىلىنغان «ياپراق » نامىلىق لىرىكىسى بىلەن باشلانغان. شۇنىڭدىن باشلاپ «تارىم »، «تەڭرىتاغ »، «شىنجاڭ ياشلىرى »، «ئىلى دەرياسى »، «قۇمۇل ئەدەبىياتى »«كروران »، ‹‹قەشقەر ››، ‹‹ئاقسۇ ئەدەبىياتى››، ‹‹ كۆسەن مەدەنىيىتى››... قاتارلىق نەشىرىي ئەفكارلاردا 300پارچىگە يېقىن شېئىرلىرى،«دەرۋازاڭنى ئاچقىنا ئانا »، «ئوت ۋە  شەمشەر »...قاتارلىق 4پارچە داستانى،"تارمار "ناملىق پوۋېسىتى   ئېلان قىلىنغان. ‹‹ئەرەپلەرنىڭ قېنى مۇزلىدى››ناملىق  شېئىرى مىسىر يازغۇچىلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان ‹‹ئەرەپ دۇنياسى›› گېزىتىگە ئىھسان ئابدۇقۇددۇسنىڭ ئوغلى مۇھەممەد ئابدۇقۇددۇسنىڭ تەقرىزى بىلەن قوشۇپ ئېلان قىلىنغا. «چاكۇم قوشىقى » ناملىق بالىلار داستانى «قەشقەر ئەدىبىياتى »ژورنىلى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «بىغۇبار دۇنيا-مۇكاپاتلىق بالىلار ئەسەرلىرى »مۇسابىقىسىدە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن .
ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتى-ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ھادىسىۋى بەلگە سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن ئابدۇرېشىت سۇلايماننىڭ ‹‹ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتى›› ناملىق نەزىرىيەۋى ئوقۇشلىغى ‹ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتىدىكى ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنىڭ گەۋدىلىك نەتىجىسى› دەپ مۇييەنلەشتۇرۇلگەن.
‹‹باتۇر روزى ۋە ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان شېئىرىيىتى ››، ‹‹چۈمبەلدە كۆز يوق ››، ‹‹ناۋايىنىڭ قاراڭغۇ كېچىسى››، ‹‹ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئاۋازى ››...قاتارلىق ماقالىلىرى  شېئىرىيەت تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشگەن. ئۇيغۇر چۆللىرىدىن- شېئىرىيەتكىچە››ناملىق سوھبەت خاتىرسى تور ئەدەبىياتى ئېشتىراكچىلىرىنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا سازاۋەر بولغان. ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتىدىكى ھەر قايسى مۇنبەرلەردە 2000پارچىغا يېقىن شېئىرلىرى، ‹‹ئايال ›› ناملىق رومانى، ‹‹غېرىپ– سەنەم››، ‹‹كەلكۈن ››...قاتارلىق 10 پارچە پوۋېسىتى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنغان.
ئۇ ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتىدا بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە شائىر ،شېئىرىيەت تەتقىقاتچىسى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. ھەمدە مۇئەييەنلەشتۈرۈلىدۇ.
ئابدۇرېشىت سۇلايمان «ئۇيغۇرلارنىڭ تىجارەت دەستۇرى »، ‹‹ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتى ››، ‹‹نىگارىستان» قاتارلىق ئۇيغۇر يازغۇچى، شائىرلىرىغا يازغان 24پارچە نەسرى مۇۋەھشەھلەر مەجمۇئەسىنى «پۇرقەتنىڭ بىشارىتى »قاتارلىق كىتابلىرىنى نەشىرگە تەييارلىدى.
«قەلبىم سېنىڭكى » ناملىق شېئىرلار توپلىمى، «سەھرىستان »ناملىق نەسىرلەر توپلىمى شىنجاڭ پەن- تېخنىكا نەشىرياتى تەرىپىدىن يېقىندا نەشىردىن چىقىش ئالدىدا.
‹‹ئۇيغۇرلارنىڭ شېئىرىيەت تارىخى›› ناملىق نەزىرىيەۋى كىتابى ئۈستىدە ئىزلەنمەكتە.

ئۇيغۇر مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان ۋەكىللىك ئەسەرلىرى

1- ئوت ۋە شەمشەر ..........(.داستان )..........قۇمۇل ئەدەبىياتى
2- تارمار   ..............(.پوۋېسىت).............قۇمۇل ئەدەبىياتى
3- دەرۋازاڭنى ئاچقىنا ئانا ....(داستان) ...............يەكەن گېزىتى
4- قىرىق چىلتەن، گۇگۇم، ئابدۇرېشىت ..(شېئىرلار )...ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى
5- قۇياشقا ئېسىلغان ئۇنىڭ يۈرىگى ....(شېئىرلار ).....تەڭرىتاغ ژۇرنىلى
6- ئابىدەڭدە 12 ياپراق ..............(داستان)........يەكەن گېزىتى
7- توزۇپ كېتەر گۈللەرمۇ ............(شېئىرلار)........تارىم ژۇرنىلى
8- سىيىت نوچىنىڭ ئۆلۈم خېتى .......(شېئىرلار)...ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى
9- پۇرقەتنىڭ بىشارىتى .............(داستان ).....شىنجاڭ سودا گېزىتى
10-             365-كېچە ................(شېئىرلار).....قەشقەر

ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتى تور بىكەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان بىر تۈركۈم ئەسەرلىرى

1- ئەر كەلدى ..........(داستان )............سۇمرۇغ ئەدەبىيات مۇنبىرى
2- مۇھەببەتنىڭ ئاۋازى ...(شېئىرلار توپلىمى ).... سۇمرۇغ ئەدەبىيات مۇنبىرى
3- پۇرقەتنىڭ بىشارىتى ..(شېئىرلار توپلىمى ).....بەرقى ئەدەبىيات مۇنبىرى
4- يىلان سۆزلەۋاتقان سەنمۇ ..(شېئىرلار توپلىمى)....بوستان ئەدەبىيات كۇلۇبى
5-‹‹قانىستان›› قاتارلىق 6 پارچە نەسىرلەر توپلىمى...بەرقى ئەدەبىيات مۇنبىرى
6- باتۇر روزى ۋە ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان شېئىريىتى..(ماقالە)...ئەنقا شېئىرىيەت مۇنبىرى
7- ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىغا باھا ...(ماقالە).....بەرقى ئەدەبىيات مۇنبىرى
8- چۈمبەلدە كۆز يوق .........(ماقالە).......بەرقى ئەدەبىيات مۇنبىرى
9- ناۋائىينىڭ قاراڭغۇ كېچىسى ........(ماقالە).....ئەنقا شېئىرىيەت مۇنبىرى
10-ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتى (شۇ ناملىق كىتاپتىن پارچە)...بەرقى ئەدەبىيات مۇنبىرى
11- ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان شېئىريىتىدىكى 100پارچە نادىر شېئىر(تۈزگەن) بەرقى ئەدەبىيات مۇنبىرى
12- مۇھەممەتجان راشىدىن، ئادىل تۇنىياز، ئەسئەت سۇلايمان، ئەزىزى، غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد قاتارلىق شائىر-يازغۇچىلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئىجادىيەت سۆھبەتلىرى .........بەرقى ئەدەبىيات مۇنبىرى
13- نىزار قەببانىي ئەسەرلىرى .....(ئېلىكتىرۇنلۇق كىتاب )...ئەنقا شېئىرىيەت مۇنبىرى
14-  100رىسالە (شېئىرلار توپلىمىدىن پارچە)...بەرقى ئەدەبىيات مۇنبىرى ..
15- ئۇيغۇر چۆللىرىدىن –شېئىرىيەتگىچە(سۆھبەت خاتىرسى)...ئىزدىنىش مۇنبىرى
16-شېئىرىيەتنىڭ يەنە بىر قانىتى (ئاسىمجان شېئىرلىرىغا باھا) سۇمرۇغ ئەدەبىىيات مۇنبىرى
17-ئايال ........(روماندىن پارچە)......... سۇمرۇغ ئەدىبىيات مۇنبىرى
18-كەلكۈن.............(پوۋېسىتلار توپلىمى).....بەرقى ئەدەبىيات مۇنبىرى
19-قان پەسلى .........(داستان)...............ئەنقا شېئىرىيەت مۇنبىرى
20-جان تالىشىۋاتقان ئۇيغۇر شېئىرىيىتى (ماقالە)...بەرقى ئەدەبىيات مۇنبىرى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابلەت.م.كۈيزار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-11 13:44  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش