Windows 7 نىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىشتىكى بەش تۈرلۈك ئۇسۇل - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...

تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  

 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | دوسىتلىشىش

Windows 7 نىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىشتىكى بەش تۈرلۈك ئۇسۇل
ئاسىيا كىندىكى تورىنىڭ 3-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى ماقالىسى،  بىز ئۇزۇن مۇددەت Windows XP مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىپ، يېڭىدىن Windows 7 مەشغۇلات سىستېمىسى بىلەن ئۇچراشقاندا،Windows 7 مەشغۇلات سىستېمىسى سۈرئىتىنىڭ سەل ئاستا ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. بۇ ئەلۋەتتە، كىشىلەرنىڭ ئىشلىتىش ئادىتىگە باغلىق ئىش. بىز بۇ يەردە كۆپچىلىككە، Windows 7 مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىشتىكى بەش خىل ئۈنۈملۈك ئۇسۇلنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. بۇ ئۇسۇللار ئادەتتە كۆپ سانلىق دوستلىرىمىز ئۆز كومپيۇتېرىنى ئاسراشتا ۋە رېمونت قىلىشتا كەڭ قوللىنىدىغان ئۇسۇللار، ئەمما بۇلار ئەمدىلا Windows 7 بىلەن ئۇچراشقان، مەشغۇلات سۈرئىتىنى تېزلىتىشنى ئارزۇ قىلىدىغان دوستلار ئۈچۈن ياخشى پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولالايدۇ.
1. تۈرلۈك تەرتىپلەرنىڭ قوزغىلىشىنى ئۆزگەرتىش
سىز ئادەتتە كومپيۇتېرىڭىز نۇرغۇنلىغان يۇمتال ۋە ۋە قوللىنىشچان سىستېمىلارنى قاچىلايسىز. بۇلارنىڭ سىزنىڭ كۈندىلىك مەشغۇلاتىڭىزدا كەم بولمايدىغان مۇھىم قوراللاردۇر. ئادەتتە، بۇلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىز قوزغالغان ھامان بىرگە قوزغىلىشنى ئويلايدۇ. مەلۇم ئەھۋال ئاستىدا، سىز Windows قا تىزىملىتىپ كىرگەندىن كېيىن، ئۇ دەرھال قوزغىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ۋاقىتلاردا ئۇلار ئارقا سۇپىدا تىنچ ھالەتتە قوزغىلىپ تۇرىدۇ. مەيلى قايسى ئۇسۇل بولۇشتىن قەتئىينەزەر، بۇ قوزغىلىپ تۇرغان سىستېمىلارنىڭ كومپيۇتېرىڭىزنىڭ مەشغۇلات سۈرئىتىگە زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇنلىغان يۇمتال ۋە سىستېمىلار ئاپتوماتىك ھالدا قوزغىلىدىغان تەڭشىلىپ قالغاندا، ھەمدە بۇ خىل ئەھۋال ئېغىرلاشقاندا، سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزنىڭ سۈرئىتى خۇددى ئېشەك ھارۋىسىدەك ئاستىلاپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇلار نۇرغۇن ۋاقىتنى ئىسراپ قىلغاننىڭ ئۈستىگە سىستېما مەنبەسىنىڭ خورىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بىرىكمە كۇنۇپكا Windows+R نى بېسىپ، «ئىجرا قىلىش رامكىسى» (运行框) غا Msconfig نى كىرگۈزۈپ، «قايتۇرۇش» (回车) كۇنۇپكىسىنى باسىمىز. «سىستېما سەپلەش كۆزنىكى» (系统配置窗口) دە، «تاللاش» (选择)، «دائىمىي تەرتىپ» (常规)، «تۈر تاللاش كارتىسى» (选项卡) قاتارلىق تىزىملىكلەر ئېچىلىدۇ. بىز بۇنىڭدىن «تاللاش» (选择) بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىپ، ئۇنىڭدىن تاللاش خاراكتېرلىك قوزغىتىش (选择性启动) نى تاللايمىز.
سىز  «تاللاش» (选择)، «دائىمىي تەرتىپ» (常规)، «تۈر تاللاش كارتىسى» (选项卡) قاتارلىق تىزىملىكلەر ئىچىدە ئوخشىمىغان «قوزغىتىش تۈرلىرى» (启动项目)نىڭ بارلىقى كۆرىسىز. سىز بۇنىڭ ئىچىدىن Windows 7 مەشغۇلات سىستېمىسى قوزغالغان ۋاقىتتا، باشقا سىستېمىلارمۇ بىرلىكتە قوزغىلىدىغان بۇيرۇق ۋە سىستېمىلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتسىڭىز بولىدۇ. سىز تاللاپ بولغاندىن كېيىن «جەزملەشتۈرۈش» (确定) كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز، ئېكراندا كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىش ئەسكەرتمىسى پەيدا بولىدۇ. كومپيۇتېرىڭىز قوزغالغاندىن كېيىن، بايام تاللىغانلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى شۇ پىتى ئىجرا بولىدۇ. ئەگەر سىز ھېچقايسى سىستېمىلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تاللىمىسىڭىز، مىكروسوفت شىركىتى تەمىنلىگەن بارلىق يۇمتاللارنى قالدۇرغاندىن باشقا، «ئۈچىنچى تەرەپ شىركىتى» (第三方公司) ئىشلەپ چىقارغان بارلىق يۇمتاللارنى تازىلىۋەتسىڭىز بولىدۇ.
2. Internet ۋاقىتلىق ھۆججەتلىرى (Internet临时文件)نى ئۆچۈرۈش
ۋاقىتنىڭ سىلجىشىغا ئەگىشىپ، كومپيۇتېرىڭىزدىكى Internet ۋاقىتلىق ھۆججەتلىرى كومپيۇتېرىڭىزنىڭ سۈرئىتىگە تەسىر كۆرسىتىشكە باشلايدۇ.سىز ئۇلارنى ۋاقتىدا تازىلاپ تۇرمىسىڭىز، ئۇ سىزنىڭ قىممەتلىك قاتتىق دىسكا بوشلۇقىڭىزنى ئىگىلەپ كېتىدۇ. ئەگەر سىز ئۇلارنى ۋاقتى-ۋاقتىدا يۇيۇپ تۇرسىڭىز، كومپيۇتېرىڭىزنىڭ سۈرئىتىگە ئەسلىگە كېلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە سىزنىڭ قاتتىق دىسكا بوشلۇقىڭىزنى ئازادىلىشىدۇ.
بۇنىڭ مەشغۇلات ئۇسۇلى مۇنداق: سىز ئاۋۋال «كونتروللاش تاختىسى» (控制面板) «ئىچىدىن ئىنتېرنېت تاللاش» (Internet选项) نى تاللايسىز. بۇنىڭ ئىچىدىن سىزنىڭ بىرىنچى بولۇپ تاللايدىغىنىڭىز «دائىمىي تەرتىپ» (常规)، «تۈر تاللاش كارتىسى» (选项卡) نى تاللاپ، بۇنىڭدىن «تارماق ماۋزۇ» (子标题) لارنىڭ كۆرۈلۈش تارىخىي ئىزلىرىنى تېپىپلا «ئۆچۈرۈش» (删除) كۇنۇپكىسىنى باسىسىز. ئۇنىڭدىن بىر كۆزنەك ئېچىلىدۇ، ئۇ كۆزنەك سىزگە ئۆچۈرگىلى بولىدىغان ئالاقە تورىغا ئالاقىدار ئوخشىمىغان تۈرلەرنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. سىز بۇلارنىڭ خالىغان بىرىنى تاللاپ، شۇ خىل تۈرنى كومپيۇتېرىڭىزدىن ئۆچۈرۈپ تاشلىسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر سىز تور ئىزلىرىنى تازىلىماقچى بولسىڭىزمۇ، بۇ خىل ئۇسۇل ئۆزگىچە ئۈنۈم بېرىدۇ.
3. ماگنىت دىسكىنى تازىلاش(磁盘清理) نى ئىجرا قىلىش
ئادەتتە، Windows7 مەشغۇلات سىستېمىسىدا نۇرغۇنلىغان ۋاقىتلىق ھۆججەتلەر ساقلانغان بولىدۇ، بۇلار ئەلۋەتتە ئىنتېرنېت ۋاقىتلىق ھۆججەتلىرى (Internet临时文件) بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. بىز ئىچكى قىسىمغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ماگنىت دىسكىنى تازىلاش(磁盘清理) قورالىدىن پايدىلىنىپ، بۇ بىر قاتار ھۆججەتلەرنى ئۈنۈملۈك ھالدا يۇيۇۋەتسەك بولىدۇ. ئەگەر سىز ماگنىت دىسكىنى تازىلاش(磁盘清理) قورالىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، بۇنىڭ تەپسىلىي ئۇسۇلى مۇنداق:
سىز ئاۋۋال «باشلاش» (开始) تىزىملىكىدىن «بارلىق سىستېمىلار» (所有程序) تىزىملىكىگە كىرىپ، ئۇنىڭدىن «قوشۇمچە ھۆججەت» (附件) ئارقىلىق «سىستېما قورالى» (系统工具)غا، ئاندىن كېيىن ماگنىت دىسكىنى تازىلاش(磁盘清理) قا كىرسىڭىزمۇ ياكى  «ئىزدەش رامكىسى» (搜索框) ئىچىگە بىۋاسىتىلا «磁盘清理» دەپ كىرگۈزسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ماگنىت دىسكىنى تازىلاشقا باشلىغاندىن كېيىن، سىستېما كومپيۇتېرىڭىزدىكى ھۆججەتلەرنى ئانالىز قىلىشقا باشلايدۇ ھەمدە ئۆچۈرۈش جەزملەشتۈرۈلگەن ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرىدۇ. سىز بۇلارنى ئۆچۈرۈشتىن بۇرۇن، سىستېمىنىڭ ھۆججىتىڭىز توغرىسىدىكى ئانالىزىغا ياخشىراق دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك، سىز بىلمەيلا ئۆچۈرۈپ تاشلىسىڭىز، بەلكىم مەشغۇلات سىستېمىڭىزنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە تەسىر يېتىشى مۇمكىن. سىز سىستېمىنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى تازا چۈشىنەلمىسىڭىز، بۇلاردىكى بەزى ئاتالغۇلارنى گۇگېلدىن ئىزدەپ باقسىڭىز بولىدۇ. سىز جەزمەن بۇ ئانالىزلارغا ئاساسەن، ھۆججەتلەرنىڭ قايسىسى يۇيۇلسا بولىدىغانلىقىنى، قايسىسىنىڭ يۇيۇلماسلىقى كېرەكلىكىنى جەزملەشتۈرۈشىڭىز كېرەك. سىز بۇلارنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن، «جەزملەشتۈرۈش» (确定) كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز بولىدۇ.
4. كونا سىستېمىلارنى يۇيۇۋېتىش ۋە Windows ئىقتىدارىنى تاقاش
سىز كومپيۇتېر ئىشلىتىش داۋامىدا بەزى يۇمتاللارنى ناھايىتى ئاز ئىشلىتىسىز، ئەگەر سىز كومپيۇتېرىڭىزغا قاچىلاپ، ئانچە ھاجىتىڭىز چۈشمەيدىغان يۇمتاللارنى ۋاقتىدا يۇيۇۋەتكىنىڭىز تۈزۈك. ئۇنىڭدىن باشقا، Windows ئىقتىدارىنى تاقىۋەتسىڭىز، سىزنىڭ مەشغۇلات سىستېمىڭىزنىڭ سۈرئىتى تېزلىشىدۇ. سىز « كونتروللاش تاختىسى» (控制面板) غا كىرىپلا، بۇ خىل ئىقتىدارنى تاقىۋەتسىڭىز بولىدۇ. ئەمما بۇ ئىقتىدارنى يۇيۇۋەتسىڭىز بولمايدۇ.
5. ماگنىت دىسكىنى رەتلەش (磁盘整理)
سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزدىكى «ئۇۋاقلارنى رەتلەش ئىقتىدارى» (碎片整理功能) بولسا بىر قىسىم ئەخلەت ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۈشنى ناھايىتى ئەپچىل ئۇسۇل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يەنە سىز ئۇنىڭدىن باشقا، ماگنىت دىسكىنى رايونلارغا ئايرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل سىزنىڭ ھۆججەت ئىزدەش قىيىنچىلىقىڭىزنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. شۇڭلاشقا، سىز كومپيۇتېرىڭىزدىكى «ئۇۋاق» لارغا قارىتا رەتلەش ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ. بۇنىڭ مەشغۇلات ئۇسۇلى مۇنداق:
سىز «باشلاش» (开始) تىزىملىكىدىن «بارلىق سىستېمىلار» (所有程序) نى تاللاپ، ئۇنىڭدىن «قوشۇمچە ھۆججەت» (附件) كە كىرىپ «ماگنىت دىسكا ئۇۋاقلىرىنى رەتلەش سىستېمىسى» (磁盘碎片整理程序) نى ئىجرا قىلسىڭىز بولىدۇ. «ماگنىت دىسكا ئۇۋاقلىرىنى رەتلەش سىستېمىسى»نى ئىشلىتىش تولىمۇ ئوڭاي بولۇپ، ئۇنى مۇنداق ئىككى خىل ئۇسۇلنىڭ خالىغان بىردىن پايدىلىنىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. بۇلار«ماگنىت دىسكىنى ئانالىز قىلىش »(分析磁盘)بىلەن «ماگنىت دىسكىنى رەتلەش» (整理磁盘)تىن ئىبارەت. «ماگنىت دىسكىنى ئانالىز قىلىش » ئۇسۇلى ئارقىلىق سىزگە  ماگنىت دىسكىنى رەتلەشنى چۈشەندۈرگەندىن باشقا، سىزگە نۇرغۇن بوشلۇقنى تېجەپ بېرىدۇ. بىر قېتىملىق «ماگنىت دىسكىنى رەتلەش» مەشغۇلاتى خىلىلا ئۇزۇن ۋاقىت تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە سىزنىڭ ئىشلىتىۋاتقان قاتتىق دىسكىڭىزنىڭ چوڭ -كىچىكلىكىگە باغلىق. ئادەتتە، بىر قېتىملىق «ماگنىت دىسكىنى رەتلەش» مەشغۇلاتىغا بىر نەچچە سائەت ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن، بۇ خىل مەشغۇلات ئىشلەتكۈچىدىن سەۋرچانلىق تەلەپ قىلىدۇ.
         كۆرۈلۈشى:1058     قوشۇلغان ۋاقتى:2011-9-26 23:04:50يوللىغۇچى ئەزا:

    
 ئىنكاس يوللغۇچى : ئۈزۈمچىلىك
سىزنىڭ بۇ تېمىنى يوللىغىنىڭىز بەك ياخشى بولپتۇ! ئەمما مەن پايدىلىنالمىدىم، چۈشۈرەلمىدىم ياكى كۈچۈرەلمىدىم.
يوللىغان ۋاقىت: 2012-1-12 0:11:45 [كەلگەن ئورنى: 58.83.52.195]

خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | دوسىتلىشىش
كېنىشكە لازىممۇ ؟
قىزلارغا ياتاق بېرىمەن
لايىق تۇنۇشتۇرۇش....
شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تۇلىياۋ زاۋۇتىغا جىددى..
ھۆكۈمەت ئۇرنىدا ئشلەپ جىق پۇل تاپقىڭىز بارمۇ ؟
تىما يوللاپ ھەقسىز مەھسۇلات سىتىۋىلىشنى ئويلامسىز؟
يۈك بېسش ئورنىغا 15 نەپەر خىزمەتچى قۇبۇل قىلىمىز
شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تۇلىياۋ زاۋۇتىغا جىددى..
ئۈرۈمچى ئىتتىپاق يولى شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانىسى قور..
ماشىنا ساتىمەن
تېلېفۇن نۇمۇرى سېتىلىدۇ
خام-ئەشيا،ئوغۇت زاۋۇتىمېزغا جىددى خىزمەتچى قۇبۇل قىلى..
شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن پىچىنە-پىرەنىك زاۋۇتغا..
دوستۇم ئىككىمىز جىددى خىزمەت ئىزدەيمىز
شىنجاڭ ئۇنۋىرىېستىتى يىنىدىكى ئوي ئىجارەبىرىلىدۇ.
ۋاگۇن تازلاش ئورنىغا  خىزمەتچى قۇبۇل قىلىمىز
ئۇيغۇرچە | ئۆزبەكچە | تۈرۈكچە | ھىندىستان | چەتئەلچە | DJ ناخشىلار | كۈلدۈرگە | قىزىقارلىق
  Sabotaz
  كۆرۈلۈشى : 13
  2012-1-24 18:14:09
  تەبىئەت
  كۆرۈلۈشى : 274
  2012-1-19 19:34:05
  ئۇ مېنىڭكى
  كۆرۈلۈشى : 232
  2012-1-19 19:32:55
  يىگىت _ قىز
  كۆرۈلۈشى : 731
  2012-1-19 19:32:08
  Megamix
  كۆرۈلۈشى : 325
  2012-1-18 21:49:10
  Give Me Everything
  كۆرۈلۈشى : 208
  2012-1-18 21:48:08

يېڭى تېمىلار

 

بىر قىسىم داڭـلىق كى..
ئەجەل تونى (ھىكايە) ..
ئەجەل تونى (ھىكايە) ..
تاماقتىن كېيىنكى7 خى..
سىز ئۈچۈن رومانتىك ئ..
چاۋشيەن ياشلىرى كورى..

تەۋسىيە تېمىلار

 

بۇ تۈردە ۋاقتىنچە ماقالە يوق

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682