تۈنۈگۈن خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ داڭلىق چۇجۇمچىسى كىرىستىيانو رونالدو بىلەن ئىسپانىيەلىك داڭلىق تېننىس توپ ماھىرى رافائېل نادال بىرلىكتە Nike نىڭ ئەڭ يېڭى ئېلانىغا چىقتى. ئۇ ئىككىسى ئوخشىمىغان تەنتەربىيە ساھەسىنىڭ داڭلىقلىرى بولۇش بىلەن بىرگە ناھايتى يېقىن دوست. تېننىس توپ ماھىرى رافائېل نادال بولسا خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ ھېرىسمەن مەستانىلىرىنىڭ بىرى.بۇ قېتىملىق سۈرەتكە ئېلىش خىزمىتى Nike نىڭ يېڭى مەھسۇلات ئېلانى بولغاچقا ناھايىتى مەخپىي تۇتۇلغان، ئامانلىق ساقلىغۇچىلار مەيداننى ناھايىتى چىڭ مۇھاپىزەت قىلغان. شۇنداق بولسىمۇ <<ماكا گېزىتى>> ئۇ ئىككىسىنىڭ ئېلان ھەمكارلىقىنى ئاشكارلىغان. كىرىستىيانو رونالدو چېمپيونلۇق مۇسابىقىسىنىڭ بىرىنجى ئۇچرىشىشى ئاياقلاشقان مەزگىلدىن پايدىلىنىپ ،قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە مالوركا غا يېتىپ كىلىپ ئېلان سۈرەتكە ئېلىشنى باشلىۋەتكەن.
شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى (2010 - 5 - 17) , خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn , ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928 , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 , 新ICP备10201682号