چاۋشيەن ياشلىرى كورىيە كېنولىرىغا مەستانە بولۇپ قېلىۋاتىدۇ - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
چاۋشيەن ياشلىرى كورىيە كېنولىرىغا مەستانە بولۇپ قېلىۋاتىدۇ
چاۋشيەن ياشلىرى  كورىيە كېنولىرىغا مەستانە بولۇپ قېلىۋاتىدۇ
     [كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى تور بېكىتىنىڭ 10-يانۋار ماقالسىى]  كورىيە«چاۋشيەن»گېزىتىنىڭ يېقىندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھازىر بىر قىسىم چاۋشيەن ياشلىرى كورىيە كىنو چولپانلىرىغا بەكلا چوقۇنىدىكەن. كورىيە مەدەنىيىتى چاۋشەن مەدەنىيىتىگە زور خىرىس شەكىللەندۈرگەن. شۇڭا، چاۋشيەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى قەرەللىك بازارلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، DVDقاتارلىق ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنى كۆپلەپ مۇسادىرە قىلغان.
         خەۋەردار ئەرباپنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يېقىندا كورىيىدە قويۇلغان 30قىسىملىق كورىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرى ناھايىتى تېزلا DVD قىلىپ ئىشلىنىپ چاۋشيەندە سېتىلغان. ئېگىلىنىشىچە، پيۇڭياڭدا سېتىلىۋاتقان كورىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ۋە كىنولىرىنىڭ سىن لېنتىسى 1000خىلدىن ئاشىدىكەن. كورىيە ناخشىلىرى ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى چاۋشيەنلىكلەرنىڭ ئالقىشىغا بەكلا سازاۋەر ئىكەن. كورىيە كىنو چولپانلىرىنىڭ چاۋشيەندە خېلىلا داڭقى بارئىكەن.
        كورىيىنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيىتى چاۋشيەنگە سىڭىپ كىرىپ، چاۋشيەن پۇقرالىرىنىڭ تۇرمۇشىغا چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن. بەزى ياشلار: سېئول تەلەپپۇزىدا سۆزلىيەلەيدىغانلارلا  مەدەنىي كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ،دەپ قارايدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، چاۋشيەندە كورىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ۋە كىنولىرى كۆپلەپ قويۇلغاندىن كېيىن، ياشلارنىڭ كۆپىنچىسى چېچىنى كورىيە كىنو چولپانلىرىنىڭ چاچ پاسونىدا ياسىتىدىغان، كورىيىچە كىيىنىدىغان بولغان. كورىيە كىيىملىرى مەخپىي سېتىلىدىغان بولغان. ھەتتا، كورىيىنىڭ نېمكەش يانفونلىرىمۇ بازارلىق مەھسۇلات بولۇپ قالغان.
           كورىيە مەدەنىيىتىنىڭ بۇنداق كۈچلۈك زەربىسى چاۋشيەن ھۆكۈمىتىنىڭ بېشىنى بەكلا ئاغرىتقان. ئۇلار ئېدىئولوگىيە ساھەسىدىكى بۇنداق تاجاۋۇزچىلىق ياشلىرىمىزنىڭ مۇستەھكەم ئىرادىسىنى بوشاشتۇرىدۇ، دەپ قارىغاچقا، تەشۋىقات ئاپتوموبىل ئارقىلىق، «كورىيە كىنو ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى كۆرۈش، سېئول تەلەپپۇزىدا سۆزلەش، كورىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىش»قاتارلىق قىلمىشلارنى ئۈزۈل-كېسىل تۈگىتىش توغرىسىدا كوچىلاردا تەشۋىقات ئېلىپ بارغان. بۇنىڭدىن باشقا، 2011-يىلىنىڭ بېشىدىن بۇيان،  چاۋشيەندە نۇرغۇن ئەلئارا تەشكىلات كورىيىنىڭ سىن لىنتىسى ۋەDVD قاتارلىق تەشۋىقات يۇمشاق ماتېرىياللىرىغا بايقۇت قىلىش ھەرىكەتلىرىنى تەشكىللىگەن.
         كۆرۈلۈشى:3058     قوشۇلغان ۋاقتى:2012-1-11 20:47:37يوللىغۇچى ئەزا:xirinim
 
 

يېڭى تېمىلار

 

توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
10 مىڭ تىللاغا ساتما..
تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
Intel نىڭ Windows 8 ..
تەۋسىيە تېمىلار

 

مۇھەببەت شەربىتى تەي..
چار خورازنىڭ سوقۇشۇش..
پاكىستاندىكى ئۇيغۇرل..
چاۋشيەن ياشلىرى كورى..
ئامېرىكىلىقلار نىكاھ..
تاشلىۋېتىشكە تېگىشلى..

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682