كاكانىڭ خان جەمەتى مادىرىدت كۇلۇبىدىن ئايرىلىشى ۋاقىت مەسىلىسى بولۇپ قالدى |
تېڭشۈن تەنتەربىيە خەۋىرى، كاكانىڭ خان جەمەتى مادىرىدت كۇلۇبىدىن ئايرىلىشى ئاساسەن مۇقىملىشىپ قالدى.ھەمدە كاكا دىن ئىبارەت بۇ بىر مەزگىل دۇنيا پۇتبول ساھەسىدە نام چىقارغان گېگانىت چولپاننىڭ كوماندىدىن ئايرىلىش ئايرىلماسلىقى ئانچە ئېتىبارغا ئېلىنىپ كەتمىدى .بولۇپ باش تېرنىر مۇرىنئاۋنىڭ ئانچە بەك پەرۋايىغا كەلمىدى.برازىلىيىنىڭ بۇ داڭلىق توپچىسى مىلان كوماندىسىغا قايتماقچى بولغان .ئەمما مىلان كۇلۇبى بۇ توپچىنىڭ توختامىغا چىقىش قىلالمايدۇ.پۇل ۋە ئىقتىسادى بار بولغان برازىلىيە بالىنشېرمەن كۇلۇبىنىڭ مەيدانغا چىقىشى ،ھەمدە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىدە لەينادو بۇ توپچىغا باھا قويىدىغانلىقنى ئېلان قىلغان.ماكا تېلېۋىزىيە خەۋىرىگە قارىغاندا ،مۇشۇ ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى بالىنشېرمەن كۇلۇبى ۋەكىللىرى خان جەمەتى مادىرىدت كۇلۇبى بىلەن كۆرۈشىدىكەن ھەمدە كاكاغا بىر باھا قويىدىكەن.ئاشكارىلانغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئۇلارنىڭ خان جەمەتى مادىرىدت كۇلۇبىغا كاكانىڭ باھاسى ئۈچۈن 3000تۈمەن ياۋرو قويۇشنى ئويلاشقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.ئەمما بۇ باھا خان جەمەتى مادىرىدت كۇلۇبى كۆڭلىدىكى سانغا توغرا كېلەمدۇ يوق بىلمەيدۇ.ئەمما كاكانىڭ ھازىرقى كوماندىدىكى ئورىنى ھەمدە ئۇنىڭ يۇقىرى ئىش ھەققىنى ئويلاشقان ۋاقىتتا،كۇلۇب باش رەئىسى ھەمدە كوماندا باش تېرنىرى بۇ برازىلىيە ئوتتۇرا مەيدان ھۇجۇمچىسىنى فرانسىيە بىرلەشمىسىگە سېتىشقا شەرتسىز قوشۇلىدۇ.بۇرۇنقى مىلان باش تېرنىر ھازىر بالىنشېرمەن كۇلۇبىنىڭ تەنتەربىيە باش دىرېكتورى بولغاندىن كېيىن ،ھازىرغىچە 8600تۈمەن ياۋرو پۇل خەجلەپ ياۋروپا مەيدانىدىكى داڭلىق توپچىلارنى سېتىۋېلىشقا خەجلىگەن.بۇلار بولسا باھاسى ئەڭ يۇقىرى بولغان 4000تۈمەن ياۋرولۇق پاستورى ۋە فرانسىيە دۆلەت كوماندا ئەزاسى مېنى،ماتادې،ئىتالىيە دۆلەت ۋارتارى سېلگۇ يۇۋىنتۇس ئاساسلىق ئالدى بەل شىسوك قاتارلىقلار.مەيداندىكى ئورنى ھەمدە توپ ئويناش ئۇسۇلى قاتارلىقلاردىن ئانچە بەك پەرقلەنمەيدىغان كاكاغا قايتىدىن مەبلەغ سالماقچى .ئەمما كۇلۇب رەھبەرلىرىنىڭ كۆز قارىشىدا بولسا كۇلۇبنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ يۇقىرى دەرىجىلىك كوماندا قاتارىغا كىرگۈزۈشتە كاكا بىلەن بولغان توختام بولسا ناھايىتى مۇھىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.ھەمدە ئۇلار كاكاغا خان جەمەتى مادىرىدت كۇلۇبى بەرگەن مائاشتىن تۆۋەن مائاش بەرمەيدۇ.900تۈمەن ياۋرولۇق يۇقىرى مائاش بولسا فرانسىيە بىرلەشمىسىدە ئەڭ يۇقىرى مائاش رېكورتىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان لوپىزدىنمۇ يۇقىرى بولۇپ ،فرانسىيە بىرلەشمىسى تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى مائاشلىق توپچى ھەمدە ئەڭ يۇقىرى مائاش بەرگەن كوماندا بولۇپ قالىدۇ.بۇ دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە داڭلىق توپچى بۇ يىل 29ياش شۇنىڭ ئۈچۈن ياش ۋە مائاش جەھەتتە ئويلاشقاندا نۇرغۇنلىغان بۇ دۇنياۋى توپ چولپانغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلغان ھەرقانداق بىر مەيلى ئۇ ياۋروپا بىرلەشمىسىدىكى بولسۇن ياكى ئاسىيا بىرلەشمىسىدىكى بولسۇن پۇلغا چىقىش قىلمايدۇ ھەمدە دوغا تىكمەيدۇ.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/8/26 19:00:21 ئۇقۇلۇشى: 299 قېتىم] |
|