
تېڭشۈن تەنتەربىيە خەۋىرى : بارسېلونا كوماندىسىدەك بۇنداق كۈچلۈك رەقىبكە يولۇققان مىلان كوماندىسى پاتونى ئەسلەشكە باشلىدى ، يەنى بىرازىلىيەلىك چولپاننىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى كىچىك گۇرۇپا مۇسابىقىسىدىكى بارسېلونا بىلەن بولغان مۇسابىقىنىڭ ئىككىنچى ئۇچرىشىشىدا مۇسابىقە باشلىنىپ 24 سېكونت بولغاندا ئۇرغان چاقماق تىزلىكىدىكى توپى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىن كەتمىگەن ئىدى . يېقىندا مىلان كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا بۇ كۈچلۈك رەقىبى بىلەن تەڭلىشىپ قالغان بولۇپ ، ئەگەر مىلان كوماندىسى نوكەنپۇدا تىز سۈرئەتتە قايتۇرما ھۇجۇم تاكتىكىسىنى قوللىنىپ توپ ئۇرالىسا بارسېلونا كوماندىسىنى شاللىۋېتىش ئېھتىماللىقىنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدۇ .
ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى 4 كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسىنىڭ بارسېلونا كوماندىسى بىلەن بولغان بىرىنچى ئۇچرىشىشنىڭ ئالدىدا پاتو ئامېرىكىغا داۋالىنىش ئۈچۈن كەتكەن بولۇپ ، گاللىيانى بۇنىڭغا قارىتا :«پاتو بۇ قېتىم راستلا داۋالىنىش ئۈچۈن كەتتى» دېگەن . ئەمما «مىلان ئاخبارات تورى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا پاتونىڭ يارىسى ئېغىر ئەمەس بولۇپ ، ئاستا خاراكتىرلىك پەي تارتىشىشقا كىرىدىكەن ، شۇڭا ئوزۇن مەزگىل داۋالىنىشقا مۇھتاج بولۇپ ، ئەمما مىلان كوماندىسى مۇھىم مۇسابىقىگە دۇچ كەلگەن ۋاقىتتا ، بىرازىلىيەلىك چولپان مەيدانغا چىقىشى مۇمكىن ئىكەن . تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى بارسېلونا كوماندىسى بىلەن بولىدىغان بۇ قورقۇنچلۇق مۇسابىقىنىڭ ئالدىدا روبىنىئو ساقىيىپ مەيدانغا قايتىپ بولدى ، ئەگەر پاتومۇ قايتىپ كېلەلىسە ئاللېگرىي سەپ شەكلىنى تەڭشەشتە بەك قىينىلىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن .
مىلان كوماندىسى بارسېلونا كوماندىسى بىلەن بولغان بىرىنچى ئۇچرىشىشتا ئۆز مەيدانىدا 0:0 تەڭلەشكەن بولۇپ ، بۇ نەتىجە ئۇلارنىڭ كېيىنكى باسقۇچقا كىرىش ئارزۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى . ھەرقانداق ئادەم بىلىدۇكى قانداق كوماندا بولىشىدىن قەتئىينەزەر نوكەنپۇغا بارغاندا مۇداپىيە ۋە قايتۇرما ھۇجۇمنى ئاساس قىلغان جەڭ تاكتىكىسىنى قوللىنىشتىن خالىي بولالمايدۇ . شۇڭلاشقا بۇ قېتىم پاتونىڭ مىلان كوماندىسىغا بولغان مۇھىملىقى تېخىمۇ ئاشتى . مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا پاتونىڭ مەسئۇل دوختۇرى پاتونىڭ ئەسلىگە كېلىشىنىڭ خېلى ياخشى ئىكەنلىكىنى ، مىلان كۇلۇبىنىڭ پاتونى مۇددەتتىن بورۇن كوماندىغا قايتۇرسا بولىدىغانلىقىنى ، ئۇنىڭ بارسېلونا كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە مەيدانغا چىقالايدىغانلىقىنى ئېيتقان .
بۇ مۇسابىقە پەسلىدە پاتو ئاغرىق سەۋەبىدىن مىلان كوماندىسى ئۈچۈن ئاساسى جەھەتتىن ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمىگەن بولۇپ ، مىلان كۇلۇبىنىڭ بۇ يىل يازدا ئۇنى سېتىۋېتىش خىيالىمۇ بار ئىدى ، ھازىرغا كەلگەندە مىلان كۇلۇبى بارسېلونا بىلەن بولغان جەڭدە بارسېلونا كوماندىسنىڭ مۇداپىيەچىلىرىگە تەھدىد سېلىشتا يەنىلا پاتوغا بىرقەدەر ئېشەنچ باغلىغان بولۇپ ، بۇ مەيدان مۇسابىقە بەلكىم پاتونىڭ مىلان كوماندىسىدىكى تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ھەل قىلغۇچ جەڭ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن .