پۇتبول چولپىنى ئۆزىلنىڭ يېڭى قىز دوستى بىلەن چۈشكەن سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى |
مەنبە: sports.cn.yahoo.com
2012-02-04 01:07
پۇتبول چولپىنى ئۆزىلنىڭ يېڭى قىز دوستى بىلەن چۈشكەن سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى

يازنىڭ پىژغىرىم ئىسسىقلىرىدا ، نۇرغۇنلىغان تۈركىيە تاراتقۇلىرى گىرمانىيە دۆلەت كوماندىسىدىكى تۈركىيەلىك چوپ چولپىنىنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسىدىكى يېڭى بىر بەتنى ئوقۇدى . بېيجىڭ ۋاقتى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى ، گىرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، خان جەمەتى مادىرېد كوماندىسى ئوتتورا مەيدان توپچىسى ئۆزىل يېڭى قىز دوستى پورەتنى ئېلىپ گىرمانىيىگە قايتقان ، ھەمدە Dusseldorf مېھمانسارىيىغا چۈشۈپ ، يېقىن دوستى Basturk ۋە ئاكىسىMutlu نىڭ توي مۇراسىمىغا قاتناشقان . گىرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، ئۆزىل بىلەن ئۆزىدىن يەتتە ياش چوڭ ئالدىنقى قىز دوستى ئاننا ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت بەربات بولغاندىن كېيىن ،ئۆزىلغا بولغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولغان . شۇڭا ئۇ پورەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭمۇ مۇشۇنداق ئېچىنىشلىق ئاخىرلىشىپ قېلىشىدىن قاتتىق ئەنسىرىگەن . پورەت تۈركىيىنىڭ داڭلىق ناخشا چولپىنى بولۇپ ،ئىلگىرى ئۇ توغرىسىدا ئاز بولمىغان سۆز-چۆچەكلەر تارقالغان ،لېكىن ئۆزىل بۇلارغا پەرۋا قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . ئۆزىلنىڭ ئالدىنقى قىز دوستى ئۆزىدىن يەتتە ياش چوڭ بولۇپ ،تاماشا ساھەسىدىكى داڭلىق چولپان ئىدى .





[ئاپتورى : مەنبەسى : ۋاقتى : 2012-2-4 17:35:19 كۆرۈلۈشى : 920 قېتىم] |
|