ئامېرىكىلىقلار نىكاھتىن ئاجراشقاندا ئۆي تالاشمايدىغان بولۇپ قالدى - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
ئامېرىكىلىقلار نىكاھتىن ئاجراشقاندا ئۆي تالاشمايدىغان بولۇپ قالدى
ئامېرىكىلىقلار نىكاھتىن ئاجراشقاندا ئۆي تالاشمايدىغان بولۇپ قالدى
       [فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى تور بېكىتىنىڭ 10-يانۋار ماقالىسى]    ھازىر ئامېرىكىدا ئۆي-مۈلۈك بازىرى كاساتلىشىۋاتقاچقا،   ئاجراشماقچى بولۇۋاتقان بەزى ئەر-خوتۇنلار ئىلگىرىكىدەك ئۆيگە كىم ئىگىدارچىلىق قىلىش توغرىسىدا جاڭجاللاشماستىن، بەلكى ئۆينى قارشى تەرەپكە قالدۇرۇش توغرىسىدا جاڭجاللىشىدىغان بولۇپ قالدى. 
       2011-يىلى 6-ئايدا ئاجراشماقچى بولغان  مارچان نىدېل ۋە ئۇنىڭ ئېرىنىڭ ئاتلانتا ۋە فلورىدا شتاتىدا بىر يۈرۈشتىن ئۆيى بار ئىكەن.  ئەينى ۋاقىتتا، ئۇلار مال-مۈلۈكنى تەڭ تەقسىم قىلساق،   تۇرمۇشىمىزنى قايتىدىن باشلىيالايمىز،دەپ قارىغان. بىراق، ئامېرىكىدا ئۆي-مۈلۈك كەسپىي كاساتلىشىپ، ئۆي باھاسى چۈشۈپ كەتكەچكە، ھازىر بۇ ئىككى ئۆي ئۈچۈن تۆلەيدىغان قەرز بۇ ئىككى ئۆينىڭ ھازىرقى قىممىتىدىن ئېشىپ كەتكەن. شۇڭا، ئۇلارنىڭ يەنە بۆلۈشىۋېلىشىگە ئەرزىيدىغان ھېچقانداق مال-مۈلكى قالمىغان.
        سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، ھازىر ئامېرىكىدا قەرز ئېلىش  ئارقىلىق سېىتىۋېلىنغان ئالتە يۈرۈش ئۆي ئارىسىدا، بىر يۈرۈش ئۆينىڭ قىممىتى  بۇ ئۆينىڭ تېخى قايتۇرۇلمىغان قەرزىدىن تۆۋەن ئىكەن. نىكاھ ئىشلىرىغا مەسئۇل نۇرغۇن ئادۋوكات ھازىر ئۆينىڭ ئاجراشقاندا تالىشىدىغان مال-مۈلۈك بولماي قالغانلىقىنى بايقىغان. ئامېرىكا نىكاھ ئىشلىرى ئادۋوكاتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى گىرى نىكولسون :« ئادۋوكاتلىرىمىز ئىلگىرى ئۆيگە كىم ئىگىدارچىلىق قىلىش توغرىسىدا مۇنازىرىلىشەتتى. بىراق، ھازىر ئادۋوكاتلىرىمىز قەرز تۆلەيدىغان ئۆيگە كىم  ئىگىدارچىلىق  قىلىش توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىۋاتىدۇ»،دېگەن.
          ھازىر ئاجراشماقچى بولۇۋاتقانلار ئۆيگە ئىگىدارچىلىق قىلىشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالغاچقا، نىكاھتىن ئاجرىشىش   ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ مۇرەككلىشىپ، بۇنىڭغا كېتىدىغان خىراجەت كۆپىيىپ كەتكەن. يەنە بىر جەھەتتىن، كىشىلەر ئاجراشقاندىن كېيىن، بۆلۈپ بېرىلگەن مال-مۈلۈكنىڭ قىممىتى ئىلگىرىكىگە يەتمەيدۇ،دەپ قارىغاچقا، ئاجراشماقچى بولغان، ئەمما،ئاجراشقاندىن كېيىن مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈشكە كېرەكلىك مال-مۈلۈككە ئېرىشەلمەيدىغان بەزى ئەر-خوتۇنلار ئاجرىشىش نىيىتىدىن يېنىشقا مەجبۇر بولغان.
         كۆرۈلۈشى:1043     قوشۇلغان ۋاقتى:2012-1-11 20:46:32يوللىغۇچى ئەزا:xirinim
 
 

يېڭى تېمىلار

 

توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
10 مىڭ تىللاغا ساتما..
تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
Intel نىڭ Windows 8 ..
تەۋسىيە تېمىلار

 

مۇھەببەت شەربىتى تەي..
چار خورازنىڭ سوقۇشۇش..
پاكىستاندىكى ئۇيغۇرل..
چاۋشيەن ياشلىرى كورى..
ئامېرىكىلىقلار نىكاھ..
تاشلىۋېتىشكە تېگىشلى..

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682