سېتفون ماربۇرىي يەنە يىغلاپ كەتتى |
مەنبە: cbachina.sports.sohu.com
2012-04-01 01:46
سېتفون ماربۇرىي يەنە يىغلاپ كەتتى
ھەممىمىزگە مەلوم: بۇ يىللىق جۇڭگو ۋاسكىتبول كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چىمپىيونلۇقىنى بېيجىڭ كۇماندىسى شىنجاڭ كۇماندىسىنىڭ ئەشەددى رەقىبى بولغان گۇاڭدۇڭ كۇماندىسىنى 4:1نەتىنجە بىلەن يىڭىپ قولغا كەلتۈردى. بۇ قىتىملىق مۇسابىقە جەريانىدا بىر ئادەمنىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولدى،يەنى بېيجىڭ كۇماندىسىنىڭ غوللۇق سىرىتتىن كەلگەن توپچىسى سېتفون ماربورىي بولۇپ ئۇ پۈتۈن مەيدان مۇسابىقىلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۇتتۇرا ھىساپ بىلەن 40تىن يۇقىرى نومۇر ئىلىپ كەلدى. يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە شەندۇڭ بىلەن بولغان مۇسابىقىدە بەزىبىر كۈڭۈلسىز ئىشلار بولۇپ ئۆتكەن بولسىمۇ لىكىن بۇ توپچى بۇ بىسىملارغا بەرداشلىق بېرىپ بېيجىڭ كۇماندىسىنى يىتەكلەپ ئاخىرقى غەلبىنى قولغا كەلتۈردى. ھەرقىتىملىق مۇسابىقىدە غەلبە قىلغاندىن كىيىن ئۇ ئۆزىنى تۇتىۋالالماي يىغلاپ كىتەتتى. مانا بۈگۈن بېيجىڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ مەخسوس زىيارىتى قوبۇل قىلغان چاغدىمۇ ئىكران ئالدىدا ئۆزىنى تۇتىۋالالماي يىغلاپ كەتتى. بۇ قىتىملىق زىيارەت جەريانىدا بېيجىڭ توپ مەستانىلىرى سوۋغا قىلغان داڭقانغا ئېرىشكەندىن كىيىن تەسىرلەنگەنلىكىدىن يەنە بىر قىتىم يىغلىدى. ماربورىينى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇش: ئىسمى:ماربورىي خەنزوچە يېزىلىشى:斯蒂芬·马布里 ئىنگىلىزچە يېزىلىشى:Stephon Marbury دۆلەت تەۋەلىكى:ئامىرىكا لەقىمى:تەنھا بۆرە توغۇلغان جايى:نىيوروك شەھىرى توغۇلغان ۋاقتى:1977-يىل2-ئاينىڭ20-كۈنى بوي ئېگىزلىكى:93كىلوگىرام مەيداندىكى ئورنى:مۇداپىيەچى 1996-يىلى ئامىرىكا كەسپىي ۋاسكىتبولچىلار بىرلەشمە مۇسابىقىسى كۇماندىلىرنىڭ يىڭى ئەزالارنى تاللاش تۈرىدە بۇغا كۇماندىسى تەرىپىدىن تاللىۋىلىنغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتىنى باشلىغان. ھەمدە شۇندىن كىيىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا:ئورمان بۆرىسى،كۆك تور،قۇياش،نىيۇروك،ھىندىئانلار كۇماندىلىردا ئوينىغان بولۇپ 2010-يىلى شەنشى كۇماندىسىنى ئۇنى كۇماندىغا قاتقاندىن كىيىن رەسمىي ھالدا دۆلىتىمىز بىرلەشمىسىگە كەلگەن. 2011-يىلى شەنشى كۇماندىسى تەرىپىدىن ۋاز كىچىلگەندىن كىيىن بېيجىڭ كۇماندىسىغا كەلگەن.
[ئاپتورى : مەنبەسى : ۋاقتى : 2012-4-2 0:17:35 كۆرۈلۈشى : 378 قېتىم] |
|