C رونالدونىڭ مېھمان مەيداندا توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمى مېسىنىڭدىن خېلىلا يۇقىرى |
دۆلەت دېربىسىدىن كېيىن، «مېسى C رونالدودىن كۈچلۈك» دېگەن قاراش پۇتبول چەمبىرىكى ئىچىدىكى ئورتاق تونۇشقا ئايلاندى. بىراق ئەمەلىيەتتە، C رونالدونىڭ مېسى ئالدىدا كېلىشكەن بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقىلا بار ئەمەس. «ئاس گېزىتى»نىڭ تۈنۈگۈنكى ماقالىسىدە كۆرسىتىشىچە، C رونالدونىڭ مېھمان مەيداندىكى توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمى مۇقىم يۇقىرى بولۇپ، بۇ جەھەتتە 96 مىليۇنلۇق بۇ ئەپەندىم مېسىنى خېلىلا ئارقىدا قالدۇرۇپ قويىدىكەن. بۇ مۇسابىقە پەسلى باشلىنىپ ھازىرغىچە خان جەمەتى مادرېد مېھمان مەيداندا جەمئىي 9 قېتىم مۇسابىقە ئويناپ، C رونالدو 9 توپ كىرگۈزدى. ساراگوزا، مالاكا، سىۋېللا كوماندىلىرى بىلەن بولغانمۇسابىقىلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۇ 3 تىن توپ كىرگۈزدى. سىھۇن رىقابەت ۋە ۋالېنسىيە كوماندىلىرى بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە 1دىن توپ كىرگۈزدى. خان جەمەتى مادرېدنىڭ نومۇر تەرتىپىدە بارسېلونادىن 3 نومۇر ئالدىدا تۇرۇشىنىڭ سەۋەبى بۇ كوماندىنىڭ مېھمان مەيداندىكى مۇسابىقىلەردە يۇقىرى نومۇر ئېلىش ئۈنۈمىنىڭ بولغانلىقىدا، C رونالدونىڭ بۇ جەھەتتىكى رولىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ.
C رونالدونىڭ بۇ پەسىلدە بىرلەشمىدە كىرگۈزگەن 20 توپىنىڭ 11ى مېھمان مەيداندىكى مۇسابىقىلەردە كىرگەن، بىراق مېسى بىرلەشمىدە كىرگۈزگەن 17 توپنىڭ بىرسىلا مېھمان مەيداندا كىرگەن. بارسېلونا بىلباۋ كوماندىسى بىلەن تۇتۇشقان چاغدا، مېسى تولۇقلىما مۇسابىقە باسقۇچىدا مېسى بارسېلونا ئۈچۈن نومۇرنى تەڭلەشتۈرىۋالدى. بىراق ئۇ قېتىم كىرگەن توپ تاساددىپىيلا كىرىپ كەتكەن بولۇپ، بىلباۋ كوماندىسىنىڭ ۋاراتارى توپقا ئېتىلىپ چىققان ۋاقىتتا ئۆز سەپدىشىغا سوقۇلۇپ كېتىپ، مېسىغا پۇرسەت چىقىپ قالدى. باشقا 6 قېتىملىق مېھمان مەيداندىكى مۇسابىقىلەردە مېسى بىردەك ئاق قەغەز تاپشۇردى.
بارسېلونا كوماندىسىنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدە مېھمان مەيداندىكى ئىپادىسى ئانچە ياخشى بولمىدى، قىزىل-كۆك قوشۇن 7 مەيدان مۇسابىقىدە 3 مەيدان ئۇتۇپ، 3 مەيدان تەڭلىشىپ، 1 مەيدان ئۇتتۇرۇپ، ئېلىشقا تېگىشلىك 21 نومۇردىن ئاران 12 نومۇرنى ئېلىپ، 9 نومۇر كەتكۈزۈپ قويدى. مېسى مېھمان مەيداندىكى مۇسابىقىلەردە داۋاملىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرالمايدۇ، بۇ بولسا بارسېلونانىڭ مېھمان مەيداندىكى مۇسابىقىلەردە نەتىجىسىنىڭ تۆۋەنلىشىىدىكى ئاساسلىق سەۋەب. ئەگەر چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرىمەن دەيدىكەن بىر پۇتى بىلەن مېڭىشقا بولمايدۇ، كېيىنكى يېرىم پەسىلدە، قانداق قىلىپ مېھمان مەيداندىكى توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش مېسى جىددىي ھەل قىلمىسا بولمايدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى. مېسى بىلەن C رونالدو ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ھالقىلىق سانلىق مەلۇماتلارنىڭ سېلىشتۇرمىسى بەلكىم بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى چېمپىيونلۇقنىڭ كىمگە تەۋە بولۇشىنى بەلگىلەپ قويۇشى مۇمكىن.
مەنبە: sports.cn.yahoo.com
[ئاپتورى : مەنبەسى : ۋاقتى : 2011-12-21 12:01:18 كۆرۈلۈشى : 1063 قېتىم] |
|