بېيجىڭ ۋاقتى 4- ئاينىڭ 8- كۈنى ، 2012- يىللىق لوندون ئولىمپىك يىغىنى بوكس تۈرى ئاسىيا رايونى سالاھىيەت مۇسابىقىسى قازاقىستان پايتەختى ئاستانىدا تۆتىنچى كۈنىدىكى مۇسابىقىلىرى ئاياغلاشتى. 69 كىلوگرام دەرىجە ئايرىمىسىدا ، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ چەسۇر پالۋىنى مۇھەممەتتۇرسۇنچوڭ 22-8 نەتىجە بىلەن رەقىبى بولغان قىرغىزىستان ماھىرى ئەسەدۇللا بويمۇرودوف نى مەغلۇپ قىلىپ ، سەككىز كۈچلۈك ماھىر قاتارىغا كىردى. مۇھەممەتتۇرسۇنچوڭ يېقىنقى يىللاردىن بىرى دۆلەت ئىچىدىن چىققان ئەمەلىي كۈچى يوقىرى، تاكتىكا- تېخنىكا جەھەتتە ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە مۇنەۋۋەر بوكس ماھىرى بولۇپ، ئىلگىرى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قاتناشقان، ئۆتكەن يىلى 64 كىلوگرام دەرىجىسىدىن 69 كىلوگرام دەرىجىسىگە ئۆرلىگەن، ھەمدە مەملىكەتلىك لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ، يوقىرى ئۈستۈنلۈك بىلەن چېمپىيون بولغان. ئۆتكەن يىلى گۇاڭجۇ ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىدا مىس مېدالغا ئېرىشكەن، خەلقئارا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدىن بۇرۇن كورىيە ئاسىيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە تۈنجى چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو بوكس تۈرىنىڭ بۇ دەرىجىدە تارىخى بۆسۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ، مۇھەممەتتۇرسۇنچوڭ بىرىنچى مەيداندا فىلىپپىن ماھىرى لوپېز بىلەن ئۇچراشقان، بۇ ماھىرنىڭ ھۇجۇمى ئۇنىڭغا نىسبەتەن ناھايىتى تۇنۇش بولغانلىقى ئۈچۈن، نەتىجىدە مۇھەممەتتۇرسۇنچوڭ 20-10 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلغان.
بۈگۈنكى مۇسابىقىدە، مۇھەممەتتۇرسۇنچوڭ قىرغىزىستان ماھىرى ئەسەدۇللا بويمۇرودوف بىلەن ئۇچراشتى، ئەسەدۇللا بويمۇرودوف بولسا 2009- يىلى مىلان خەلقئارا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ بۇ دەرىجىسىدە سەككىز كۈچلۈك ماھىر قاتارىغا كىرگەن، 2009- يىلى پرىزىدىنېت لوڭقىسى تالىشىش مۇسابىقىسىدە سەككىز كۈچلۈك ماھىر قاتارىغا كىرگەن، ئۆتكەن يىلى رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرالماي بالدۇرلا شاللىنىپ كەتكەن.
تۈنجى كونتېردا ، مۇھەممەتتۇرسۇنچوڭ مۇسابىقە باشلىنىپلا ۋەزىيەتنى كونترول قىلىۋالدى، يۇقىرىدىن قايرىپ مۇش ئېتىش بىلەن بىرلەشمە مۇش ئېتىش تېخنىكىسىنى ياخشى جارى قىلدۇردى ھەم تېزلا نومۇردا ئۈستۈنلىكنى ئىگىلىدى. ئۇنىڭدىن كىيىن ئۆزىنىڭ رىتىمى بىلەن ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ھالدا 7-2 نەتىجە بىلەن تۈنجى مەيدان ئاخىرلاشتى.
ئىككىنچى كونتېردا، مۇھەممەتتۇرسۇنچوڭنىڭ بەدەن ھالىتى ئوخشاشلا ياخشى بولۇپ، مەيدانغا چۈشۈپلا ئۇدۇلدىن مۇش ئېتىپ، .ئۈچ نومۇر ئالدى. بىراق ئۇ نومۇر ئۈستۈنلىكىدە تۇرغاچقا بىپەرۋالىق قىلىپ، ئۇدا ئىككى قېتىم نومۇر كەتكۈزۈپ قويدى، بۇ مەيدان مۇسابىقە ئاياغلىشىشقا ئاز قالغاندا، ئۇ يەنە بىر قېتىم قاتتىق ھۇجۇم قىلىپ، 8-4 نەتىجە بىلەن بۇ مەيدان مۇسابىقىنى ئاياغلاشتۇردى.
ئۈچىنچى كونتېردا ، مۇھەممەتتۇرسۇنچوڭ رەقىبىگە ئازراقمۇ ھۇجۇم قىلىش پۇرسىتى بەرمەي ، بۇ مەيدانىمۇ 7-2 نەتىجە بىلەن ئاياغلاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۈچ مەيدان كەسكىن مۇسابىقىدىن كىيىن مۇھەممەتتۇرسۇنچوڭ 22-8 نەتىجە بىلەن رەقىبى مەغلۇپ قىلىپ، سەككىز كۈچلۈك ماھىر قاتارىغا كىردى.