مۇنۇ 14 خىل ئۇخلاش ئادىتى بەدەنگە ئەڭ زىيانلىق - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
مۇنۇ 14 خىل ئۇخلاش ئادىتى بەدەنگە ئەڭ زىيانلىق
  • مەنبە: news.xinhuanet.com
  • 2012-03-22 04:37
  • ئۇيقۇ ئىنسانلار ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ،بىز ئۇيقۇدىكى ۋاقتىمىزدا پۈتۈن بەدىنىمىزنىڭ ھەرقايسى ئورگانلىرى دەم ئېلىش ھالىتىدە بولىدۇ،لېكىن،ئۇخلا ئادىتى ناچار بولۇپ قالسا،ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەتتا تەن-سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ.

     

     

    1.ياستۇق بەك ئېگىز بولۇپ كەتسە بەدەنگە زىيانلىق
    فىزىئولوگىيە نۇقتىسىدىن ئېيتساق،ياستۇقنىڭ ئېگىزلىكى 8~12سانتېمېتىرغىچە بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ،بەك پەس بولۇپ قالسا بويۇنغا يەل تۇرۇپ قېلىپ ياكى بوينى قايرىلىپ قېلىپ مېڭىگە قان تولۇپ قالىدىغان ياكى ئىككىنچى كۈنى بېشى چىڭقىلىدىغان،قاپىقى ئىششىپ قالىدىغان ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،ياستۇق بەك ئېگىز بولۇپ كەتسە،نەپەس ئېلىش يوللىرىغا تەسىر قىلىپ،خورەك تارتىدىغان بولۇپ قالىدۇ،ياستۇق بەك ئېگىز بولۇپ كەتسە،ئۇمرۇتقىغا تەسىر قىلىپ،دۈمچەك ماڭىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
     

     

     

    2.قولىنى ياستۇق قىلىپ ئۇخلاش
    ئۇخلىغاندا ئىككى قولىنى ياستۇق ئاستىغا باسۇرىۋالسا قان ئايلىنىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ،ئەتىسى قوپقاندا بەدەن قولىشىپ ئاغرىيدۇ،شۇڭا ئىككى قولىنى ياستۇق قىلىپ ئۇخلىماسلىق كېرەك.

     

     

    3.يوتقاننى بېشىغا پۈركەپ ئۇخلاش
    بېشىنى پۈركىۋالغاندا نەپەس ئېلىش قىيىنلىشىدۇ،بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كاربون تۆت ئوكسىدلىق ھاۋادىن نەپەس ئالىدىغان ئىش بولۇپ قالىدۇ،بۇ بەدەنگە بەك زىيانلىق،بولۇپمۇ بوۋاقلارغا،يوتقان بېشىغا پۈركىلىپ قالسا ئاسانلا تۇنجۇقۇپ قالىدۇ.
     

     

    4.ئاغزنى ئېچىپ ئۇخلاش
    ئېغىزنى يۇمۇپ ئۇخلاش ماغدۇرنى ياخشى ساقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى،لېكىن ئېغىزنى ئېچىپ ئۇخلىغاندا توپا-توزانلارنى سۈمۈرىۋىلىپلا قالماستىن،يەنە ئاسانلا كاناي ياللۇغى بولۇپ قالىدۇ،ئۆپكىسىگە سوغۇق تېگىپ قالىدۇ،شۇڭا ئەڭ ياخشىسى بۇرۇندا نەپەسلىنىپ ئۇخلاش كېرەك،بۇرۇن تۈكچىلىرى چاڭ-توزانلارنى توسىيالايدۇ،ھەمدە سوغۇق ھاۋا كىرسىمۇ ئۇنىڭ تېمپىراتۇرىسىنى يۇقىرىتالايدۇ،بەدەنگە پايدىلىق.
     

     

    5.قاتتىق ھەرىكەت قىلىش
    ئۇخلاشتىن بۇرۇن قاتتىق ھەرىكەت قىلىش چوڭ مېڭە ھەم نېرۋىلارنى جىددىي ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىدۇ،بۇ خىل ھالەت قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تىنىچلانمايدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئادەم ئۇيقۇ ھالىتىگە تېز كىرىپ بولالمايدۇ،شۇڭا،ئۇخلاشتىن بۇرۇن بەدەننى تىنىچ ھالەتتە تۇتۇش لازىم،لېكىن يېنىك ھەرىكەتلەرنى قىلسا بولىدۇ،مەسلەن،پىيادە مېڭىش،يېنىك ھەرىكەتلەرنى قىلىش دېگەندەك.
     

     

    6.شامالغا قاراپ ئۇخلاش
    ئادەم ئۇخلىغاندا تېنىنىڭ تېمپىراتۇرىسى تۆۋەنلەپ،ئاسانلا سوغۇق تېگىپ قالىدۇ،شۇڭا ئۇخلىغاندا شامال كىرىش ئېغىزلىرى يېپىپ يېتىش لازىم.
     

     

    7.ئولتۇرۇپ ئۇخلاش
    بەزىلەر قورسىقى تويغاندىن كېيىن،سافادا ئولتۇرۇپ،چاي ئىچىكەچ تېلىۋىزور كۆرگەننى ياخشى كۆرىدۇ،خىزمەتتە ھېرىپ كەتسە،شۇ يېرىدىلا ئۇخلاپ قالىدۇ،مانا بۇنى سەل چاغلىماڭ،ئىككىنچى كۈنى«ئۈنۈمى»نى كۆرىسىز،چۈنكى ئولتۇرۇپ ئۇخلىغاندا يۈرەك مېڭە قان تومۇرى ئاستا سوقىدۇ،قان تومۇرى كېڭىيىپ كېتىدۇ،شۇڭا ئورگانلارغا تولۇق يەتكۈزۈلۈش يېتەرلىك بولماي قالىدۇ،ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىشىغىما قان تەمىنلىنىشى كېرەك،شۇنىڭ بىلەن مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك ئېغىرلىشدۇ،باش قېيىپ،قۇلاق غوڭۇلدايدىغان بولۇپ قالىدۇ،بەزىلەر چۈشتە شۇ ئولتۇرۇپلا بىردەم كۆزۈمنى يۇمىۋالىمەن دەيدۇ،لېكىن بۇنداق قىلىشنىڭ زىيىنى يۇقارقىدەك كۆپ.
     

     

    8.ئۇخلاشتىن بۇرۇن كۆڭلى يېرىپ بولۇش،خاپا بولۇش
    ئۇخلاشتىن بۇرۇن خاپا بولسا يۈرەك سوقۇش تېزلىشىپ،نەپەس قالايمىقانلىشىدۇ،تېزلىشىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۇيقۇغا كىرىشىپ بولالمايدۇ.
     

     

    9.ئۇخلاشتىن بۇرۇن بەك تويۇنىۋىلىش
    ئۇخلاشتىن بۇرۇن بەك تويىنىۋالسا،ئاشقازان جىددىي ھەزىم قىلىش ھەرىكىتىگە كىرىدۇ،يېمەكلىككە تولغان ئاشقازان چوڭ مېڭىگە تەسىر قىلىدۇ،شۇنىڭ بىلەن چوڭ مېڭە غىدىقلىنىشقا ئۇچرايدۇ،ئادەم ئۇيغۇغا كىرىشىپ بولالمايدۇ،شۇڭا ئۇخلاشتىن بۇرۇن بەك تويىنىۋالماسلىق لازىم.
     

     

    10.ئۇخلاشتىن بۇرۇن چاي ئىچمەسلىك كېرەك
    چاينىڭ تەكىبىدە كوففېئىن دەيدىغان تەركىبلەر بولغاچقا،بۇ ماددىلار مەركىزىي نېرۋىنى غىدىقلاپ كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۇيقۇغا كىرىشمەك قىيىنلىشىدۇ،شۇڭا ئۇخلاشتىن بۇرۇن چاي ئىچمەسلىك ياكى قېنىق چاي ئىچمەسلىك لازىم،ئۇيقۇنى قاچۇرۇپ قويىدۇ.
     

     

    11.مۇزىكا تىڭشىغۇچنى قۇلاققا سېلىپ ئۇخلاش
    نۇرغۇنلىغان ياشلار ئۇخلىغاندا مۇزىكا ئاڭلاپ ياتىدۇ،شۇنداق قىلغاندا ئاسانلا ئۇيغۇغا كىرىشىمەن دەپ ئويلايدۇ،لېكىن بۇ ئەھۋال ئۇزارغانسىرى ئاڭلاش ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرايدۇ،مۇزىكا ئاڭلاپ ياتقاندا نېرۋا ئادەتتىن تاشقىرى غىدىقلىنىدۇ،شۇڭا ئاڭلاش سەزگۈسى ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ،ئۇزارغانسىرى ئاڭلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ،شۇڭا ئۇخلىغاندا قۇلاققا تىقىدىغان تىڭشىغۇچتا مۇزىكا ئاڭلىماسلىق لازىم،مۇزىكا ئاڭلاپ ئۇخلايدىغان ئىش بولسا باشقا نەرسىلەردە قويۇپ،يېنىك،بوش ئاۋازلىق كىشىنىڭ ئۇيقۇغا كىرىشىشىگە ياردىمى بار مۇزىكىلارنى ئاڭلاش لازىم.
     

     

    12.ھەممە نەرسىلىرىنى سالماي ياكى ئالماي ئۇخلاش
    ئۇخلىغاندىكى تەپسىلاتلارمۇ بەك مۇھىم،ھاجىتى يوق نەرسىلەرنى ئېلىۋىتىپ ئۇخلاش كېرەك،مەسلەن زەنجىر-ھالقا،كۆزلۈك،سائەت،ئىچ كىيىم،زىبۇ-زىننەت،يالغان چىش قاتارلىقلارنى،بۇلارنى تاقاپ يېتىشنىڭ بەدەنگە زىينى كۆپ.
     

     

    13.تېلىۋىزورنى ئۆچۈرۈپلا ئۇخلاش
    ئۇخلاشتىن بۇرۇن تېلىۋىزور كۆرۈش نۇرغۇن ئادەمنىڭ كۈندىلىك ئادىتى،لېكىن سىز بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن،تېلىۋىزورنىڭ فلۇئورېسسېنسىيىلىك ئېكرانىنىڭ يۈزى ستاتىك زەرەت شەكىل قىلىدۇ،ستاتىك زەرەتنىڭ فلۇئورېسسېنسىيىلىك ئېكرانىنىڭ ئەتراپىدىكى مىكروئورگانىزم ۋە ھاۋادىكى توپا-چاڭلارنى سۈمۈرۈش رولى بار،شۇڭا تېلىۋىزورنىڭ يۈزى ئاسانلا توپا-چاڭ بولۇپ قالىدۇ،شۇڭا تېلىۋىزورغا بەك يېقىن ئولتۇرۇپ كۆرگەندە ياكى ئۇزاق ئولتۇرغاندا،تېلىۋىزور يۈزىدىكى چاڭ-توزانلار ئادەم تېرىسىگە سىڭىپ كىرىدۇ ھەم تەسىر قىلىدۇ.شۇڭا تېلىۋىزور كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن،كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدىن تۇرغاندىن كېيىن چوقۇم يۈزىنى يۇيۇپ يېتىش لازىم،ھەم بەك تېلىۋىزور ۋە كومپىيۇتېرغا كەچكىچە قاراپ ئولتۇرماسلىق لازىم،چۈنكى ئۇ كىشىنىڭ نېرۋىسىنى غىدىقلاپ ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
     

     

    14.مۈرىسىنى يوتقاننىڭ سىرتىغا چىقىرىپ ئۇخلاش
    بەزى ئادەملەر مۈرىسىنى يوتقاننىڭ سىرتىغا چىقىرىپ ئۇخلاشغا ئادەتلىنىپ قالغان،لېكىن قىشتا،سوغۇق ۋاقىتلاردا مۈرىدىن ئەڭ ئاسان سوغۇق ئۆتىدۇ،سوغۇق مۈرە بوغۇمىدىن ئۆتۈپ.ئاسانلا رىماتىزىم،بوغۇم ياللۇغى،ئۈگە-بوغۇملار ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،ئاسانلا زۇكام بولۇپ،باش قايدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ.

             كۆرۈلۈشى:1923     قوشۇلغان ۋاقتى:2012-3-22 17:31:06يوللىغۇچى ئەزا:xirinim
     
     

    يېڭى تېمىلار

     

    توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
    10 مىڭ تىللاغا ساتما..
    تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
    فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
    ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
    Intel نىڭ Windows 8 ..
    تەۋسىيە تېمىلار

     

    ھاياتلىقتىكى 10ساقلى..
    مۇنۇ 14 خىل ئۇخلاش ئ..
    ئېلېكتىرونلۇق تاماكى..
    راك كېسىلى پەيدا قىل..
    سىزنى دىۋىدەك ئۇخلىت..
    توڭلاتقۇدىن ئۈنۈملۈك..

    شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682