داڭلىق ناخشا چولپىنى لى ۋېن توي قىلىدىكەن |


داڭلىق ناخشا چولپىنى لى ۋېن 10- ئاينىڭ 27- كۈنى يۈرگىلى 8 يىل بولغان يىگىتى Bruce بىلەن توي قىلىدۇ. توي مۇراسىمى توي مۇراسىمى شىياڭگاڭدىكى خەلقئارا سودا مەركىزىنىڭ 100- قەۋىتىدە ئۆتكۈزىلىدۇ. ۋە شىياڭگاڭدىكى ئەڭ داڭلىق 5 يۇلتۇزلۇق مېھمانساراي لىسكاردۇن مېھمانسارىيىدا توي زىياپىتى بېرىلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە لى ۋېننىڭ بارلىق توي چىقىملىرى 100 يۈەندىن ئېشىپ كېتىدىكەن. لى ۋېن توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدىغان خەقئارالىق سودا سارىيى جەمئى 118 قەۋەت بولۇپ، شىياڭگاڭدىكى ئەڭ ئېگىز ئىمارەت ھېسابلىنىدۇ. توي مۇراسىمى مۇشۇ سودا سارىيىنىڭ 100- قەۋىتىگە ئورۇنلاشتۇرىلىدىكەن. بۇ قەۋەتتە پۈتۈن شىياڭگاڭنىڭ مەنزىرىسىنى 360 گىرادوس بويىچە كۆزەتكىلى بولىدىغان بولۇپ، لىفىت ئارقىلىق 100- قەۋەتكە چىقىشقا پەقەت بىر مىنۇتلا كېتىدۇ. بۇ مېھمانساراينىڭ بېزىلىشى ۋە ئەسلىھەلىرى پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىكەن. لى ۋېننىڭ توي مۇراسىمى ئىككى كۈن داۋام قىلنىدىكەن. 27- چىسلا توي كەچلىك زىياپىتى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، 28- چېسلا توي مۇراسىمى ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئورۇنلاشتۇرىلىدىكەن. كۆڭۈل ئېچىش زىياپىتىنىڭ ئۆزىگىلا 3 مىليون شىياڭگاڭ پۇلى سەرىپ قىلىنىدىغان بولۇپ،لى ۋېن پەقەت دوستلار خۇشال-خۇرام ئوينىسلا چىقىمنىڭ كارايىتى چاغلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇلارنىڭ توي مۇراسىمىغا دۆلىتىمىزدىكىلا ئەمەس ۋوللىۋوتنىڭ داڭلىق چولپانلىرىمۇ تەكلىپ قىلىنىدىكەن.
مەنبە: ent.ifeng.com
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/9/27 16:43:55 ئۇقۇلۇشى: 156 قېتىم] |
|