كىرىستىيانو رونالدو خان مادرىد تارىخىدىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ھۇجۇمچى بولۇپ قالدى |
تېڭشۈن تەنتەربىيە خەۋىرى : ئالدىنقى كۈنى خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا ۋىللارېئال كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالغان بولسىمۇ ، ئەمما بۇ كىرىستىيانو رونالدو ئۈچۈن يەنە بىر خاتىرىلەشكە تېگىشلىك كۈن بولۇپ قالدى . پورتىگالىيەلىك چولپان خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىدا مەيدانغا چىققان 91 مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىدە ، 100 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ ، ئىسپانىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئىستاستېكىسىغا قارىغاندا ، كىرىستىيانو رونالدو 99 توپ دەپ خاتىرىلەنگەن . ئەمما "ماكا گېزىتى" ئۇنى 100 توپ ئۇرغان دەپ چىڭ تۇرغان ، بۇ تالاش تارتىش بولسا ، 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى 2:1 نەتىجە بىلەن خان جەمەتى جەمئىيىتى كوماندىسى ئۈستىدىن غەلبە قىلغان مۇسابىقە بولۇپ ، بۇ مۇسابىقىدە رونالدونىڭ تەپكەن ئىختىيارىي توپى ۋارىتاغا بارغىچە بولغان ئارلىقتا پېپېغا ئازراق تېگىپ كەتكەن ئىدى .
مەيلى 99 توپ بولسۇن ياكى 100 توپ بولسۇن ، بۇ كىرىستىيانو رونالدونىڭ خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى تارىخىدىكى توپ ئۇرۇش ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى بولغان توپچى دېگەن شەرىپىگە تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ . كىرىستىيانو رونالدونىڭ بۇ تۈردە خان مادرىدنىڭ بۇرۇنقى مەرگەنلىرىگە سېلىشتۇرغاندا خېلى چوڭ پەرق بىلەن ئۈستۈنلىكتە بولۇپ ، ئەگەر 27 ياشتىكى رونالدو ھازىرقى مۇشۇ توپ ئۇرۇش ئۈنۈمى بىلەن 30 ياشقا كىرگىچە خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىدا ئوينىيالىسا ، خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ بايراقدار توپچىسى رائۇلنىڭ نەتىجىسىنى بۇزىۋېتىشى مۇمكىن .
كىرىستىيانو رونالدو 100-توپىنى ئۇرغان بۇ مۇسابىقىدە ، ئۇزۇن ئۆتمەي قارشى تەرەپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈرىۋالغان بولۇپ ، مەيدان ئىچى سىرتىدا بولغان ئىشلار پورتىگالىيەلىك بۇ چولپاننىڭ كەيپىياتىغا ناھايىتى زور تەسىر قىلغان ، يەنى كىرىستىيانو رونالدونىڭ :"بىزنىڭ نەتىجىمىزنى ئوغۇرلاپ كەتتى ، ئۇلار پەقەت ئوغۇرلاشنىلا بېلىدۇ" دېگەن گەپلىرى ھەم قىلغان بىر يۈرۈش قول ئىشارەتلىرىنىڭ ھەممىسى مادرىد تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن سۆرەتكە تارتىۋېلىنغان .
خان مادرىد كوماندىسى تارىخىدىكى مەرگەنلەرنىڭ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى ئۇرغان توپلىرى :
1) رائۇل 550 مەيداندا 228 توپ
2)دىستىفانو 282 مەيداندا 216 توپ
3)سانتىيانا 461 مەيداندا 186 توپ
4)سانچىس 207 مەيداندا 164 توپ
5)پۇسكاس 180 مەيداندا 156 توپ
6)گىنتو 428 مەيداندا 126 توپ
7)بۇتراگېنو 341 مەيداندا 123 توپ
8)پىلى 417 مەيداندا 123 توپ
9)ئامانسىيو 344 مەيداندا 118 توپ
10)پاسىنو 124 مەيداندا 108 توپ
11)خىئېررو 439 مەيداندا 102 توپ
كىرىستىيانو رونالدو 91 مەيداندا 100 توپ
مەنبە: sports.qq.com
[ئاپتورى : مەنبەسى : ۋاقتى : 2012-3-23 18:14:18 كۆرۈلۈشى : 589 قېتىم] |
|