ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنىڭ زىيىنىغا سەل قارىماڭ - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنىڭ زىيىنىغا سەل قارىماڭ

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بازارلاردا ئېلېكتىرونلۇق تاماكا پەيدا بولدى. گېرمانىيە سەھىيە تارماقلىرى 19-دېكابىر كىشىلەرگە ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنىڭ زىيىنىنى تۆۋەن چاغلىماسلىقنى ئەسكەرتتى ھەم ئىستېمالچىلارنى ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنى سېتىۋالماسلىققا ئاگاھلاندۇردى.
گېرمانىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى قارىمىقىدىكى فېدېراتسىيە ساغلاملىق تەربىيەسى مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئىلزابىت پوتېر: ئېلېكتىرونلۇق تاماكا چېكىش ساغلاملىق خېيىم - خەتىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، چۈنكى، ئۇنىڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان ئىس نەيچىسىدە كىشىنى خۇمار قىلىدىغان نىكوتىندىن سىرت، يەنە باشقا زىيانلىق ماددىلارمۇ بار. شۇڭا، ئېلېكتىرونلۇق تاماكا چېكىشنى توختىتىش تەكلىپىنى بېرىمىز، دېدى.
ئېلېكتىرونلۇق تاماكا ئاساسلىقى نىكوتىن ئېرىتمىسى قاچىلانغان ئىس نەيچىسى، پارلاندۇرۇش قۇرۇلمىسى ۋە باتارېيەدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تۈزۈلىدۇ. ئۇنى ئىشلەتكەندە نىكوتىن ئېرىتمىسى ئىسسىقلىقنىڭ تەسىرىدە پارلىنىپ، ئېغىزغا سۈمۈرۈلىدۇ. نىكوتىن ئادەتتە پىروپىلېن گىلىكولدا ئېرىگەچكە، تاماكا چەككۈچىلەر ئېلېكتىرونلۇق تاماكا چەككەندە ئوخشاشلا ئىسنى سۈمۈرەلەيدۇ. تاماكا چېكىدىغانلار ئۆزىنىڭ ياقتۇرۇشى بويىچە، ئىس نەيچىسىگە يەنە شاكىلات، يالپۇز قاتارلىق پۇراقلىق ماددىلارنى قوشالايدۇ. شۇڭا، ئېلېكتىرونلۇق تاماكىغا قوشۇلغان نەرسىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىمۇ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. گېرمانىيە فېدېراتسىيە ساغلاملىق تەربىيەسى مەركىزى: كىشىلەر ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنى چەككەندىن كېيىن سۈمۈرگەن گازنىڭ %90كە يېقىنى پىروپىلېن گىلىكول بولۇپ، بۇ خىل خىمىيەۋى ماددا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نەپەس يولىنى غىدىقلايدۇ، پىروپىلېن گىلىكولنى ئۇزاق مەزگىل، تەكرار سۈمۈرۈشنىڭ كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس، دېدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا ت−ەتقىقاتچىلىرى ھازىرچە يەنە قىسمەن ئېلېكتىرونلۇق تاماكا تەركىبىدىن راك پەيدا قىلىدىغان نىتروزامىننى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدى.
فېدېراتسىيە ساغلاملىق تەربىيەسى مەركىزى: ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئېلېكتىرونلۇق تاماكىدىكى نىكوتىن ئېرىتمىسىنى ئىزاھلاپ قويمىغاچقا، ئىستېمالچىلار دۇچ كېلىدىغان ساغلاملىق تەھدىتىنى مۆلچەرلەش قىيىن، دېدى. پوتېر يەنە تاماكا چەككۈچىلەرنى ئەسكەرتىپ: ئېلېكتىرونلۇق تاماكا تاماكا تاشلاشتىكى ياخشى تاللاش ئەمەس، دېدى.

مەنبە: www.uycnr.com

         كۆرۈلۈشى:1438     قوشۇلغان ۋاقتى:2012-3-17 21:48:08يوللىغۇچى ئەزا:xirinim
 
 

يېڭى تېمىلار

 

توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
10 مىڭ تىللاغا ساتما..
تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
Intel نىڭ Windows 8 ..
تەۋسىيە تېمىلار

 

ھاياتلىقتىكى 10ساقلى..
مۇنۇ 14 خىل ئۇخلاش ئ..
ئېلېكتىرونلۇق تاماكى..
راك كېسىلى پەيدا قىل..
سىزنى دىۋىدەك ئۇخلىت..
توڭلاتقۇدىن ئۈنۈملۈك..

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682