يامان يىمەكلىك يوق ، پەقەت ياخشى بولمىغان يېيىش ئۇسۇلى بار . ئۆزىمىزنىڭ يىمەك - ئىچمەك ئادىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاش ئۈچۈن ، تاماقتىن كېيىنكى بۇ 7 خىل ئادەتنى يىتىلدۈرىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم !
قورۇما تاماق يېگەندىن كېيىن بىر تال بانان يېيىش
قورۇما تۈرىدىكى يىمەكلىك ئاز بولمىغان بېنزوپىرېن قاتارلىقلارنى ھاسىل قىلىپ راك ماددىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
ھەربىي ئىشلار تېببىي پەن ئاكادېمىيىسى يىمەكلىك ۋە ئوزۇق فاكۇلتېت دوكتورى رۈي لىلى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى ، تەتقىقاتلاردا بايقىلىشچە ، بانان بەلگىلىك دەرىجىدە بېنزوپىرېننىڭ راك ھاسىل قىلىشىنى توسىدىغان بولۇپ ، ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ ئىقتىدارىنى قوغدايدىكەن .
بەك مايلىق تاماق يېگەن بولسىڭىز ، بىر ئىستاكان كەرەپشە شەربىتى ئىچىش
رۈي لىلى تونۇشتۇرۇپ ، ئەگەر بىر ۋاقىلىق تاماقتا مايلىق يىمەكلىكنى كۆپرەك يېگەن بولسىڭىز ، شىكەر مىقدارى ئازاق بولغان ، سېللۇلوزا مىقدارى كۆپ بولغان كەرەپشە شەربىتىنى ئىچىپ بەرسىڭىز ياخشى بولىدۇ .
كەرەپشىدىكى سېللۇلوزا ماينى ھەيدەش رولىغا ئىگە .
يەل قازان شورپىسى ئىچكەندىن كېيىن ئازىراق قېتىق ئىچىڭ
يەل قازان شورپىسىنىڭ تېمپراتورسى يۇقىرى ، ماتىريالى تۈزلۇق ۋە ئاچچىق بولۇپ ، ئاشقازانغا ناھايىتى زىيىنى بار . يەل قازان شورپىسى ئىچكەندىن كېيىن ئازىراق قېتىق ئىچكەندە ، ئۈنۈملۈك ھالدا ئۈچەينىڭ شىللىق پەردىسىنى قوغداپ قالغىلى بولىدۇ .
بۇنىڭدىن باشقا يەنە ، قېتىق تەركىبىدە سۈت كىسلاتا باكتېرىيىسى بولۇپ ، چېرىپ كەتمەكچى بولغان باكتېرىيەنىڭ قايتا تىرىلىشىنى توسۇغىلى بولىدۇ .
تاماقتىن كېيىن بۇغداي چېي ۋە ئاپېلسىن شۆپۈكى سۈيى ئىچىش
تاماق ھەزىم بولمىغاندا ، تاماقتىن كېيىن بۇغداي چېي ۋە ئاپېلسىن شۆپۈكى سۈيى ئىچىپ بەرسە بولىدۇ .
بۇغداي تەركىبىدىكى ئاللانتوئىنن ۋە ئاپېلسىن شۆپۈكى سۈيى تەركىبىدىكى ئۇچۇشچان ماي ، ئاشقازان سۇيۇقلۇقنىڭ ئاجىرلىپ چىقىشىنى كۆپەيتىپ ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەش ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ، بۇ يىمەكلىكنىڭ ھەزىم بولۇشى ۋە سۈمۈرۈلىشىگە ئىنتايىن پايدىلىق .
تەييار چۆپ يىگەندىن كېيىن مېۋە يېيىش
تەييار چۆپ يېگەندىن كېيىن بىر ئاز مېۋە يەپ بېرىش كېرەك . مەسلەن ، ئالما ، بۆلجۈرگەن ، ئاپېلىسىن ، مايمۇن شاپتۇلى قاتارلىقلار . بۇ ئارقىلىق ۋېتامىن ۋە مىنېرال ماددىنىڭ يىتىشمەسلىكىنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ .
بۇنىڭدىن باشقا ، تەييار چۆپنى پۇشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم . پىشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئاش قانچە يۇمشاق بولسا شۇنچە ياخشى . بۇنداق بولغاندا ئۈچەينىڭ سۇنى سۈمۈرىشىگە پايدىلىق بولۇپ ، ئاسان ھەزىم بولىدۇ .
قىسقۇچپاقا گۆشى يېگەندىن كېيىن ، زەنجىۋىل قارا شېكەر سۈيى ئىچىش
قىسقۇچپاقا گۆشى سوغۇق بولۇپ ، ئاشقازىنى سوغۇق مېجەزلىك كىشلەر قىسقۇچپاقا گۆشىنى يېگەندىن كېيىن ئاشقازىنى ئاغرىش ، ئىچى سۈرۈش ، ياندۇرۇش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
قىسقۇچپاقا كۆشى يەپ بولغاندىن كېيىن زەنجىۋىل قارا شېكەر سۈي ئىچىپ بەرسە ، ئاشقازان سوغۇق ئېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، ھەزىم بولۇشقا پايدىلىق . لېكىن شېكەر سىيىش كېسىلى بارلار بۇنى ئىچسە بولمايدۇ .
يۆتەلنى توختىتىش ئۈچۈن ، تاماقتىن كېيىن ئەبنۇس يېيىش كېرەك
ئەبنۇسنىڭ ئۆپكىنى يۆلدەپ ، مەنپىيلىكنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بار . نەپەس يولى كېسەللىكى بولغان بىمارلارغا نىسبەتەن بۇ بىر ياخشى مېۋە ھېسابلىنىدۇ .
لېكىن ئەبنۇسنى ئاچ قورساققا يېيىشكە بولمايدۇ ، بۇنىڭ ئىچىدىكى تاننىك كىسلاتا تەركىبى ئاشقازاندا ئاسان مونەكچىلەرنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ .