لى لىيەنجىيېنىڭ يېڭى كىنوسى «ئاق يىلان رىۋايىتى» قويۇلدى |


مەنبە: ent.qq.com
2011-09-23 12:51
1 مىليارد 800 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ ئىشلەنگەن لى لىيەنجىيې رول ئالغان فانتازىيىلىك فىلىم « ئاق ئېلان رىۋايىتى» مۇشۇ ئاينىڭ 22- كۈنى بېيجىڭدا كىنونىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ فىلىمگە داڭلىق رېژىسسور چېڭ شىياۋ دوڭ رىياسەتچىلىك قىلغان، داڭلىق ئارتىسلاردىن لى لىيەنجىيې، خۇاڭ شېڭيى، لىن فېك، ۋېن جاڭ، شۈ رۇشۇەن قاتارلىقلار رول ئالغان. بۇ فىلىم ۋېنىتسىيە كىنو بايرىمىدا قويۇلغاندىن كېيىن يېڭىدىن ئىشلەنگەن بۇ فىلىمدە بۇرۇنقىغا قارىغاندا مۇھەببەت كەيپىياتىنىڭ ئىنتايىن قويۇقلاشتۇرۇلغانلىقى ھەممە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. لى لىيەنجىيېمۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، « فىلىمدىكى فا خەي ئاق ئېلاننى ھەرگىز يېڭەلمەيدۇ. چۈنكى ئاق ئېلان مۇھەببەتنى دەپ جەڭ قىلىدۇ. ئانىنىڭ پەرزەنتىگە بولغان مېھرىگە ئوخشاش ، مۇھەببەت ئۈچۈن قىلىنغان جەڭمۇ مەڭگۈ يېڭىلمەيدۇ» دېدى. خۇاڭ شېڭيى رول ئالغان ئاق ئېلان ئوبرازى بۇرۇنقىغا قارىغاندا ھازىرغا زامانغا بەكرەك يېقىن بولۇپ، مۇھەببەتنى ئىپادىلەش ئۇسۇلى بىۋاسىتە ۋە دادىل ئىپادىلەنگەن. قىسقىسى يېڭىدىن ئىشلەنگەن كلاسسىك تىياتىر « ئاق ئېلان رىۋايىتى» بۇرۇنقى نادىر مەزمۇننى ئاساس قىلىپ، ھازىرقى زامانغا خاسلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىلىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، يېڭىچە قىياپىتى بىلەن تاماشىبىنلارغا يېڭىچە زوق ئاتا قىلدى.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/9/23 18:50:52 ئۇقۇلۇشى: 207 قېتىم] |
|