دۆلىتىمىز ئاياللار پۇتبۇل كوماندىسى تەڭلىشىپ قالدى |
ۋاڭيى تەنتەربىيىسى 1-سېنتەبىر خەۋىرى:2012-يىللىق لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئاسىيا رايونى ئاياللار پۇتبول ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسى بۈگۈن ئىلىپ بېرىلدى.جۇڭگو ئاياللار پۇتبول كوماندىسى ساھىبخانا مەيداندا كورىيە كوماندىسى بىلەن 0:0 تەڭلىشىپ 1 نومۇرغا ئېرىشتى.تىلغا ئىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى يېقىنقى 4 مەيدان مۇسابىقىدە كورىيە ئاياللار كوماندىسى جۇڭگو كوماندىسىغا بىرمۇ توپ ئۇرالمىغان. لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئاياللار پۇتبول تۈرىدە ھازىر ئاسىيادىكى 6 كۈچلۈك كوماندا لوندونغا بارىدىغان ئىككى ساننى تالىشىۋاتقان بولۇپ،جۇڭگو،ياپونىيە،چاۋشيەن،كورىيە،ئاۋسترالىيە،تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەر تاق ئايلانما مۇسابىقە ئوينايدۇ،ئەڭ ئاخىرىدا نومۇرى كۆپ ئىككى كوماندا لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/9/3 13:07:59 ئۇقۇلۇشى: 252 قېتىم] |
|