|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
باشقىلارغا تەسەللىي بېرىشمۇ گۈزەل ئەخلاق
|
|
|
يېقىندا كېسەل كۆرسىتىش ئۈچۈن قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-دوختۇرخانىغا باردىم، لېفىتتا ئادەم كۆپ ئىدى. شۇ ئەسنادا ئىككى ئايالنىڭ سۆزلىرى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى: - سىلى قەيەردىن؟ - پوسكامدىن. - ئەرلىرىنى نىمىشقا كېسىلى ئېغىرلىشىپ قالغاندا دوختۇرخانىغا ئەكەلدىلە؟ - ئۇنىڭغا ئىلگىرىلا ئېيتقان، بىراق ساقىيىپ قالىمەن، دەپ ئۇنىمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قولىمىز قىسقا كېلىپ قالدى... - چۈشەندىم، دوختۇرخانىدا داۋالانماي، ئۈجمە سايىسىدە چىۋىن قورۇپ، ئەزرائىلنى كۈتۈپ ياتقۇسى بار ئىكەندە -دە، ئەرلىرىنىڭ! - دېدى ئەھۋال سورىغان ئايال قاقاقلاپ كۈلۈپ. بۇ گەپنى ئاڭلاپ لىفىتتىكىلەر ئۇنىڭغا ئەجەبلىنىپ قاراشتى. ئېرىنى داۋالاتقىلى كەلگەن ئايالنىڭ چىرايى ئۆڭدى، بىراق لام-جىم دېمىدى، كۆڭلۈم غەشلىككە تولدى. ئەسلىدە ھەر ئىككى ئايال كېسەلگە قارىغۇچى بولۇپ، ئوخشاشلا تەسەللىي ۋە ياردەمگە مۇھتاج ئىدى. ھېلىقى ئايال: «كۆڭۈللىرىنى توق تۇتسىلا، ئەرلىرىنىڭ كېسىلى شىپا تېپىپ قالار» دېيىشنىڭ ئورنىغا كۈلگىنى نېمىسى؟ شۇنداق دەپ قويسا، كۆڭلى پەرىشان ئايال تەسەللى تاپماسمىدى؟ بەلكىم ئۇ ئايالنىڭ راستىنلا ئىقتىسادىي ئەھۋالى ناچاردۇ ياكى باشقا سەۋەبى باردۇ، بىزدە: «بۇغداي نېنىڭ بولمىسا، بۇغداي سۆزۈڭ يوقمىدى» دېگەن ماقال بار، شۇڭا ئېسىل ئەخلاقىمىزنى نۇرلاندۇرايلى، باشقىلارنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە قۇلىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلايلى، ياردەم قىلالمىساقمۇ، كۆپرەك تەسەللى بېرەيلى، ئۇلارنىڭ زىدە كۆڭلىگە ئازار بەرمەيلى!
ـــــ شىنجاڭ قانۇنچلىق گېزىتى |
كۆرۈلۈشى:393 | قوشۇلغان ۋاقتى:2011/5/12 15:37:22 | يوللىغۇچى ئەزا:xirinim |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|