رونالدو بىرازىلىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە رەئىس بولۇشى مومكىن |

شىنخوا ئاگىنتلىغى خەۋىرى،بىرازىليىلىك پۇتبول چولپىنى،«تاشقى پىلانىت ئادىمى» رونالدو پۇتبول مەيدانىدىن خوشلاشقاندىن كىيىن ئۇزۇن ئۆتمەي،تەكلىپكە بىنائەن 2014-يىللىق بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى تەشكىلى كومتېتىنىڭ ئەزالىغىنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى،يىقىندا بىرازىلىيە تاراتقۇلىرىدا ئۇنىڭ بىرازىلىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئىلىشنى خالايدىغانلىغى توغرىسىدا خەۋەرلەر تارقالدى.
رونالدو 19-مارىت تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا:«مەن پۇتبول ساھەسىدە سىياسى بىلەن شۇغۇللىنىشنى بەك ئارزۇ قىلىمەن،گەرچە ئۆزۈمنىڭ كەلگۈسىدە بىرازىلىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىس نامزاتلىقى سالاھىتىگە ئىرىشىدىغانلىغىم ئىنىق بولمىسىمۇ،مۇشۇنداق تەكلىپنى تاپشۇرۋالسام مەن قوبۇل قىلىشقا تەييار»دىگەن.
رونالدو بىرازىلىيە پۇتبول ساھەسىدە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ تونۇلغان دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان بولۇپ،بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسى بىلەن بىرگە ئىككى قىتىم دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنىلىغىنى قولغا كەلتۈرگەن،ئۈچ قىتىم«دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى»دىگەن شەرەپكە نائىل بولغان.بۇنىڭدىن باشقا ئۇ ھازىرغىچە دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ باشقۇچتىكى مۇسابىقىسىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن پۇتبولچى.
بىرازىلىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە 20 يىل رەئىس بولغان پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئالدىنقى رەئىسى تېشلا يىقىندا سالامەتلىكى تۈپەيلىدىن ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن. مەنبە: sports.cn.yahoo.com
[ئاپتورى : مەنبەسى : ۋاقتى : 2012-3-22 17:06:02 كۆرۈلۈشى : 426 قېتىم] |
|