تۈنۈگۈن بەزى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ مىكرو بلوگىدا، دىروگبانىڭ ئايالى لالا دىياكېتنىڭ شاڭخەيگە كېلىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، پۇتبول مۇنبىرىنى يەنە بىر قېتىم لەرزىگە سالدى.كىشىلەر دىروگبا راستىنلا شاڭخەي «شېڭخۇا» كوماندىسىغا يۆتكىلىپ كېلەرمۇ دېگەن خەۋەرلەر قايتىدىن قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.
ئەنگىلىيىدىكى «قۇياش» گېزىتى، دىروگبا بىلەن شاڭخەي كوماندىسى توغرلۇق بەزى خەۋەرلەرنى ئاشكارىلىغان. بەزى ئاخبارات ۋاستىلىرى بولسا، دىروگبا شاڭخەي كوماندىسى بىلەن توختام ئىمزالاپ بولدى، ئەمدى شاڭخەي كوماندىسى «ئەسەبىي» دەپ نەمى بار ، دۇنياۋىي مەشقاۋۇل مۇرىنىئو بىلەن يىللىق مۇئاشى 150 مىليون يۈەن خەلق پۇلىغا توغرا كېلىدىغان توختام ئىمزالايدۇ، دېگەن خەۋەرلەرنى ئېلان قىلغان.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، دىروگبانىڭ ئايالى لالا دېياكېتنىڭ شاڭخەيگە كېلىش رەسمىيەتلىرىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى بېجىرىشتە شاڭخەي كوماندىسى ياردەم قىلغان بولۇپ، بۇ ھال كىىشىلەردە، بۇ دىروگبانىڭ جۇڭگوغا كېلىشىدىكى تۇنجى قەدەممۇ نېمە؟ دېگەن سوئالنى تۇغدۇردى.
سۈرەتتە، دىروگبا ۋە ئۇنىڭ ئايالى لالا دېياكېت.