شاكىرا يۈزسىزلىك قىلغان يىگىتىدىن غەزەپ بىلەن ئايرىلىپ كەتتى |
يېقىنقى كۈندە مېكسىكا تاماشا تورى شاكىرانىڭ سۆيگىنى پېكىنىڭ شاكىرا سىرتقا چىقىپ كەتكەن مەزگىلدە تېخىمۇ ياش بولغان بىر قىز بىلەن مۇھەببەتلەشكەن، ئالدانغانلىقىنى بىلگەن كولومبىيە ناخشا چولپىنى شاكىرا ئايرىلىپ كېتىشنى تەلەپ قىلغان، شۇندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان ئاخبارات ۋاسىتىلىرى شاكىرا بىلەن پېكىنىڭ جىنسىي تۇرمۇشى توغرىسىدا خەۋەر بەرگەن، hollywoodgossip تورى چىرايلىق قىلىپ «شاكىرا بىلەن پېكىنىڭ مۇناسىۋىتى ئاياغلاشتى» دېگەن ماۋزۇدا خەۋەر بەرگەن . پېكىنىڭ قىز دوستى بولۇش سۈپىتى بىلەن شاكىرا پېكى بىلەن مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەن كۈنلەردىمۇ ئۆزىنىڭ سەنئەت كەسپىدىن ۋاز كەچمىگەن، لېكىن ئۇ پېكىنىڭ يېنىدا بولمىغان چاغدا پېكى شاكىراغا يۈزسىزلىك قىلىپ تېخىمۇ ياش قىز بىلەن مۇھەببەتلەشكەن، ئاخىرىدا شاكىرا ئىشنىڭ باش-ئاخىرىنى سۈرۈشتۈرمەيلا بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قاتتىق غەزەپلەنگەن ھالدا بۇ ئاچا-ئىنى مۇھەببەتنى ئاياغلاشتۇرغان . پېكى بىلەن شاكىرا مۇھەببەتلەشكىلى خېلى ئۇزۇن بولغان، ئۇلارنىڭ خەۋىرى پۈتكۈل ئىسپانىيە تورى «پۇتبول مەيداندىكى ئەڭ قاملاشمىغان ئاشىقلار» دېگەن ، ئۇلارنىڭ قاملاشمىغان يېرى ئۇلار ھەرقانداق سورۇندا سۆيۈشۈپ، قۇچاقلىشىپ يۈرگەن،خۇددى ھېچكىممۇ ئۇلارنى ئايرىۋېتەلمەيدىغاندەك ۋەزىيەت شەكىللەنگەن . ئۇلار باشقا چولپانلارغا ئوخشىمايدۇ، شاكىرا ھەرقانداق چولپاننىڭ نام-ئاتىقىغا تايىنىپ نام قازانغان ئەمەس، شاكىرا ئاللىبۇرۇنلا ناخشىچىلىق ساھەسىدە تونۇلغان، لېكىن شاكىرا بىلەن پېكىنىڭ ياش پەرقى بەك چوڭ بولۇپ، شاكىرا بۇ يىل 34 ياش، پېكى بولسا شاكىرادىن 10 ياش كىچىك، ئۇ بۇ يىل 24 ياش . شۇنىڭ بىلەن شاكىرا بىلەن پېكىنىڭ ئايرىلىپ كەتكەنلىك خەۋىرى كەڭ تارقالغان، لېكىن شاكىرا ناھايىتى تىزلا پېكى بىلەن ئايرىلىپ كەتكەنلىك خەۋىرىنىڭ پىتنە-ئىغۋا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى، يېقىنقى كۈنلەردە ھەر ئىككىلىسى ئىنتايىن ئالدىراش بولۇپ، بۇنداق ئالدىراشلىق ئىچىدىكى ئىنتايىن ئاز كۆرۈشۈشكە شاكىرا كۆنەلمىگەن . لېكىن ھەپتىنى بىرى شاكىرا ئىككىسىنىڭ ئايرىلىپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئىنكار قىلدى، ئۇ پېكى بىلەن مۇناسىۋىتى ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى .
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/10/7 15:15:16 ئۇقۇلۇشى: 253 قېتىم] |
|