|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
ياپونىيە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قىزىقارلىق تاپشۇرۇقلىرى
|
|
|
ياپونىيە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تاپشۇرۇقلىرى ئاز بولۇپلا قالماي، ئىنتايىن قىزىقارلىق. تاپشۇرۇق تۈرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن تۆت خىلغا ئايرىلىدۇ: 1. ئۆرنەكلەرنى بوياش ۋە رەسىم سىزىش. تۆۋەن يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى تاپشۇرۇقتىن ھوزۇر ئالىدۇ، يەنى ئۇلارغا چىشنى چوتكىلىغاندىن كېيىن ئۆرنەكلەرنى تولدۇرۇش (بوياش) تاپشۇرۇقلىرى بېرىلىدۇ. بالىلار ئەتىگەن ۋە كەچتە چىشىنى چوتكىلىغاندىن كېيىن، ئۆرنەكنى تولدۇرۇش ئارقىلىق ئاڭلىق چىش چوتكىلاشتەك ياخشى ئادەتىنى يېتىلدۈرىدۇ. مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلاردىن كۈندىلىك تۇرمۇشىنى رەسىم ئارقىلىق خاتىرىلەش تاپشۇرۇقىنى ئىشلەشنى تەلەپ قىلىدۇ؛ 2. كىتاب ئوقۇش تەسىراتى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلىدۇ. يازلىق، قىشلىق تەتىلدە چوقۇم كىتاب ئوقۇش تەسىراتىنى يېزىش تاپشۇرۇقى بېرىلىدۇ؛ 3. ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا توردىن ئۆزى تۇرىۋاتقان رايوندا قانچە كىتابخانا، ياشانغانلار ساناتورىيەسى بارلىقىنى تېپىش ياكى ياخشى كۆرىدىغان دوكتۇرلارنى تونۇشتۇرۇش قاتارلىق تاپشۇرۇقلارنى بېرىدۇ؛ 4. ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنى چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تاپشۇرۇقىدا «ئاتا-ئانىلار بىلەن ئالاقىلىشىش خاتىرىسى» دېگەن مەزمۇن بولۇپ، بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ سۆز ۋە ھەرىكىتىدە بايقىغان ھەم ھېس قىلغانلىرىنى خاتىرىگە يېزىپ، چوڭلارنىڭ پىكىر يېزىشىغا بېرىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ خەت يازىدىغان تاپشۇرۇقلىرى ئاز، ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىي بېسىمىنى ئېغىرلىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلار تاپشۇرۇق بەرسە، «ۋاقتىڭلار بولسا ئىشلەڭلار، بولمىسا ئىشلىمىسەڭلارمۇ بولىدۇ» دەپ ئەسكەرتىدۇ، چۈنكى ياپونىيە مائاراىپچىلىرى ئونۋېرسال ساپانى يېتىلدۈرۈشنى مۇھىم دەپ قارايدۇ.
ــــ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى |
كۆرۈلۈشى:1457 | قوشۇلغان ۋاقتى:2011/5/12 15:37:57 | يوللىغۇچى ئەزا:xirinim |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|