رادىل ئابلاغا

ئارمان قۇۋۋەت تالقىنى پايدا قىلغاچ يۈرەككە
سەھەر - كەچتە ماختايدۇ سىزنى بوۋام رادىلكا .
گۇرۇھ بوپتۇ ئاڭلىساق « ئارمان» يەنە زورىيىپ
ھارمىغايسىز ئىلگىرلەپ قۇياش كۈلگەن نىشانغا.
نۇرتاي ھاجىمغا

ئاۋام دىلدىن شاد بولدى سىز مەكتەپنى سالغاندا
يېتىملەرنىڭ قەلبىدە ياندى ئۆچمەس بىر قۇياش .
كەڭرى ئىكەن كۆكسىڭىز خۇددى چەكسىز دەريادەك
ئۇدۇم بولسۇن بىزلەرگە سىزدەك سېخى ، مەرد ياشاش .
ئالىم ئەھەتكە

ئۇيغۇر سوفىت شىركىتى سىزنى ئەلگە تونۇتتى
يول ئالدىڭىز شۇندىلا ئەلنىڭ قەلب تۆرىگە .
توختاپ قالماڭ بىر ئىزدا ، زەپەر قۇچۇپ ھەرزامان
ھەتتا مىكروسوفتنى چۆرۈۋېتىپ كەينىگە .
ئابدۇللا ئابدىرېھىمغا

«ئۇزاق يول»نى باستىڭىز، گاھ قەلەندەر شاھ بولۇپ،
«رەنجىمە» دەپ قويۇپلا چەللىدە ئات چاپتۇرۇپ.
شىركەتنىمۇ باشقۇرۇڭ، ناخشىڭىزنى تاشلىماڭ،
ناخشىڭىزنى ئەل - ئاۋام ئاڭلار ھەر ۋاق ياقتۇرۇپ.
مەمتىمىن ھوشۇرغا

«ئالتۇن چىشلىق ئىت» بىزگە تونۇش خۇددى سىز كەبى
كۆرۈنمەيلا كەتتىڭىز دىلنى زار قىپ بۇ دەمدە .
تەرجىمىگە كۈچەپلا ، يازمىدىڭىز ھېكايە
سودا ئوتى ياندىمۇ چىقىش ئۈچۈن چەتئەلگە ؟
غۇجىمۇھەممەد مۇھەممەدكە

خوتەن دەشتى چۆلىدە شىر ، بۆرىگە ئايلىنىپ
شېئىر يېزىپ قان بىلەن ، جۇۋان ئىزدەپ يۈرەمسىز ؟
گۇگۇم باسقان بۇ دەمدە ياندى « ئەرنىڭ ئىپپىتى »
يار چېچىدىن دار ياساپ ، ئۆلىمەن دەپ يۈرەمسىز ؟
ئادىل تۇنىيازغا

«مەن كەلدىم » دەپ ياڭرىغان ناخشىڭىزنى ئاڭلىغان
ئامانمۇ سىز ، ساقمىدۇ ئائىلىڭىز ئادىلكا ؟
خورما يېغى ئىپكەپسىز سەئۇدىدىن قايتقاندا
بېرەرسىزمۇ بىز بارساق بىرەر باك ياغ بىكارغا ؟
مۇھەممەدجان راشىدىنغا

شېئىرىڭىز بەك بەلەن ، ئېقىن سۇغا ئوخشايدۇ
«ھايات دېگەن مانا شۇ» قەلبلەردە ياڭرايدۇ .
يېزىڭ يەنە توختىماي ، ئىگىلسىمۇ قەددىڭىز
ئەلنىڭ ئوغلى ھەر ۋاقىت ئەل قەلبىدە ياشنايدۇ .
چىمەنگۈل ئاۋۇتقا

« بارسا كەلمەس يول » بىلەن كەتمىگەنسىز يىراققا
تاشلاپ قويۇپ يالغۇزلا بىزنى بۇندا پىراققا .
ئەدەبىيات بېغىدا پورەكلىگەن بىر گۈلسىز
ئۆتۈڭ ، ھەدە ناۋادا سەپەر بولسا بۇياققا .
ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كرورانغا :

شېئىر يېزىپ كىچىچە، ئىشقا بېرىپ ئەتتىگەن ،
ناشتا قىلماي چۈشكىچە، دائىم ئەسەر كۆرەمسىز .
« ئىسسىق» دەيدۇ كورلىنى ،چىقىۋېلىپ تاغلارغا ،
« قىرىق ياشلىق ئەر بىز » دەپ مەيدە كېرىپ يۈرەمسىز .
يالقۇن روزىغا

خەت يازدىڭىز ئوچۇقلا ھوشۇر قارى ئاكىغا
مەقسەت نېمە زادىلا بىلەلمىدۇق بىز بۇنى .
ئادەم ھايۋان ئەمەسقۇ ، يەنە ئاڭغا ئىگە ھەم
ئارتۇق كۆرسەك بولامدۇ بىر ئادەمدىن ئېشەكنى ؟!!!
پەرھات تۇرسۇنغا

«ئۆلۈۋېلىش سەنئىتى» يەر تەۋرەتتى دىياردا
سەنئەت نېمە ، ئۆلۈمچۇ، ئايرىلىدۇ بىر كۈنى.
دوكتۇر بوپسىز ئاڭلىساق ، قالپاق ئەمدى چوڭ بوپتۇ ،
ئوبزور يازسا جىم تۇرماي، سالارسىزمۇ ھەممىنى .
ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرۈككە

غەزەللەردىن سۇ ئىچتى چاك يىرىلغان قەلبىمىز
بوز ئېتىڭىز چاپچىيدۇ تۈن نىسبىدە ، زۇلمەتتە .
تۈرۈكلەرنىڭ بېگى سىز ، بەردەم ئېلىڭ قەدەمنى
مەلھەم بولۇڭ دىللارغا يۈرىۋەرمەي ھەسرەتتە .
مۇتەللىپ مەنسۇر ئوۋچى

ئەزىزانە قەشقەردە گۇگۇم ماراپ تۇرغاندا
چاتقاللاردا مۆكۈنۈپ توشقان ئوۋلاپ يۈرەمسىز ؟
ئۆرۈم چاچلار ئايلانسا جادۇگەرنىڭ قولىغا
خۇددى بەردەم پەرھاتتەك تاغنى تالقان قىلامسىز ؟
ئادىل مىجىتكە

«مەن ساقچى» نى ۋايىغا يەتكۈزدىڭىز بىلىمىز
ئەمما يەنە سەھنىدە لىپتىك تاقاپ يۈردىڭىز .
قايتسىڭىز گەر شۇ پىتى ئۆيىڭىزگە ئادىلكا
نېمە دەپمۇ چاقىرار شۇ ئەسنادا قىزىڭىز .
ئابدۇكېرەم ئابلىزغا

ئىتوت ئويناپ سەھنىدە ، ئەل - ئاۋامنى كۈلدۈرۈپ
« چولپان » دېگەن بۇ نامنى قان تەر بىلەن ئالدىڭىز .
نېمە دەيمىز بىز يەنە كۈپكۈندۈزدە كوچىدا
بىر ئېشەكنى دادا دەپ ماتەم تۇتۇپ يۈرسىڭىز ؟!
ئايشىگۈل مۇھەممەدكە

«ئاق بېلىق » نى ئېيتتىڭىز ئاق دەريادا ئۈزگەندەك
چىشلەپ قالدۇق لەۋلەرنى دىللار شۇتاپ لال بولۇپ .
شادلىناتتۇق سىزدىن بىز يۈرسىڭىز گەر مۇبادا
قىسقا چاچنىڭ ئورنىغا ئۆرۈم - ئۆرۈم چاچ قويۇپ.
ئابلەت ئابلىكىمگە

«مەن دولان» نى ئېيتتىڭىز كۆيۈپ خۇددى گۈلخاندەك ،
« ئۇيغۇرنىسا » قەلبتە مۇڭ تۆكىدۇ ھېلىمۇ .
مىللىي روھقا تويۇنغان ئىجادىڭىز ھەر زامان
مۇزىكىدەك چىڭ بولسۇن ناخشىڭىزنىڭ بېلىمۇ .
مەمەتجان روزى سايىتقا :

كىلىشتۇرۇپ دورايسىز ئارتىسلارنى سەھنىدە ،
ئۆگەنگەنمۇ بۇ ئىشنى كىچىك چاغدا-يەسلىدە .
دوراش بىلەن ئىش پۈتمەس،سىزمۇ كۈيلەڭ دېھقاننى ،
بىلىپ قېلىڭ مەمەتجان سىزمۇ شائىر نەسلى-دە!
مۆمىنجان ئابلىكىمگە

«چۈشۈمدە سەن »قالغانتى مۇقاملاردىن يىراقتا
«سېغىنىمەن » تونۇتتى سىزنى رەسمىي ئاۋامغا .
پۇتلاشتىڭىز خىلى ۋاق ئۆزگە يولدا ئېزىقىپ
ئالدىڭىزدا تاغ تولا ، سەل قارىماڭ داۋانغا .
ئەسكەرتىش: بۇ شېئىرىي چاقچاقلارنىڭ ئابدۇللا ئابدۇرېھىمغا يېزىلغىنى ئۇستازنىڭ قەلىمىگە، ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كرورانغا ۋە مەمەتجان روزى سايىتقا يېزىلغىنى ئەنۋەر ھىدايەتنىڭ قەلىمىگە تەئەللۇق، قالغانلىرى ئۇيغۇرتېكىننىڭ قەلىمىگە تەئەللۇق.