سىز ئۈچۈن رومانتىك ئۇچرىشىش ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرەلەيدىغان تور بىكەت - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
سىز ئۈچۈن رومانتىك ئۇچرىشىش ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرەلەيدىغان تور بىكەت

قىزغىن مۇھەببەت قاينىمىدىكى قىز-يىگىتلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك،بىر-بىرى بىلەن ئۇچرىشىشتا ئالاھىدە بولۇشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىدۇ.بىراق،كۆپىنچە كىشلەرنىڭ ئادەتتە قارشى تەرەپ بىلەن ئۇچىرشىشنى ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ۋاقتى يار بەرمەيدۇ،ياكى بولمىسا،قانداق قىلغاندا ئۇچرىشىشنى ئالاھىدە شەكىلدە ئورۇنلاشتۇرۇشنى تازا بىلىپ كەتمەيدۇ.شۇنىڭ بىلەن،ئىككىلا تەرەپ بۇنداق رومانتىك ۋە ئىللىقلىق ئاتا قىلىدىغان ئۇچرىشىشلارنىڭ پەيزىنى سۈرەلمەي قالىدۇ.بىراق،يىقىندا ئامىرىكا سان-فىرانسىسكو شەھرىدە BeCouply دىگەن بىر توربىكەت ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ،بۇ توربىكەت كىشىلەرگە دەل يۇقاردا تىلغا ئىلىنغان مەسىلىنى ھەل قىلىپ بىرىدىكەن.

ئۇنداقتا،BeCouply تور بىكىتى زادى قانداق مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلەيدۇ؟

بۇ توربىكەتتە سىز ئالدى بىلەن ئەزالىققا تېزىملىتىسىز،ئاندىن ھەرئايدا پەقەت 149دوللار ھەق تۆلىسىڭىزلا،BeCouply توربىكىتى ھەرئايدا سىزگە بىر قىتىملىق ئالاھىدە شەكىلدىكى رومانتىكلىققا تولغان ئۇچرىشىش ئورۇنلاشتۇرۇپ بىرىدىكەن.سىز تۆلىگەن بۇ 149دوللارنىڭ ئىچىدە،مۇشۇ بىر قىتىملىق ئۇچىرىشىش ئۈچۈن كىتىدىغان بارلىق خىراجەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن،يەنى ئۇچرىشىش جەريانىدىكى تاماق،ئىچىملىك،ئارشاڭدا يۇيۇنۇش ياكى سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمسىگە قاتنىشىش قاتارلىقلار،ئۇندىن باشقا،BeCouply توربىكىتى مەخسۇس ھەشەمەتلىك پىكاپلارنى سىزنى ئاپىرىپ-ئەكلىشىكە ئورۇنلاشتۇرۇپ بىرىدىكەن.BeCouply تەرەپنىڭ دىيىشىچە،ئۇلار يىقىن كەلگۈسىدە تىخىمۇ كۆپ خىل ئۇچىرىشىش تۈرلىرى ۋە شەكلىللىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىكەن،مەسىلەن،تىك ئۇچار ئايروپىلاندا ساياھەت قىلىش ۋە بىر قانچە بىر جۈپلەر بىرلىكتە ئۇچرىشىش دىگەنگە ئوخشاش.

نۆۋەتتە،BeCouply غا ئوخشاش ئابونتلار ئۈچۈن ھەممە ئىشلارنى ۋەكالىتەن ئورۇنلاشتۇرۇپ بىرىدىغان،بۇنىڭ ئۈچۈن ئەزالاردىن ھەر ئايدا پەقەت بەلگىلىك مۇلازىمەت ھەققى ئالىدىغان بۇنداق شەكىلدىكى مۇلازىمەت تۈرلىرى ئىنتايىن ئالقىشقا ئىرىشىۋاتقان ئىكەن.

نۆۋەتتە،BeCouply نىڭ مۇلازىمىتى پەقەت سان-فىرانسىسكو شەھرى بىلەنلا چەكلىنىدىكەن،بىراق يىقىن كەلگۈسىدە،شىركەت بۇ مۇلازىمىتىنى نىيۇيورك،لوس-ئانجىلىس ۋە چىكاكو قاتارلىق باشقا شەھەرلەرگە كىڭەيتىشنى پىلانلاۋىتىپتۇ.بۇندىن باشقا،BeCouply شىركىتى يەنە كۆچمە ئەسلىھە قوللىنشىچان پىروگراممىلارنى ئىچىش بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدىكەن.

         كۆرۈلۈشى:1968     قوشۇلغان ۋاقتى:2012-1-16 13:12:39يوللىغۇچى ئەزا:xirinim
 
 

يېڭى تېمىلار

 

توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
10 مىڭ تىللاغا ساتما..
تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
Intel نىڭ Windows 8 ..
تەۋسىيە تېمىلار

 

ھاياتلىقتىكى 10ساقلى..
مۇنۇ 14 خىل ئۇخلاش ئ..
ئېلېكتىرونلۇق تاماكى..
راك كېسىلى پەيدا قىل..
سىزنى دىۋىدەك ئۇخلىت..
توڭلاتقۇدىن ئۈنۈملۈك..

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682