بولتون كوماندىسىدىكى مۇئامبانىڭ مۇسابىقە جەريانىدا ھۇشىدىن كېتىپ ئۆلۈم گىردابىدا قالغانلىق خەۋىرى پۈتۈن دۇنيا پۇتبول مۇنبىرىنى ساراسىمگە سالغانىدى. ئارىدىن 5 كۈن ئۆتۈپ كەتتى. مۇئامبامۇ ئۆلۈم گىردابىدىن قايتىپ كەلدى. سالامەتلىكىدىمۇ ياخشىلىنىش بولغان بولۇپ، ھازىر سۆز قىلالايدىغان ھالەتكە كەلدى.
بولتون كوماندىسىنىڭ دوختۇرى جوناسېن تۈنۈگۈن مۇخبىرلارغا مۇئامبانىڭ قۇتقۇزۇلۇش جەريانىدىكى بەزى تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىدى.ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مۇئامبا دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگىچە بولغان ئارىلىقتا يۈرىكى سوقۇشتىن توختاپ قالغان بولۇپ، دوختۇرلار ئۇنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن جەمئىي 15قېتىم توكلۇق قوزغىتىش ئېلىپ بارغان.ئۇنىڭ يۈرىكى تەخمىنەن 78 مىنۇتتىن كېيىن مۆجىزىلەرچە قايتىدىن سوقۇشقا باشلىغان.بۇ ۋاقىتتا دوختۇرلار خۇشاللىقىدىن يىغلاپ كەتكەن.جوناسېن يەنە مۇنۇلارنى ئاشكارلىدى: مۇئامبا كۆزىنى ئېچىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، مەن ئۇنىڭدىن: ئىسمىڭ نېمە؟ دەپ سورىسام ئۇ: ئىسمىم مۇئامبا، دېدى. مەن: سەن بىر مۇنەۋۋەر پۇتبولچى! دېسەم ئۇ: شۇنداق بولۇش ئۈچۈن چوقۇم تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن، دەپ جاۋاب بېرىۋىدى، خۇشاللىقىمدا ئەس – ھۇشۇمنى يوقاتقىدەك بولدۇم.
بولتون كوماندىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، مۇئامبا ھازىر خەتەرلىك باسقۇچتىن ئۆتۈپ كەتكەن بولۇپ، يۈرىكى ۋە پۇت – قولى نورمال ھالەتكە كېلىشكە باشلىغان. بىراق، ئۇ يەنىلا تەكشۈرۈشكە، داۋالاشقا مۇھتاج ئىكەن.
سۈرەتتە، مۇئامبانىڭ قىزدوستى بىلەن چۈشكەن سۈرىتى.
سۈرەتتە، مېسسى مۇئامباغا بەخت تىلىمەكتە.