ھاياتلىقتىكى 10ساقلىماسلىق! يوقاتقاندا قەدىرلىمەي بار چېغىدا قەدىرلەڭ! - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
ھاياتلىقتىكى 10ساقلىماسلىق! يوقاتقاندا قەدىرلىمەي بار چېغىدا قەدىرلەڭ!
  • مەنبە: user.qzone.qq.com
  • 2012-03-28 04:12
  •  كىشىلىك ھايات ھەم ئاددىي ھەم مۇرەككەپ، كىشىلىك ھايايلىق يولىدا ھەممە ئادەم ئەگر-توقايلىقلارغا يولۇقىدۇ،تۆۋەندە  كىشىلىك ھاياتتا ساقلاپ تۇرۇشقا بولمايدىغان 10نەرسىنى كۆرۈپ بېقىڭ،كۆرگەندىن كېيىن سىزگە چوقۇم ياردىمى تېگىدۇ،سىز قايسىلىرىنى ئورۇندىيالىدىڭىز؟

    1. مۇھەببەتكە ئېرىشىشنى ئويلىغاندىن كېيىن ئاندىن بېغىشلىماڭ
    كىشلىك ھايات خۇددى بىر مەيدان ئويۇنغا ئوخشايدۇ،ساقلاش جەريانىدا گۈزەل مىنۇتلارنى كەتكۈزۈپ قويغان بولىسىز،خۇددى ناخشىلاردا ئېيتقاندەك:پەيتنى چىڭ تۇتۇش كېرەك،چۈنكى بەخت دەل سىزنىڭ يېنىڭىزدا،سىز بېغىشلاي دېگەندە ھەقىقي مۇھەببەت يېنىڭىزدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ،قېلىپ قالغىنى پۇشايمان ھەم ئېچىنىش بولىدۇ،شۇڭا ئېرىشىشتىن بۇرۇن بېغىشلاشنى بىلىش كېرەك،مۇھەببەت سىزنى ساقلاپ تۇرمايدۇ،سىز تىرىشسىڭىز،بېغىشلىسىڭىز چوقۇم ئېرىشەلەيسىز.

    2.يالغۇز قالغاندا ئاندىن دوستىڭىزنى ئېسىڭىزگە ئالماڭ
    دوست دېگەن نېمە؟ھەقىقىي دوست سىزدىن مەڭگۈ ئايرىلمايدۇ،كىشلىك ھاياتتا بىرلا سىرداش بولسا شۇ يېتىدۇ،يالغۇز قالغاندا،تېڭىرقاپ قالغاندا دوستىڭىز ئەڭ ياخشى ئاڭلاپ تىڭشىغۇچىڭىز،دەردىڭىزگە دەرمان بولغۇچىڭىز،ئۇلار ھەرگىز قاقشىمايدۇ،جىم تۇرۇپ ئاڭلايدۇ،سىزگە تەسەللىي بېرىدۇ،ئۇلارنىڭ مەڭگۈ سىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىڭىز كەمچىلىكىڭىز ھەممىسىنى سىغدۇرالايدۇ.


    3.خىزمەت ئورنىغا ئېرىشكەندىن كېيىن ئاندىن تىرىشىپ ئىشلەشنى ساقلىماسلىق كېرەك
    ئادەم بىر ئۆمرىدە ياخشى كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەتكە ئېرىشىپ ئاندىن تىرىشىپ خىزمەت قىلىمەن دېسە چېچى ئاقىرىپ كەتكۈچە ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ،دۇنيانىڭ ئىشلىرى بەكمۇ سەرخىل ھەم قالتىس،پەقەت سىز تىرىشىدىكەنسىز نەگىلا بارسىڭىز ياخشى ھەم كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەتكە ئېرىشەلەيسىز،خىزمەت سىزنى ئىزدەپ كەلمەيدۇ،سىز تىرىشچانلىقىڭىز بىلەن تاپىسىز.
     

    4.مەغلۇب بولغاندا ئاندىن باشقىلارنىڭ سەمىمىي مەسلىھەتىنى ئېسىڭىزگە ئالماڭ
    دوست يىغلىتىپ ئېيتار،دۈشمەن كۈلدۈرۈپ،بەزىدە گەپ ئاچچىق بولسىمۇ،قۇلاققا خوش ياقمىسىمۇ ئاڭلاپ قويغۇلۇق،چۈنكى ھەرقانداق ئىشنىڭ ياخشى-يامان تەرىپى بولىدۇ،ھەرقانداق تەرەپكە تەييارلىق كۆرۈپ قويۇش،ياخشى مەسلىھەتلەردىن پايدىلىنىش كېرەك،مەغلۇب بولغاندا ئاندىن ئەسلىدە مۇنداق قىلسەم بوپتىكەن دېسىڭىز ھەرگىزمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ.

    5.ئاغرىپ قالغاندا ئاندىن ھاياتنىڭ قىممىتىنى بىلىپ يەتمەسلىكى كېرەك
    ھاياتلىق ئەمەلىيەتتە بەكمۇ ئاجىز نەرسە،چۈنكى ئادەم دېگەن قان بىلەن گۆشتىن تۈزۈلگەن،ۋاقتى كەلسە بىر تال چۈمۈلىمۇ،بىر تال تاشمۇ سىزنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىڭىزگە سەۋەبچى بولالىشى مۇمكىن،سىز پەقەت ئۆلۈمنىڭ ئەتراپىڭىزدا ئايلىنىپ يۈرگىننى كۆرەلمەيسىز سېزەلمەيسىز خالاس،شۇڭا ھاياتلىقنى قەدىرلەش،ھايات ۋاقتىدىكى ھەربىر مىنۇت-سىكۇنتنىمۇ قەدىرلەش كېرەك،ھاياتلىق پەقەت بىر قېتىم كېلىدۇ،شۇڭا ئەپسۇسلانمىغۇدەك ياشاش كېرەك.


    6.ئايرىلغاندا ئاندىن قەدرىگە يېتىپ،پۇشايمان قىلماسلىق كېرەك
    نېمىشقا كىشلەر ئايرىلغاندىن كېيىن ئاندىن قەدرىگە يېتىدۇ،چۈنكى ئالتۇنمۇ دېگەندەك رەڭدار بولمايدۇ، يېتەرسىزلىكى يوق ئادەم بولمايدۇ،شۇڭا كەڭ قورساق بولۇڭ،باشقىلارغا ياخشى نىيەت بىلەن ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ.شۇنداق بولغاندا سىز سۆيگەن ھەم سىزنى سۆيگەن ئادەملەردىن ئايرىلىپ قالمايسىز.
     

    7.باشقىلار سىزنى ماختىغاندىن كېيىن ئاندىن ئۆزىڭىزگە ئىشىنىدىغان بولماڭ
    ھەممە ئادەمنىڭ ئارتۇقچىلىقى ھەم كەمچىلىكى بولىدۇ،ئۆزىگە ئىشىنىش مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشنىڭ ئاچقۇچى،باشقىلار سىزنى ماختىغاندا،قايىل بولغاندا ئاندىن ئۆزىڭىزگە ئىشەنسىڭىز بۇ چاغدا بەك كېچىككەن بولىسىز،چۈنكى ھاياتلىق بىرلا قېتىم كېلىدۇ،ھەرگىز تەكرارلانمايدۇ،ياكى ئايلىنىپ تۇرمايدۇ،شۇڭا ياشىغانىكەن،ئۆزىگە ئىشەنچىسى تولغان ھەم ئۈمىدۋار ھالەتتە ياشاش كېرەك.

    8.باشقىلار دەپ بەرگەندە ئاندىن خاتالىقىڭىزنى ھېس قىلىشتىن ساقلىنىڭ
    ئەمەلىيەتتە،ئۆزىنىڭز خاتالىقىنى تونۇش ھېچقانداق يۈزى چۈشىدىغان ئىش ئەمەس،ھېچكىم سىزنى زاڭلىق قىلمايدۇ،باشقىلار تېخى بۇنىڭلىق بىلەن سىزنى ھۆرمەتلەيدۇ،چۈنكى خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان ئادەم يوق،پەقەت بەزىلەر خاتالىقىنى بوينىغا ئالماي يېپىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ بەزىلەر يۈرەكلىك ھالدا خاتالىقىنى تونۇيدۇ خالاس.

    9.يانچۇقىڭىز توملاشقاندا ئاندىن نامراتلارغا ياردەم قىلىمەن دېمەڭ
    باشقىلارغا ياردەم بېرىش دۇنيادىكى ئەڭ كۆڭۈللۈك ئىشتىن بىرى ھېسابلىنىدۇ،يانچۇقىڭىز تومپايغاندا ئاندىن ياردەم قىلسىڭىز باشقىلار ئۇنى سەدىقە دەپ بىلىدۇ،شۇڭا ياردەم قىلىشقا تېگىشلىك ھەم كۈچىڭىز يېتىدىغان ئىشلاردا باشقىلارغا چوقۇم ياردەم قولىڭىزنى سۇنۇڭ،بۇ دۇنيا ئادەملەر بىلەن مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر.
     

     

    10.ھاياتىڭىز ئاخىرقى مىنۇتقا بېرىپ قالغاندا ئاندىن تۇرمۇشنى سۆيۈش كېرەكلىكىنى ھېس قىلماڭ
    تۇرمۇش بەكمۇ رەڭدار ھەم گۈزەل،ئۇنداقتا نېمىشقا ئۇنى ئويۇننىڭ ئورنىدا كۆرىسىز؟مەڭگۈ دېگەننىڭ چېكى يوق،كېسەل بولۇپ قالغاندا ھەمدە بىر پۇتىڭىز گۆرگە ساڭگىلىغاندا تۇرمۇشنى سۆيىمەن،ھاياتلىقنى سۆيىمەن دېسىڭىز كېچىككەن بولىسىز،ھەممە ئادەم ھاياتلىقنىڭ بىر قېتىم كېلىدىغىننى بىلىدۇ،ئۇنداقتا نېمىشقا ساغلام ھەم ھايات ۋاقتىدا تۇرمۇشنى سۆيمەيدۇ؟نېمىشقا ھاياتىڭىزغا قانائەتلىنەرلىك چېكىتتىن بىرنى قويۇپ ئاياغلاشتۇمايسىز؟قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر بۇ دۇنياغا تۆرۈلگىنىمىزنىڭ ئۆزى بەخت،شۇڭا ھەربىر مىنۇتىمىزنى قەدىرلەپ خۇشال ياشىشىمىز،ھاياتنى،تۇرمۇشنى سۆيۈشىمىز كېرەك،كېسەك بولۇپ قالغاندا قوپالماس بولۇپ قالغاندا ئاندىن سۆيىمەن دېسىڭىز ھەقىقەتەن كېچىككەن بولىسىز.

    يۇقارقىلارنى تولۇق كۆردىڭىزمۇ؟سىزگە ياردىمى بولدىمۇ؟ئۇنداقتا نېمىنى ساقلاپ تۇرىسىز،بۇلارنى دوستلىرىڭىزغىمۇ ئېيتىپ بېرىڭ،كۆرسىتىڭ،ئەمەلىيەتتە تۇرمۇش دېگەن مۇشۇنداق،شۇڭا ئۆمرىدە بىر قېتىم كېلىدىغان ھاياتقا چاقچاق قىلماستىن پىچەت ياشاش كېرەك!!

             كۆرۈلۈشى:1544     قوشۇلغان ۋاقتى:2012-3-29 1:10:28يوللىغۇچى ئەزا:xirinim
     
     

    يېڭى تېمىلار

     

    توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
    10 مىڭ تىللاغا ساتما..
    تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
    فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
    ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
    Intel نىڭ Windows 8 ..
    تەۋسىيە تېمىلار

     

    ھاياتلىقتىكى 10ساقلى..
    مۇنۇ 14 خىل ئۇخلاش ئ..
    ئېلېكتىرونلۇق تاماكى..
    راك كېسىلى پەيدا قىل..
    سىزنى دىۋىدەك ئۇخلىت..
    توڭلاتقۇدىن ئۈنۈملۈك..

    شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682